| بوۋاقلارنىڭ گۈللەرگە بولۇپمۇ گۈل چېڭىغا بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مەسلەن، گۈلچىمەن (تۈگمە گۈلى)، ياپون رودېيىسى، يەسىمەن گۈلى قاتارلىق گۈللەرنىڭ غولى، يوپۇرمىقى، گۈلى بوۋاقلارنىڭ تېرىسىدا زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئالقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل)، چىلگىسىمان كاكتۇس قاتارلىق گۈللەر تېرىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان گۈللەر ھەر خىل خۇش پۇراقلارنى چىقىرىدۇ. ئەگەر بوۋاقلار بۇ خىل پۇراقلار ئىچىدە بەك ئۇزۇن تۇرسا بوۋاقلارنىڭ پۇراش سەزگۈرلۈكى ئاجىزلاپ، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. |
|