| ئەر- خۇتۇن نىكاھتىن ئاجراشماي تۇرۇپمۇ، ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ!
نىكاھ قانۇنىنىڭ يېڭى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتىنىڭ4-ماددىسدا:ئەر-خۇتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى ئىلتىماس قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ،ئەمما تۆۋەندىكى سەۋەپ تۈپەيلى بىر تەرەپ ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ دىيىلگەن.
1.ئەر-خۇتۇن بىر تەرەپنىڭ ئورتاق مال-مۈلۈكنى يۇشۇرۇش،يۆتكەش،سېتېۋېتىش،زىيانغا ئۇچرىتىش،بەتخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ -چېچېش ئەھۋالى بولسا ياكى يالغاندىن ئەر-خۇتۇننىڭ ئورتاق قەرزنى پەيدا قىلىپ،ئەر-خۇتۇننىڭ ئورتاق مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى پەيدا قىلغان بولسا.
2.بىر تەرەپنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتى بار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلەشكە قۇشۇلمىغان بولسا، بۇنداق دىگەنلىك بىر تەرەپنىڭ ئاساسلىق بېقىش مەجبۇرىيتى بار ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن بېقىش مەجبۇرىيتى يۈكلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنى-سىڭىللىرى ياكى ئۆزىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيتى ئۆگەي ئوغۇل-قىز ۋە ئۆز پەرزەنتلىرى ئېغىر كېسەل بۇلۇپ قېلىپ داۋالىتىشقا توغرا كەلگەندە يەنە بىر تەرەپ مەجبۇرىيەتتىن باش تارتىپ،داۋالىتىشقا قۇشۇلمىسا،ئالدىن ئىلتىماس قىلىپ ،ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ!
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى |
|