baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 11

نۇرى ئەپەندىگە جاۋاپ خەت ئامان

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 05:30:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرى ئەپەندىگە جاۋاپ خەت

ئامان



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرى ئەپەندىم، ياخشىمۇسىز؟
سىزنىڭ ماڭا يوللىغان ئوچۇق خېتىڭىزنىڭ بېشىدا تېنىمگە سالامەتلىك، ئائىلەمگە خاتىرجەملىك، تۇرمۇشۇمغا ئاسايىشلىق تىلەپسىز. رەخمەت سىزگە! سىزگىمۇ بىرگە بولسۇن. خېتىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. كۆڭلۈمدىكىنى ئېتسام ئەسلىدە مەن سىزنىڭ ئىككىنچى پارچە  شېئىرىڭىزنى كۈتۈۋاتقان ئىدىم (چۈنكى مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن سىزنىڭ خېلى يېتىشكەن ھازىر جاۋاپ شائىر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەن، مەندىمۇ ئاز-تۇلا تەييارلىق بار ئىدى)، مەن خېتىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خۇرسەن بولدۇم ( گەرچە خېتىڭىزگە مەلۇم دەرىجىدە كىنايىلىك ئىبارىلەر ئارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ). چۈنكى سىز ئىككىنچى پارچە شېئىرنى يازغان بولسىڭىز، مەن ئۈچىنچىسىنى يازاتتىم...شۇنىڭ بىلەن بايقاش مۇنبىرى ئايىغى چىقماس مۇنازىرىلىك مۇشائىرە مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈنكىن ئىدى، ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ دىلى ئازار يەپ قالاتتى. يەنە كېلىپ  تورداشلارنىڭ بەزىلىرى كۈلسە، يەنە بەزىلىرى بىزگە قاراپ ئېچىناتتى ھەم ئېچىندى (تورداشلاردىن يانارتاغ ئەپەندىم بىلەن مەرىپەت ئايرىم-ئايرىم ئىنكاس يوللاپ، بىزگە خۇرسىنىش ئىچىدە ئېچىنىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ بەس-مۇنازىرىنى توختۇتۇپ ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپتۇ ۋە بىزگە‹‹قېرىنداش بىز›› دىگەن ناخشىنى  سوۋغا قىپتۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى ۋە تىلەكلىرىگە كۆپ رەخمەت). ئازراق كۆڭۈل غەشلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، مۇشۇ قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرىمىزدا كۈلكىلىك ئىشلار بۇلۇپ ئۆتتى. كۈلكىلىك دەپ كەتكىلىمۇ بولمىغۇدەك، بەلكىم ھەر ئىككىلىمىزگە، شۇنداقلا تورداشلارغا نىسپەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلۇپ ئۆتتى. كۆڭۈل غەشلىكى دىيىشىمدە ھەر ئىككىلىمىز ئورتاق تىل، ئورتاق توپقا تەۋە كىشىلەر تۇرۇقلۇق، شۇنداقلا جەمىيىتىمىزگە نىسپەتەن بەلگىلىك ئالى مائارىپ تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغان، ئىجتىمائى توپىمىزغا نىسپەتەن ئويغاق كىشىلەر تۇرۇقلۇق  بىر مەيدان كەسكىن بەس-مۇنازىرە قايناتتۇق. مۇشۇ نوختىدىن كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى دەپ قارايمەن. بۇ ئىش ماڭا بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر ئىشنى ئەسلىتىپ قويدى، سىزمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ:

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى، مېنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى،بىر كۈنى ئەدەبىيات پاكۇلتىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزىق بىر پاراڭ تېمىسى پەيدا بولدى، بۇ پاراڭ ئاتاقلىق شائىر قۇربان بارات بىلەن ئاتاقلىق ئەدەبى تەنقىتچى ھېزىم قاسىمنىڭ ‹‹تارىم››ژورنىلى سەھىپىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بەس-مۇنازىرىسى توغرىسىدا ئىدى. شائىر قۇربان بارات ‹‹تارىم ›› ژورنىلىدا ‹‹تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش›› ناملىق لىرىك داستانىنى ئېلان قىلغان ئىكەن، ‹‹تارىم›› نىڭ كېيىنكى سانىدا ھېزىم قاسىم ئەپەندى ‹‹ «تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش» نىمىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟›› سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىپ،قۇربان باراتنىڭ داستانىنى قاتتىق سۆككەن، ئارقىدىنلا قۇربان بارات ‹‹تارىم›› نىڭ كېيىنكى سانىدا ‹‹ «تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش» باھار ئىزدەپ ئۇچۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ›› سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ‹‹تارىم››يۈزىدىكى بۇ مۇنازىرە ئەدەبىيات پاكۇلتىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۈچ-تۆت ئايغىچە ئاساسى پاراڭ تېمىسى بۇلۇپ قالدى، باشقا پاكۇلتىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ‹‹ ئەدەبىيات پاكۇلتىتتىكى ساراڭلارغا جىن چاپلىشىپتۇ›› دىيىشكەن ئىدى. بەلكىم بۇ مۇنازىلىرەردىن سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز باردۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ بەس-مۇنازىرىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبى ئەسەرلەر ۋە ئەدەبى تەنقىت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاساسى قىزىقىشى ۋە ئىجادىيەت تېمىسىغا ئايلاندى. بەلكىم ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن بۇ بىر مەيدان مۇنازىرىمۇ بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى چۈشۈنىشىمىزگە، قەلەم قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا، يازغان ئەسەرلىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ ھەم ئوقۇرمەننىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باھا بېرىپ بېقىشىمىزغا ئۈندىشى مۈمكىن دەپ ئويلايمەن.

نۇرى ئەپەندىم:
ئۆتكەن يىلى 11-ئايلاردا بولسا كېرەك، ياندىكى ئىشخانىدىكى بىر خىزمەتدىشىمنىڭ تورسىز كومپىيوتىرىدا بىر ئاۋارلىق ئەسەر ئوقۇلۇۋېتىپتۇ، ئاڭلاۋېتىپ قىزىقىپ قالدىم. بۇ ئەسەر مېنى جەلىپ قىلىۋالدى. خىزمەتدىشىم بۇ ئەسەرنى توردىن چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى،مېنىڭ بۇ ئەسەرنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغانلىقىمدىن ئەجەپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بۇ ئەسەرنى ئىشخانامدىكى كومپىيوتىرىمغا كۆچۈرۈۋالدىم. كېيىن بىلسەم بۇ ئەسەر «چىننۇرى تورى» دىن  چۈشۈرۈلگەن ئىكەن، ئەمما ئاپتورىنى بىلەلمىدى. بۇ ئەسەرنى ئاڭلىدىم، ناھايىتى كۆپ ئاڭلىدىم. ئۆيۈمدىمۇ ئاڭلىدىم، مەكتەپتىمۇ ئاڭلىدىم، ئاڭلاۋېرىپ تېگى يوق، گادىرماچ خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم. غەرىپلىشىش، ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت» نىڭ تەتۈر ئېقىمىدا روھى، قېنى ۋە جىسمى بۇزۇلۇۋاتقان ۋە بۇزۇلغان ئۇيغۇر خۇتۇن-قىزلىرى ۋە ئەركەكلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى خۈنۈكلۈك مېنى قاتتىق يىرگەندۈردى. ئاخىرى بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى مۇكەممەل ساقلاپ قويۇش مەخسىتىدە، بىر پىراكتىكانت ئوقۇتقۇچىغا  ھاۋالە قىلىپ، يېزىق شەكلىگە ئايلاندۇرغۇزدۇم، ھەم بۇ ئەسەرنى «بايقاش» مۇنبىرىگە يوللىماقچى بولدۇم. ھازىرلا يوللىۋېتەي، كۆرۈپ بېقىڭ (بەلكىم سىز ئاللىقاچان ئاڭلاپ ياكى ئوقۇپ بولغان بۇلۇشىڭىز مۈمكىن).


ئىپپەت نۇمۇسنىڭ قەدرى يۇقالدىمۇ؟
( ئەسلىدە  ئاۋازلىق  ئەسەر )


مەھەللىمىزدە ياشلا تۇل قېلىپ،تۆت بالىسىنى يالغۇز قاتارغا قوشۇپ، جەبرى–جاپادىن بالدۇرلا قېرىپ قاقتەك قورۇلۇپ قالغان، قاچانلا كۆرسەم بىتەلەي قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ،يەر تېرىپ، پادا بېقىپ يۈرىيدىغان بىر موماي بۇلىدىغان.  
بىر كۈنى ئۇ ئالدىمنى توسۇپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى، نىمە بوپتۇ دىمەمسىز؟ مەھەللىمىزدىكى ئۆيلەنگەن، ئۆيلەنمىگەنلەردىن بۇلۇپ يەتتە نائەھلى مەھەللە چېتىدىكى شورلۇقتا قوي بېقىۋاتقان كىچىك قىزغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىپتۇ. ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇلار قانۇنى جازادىن قورقۇپ، ئالتىسى تويلۇق پۇل چىقىرىدىغان، بىرى ئۇ قىزنى نەچچە كۈنلۈك خۇتۇنلۇققا ئالىدىغان بۇلۇپ كېلىشىپتۇ. قىز ئەمدىلا ئون تۆت ياشقا كىرگەچكە توي خېتى بېرىلمەپتۇ، بۇ توي خېتىگە مېڭىشىپ بەرسە دەپ ئالدىمنى توسىشى ئىكەن. بېشىم پىررىدە قېيىپ، بوغۇزىمغا ئاچچىق بىر نەرسە قاپلىشىپ ئىچ–ئىچىمدىن يىغا قاپلىدى. مېنى كادىر دەپ چوڭ بىلەمدىكىن ياكى كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنەمدىم، قاچانلا ئۆيگە ماڭسام ئالدىمدا لىككىدە پەيدا بۇلۇپ، ئىككى–ئۈچ تال شاپتۇل، ئالما يا بېرەر ساپاق ئۈزۈم تەڭلەيدىغان، تۇرقىدىن سەبىلىك چىقىپ تۇرىدىغان، ئېغىزىدىن تېخى ئوغۇزنىڭ ھىدى كەتمىگەن، ئۆڭگەن، يىرتىق كىيىملەر ئىچىدە خۇددى بەرگىدىن ئاجرىمىغان قىزىل گۈلدەك ۋىلىققىنا كۈلۈپ تۇرىدىغان، قارا كۆز قىز كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى. تۇرۇپلا قولۇمغا شەمشەر ئېلىپ، ئاشۇ لەنەتكارلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ تاشلىغۇم، ماۋۇ مومايغا قاراپ ئاچچىق تىللارنى ياغدۇرغۇم كېلىپ كەتتى. كۆزلىرىدىن، ھەر تال چېچىدىن، ھەممە يېرىدىن ياش تۆكىلىۋاتقان بىچارىگە قاراپ يۈرۈگۈم پىژژىدە ئېچىشىپ قالدى. ھەر نەرسە قىلغان بىلەن بۇ ئادىمى ھايۋانلارنى ئېتىپ بەرسىمۇ بولغۇلۇق بولدى. ئاسمان–زىمىن ئالماشقۇدەك مۆجىزە يۈز بەرسىمۇ بالا ئەسلىگە كەلمەيدۇ. بىرىگە نىكاھلاپ بېرىپلا شەرمەندىچىلىكنى يۇيايلى دەپ ئويلىغاندۇ بەلكىم.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ ‹‹نادان››، ‹‹ساپاسى تۈۋەن››لەر ماكانىدىن قاڭقىپ زامانىۋى شەھەرلەردىمۇ، ‹‹يۇقۇرى ساپالىق››لار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشلاردىن كۈرمىڭنى ئۇچراتتىم.
        بىر كۈنى خېلى بىلىملىك سانىلىدىغان، نەچچە ئادەم بار بىر سورۇندا مۇنداق پاراڭ بۇلۇندى:
        ئۈرۈمچى شەھرىدە مەلۇم بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان، خوتۇن–بالىلىرى بار بىرى :
— بىزنىڭ مۇھەببەت ئەرگە تەگمەكچى ئىكەن، مىڭ يۈەن خەجلەپ قىز قىلىپ قويدۇم — دەپ مەيدىسىگە ئۇردى.
—        قانداق بۇلىدىغاندۇ؟
—        ئايالىڭنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆرۈپ باق بولمىسا.
—        قويە، ئەسلىدىكىسىگە نىمە يېتىدۇ؟
        توۋا دەيمەن، مۇشۇ كۈندىكى يىگىتلەرنىڭ يىمەكلىكىمۇ، ئىچىملىكىمۇ ھەتتا خوتۇنلىرىمۇ، ھەممە نىمىسى سۈنئى دىسە. سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھېلىقى قىزنى تونۇيدىكەن، سورۇندا يەنە ھېلىقى قىز توغرۇلۇق نۇرغۇن لاۋزا، ھاياسىز پاراڭلار بۇلۇندى.
        كېيىن يەنە بىرەيلەن ئېچىنغان ھالدا ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:
        ئۇنىڭ بىر ئاغىينىسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئاغىينىسىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى بىلەن مۇھەببەت باغلاپتۇ، ھېلىقى ئادەم قىزغا ئۆز قولى بىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكۈزىدىكەن، قىز ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ساۋاقدىشىمنىڭ، دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ كېلىمەن دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن ياتاق ئاچىدىكەن. چېچىغا ئاق كىرگەن ئاتا–ئانىسى قايسى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئۆيىدە ياتىسەن؟ تېلىفۇن نۇمۇرى قانچە؟ دەپ بىرەر قېتىم چىڭراق سوراققا تارتىپ باقماپتۇ. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قىزنىڭ ئۇچىسىدا پەيدا بولغان مودا كىيىملەر، چوڭ يەپ–ئىچىشلەر ئاتا–ئانا بولغۇچىنى قىلچىمۇ ئەندىشىگە سالماپتۇ.قىز مۇنداقلا سورالغان سۇئالغا ‹‹ھېيتلىق پۇل، سىلەر بەرگەن پۇللارنى يىغىپ ئالدىم›› دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن. بىر بالا ئاتا–ئانىسى سانىنى ئېلىپ بۇلالمىغۇدەك، يىل بۇيى خەجلىسىمۇ يەتكۈدەك ھېيىتلىق پۇلغا ئېرىشەلەمدۇ؟
        يەنە مەلۇم بىر كاتتا ئورۇندا ئىشلەيدىغان، تاپاۋىتى ياخشى، ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئىدارىسىغا يېڭىدىن تەخسىم قىلىنغان بىر قىز بىلەن چىقىشىپ قېلىپ، ئالتە–يەتتە يىلنى ئەر–خوتۇندەك ئۆتكۈزۈپتۇ. كېيىن قىز بىر يىگىت بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ. قىزنىڭ ھېلىقى ‹‹ئاكىسى›› قىزغا تويۇڭنى قىلىۋال دەپ 20 مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپتۇ ۋە پات–پات كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ۋەدە قىلىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن قىز پۇلنى ئايىماي خەجلەپ، ئۆيىنى ئېسىل، قىممەتلىك جاھازلار بىلەن ئالاچەكمەن ياسىۋېتىپيۇ. يىگىت ئاغىينىلىرىگە ئۆيىنى كۆرسىتىپ، خوتۇنىنىڭ يىغىشچان، مەرتلىكىنى ئۇزۇندىن–ئۇزۇنغا ماختاپتۇ.
