كۆرۈش: 409|ئىنكاس: 5

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئامېرىكا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن: 20 مىنۇتتىن كېيىن قان بېسمى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە قايتىپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ نورماللىشىدىكەن، 42 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن. 48 سائەتتىن كېيىن نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچى يېڭى باشتىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. پۇراش ۋە تەم ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن، ئۈچ ئايدىن كېيىن قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %30 ئاشىدىكەن. بىر ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن يۆتىلىش، بۇرنى قىزىرىش، چارچاش، نەپەس تىقىلىش يېنىكلەپ، ئۆپكىنىڭ تاشقى پەردىسىدىكى كېلتكا تالچىقلىرى قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئازىيىدىكەن. بەدەننىڭ ئومۇمىي زېھنىي كۈچى ئاشىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن %50 تۆۋەنلەيدىكەن، بەش يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەر يىلى بىر قاپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى%50 تۆۋەنلەيدىكەن. سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا تاشلىغان بەش يىلدىن ئون بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيەسىگە يىقىنلىشىدىكەن. ئېغىز راكى، كاناي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىكىدىن %50 ئازلايدىكەن، ئون يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. راك بولۇش ئالدىدىكى كىلىتلار نورمال كىلىتلارغا ئۆزگىرىپ، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋسۇن راكى، بۆرەك راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن، 15 يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-11 10:54:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىققا دائىر ناھايىتتى ئەھىميەتلىك تېما يوللاپىسز ،ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-5-13 09:41:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە ياخشى! تاماكا چېكىۋاتقانلار تاماكىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ،تاماكىدىن يىراق تۇرۇشقا قەتئ.ىي بەل باغلىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! ئىنسان دىگەن مۇشۇنداق ئۆزىگە ئۆزى دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئەخمەق ئىكەن. نېمىنىڭ پايدا،نېمىنىڭ زىيان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە زىيانلىق نەرسىگە يۈگۈرىدىكەن.
   بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى كەچۈرگىلى بولسا مەيلى،ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزىۋاتقان خاتالىققا نېمە دەيلى ئەمدى؟!
  ئەپسۇس....
ۋاقتى: 2015-5-14 09:58:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چىكىدىغانلار ئوبدان بىلىۋالسا بولغۇدەك تىما ئىكەن.. ئەجرىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2015-6-5 14:55:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاممۋى سورۇندىن باشقا ئۇرۇندا تاماكا چەككەن كىشىلەرنى ھەرگىز تاماكا چەكمەڭ دىمەڭ !
ۋاقتى: 2015-6-7 15:23:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تاشلىغىلى بولسا بولاتتى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش