| 
سېزىمچانلىق ئېشىپ كەتكەن چىش: چىشنىڭ يۈزىدىكى توقۇلمىلار ئۇزاققىچە سۈركىلىپ، نېرۋا بىلەن تۇتاش چىش تېنى ئېچىلىپ قالسا، چىشنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ، ئادەم ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە چىش ئاغرىيدۇ. قۇرت يېگەن چىش: ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قورۇلۇپ، چىش مىلىكى يىگلەش، چىش ئارىلىقى چوڭىيىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا يېمەكلىك قالدۇقى تۇرۇپ قالسا، چىشتىكى باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ چىشقا قۇرت چۈشىدۇ-دە، ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، چىش يىلىكى ۋە چىش ئۇچى ئەتراپى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. چىش خۇنۈك ۋە يېرىق بولسا: بۇ چىش ئېمال قەۋىتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتانىڭ تۈرتكىسىدە ئېقىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، چىش ئېمال قەۋىتى ئېقىپ كەتسە، چىش ماددىسى كىسلاتالىق مۇھىتقا يۈزلىنىپ، چىش چۈرۈكلىششىپ يېرىلىدۇ، ھەتتا رەڭگى خۇنۈكلىشىدۇ. چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قاناش: ئەگەر چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قانىسا، بۇنى چىش مىلىكى ياللۇغى، دەپ قاراشقا بولىدۇ؛ ئەگەر چىش چوتكىلىغاندا ياكى يېمەكلىك يېگەندە چىش قانىسا، چىش ئەتراپى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. چىش بوشاش: چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قاناش بىلەن بىللە، چىش بوشاپ كەتسە ياكى چىش يىلتىزى كۆرۈنۈپ قالسا، بۇ چىش ئەتراپى ياللۇغى پەيدا بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |
|