        بۇرۇن ئاللىكىملەرنىڭ، لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ھار ئېلىپ، ئۆزلىرىنى ئۆستەڭ–كۆللەرگە تاشلاپ ئۆلىۋالغانلارنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانمەن. تېخى تالاغا قارىغان ئازغۇن ئاياللارنى بوغۇزلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنى بەدىلىگە ئەرلىك غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتلەرنى يۇيغان ئەرلەرنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانمەن. نەزىرىمدىكى تەرەققى قىلمىغان، ئاشۇ قالاق زاماندىكى ئەشۇ قىزلار قانداق قىزلار بولغىيتتى؟!  ئەرلەر قانداق ئەرلەر بولغىيتتى؟!!  ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئاققىنى قانداق قان بولغىيتتى؟!!!
         قاراڭ، قىزى يېرىم يالىڭاچ، كىندىكىنى چىقىرىپ قويۇپ سەھنىدە يانپاش تولغىسا دادىسى ئاقۋاش پەستە ئولتۇرۇپ كۈچەپ چاۋاك چالسا،  سىڭلىسى كوچىدا ئەلنىڭ كۆزىدىلا بىر يىگىت بىلەن بۇياندىن ئېلىشىپ كېتىۋاتسا ئاكا بولغان لاتا يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كەتسە،  قىزى ئاخشىمى بىر تېلىفۇن بىلەن رۇخسەت سوراپ چىقىپ كېتىپ، ئەتىسى سېمىز توخۇ كاۋىپىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىرسە توخۇ پاچىقىنى غاجىلاپ ئانا بولغان خوتۇننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ، غىڭ قىلالمىسا،  خوتۇنىغا ئاشنىسى ئېلىپ بەرگەن تېلىفۇننى ئېرى ياقتۇرۇپ قېلىپ، قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ ئىشلىتىپ يۈرسە،  ئېرى باشقا جايدا،خوتۇنى باشقا جايدا رومكا سوقۇشتۇرۇپ، كەچتە كارۋىتىدا ئۇچرىشىپ، خوتۇنىنىڭ پۇت–قولى، ئېغىز–بۇرنى جايىدا بولسىلا ئېرى شۈكرى دەپ خورىكىنى باشلىۋەتسە.....
         بىر دانا ‹‹تەرەققىيات بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى، يەنە شۇ قاتاردا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى›› دىگەن ئىكەن.  نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇر خوتۇن–قىزلىرىمىزدىكى غەرىپلىشىشكە چوقۇنۇش، جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئىختىساسسىزلىشىشنى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دىسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ.
          يېرىم يالىڭاچ يۈرمەڭلار دىسە خۇراپاتلىق دىدۇق، مانا ئەمدى بىزدىكى غەرپكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللىمىزنى، ئاندىن ئۈستى–بېشىمىزنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىمىزنى ئېچىۋەتتى. ھازىر ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى تېخى كۆزى ئېچىلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قاراش. ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنچىۋىلا قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس. زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ قىزلىرى قانغىچە ئىچىپ ياكى چېكىپ، بەزمىخانىلاردا ئالا–تاغىل سەكرىۋالسا، سەھرالاردا ئەپلەپ–سەپلەپ توي قىلىۋالسا، ئەتىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلىكى، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى.
          يەنە بىر قىسىم قىزلىرىمىز تىرناق ياساش قەلئەسى، پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى ئاتلىق ۋىۋىسكا ئاستىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئارقا بۇلۇڭلىرىدىكى توخۇ كاتىكىدەك ئايرىم خانىلاردا ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت نۇمۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىش بەدىلىگە ھارامخور خوجايىنلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا. يۈندا كۆلچىكىدەك بۇلغانغان پاسكىنا تەنلىرى ئارقىلىق ئېرىدىن باشقا ئەرلەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ باقمىغان روھى تېخى ساپ، پاكىز بولغان ئاچا–سىڭىللىرىمىزنىڭ تېنىنى بۇلغاپ، زەنجىرسىمان بۇلغاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.  ناۋادا ئۇلارغا ‹‹ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ؟›› دىسىڭىز، دەرھال ‹‹سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلىققا ئالامسىز؟ ئايال بولسىڭىز مېنى بالا قىلىپ بېقىۋالامسىز؟›› دەپ، ئاغزىڭىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ.  ئەجەبا، ئۇلار جەمىيەتتە قىلاي دىسە ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ. يىراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگىسى يوق؛  تاماقخانىلاردا قاچا–قۇچا يۇيۇپ نۇمۇسقا قالغۇسى يوق؛  كۇچا–كويلاردا ئۆپكە–ھېسىپ، دوغاپ،لەمپۇڭ سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق؛  پۇلى يوق، ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرىگە تېگىپ، جاپا ئىچىدە بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق؛ ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى ھەممە نىمىسى تەل ‹‹ئاق ئاتلىق شاھزادە›› تېخى يوق.
         مېنىڭ ئازاپ ئىچىدە ئۇلاردىن شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ: ياشلىقىڭلاردا، گۈلدەك چېغىڭلاردا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، ئۇلارغا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاس خوجايىنلارغا پۇل تېپىپ بەردىڭلار، سىلەر داۋا تېپىلمايدىغان تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ۋابا — ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىدا ياردەم تىلەپ، ئاچچىق ئىڭراپ ياتقىنىڭلاردا ئاشۇ خوجايىنلارنىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرەلەرسىلەرمۇ؟  ياق ئۇ چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان سىلەر تېپىپ بەرگەن ھارام پۇللاردىن تېخىمۇ سەمرىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغان ياكى راھەت–پاراغەت قوينىدا يايراۋاتقان بۇلىدۇ.
