كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 2

تېما يوللىغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالام تورداشلار!
مەن خىزمەت ئالدىراشلىقى ھەم ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلىدىن بۈگۈن بايقاش تورىدىن بىرقانچە ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ قارىسام ماتىرىيالدا ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى مەن كومپيۇتېرىمدا ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسى بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى، ھەم كۆپىنچە ئىنكاسلاردا بىردەك خەت نورمال چىقماسلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئىنكاس قىلىنىپتۇ. شۇڭا مەن تېما يوللىغۇچىلارغا بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بەرمەكچى بولۇپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. كۆپچىلىككە ھەقىقىي پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىرىنچى تەۋسىيەم: ئىمكان بار ھەممە ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەلكاتىپ، ئويغان (ukj) خەت نۇسخىللىرىنى ئىشلىتىپ تەييارلانغان ماتىرىياللارنى يوللاڭ! ئەلۋەتتە ئەلكاتىپ بولمىسا يوللىماڭ دىمەكچى ئەمەسمەن.
ئىككىنچى تەۋسىيەم: ئەگەر تەييارلىغان ماتىرىيالىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى بولمىسا ئىنىق ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
ئۈچىنچى تەۋسىيەم: ئەگەر پايدىلانغۇچىلار ھەقىقىي پايدىلانسۇن دېسىڭىز خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاپ ئاندىن يوللاڭ. ئەلۋەتتە بۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن، شۇڭا بىلمەيدىغانلار مەن يەنە يوللىماقچى بولغان ھۆججەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ يوللاش ناملىق تېمىغا دىققەت قىلغايسىلەر.
تۆتىنچى تەۋسىيەم: تېمىڭىزدىكى ماتىرىياللار ھەققىدە ئىنىقراق قىلىپ  ھىچ بولمىغاندا قانچە بەت قايسى مەزمۇندىكى  ماتىرىيال ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىڭ.
بەشىنچى تەۋسىيەم: يوللىغان تېمىڭىزنىڭ نورمال چۈشۈرگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
شۇنداق بولغاندىلا كۆپچىلىك بايقاش تورىدىن ھەم سىزدىن كۆپ خۇرسەن بولىدۇ!
ئاخىرىدا ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزۈم، بايقاش تورى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتىرياللارنى ئەڭ كۆپ ۋە تولۇق تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى تور بولۇپ قېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بايقاش تورىنىڭ تەرەققىياتى قىسقىسى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلكتە تېرىشچانلىق كۆرسىتەيلى.
(خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش ئۇسۇلى ھەرخىل سېستىمىلارغا نىبەتەن ئوخشاش بولمىغاچقا ھەممىسىنى توپلاپ، تولۇق تەپسىلىي تەييارلىغاندىن كيىن ئاندىن تېما شەكلىدە يوللاپ قويماقچىمەن، ئاڭغىچە مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ. مېنىڭ چ چ ھەم تېلفۇن نومۇرۇم: 13899106201

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-1 08:34:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ شەخسەن مەن قوللايمەن ،يېزىقىمىزنى توغرا يېزىشنىمو قوشوپ قويساق بولغودەك   تىمىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2015-3-1 09:56:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ، قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بىرىپسىز ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ، بۇ مەسىلىلەردە ھەمىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تىگىشلىك ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش