| ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بۇ يىللىق قان ئىشلەپچىقىرىش ھۈجەيرە ئەۋرىشكىسى ئېلىش خىزمىتىنى باشلىدى، ئۈرۈمچىدىكى 105 ئىستودېنت جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا ئەزا بولۇپ، ئاق قان كېسىلى ئاغرىقلىرىغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. ئۇقۇشىمچە، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا، قاننىڭ ماس كېلىش نىسبىتى 10 مىڭدىن بىرگىمۇ توغرا كەلمەيدىكەن. ئەگەر قان ماس كەلسە ئاغرىقنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %70 – – – %80 كە يېتىدىكەن. ئىسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە 4 مىليوندىن ئارتۇق قانغا مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق قان ياسىغۇچى ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋشىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر قان ئىشلەپچىقىرىش ھۈجەيرىسى ياردەم قىلماقچى بولغان پىدائىي 19 مىڭ، ئۈرۈمچى رايونىدا جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا ئەزا بولغانلار 5700 بولۇپ، ھازىرغىچە 19 قېتىم ھۈجەيرە ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. قان ئىشلەپچىقىرىش ھۈجەيرىسى ياردەم قىلماقچى بولغان پىدائىيلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولۇپ، ئەزا بولۇشنى خالايدىغان پىدائىيلار قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ تىزىملىتىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى 0991 – 4614503 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. |
|