          بىر دانىشمەن: ‹‹ئاياللارنىڭ دىيانەتلىك، ئىپپەتلىك بولماسلىقىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ›› دىگەن ئىكەن. قېنى قانچە ئەرنىڭ نەچچىسى خوتۇنى كەچلىكى پەرداز ئەينىكى ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەتىر–پەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ، ئايىغى چىقماس قاتار چاي، دوستلار ئولتۇرۇشى، ئۈلپەتداشلار يىغىلىشىغا ماڭسا  ‹‹ياسىنىپ، تارىنىپ بېرىدىغان ئادىمىڭ مەن تۇرسام، مۇنچە قىلىپ نەگە؟›› دەپ قاپىغىنى ئەرلىك سۈرى بىلەن تۈرسە خوتۇنىنى تۇتۇپ قالالايدۇ. ئەرلەرنىڭمۇ ئىدىيىسى تەرەققى قىلدى، ئۇلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ ‹‹مەدەنىيەتسىز ئەر›› دىگەن قالپاقنى كىيىپ قالغۇسى يوق. قېنى قايسى يىگىت ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا، بالىلىرىغا ئانا تاللىغاندا ئالدىغا شەرمى–ھايالىق، ئۇيات–نۇمۇسلۇق قىز بىلەن تۇرقىدىن ئۇپپا–ئەڭلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى ئويناق، كۆڭۈل ئېلىشقا ئۇستا، ياسالما قىزدىن بىردىن قويۇلسا ئىككىلەنمەي ئاددى قىزنىڭ يېنىغا بارالايدۇ؟  تەس!...  ھازىر كۆپ سانلىق يىگىتلەرنىڭ چىرايلىق ياسىنىشنى، پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان، مەرتىۋىلىك ئائىلىنىڭ قىزلىرىنى خوتۇن قىلغۇسى بار. خوتۇنىنى كەينىگە سېلىپ ماڭسا ئالدىغا ئۇچرىغان تۆت ئادەمنىڭ ئىككىسى كەينىگە قايرىلىپ، خوتۇنىغا قاراپ قويسا پەخىرلىنىدۇ.   بۇرۇنقى قىزنىڭ پاكلىقىنى، ئەخلاق–پەزىلىتىنى، ئاتا–ئانىسىنىڭ تېگىنىڭ پاكىزلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ خوتۇن ئالىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى.  بۇلار ئاز كەلگەندەك ئانىلىق تاجىنى تاقاپ بولغان، ئەرلىك، بالىلىق ئاياللارنىڭ تاپتىن چىقىشى، قوش ئەرلىك بۇلۇشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممىنىڭ يولدىن چىقىشىدا مەلۇم سەۋەپلەر بار، بىز ئۇلارنى ئەيىپلەشنى قويۇپ، ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنىڭ ئېرى باشقا بىرى بىلەن تېپىشىۋالغان، شۇڭا ئېرىگە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئامالسىز بۇ يولغا ماڭغان؛ يەنە بىرىنىڭ ئېرى ھاراققا ياكى زەھەرگە خۇمار بولغان، خوتۇنى تالادىن تەسەللى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان؛ يەنە بىرىنىڭ چىرايلىق، مودا يۈرگىسى بار، بىراق ئېرى نامرات، تالادىن تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ ئىزدەپ بۇ يولغا ماڭغان؛  يەنە بىرسى ئاللىقانداق مەنپەئەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان...
          مۇشۇ كۈنلەردە نۇزۇگۇمنى تولا ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم، ئاجايىپ ياخشى شارائىتتا ياشاپ تۇرۇپمۇ تۆت تال سېرىق پۇل ئۈچۈن، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشتان بېغىمىزنى ئۆزىمىز يېشىپ بېرىۋاتقان، تېشى پال–پال، ئىچى غال–غال بىزلەرنى شۇلارغا سېلىشتۇرۇش مۈمكىنمۇ؟ ئەمەلدار ئوردىسىدىكى راھەت–پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشتىن پاك پېتىچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلگەن ئەشۇ خېنىمنىڭ ئەزىز روھىنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟
          ئىزتىراپ ئىچىدە ئەرلىرىمىزگە، ئاتىلىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:
          بەلكىم شۇتاپتا قىزلىرىڭلاردەك، سىڭىللىرىڭلاردەك، خوتۇنىڭلاردەك ئاياللار بىلەن پاك تېنىڭلارنى بۇلغاپ ۋە ياكى بۇلغانغان تېنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ پاك تېنىنى تۇنجى بۇلۇپ بۇلغاپ، ئار–نۇمۇس، گۇناھ پاتقاقلىرىغا پېتىپ، پەيزى سۈرىۋاتقانسىلەر. بەلكىم يەنە بەزىلىرىڭلار جاھاننىڭ بۇ تەرەپدارلىرىغا كىرمەي، ئازاپ ئىچىدە ياراتقۇچىدىن بىزگە ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت تىلەپ، كۆزلىرىڭلارنى ياشلاۋاتقانسىلەر.
          ئەي ئەرلەر، ئەي ئاتىلار!  سىلەرنىڭ تومۇرۇڭلاردا جەڭلەردە ياۋلارغا قىلىچ ئۇرغان، نەيزە ئاتقان، بۆرىنى ھامىلدار قىلغان، قېنى ساپ ۋە پاكىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنى بار، خوتۇن–قىزلىرى شەرمى–ھايادىن، ساداقەتتىن، ئەخلاقى پەزىلەتتىن ياتلاشقان مىللەتنىڭ ئەركەكلىرى بۇلۇپ ياشاش، تېخى بەزى ئىشلارغا باش بۇلۇپ، يېشىل چىراق يېقىپ بېرىش سىلەرگە مۇناسىپ ئەمەس، بەلكى ئەرلىك غۇرۇرۇڭلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت!
          شەرمى–ھايادىن، ساداقەتتىن ياتلىشىپ، تۇمان ئىچىدە قايمۇقۇپ تاشلىغان، تۆت تەڭگەڭلار ئۈچۈن ئايىقىڭلارغا يىقىلىپ، نىمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئازغۇن قىزلارمۇ سىلەرنىڭ، سىلەرگە ئوخشاش ئەركەكلەرنىڭ بولغۇسى ئايالى، بالىلىرىڭلارنىڭ ئانىسى.
          بىز قىزلار، بىز ئاياللار كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ زۈرۈر كاپالىتى، سىلەرنى بالىلىرىڭلارنىڭ قىياپىتىدە دۇنياغا قايتىدىن ئاپىرىدە قىلىدىغان، جاھاننىڭ گۈزەللىكى، مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدىغان، ساپ، تازا، بىباھا ئەڭگۈشتەرمىز.
          بىز نەچچە ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئانىسى. ئازساق پۇرسەت بىلىپ، ئازمىساق يەمچۈك تاشلاپ، مىللەتنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاچچىق يېشىڭلار بىلەن يېزىپ چىقمىغايسىلەر. پاكلانغان روھىڭلار، ئەرلىك، ئاتىلىق سۆزلىرىڭلار، بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىڭلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىزنى يېتەكلەپ ۋە ئاسراپ، ئۈمۈدىمىز بولغان نەسلىمىزگە شەرمى–ھايالىق، ئىپپەت–نۇمۇسنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغان ئاتا ۋە خوتۇن تەييارلاڭلار. مومىلىرىمىزنىڭ مۇنۇ نەسىھەتلىرى قايتىدىن جاراڭلىسۇن:
          ئەرلەر بىزنىڭ باشپاناھىمىز! ھاياتىمىز ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى!!

مەنبە :  چىننۇرى تورى


بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى بىلمىدىم، ئەمما بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ ئەسەر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ياخشى ئىبرەت دەرسلىكى بۇلۇشى مۈمكىن.
ئائىلە جەمىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى، ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرى قوشۇلۇپ، بىر جەمىيەتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بۇزۇلۇشلانىڭ ئاساسلىق سەۋەپكارى يەنىلا ئەرلەر! چۈنكى بىر ئائىلىدىكى ئايال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ قانداق بۇلۇشى ئاتىغا، ئاتىنىڭ ئەركەكلەرگە خاس غۇرۇرى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.  ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان ئىشلار سىزنىمۇ يىرگەندۈردى ئەلۋەتتە. ئۇ ئىشلار رىيال پاكىت بولماسلىقى مۈمكىن، ئەمما رىيال پاكىتتىن يىراق ئەمەس. بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت. يىراق يېزا-قىشلاقلاردىمۇ، شەھەر-بازارلاردىمۇ مەۋجۇت. ھەر قەدەمدە  قۇلاققا ئاڭلىنىپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
         ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى، مەن بىر ئىش بىلەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمنى ئىزدەپ ئىشخانىسىغا باردىم. دوستۇم بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلىدىكى ئەينەكنىڭ ئاستىغا باسۇرۇلغان بىر پارچە ۋاراقچىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ بىر پارچە شېئىر ئىكەن، مەن شېئىرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، دوستۇم بۇ شېئىرنى قايسى بىر تور بېتىدىن چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاپتۇرىنىڭ ئېسىدە يوقلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ شېئىرنى نۇسخىلىۋېلىپ قايتىپ كەلدىم ۋە ئۇنى مەنبەسىز، ئاپتۇرى ئېنىق بولمىغان ھالەتتە  «بايقاش» مۇنبىرىگە يوللىدىم. بۇ شېئىر دەل ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىگە پىلتە بولغان، سىز مېنى ئاپتورى دەپ قاراپ قالغان «بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ» ناملىق شېئىر. بۇ شېئىر بىرىنچىدىن مەن ياقتۇرغان شېئىر بولغاچقا، ئىككىنچىدىن بۇ شېئىرنى مەن يوللىغان بولغاچقا  سىز بىلەن بەس-مۇنازىرىدە تۇتۇشۇپ قېلىشقا توغرا كەلدى(ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى قاچۇرسام بولمايدۇ-دە). بۇ شېئىر قايسى مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان؟ ئاپتورى كىم؟ مەن بۇلارنى ھازىرغىچىلىك بىلمەيمەن.بەلكىم بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان بولسا ئۈچەيلىرى تارتىشقىچە كۈلگەندۇ ياكى كۈلىشى مۈمكىن.

سىز خېتىڭىزدە ئوتتۇرىمىزدىكى بەس-مۇنازىرىنىڭ سەۋەپچىسى بولغان ئۈچ پارچە شېئىر ۋە بۇ شېئىرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. مەنمۇ تۈۋەندە بۇ ھەقدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي، بەلكىم بۇنىڭ ئۆز ئارا چۈشۈنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا پايدىسى تېگىپ قالار.
  «بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتۇرى گەرچە مەن بولمىساممۇ بۇ شېئىرنى ياخشى يېزىلغان شېئىر دەپ تونۇيمەن. مەن بۇ شېئىردا ئاپتۇرنىڭ جىسمى ۋە مەنىۋىيىتى بۇزۇلغان خۇتۇن-قىزلىرىمىزغا بولغان كۈچلۈك نەپرىتى، شەرمى-ھايا ۋە ساداقەتنى ئۆزىگە مەنىۋى تۈۋرۈك قىلغان ، ۋاپادار قىزلارغا بولغان ئىنتىلىشى، چاقىرىقى ئىپادىلەنگەن دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇ شېئىردىن سىز دىگەندەك ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن بىرمۇ ئەخلاقلىق قىز چىقمىدى، ھەممىسى بۇزۇق، ھەممىسى ئەىلاقسىز دىگەن مەنا چىقمايدۇ. بۇ پەقەت مەلۇم بىرسىگە ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇر خۇتۇن-قىزلىرىنى شۇنداق بۇلۇشقا، شۇنداق خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە  چاقىرغان چاقىرىق خالاس.بەلكىم ئاپتۇرغىمۇ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەخلاقلىق قىزدىن بىرسى ئۇچرىغاندۇ، چۈنكى بىزدە ئۇنداق قىزلا كۆپقۇ.ئۇنداقتا ئاپتۇر بۇ شېئىرنى نىمە مەخسەتتە يازغان بولغىيتتى، مېنىڭچە پۈتۈن ئۇيغۇر خۇتۇن-قىزلىرىنىڭ شەرمى-ھايالىق،ۋاپادار بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ غېمىنى يەپ. شائىر يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە ماختىغان قىز-ئاياللار مېنىڭ ۋە سىزنىڭ قېرىدىشىمىز بولسا، شائىر يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە يىرگىنىشلىك سۈپەتتە تەسۋىرلەپ، سۆككەن، تەنقىت قىلغانلار كىمنىڭ قېرىندىشى؟ ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر قەۋمىگە تەۋە! ئۇلۇغ ئالىم يۇسۈپ خاس ھاجىپ مەشھۇر ئەسىرى « قۇتاتقۇ بىلگ» داستانىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: « شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن قانائەتچان بۇلۇش، ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانائەتسىز بۇلۇش زۈرۈر » دەپ يازغان. بۇ تەشەببۇس بىزنىڭ قانائەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ئاجايىپ دانا كۆرسەتمە بۇلالايدۇ. شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن قانائەتسىز بۇلۇش كىشىگە بەختسىزلىك، ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانائەتسىز بۇلۇش ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدىغان، ئەلگە بەخت يارىتىدىغان قىممەتلىك روھ.  شۇنداققۇ؟!
مۈمكىن بولسا شېئىرنى يەنە بىر قېتىم  ئوقۇپ، تەھلىل قىلىپ كۆرەرسىز. مەن  بۇ شېئىرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىدىن مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىمەن. بۇ يەكۈنۈم ئاخىرقى شېئىرىمدا بىر دومىلاپلا مىللەتپەرۋەر بۇلىۋالمىغانلىقىمنى ۋە بۇلىۋالمايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدۇ.
         سىز بۇ شېئىردىكى پۈتۈن قىز-ئاياللار توپىغا  قارىتىلغان مەزمۇننى ئۆزىڭىز يازغان « قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟» ناملىق شېئىرىڭىزدا تارتىپ ئەكىلىپ ئاپتۇرغا، ئاپتۇرنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىغا قارىتىپسىز، بۇلۇپمۇ شېئىرىڭىزنىڭ 4-ۋە 5-كۇپلىتلىرىنىڭ ئالدىنقى مىسرالىرىدا. بۇنىڭ بىلەن مەن يازغان «سىزدە يەنە كۆز بارمۇ؟» ناملىق شېئىرنىڭ 5-كۇپلىتى ئوتتۇرىغا چىقتى.
سىز بۇ ئىككى كۇپىلىتتا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر مېنىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ زىتىغا، غۇرۇرىغا تېگىدۇ. قېنى سىز ئۆزىڭىزنى«بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتۇرى  ياكى مۇنبەرگە يوللىغۇچىسى ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ، سىزنىڭمۇ غۇرۇرىڭىزنىڭ قاينىماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن. دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە يوق، ئەمما ھەممىمىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىمىز. ئەدەبى ئەسەرلەردىمۇ مۇكەممەللىك يوق. « يېزىۋەرسە ھەر نەرسىلەر تۆكۈلىدۇ قەلەمدىن» دىگىنىڭىزگە ئوخشاش ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەر يېزىلىدۇ، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇلارنى ئوقۇرمەنلەر ئوقۇيدۇ، ياقتۇرغانلىرىنى ماختايدۇ، ياقتۇرمىغانلىرىنى تەنقىت قىلىدۇ. بىرى ماختىغاننى يەنە بىرى سۆكىدۇ. خۇددى مەن ياقتۇرغان شېئىرنى سىز سۆكەندەك.« مەن ماختىغاننى سەنمۇ ماىتايسەن،ياكى مەن سۆككەننى سەنمۇ سۆكىشىڭ كېرەك » دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ماختاشمۇ لايىقىدا، تەنقىتمۇ لايىقىدا بۇلۇشى كېرەك.ئەدەبى تەنقىتنىڭ ئاساسى غول ھۈجەيرىسى ئىلمىيلىك، ئىلمىيلىك بولسا كۆڭۈل ئاغرىقىمۇ بولمايدۇ.
سىز خېتىڭىزدە يەنە «ئاساسى مەخسىدىڭىز مېنى تىللاپ پۇخادىن چىقىش ئىكەن ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەر-بىر كوبلىت شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى بىر يەرگە يىغىپ قويمىغان بولاتىڭىز. ياكى بۇ سىزنىڭ شېئىرىيەتتە ياراتقان يېڭىچە ‹‹ئۇسلۇب››ىڭىزمۇ؟» دەپ يېزىپسىز. مېنىڭ مەخسىدىم سىزنى تىللاپ پۇخادىن چىقىش ئەمەس، سىز ئەدەبىياتتىكى ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلارنىڭ بىرى بولغان تەكرارلاشنى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبى ئەسەرلەردىكى رولىنى بىلىسىز، بۇ سىز ئېيتقاندەك ‹‹ئۇسلۇب›› مۇ ئەمەس، پەقەت تەكرارلاش خالاس. تەكرارلاش ئوي-پىكىرنى كۈچەيتىپ ئىپادىلەيدىغان ۋاستىغۇ.
سىز خېتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا يەنە مىللىتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلىش، قامچىلاش توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. بۇ قاراشلىرىڭىزغا مەن تامامەن قوشۇلىمەن ھەم قۇۋۋەتلەيمەن. جەمىيەتتىكى يامان ئىللەتلەرگە قارىتا ئائىلىدە، جەمىيەتتە ،ئىمكانىيەت يار بەرگەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا،كۇچا-كويلاردا، جامائەت سورۇنلىرىدا كۆپ سانلىق ئادەم قارشى تۇرىدىغان ئومۇمى كەيپىيات يارىتالىساقلا مىللىتىمىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى قايتىدىن نامايەن قىلىلايمىز.
مىللىتىمىزدە ئۈمۈت بار، ئېغىر كېسەل دورا ئىچىپلا ساقىيىپ كېتەلمىگىنىگە ئوخشاش، مىللىتىمىزدىكى ناچار كەيپىياتلار تەدرىجى ئازايماقتا....  نۇرى بۇرادەر، خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. سۆزلىرىمدە ئارتۇق كەتكەن جايلار بولسا ئەپۇ قىلارسىز. ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە خۇشاللىق، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.  ئەتە مۇنبەردە كۆرۈشەيلى.
خەيىر، ئامان بۇلۇڭ!

توردىشىڭىز: ئامان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 03:37  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئابلىمىت + 5 + 3 + 5
بايقاش + 10

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 15  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

3

تېما

2

دوست

355

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
91 سەر
تىللا
86 دانە
تۆھپە
68 سەر
شۆھرەت
17 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:38:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئامان ئەپەندىم، بۇ جاۋاپ خەتنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم ۋە سىزگە مۇشۇ يەردىلا جاۋاپ بەرگۈم كەلدى. سىزنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىڭىز مېنى خىجىل قىلىپ قويدى.
  ئەسلى مەنمۇ سىز ئويلىغاندەك شېئىر يېزىشنى ئويلىغان. ئەمما شېئىردا ئوي پىكىر سەل يىغىنچاقلىنىدىغان ، بەزى گەپلەرنى ئۇدۇل دېگىلى بولمايدىغان بولغاچقا ، خەت شەكلىدە يېزىشنى لايىق كۆردۈم. شۇنداقلا ئۇ خەتنى يازدىم. سىزنىڭ ئاۋالقى شېئىرنى ھىچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەي يوللىغىنىڭىز ، ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكىڭىز بوپتۇ. مەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇ شېئىرنى سىزنى يازغان دەپ ئويلاپتىمەن، ھەم سىزنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە ماڭا ئوستاز بولغۇدەك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماي «نېمانچە تومتاق ھەم بىر تەرەپلىمە يېزىلغان شېئىردۇ بۇ، قارىغاندا مۇھاببەتتە دىلى ئازار يىگەن ، قىزلاردىن ئۈممۈدسىزلەنگەن بىر ياش چېغى» دەپ ئويلاپ ئۆزەمنى  چاغلىماي جاۋاپ شەكلىدە شېئىر يېزىپتىمەن، سىز ئۇ شېئىرنى يوللىغاندائۇ شېئىر ھەققىدىكى ئەسكەرتىشنى بېرىشىڭىز ، شۇنداقلا  ئۇنۇڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىدىكى  بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئەسكەرتىشىڭىز كېرەكتى. ھېلى بولسىمۇ ئەسكەرتىپسىز ، ئالدىراقسانلىقىمنى كەچۈرۈڭ.
سىز يوللىغان ، ئاۋازلىق ئەسەردىن ئۆزلەشتۇرگەن ئەسەرنى مەن ئوقۇمىغان ھەم ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن، بىر ياخشى ئەسەرنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت. باشقا گەپ سۆزلەرنى كىيىنچە دېيىشەرمىز، سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن ، خوشال ياشاڭ.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 10ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇۋېلىڭ.

576

تېما

120

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8413 سەر
تىللا
7571 دانە
تۆھپە
5130 سەر
شۆھرەت
5556 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 13:05:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا! ياخشى قىلدىڭلا بۇرادەرلەر. بۇ مۇشائىرە مۇنازىسىنىڭ بۇنداق ياخشى ئاخىرلاشقىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم!! ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلبە!!
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 13:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر نۇرى، يوللىغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، سەمىمى كۆڭلۈمنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەخمەت.  سىزنىڭمۇ كۆڭۈل-كۆكسىڭىز كەڭ ئىكەن،ئوتتۇرىمىزدا بۇلۇپ ئۆتكەن بۇ بىر قاتار مۇنازىرىلەر بىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىمىزگە تۈرتكە بۇلۇشىنى تىلەيمەن!
خەير ئامان بۇلۇڭ، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

0

تېما

4

دوست

54

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:28:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم، مۇنداق ئىشلارمۇ بۇلۇپ ئۆتكەن دەڭ تېخى؟!!
ھازىر نۇرى ئەپەندىم بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسىلەر بۇرادەر؟ يېزىشقان ئىنكاسىڭلارغا قارىغاندا ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشقاندەك تۇرىسىلەر بولمىسا.

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 03:25:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئىشلار بولغان.
تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ، سىز بۇ مەكتەپتە كىتاپلاردا يېزىلغان ۋە يېزىلمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىدىكەنسىز. كونىلاردا ‹‹ ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس ›› دەيدىغان ھېكمەت بار. بىز شۇ قېتىملىق مۇشائىرىلىك مۇنازىرىدىن كېيىن ئۆز ئارا چۈشۈنىشتۇق، بۇ خىل چۈشۈنىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭقۇر دوستلۇققا ئايلاندى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

0

تېما

4

دوست

54

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 00:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرى دىگەن ئادەم ھازىرمۇ بايقاش تورىدا باما؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 05:49:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرى بۇرادەر ھازىرمۇ بايقاش مۇنبىرىدە بار، تېخى بايقاشنىڭ غوللۇق ئەزاسى دەڭا. ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ تېخى يېتىشكەن شائىر.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

29

تېما

11

دوست

1732

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
505 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
224 سەر
شۆھرەت
245 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:45:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئىتتىپاق ئۆتەيلى،بايقاشلىقلار مۇشائىرە قىلىپ بىر-بىرىنى ئۇنى بۇنى دەيدىكەن دىسىمۇ تازا سەت،ئىتتىپاق بولايلى،ئىتتىپاقلىق كۈچ،غەلبە،نىشاننىڭ ماتورى!!!
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 03:37, Processed in 0.463171 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش