مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 15

ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا (تەۋسىيە)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6161 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9296 سەر
شۆھرەت
4513 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:05:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا

abduxukur.png

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن




مائارىپتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى-ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتۇر.  

ئوقۇتقۇچى- ھۆرمەتلىك نام. شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىننى يورۇتقۇچى قۇياش! مىللەتنىڭ باغۋىنى، دۆلەتنىڭ مۇرەببى. «ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنېرى»!

ئوقۇتقۇچى- ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى! ئۇ بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشكىنى ئاچقۇچى، ئەقىل دۇردانىلىرىنى چاچقۇچى. ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى، تارىخ بىلەن ماكان، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز- پىداكار جەڭچى، مېھرىبان، ساپ قەلب ئىگىسى.

ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارسىز ئۇلۇغ مەرىپەت ئەزىمەتلىرى ۋايىغا يەتمىگەن بولاتتى. ئەپلاتوننىڭ ئوقۇتقۇچىسى سوقرات، ئارىستوتىلنىڭ ئۇستازى ئەپلاتون، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇستازى ئارىستوتىل بولغىنىدەك، ئابدۇراخمان جامىي ئەلشىر نەۋائىنىڭ يېتەكچىسى، سەددىدىن قەشقەرى جامىئىنىڭ ئۇستازى ئىدى.

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەزى مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. مەسىلەن: ھىپوگرات، فارابى، ئىبىن سىنا، تاتاتۇڭا، شۈەنزاڭ، گېگىل، كۇڭزى، قىدىرخان، ھۈۋەيدا، ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۇملىسىدىندۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت رىشتىسى يەنى كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت گىرەلەشكەن بولىدۇ. ئۇ ئوشېنىسكىي ئېيىتقاندەك «مەنسەپدار تۆرە ئەمەس، مەنسەبدار تۆرە- ئوقۇتقۇچى ئەمەس.»

ئەمما، تا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈندۇر ئوقۇتقۇچى، جەمئىيەت يېتەكچىلىرى، ئەھلى-جامائەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى، تۇغقان-دوستلىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەتلىك نامنى، ئوقۇتقۇچىدەك بۇ تارىخى كۈچنى، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ مەنىۋى شەرتلىرىنى بىردەك ھېس قىلغان، چۈشەنگەن، قەدىرلىگەن ئەمەس. نەتىجىدە مائارىپتا بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەسىللەر ساقلانماقتا.



ئىككى ئۇلۇغ ھامىي ۋە بىر مۇقەددەس قەلىب

ئىككى ئۇلۇغ ھامىيىنىڭ بىرى ئانا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ئۇلارنى بىلمەك ھەرقانداق بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە شەرتى، ئۇلارنى قەدىرلىمەك ھەرقانداق مۇھەببەت ۋە كامالەتنىڭ بوسۇغىسى! ئوخشاشلا ئۇلارنى خارلاش بارلىق خارلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە باشلىنىشى!

ئانا- بارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پوئېزىيىلىك ئىبارە. ئەنگىليىلىك يازغۇچى تېككىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا «پەرزەنت دىلى ۋە تىلىدىكى تەڭرى». شۇڭا ئۇ ھەممەيلەن باش ئېگىدىغان ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببەت مۇئەككىلى، تۇنجى تەلىم-تەربىيە مۇرەببى. بالزاك ئېيىتقاندەك «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا».

ئوقۇتقۇچى بولسا ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى يەنە بىر ئۇلۇغ سىما. ئۇ ئىستەك ئويغاتقۇچى، تەپەككۇرغا يېتەكلىگۈچى، ئەقىل ئىزلىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ پىداكار قەلبى، تەپەككۇر خەزىنىسى ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بەخىش قىلغان ئانىلىق پەرۋىشى ۋە ئانىلىق تەربىيسىنىڭ يېڭى قاتلامدىكى داۋامى بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ تەربىيچىنىڭ يۈرىكى بىر.

ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ھەممە پەرزەنىت، ھەممە شاگىرت، ھەممە جامائەت بۇ ئىككى زاتنىڭ بىر-بىرىگە تەققاس قەدىر قىممىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. ئوخشاشلا ھەممە ئانىلار ۋە ئانا بولغۇسى قىزلار، ھەممە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئوقۇغۇچىلار مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى ھالقا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى قانداق ئاڭ ۋە قانداق سۈپەتكە ئىگە بولۇشى لازىملىقنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. بىلىش كېرەككى بۇ بىر پاجىئەلىك ھادىسە!

بىزدە «زېھىن سىناش» دەپ ئاتالغان ئەنئەنە بويىچە «تاپقىرلىق» دېيىلىدىغان مۇسابىقىلەردە مەشھۇر كىنو چولپانلىرى ۋە ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ-يۇ، مەشھۇر مۇئەللىملەر، ئالىملار، كەشپىياتچىلار، ئەدىبلەرنىڭ ناملىرى كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا ئېلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرىدىن ناھايىتى كۆپ كىشلەر خەۋەرسىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ ئۇلۇغ مۇرەببە دەرىجىگە كۆتۈرلۈپ تەشۋىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولغان. بۇ ناھايىتى نازۇك «بوش قالغان» ئۇللۇق خىزمەتتۇر.




ئەجىرلىك، ئەمما جاپاكەش كىشلەر

ئوقۇتقۇچىلار تارىختىن بېرى ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار خۇددى قىزىل قان دانچىلىرىدەك ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ ھەممە قىسمىغا تارقالغان، ئۇلار كۆتۈرگەن مەرىپەت مەشئېلى يىراق چۆل-جەزىرە، تاغ-جىلغىلاردىن تارتىپ ئاۋات شەھەرلەرگىچە ھەممىلا يەرنى يورۇتماقتا. ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىمىز بويىچە ئېيىتقاندا ئومۇمەن ئوقۇتقۇچىلار بىر قانچە قۇرلا كىيمىنى يۇيۇپ، تازىلاپ كىيىپ، كىچىككىنە ئائىلىسىنى قاتتىق تېجەشلىك بىلەن باشقۇرۇپ كىشلەرگە يول بېرىپ يول تالاشماي، قول بېرىپ قول تالاشماي ياشاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە كۆرىدىغىنىمىز تامدىكى گىلەم ئەمەس دۇنيا خەرىتىسى، مەرەپكە تىزىلغىنى قېلىن يوتقانلار ئەمەس، دېرىزە تۈۋىدىكى شىرەگە قويۇلغان كىتاپ-دەپتەرلەر بولدى، ھەرخىل نامراتلىق كېسەللىكلىرى بولۇپمۇ سىل كېسىلى ئۇلارنى تېخىمۇ ياداڭغۇ، ئاۋاق قىلىپ قويدى.

يېقىندا بىر باجگىرنىڭ بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى توغۇرلۇق تولىمۇ مەنسىتمەسلىك بىلەن مەغرۇر ئاھاڭدا «كىمكى دەپتىمەن، ئۇ بىر ئەپەندىكەنغۇ ناھايىتى!» دېگىننى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ سۆز ئادەتتىكى بىر باجگىرنىڭ ئېغزىدىن چىققان سۆز بولسىمۇ، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتتە، سىياسىي، مەمۇرىي، مالىيە-سودا، كىنو-تىياتىر، ھەربىي-ساقچى خادىملارغا سېلىشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ جامائەتچىلىك نەزەرىدە قانچىلىك ئورۇنغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر روشەن مىسالى.

راسىت! ئۇلارنىڭ قوللىرىدا سىياھ، ئۈستىدە بور توزانلىرى بار. ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا ياكى رېزىنكە تامغا ياكى پۇل چېكى يوق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خۇددى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قارا جاڭگال» ھېكايىسىدىكى «جاڭگال پەرىشتىسى»دەك بىكارغا دېگۈدەكلا خىزمەت قىلماقتا. مۇشۇنداق ئەپەندىچىلىك، مۇشۇنداق خانىملىق بىلەن ۋىجىك قېرىغان، كېسەل ئازابىغا چۆكۈپ قالغان، كىشلەر نەزىرىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مويسىپىت ئۇستازلار ئازمۇ؟ ئۇلار «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى » نىڭ داغدۇغىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمەيدىغۇ؟! ئۇلار پىنسىيگە چىققان پېتىچە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاتلاملارنىڭ ئەڭ تېگىدە، ھالقىلارنىڭ ئەڭ كەينىدە تۇرىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تارىخىي بىناكارلىق- ئىنسان قەلبىنى يارىتىدىغان ئىنجىنېرلاردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنگەن جاي دەل بەخت قۇشى بولغان ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان ماكانىدىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنمىگەن جاي- ئالتۇن كۆمۈلگەن خارابە ئۈستىدە ھۇۋقۇش ھۇۋلايدىغان ماكاندىن ئىبارەت.




تۆلەپ بولمايدىغان قەرز، كەچۈرۈپ بولمايدىغان ۋاپاسىزلىق

«ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىرىنچى بەلگىسى.»(پۇشكىن)
ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى. ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆز ئۇستازلىرىدىن، ئۆزى تەربىيە ئالغان مۇئەللىمدىن پەرزەنىتلەر، ياش ئەۋلاتلار تۆلەپ بولغۇسىز قەرزدار، ۋاھالەنكى، بىزدە ئۆز ئۇستازىنى ھاقارەتلەشكە، ئۆز مۇئەللىپىگە خىيانەتكارانە ھەرىكەتتە بولۇشقا، ئۆز ئوقۇتقۇچىسى-يېتەكلىگۈچىسىنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چاڭگال سېلىشقا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، مەنىۋىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىكىگە زىيان-زەخمەت قىلىشقا پېتىنىدىغان تۇزكور شاگىرتلارمۇ بار. مېنىڭچە، ئۆزى سۆيۈپ، پەرۋىش قىلغان ئوقۇغۇچىسىدىن كۆرگەن ۋاپاسىزلىقتىنىمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرەر كان، بىرەر كارخانا ياكى بىرەر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار توپلانغان، مائارىپ بىناكارلىقى ئادا قىلىنىۋاتقان ئورۇننىڭ تەشكىلاتچىسى، پاسىبانى، مۇلازىمى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. مائارىپ ئۆز ماھىيتى بىلەن تۆرىلەردىن خالىي ماكان بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدا كىبىر كۈلكىلىك، كۈچ كۆرسىتىش ئەخمەقلىق. ھەممە ئىشتا، ھەر دائىم ئوقۇتقۇچىلارنى قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇپ قەدىرلەش ئارقىلىقلا خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئاسمىنى يورۇيدۇ. پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ قەدىرلەشكە، دائىم ئەسلەپ تۇرۇشىمىزغا تېگىشلىك ئىنسانلاردۇر. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەجدادلارغا، ئىلىم-مائارىپ پىشۋالىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭى، ئەنئەنىسى ۋە ئەخلاقى! بۇنداق ئاڭ، ئەنئەنە ۋە ئەخلاق بولمىغاندا ھەرقانداق «ئەقىل»، «قابىلىيەت»، «تەدبىر» تېگى تۆشۈك كورىدەك ئەسقاتماس بولۇپ قالىدۇ. ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىغا رەھبەر بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «چۈجە خوراز»  ئەلپازى ئوقۇتقۇچىلارغا بەكمۇ ھار كېلىدۇ. ياش پەرقىگە كەلگەندە «ياشلىق بىلەن قېرىلىق ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ بەكمۇ قىسقا»- (مۇنتسكيۇ) ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارىدا زامانداش بولۇشقا كاشىلا قىلىدىغان مىڭ يىللارنىڭ يوقلىقىنى ئەقىل بىلەن ئويلاش كېرەك.

ئوقۇتقۇچىنى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى قوللىشى، ھۆرمەتلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دەرۋەقە، بىر قانچە قېرىنداش ئىچىدە «ئەپەندى» بولغىنىنىڭ كىرىمى تۆۋەن، ئۆسۈشى ئاستا، قوشۇمچە تاپاۋىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئەجرى كەم، تۆھپىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس. باشقا بايلىق ۋە كىرىملەر ئىستېمال بولۇپ تۈگىسىمۇ، لېكىن ئىلىم پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىق. ئوقۇتقۇچىنى كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا، مەنسەپ تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان ئايال ئەسلىدە ئۆز ئېرىگە ئىختىيارلىق بىلەن ئەمەس نائىلاج تەگكەن ئايال. ئۇنداق ئايال ئۆز ئېرىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ سۆيگەن ئايال ئەمەس. مېنىڭچە بۇنداق ئاياللار پات-پاتلا ئېرىنى پەسلەشتۈرىدىغان كوتۇلداشلارنى قىلماي تۇرالمايدۇ. مەن ئويلايمەن، ئائىلىدە ئوقۇتقۇچىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئىپادىلىگەن ھۆرمەتسىزلىك پۈتۈن ئىجتىمائىي ھۆرمەت-ئېتىبارسىزلىقلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.




تەربىيلىگۈچى چوقۇم تەربىيلەنگەن بولۇشى لازىم.

بىز يۇقىرىدا «ئوقۇتقۇچى» دېگەن سۆزنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھايىتى بويىچە تەرىپلىدۇق ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت تىكلەشنى تەكىتلىدۇق. ھەممىگە مەلۇم، ئوقۇتقۇچى كونكرېت ئىنسان. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامغا لايىق ياكى ئەمەسلىكى كونكرېت ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىدۇر. گىيوتى توغرا ئېيتقانىدى: «تەربىيىدە پۈتۈن مەسىلە ئوقۇتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە باغلىق.»

تەربىيە بىرىنچىدىن، «ئۇلۇغ ئىش»، «ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى تەربىيە بىلەن ھەل قىلىنىدۇ»-( بېلىنسكى ) ؛ ئىككىنچىدىن، تەربىيە «ۋىجدان ئىشى»-(گيوتى).  شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى ئەقلى، قەلبى ۋە ۋىجدانى بىلەن سۆيۈشى، ئۇنى ئۇلۇغ تارىخىي تەرەققىياتقا ئاڭلىق بىرلەشتۈرۈشى لازىم. ئۇ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ، ئۇنۋان ئالغاندىمۇ ئۆزىنى تۈپ ۋىجدانى ئۆلچەمدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.

ئوقۇتقۇچى تەربىيچىدىن دائىم ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەپ تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. «ئوقۇتۇش ئىككى ھەسسە ئوقۇش دېمەكتۇر.» بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە ئوقۇتقۇچى ھەركۈنى ئۆزىنىڭ بىلىم فوندىنى بېيتىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرماي ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىلىمسىز، بىلمى تۆۋەن ياكى بىلىمى كونىرىغان كىشلەرنى يۇقىرى سىنىپ (مەكتەپ ) ياكى ئوقۇغۇچىلىرى ئاسانلا بايقاپ ئالالايدۇ. مۇھىمى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان «غەيرى ئوقۇتقۇچى»لارنى ياكى مەخسۇس تەربىيلەپ ياكى خىزمىتىنى يۆتكەپ ئاساس مائارىپ سىنپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ فرونتىنىڭ زەربىدار ئەترىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۇغرا كېلىدۇ. بۇنىڭسىز ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىغا بىلىم بېرىش ئاساسىدا پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدىغان بولۇشى لازىم. چۈنكى «مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئىنساننى پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىشتۇر»(-ئېدىسون). بىلىم- ئىگىلەنگەن ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش بولۇپ، پەقەت پىكىر قىلىش قابىليىتى ئارقىلىقلا بىلىمنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مۇمكىن.

تەربىيە يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش دېمەكتۇر. ئوقۇتقۇچى دەرس ئارقىلىق، تەجرىبە ئارقىلىق ئىلىمنى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگىلىك ئىنساننى نامايان قىلىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز كامالەت يولىغا قويۇپ توختىماي ئىلگىرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇ. شۇ چاغدىلا ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي تەلىم-تەربىيە ساھىبى بولۇپ يېتىشىدۇ.




خۇلاسە

رېئال دۇنيا ئىچىدە تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغاندا ئائىلە بىلەن ئانا، مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، ئومۇمىي ئاڭ دەرىجىسىگە، ئەقىدە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلىشىنىڭ ساپاسىنى بىللە چىڭ تۇتۇش ئۇنىڭ مەركىزىي ھالقىسى.


مەنبە: ‹‹ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ماقالىلىرى››

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
پەتتار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!
tursunjan + 5 + 3 + 3 + 5ياخشى تېما.
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 28 تىللا + 26 تۆھپە + 26 شۆھرەت + 28  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 08:47:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 01:05  

ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە ئۇستاز

باھا سۆز

tursunjan ئوستاز ئەمەس . ئۇستاز تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:24
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:23:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:24:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 00:47
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە ئوستاز

ئوستاز ئەمەس . ئۇستاز

باھا سۆز

pari رەھمەت ئۇكام، ئوڭشىۋالدىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 01:11
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

19

تېما

2

دوست

1257

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
258 سەر
تىللا
211 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
229 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىOffice ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:47:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ھەممىدىن ئوقۇتقۇچى بولماق تەس.

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 11:24:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان ياخشى تىمىكەن داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 13:03:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         « ئوقۇتقۇچى- ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى! ئۇ بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشكىنى ئاچقۇچى، ئەقىل دۇردانىلىرىنى چاچقۇچى. ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى، تارىخ بىلەن ماكان، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز- پىداكار جەڭچى، مېھرىبان، ساپ قەلب ئىگىسى.»
      ئۇھ.... ھاردۇقۇم چىققاندەكلا بولدۇم گەرچە بۇ مەدھىيەگە مەن نائىل بولالمىساممۇ. جەمىيەت ئەزالىرى ئالىمىمىز ئېيتقاننىڭ 100 دىن بىرىچىلىك چۈشەنسىدى كەشكى ...

70

تېما

16

دوست

3537

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
914 سەر
تىللا
300 دانە
تۆھپە
655 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:05:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسەن  ئوقۇپ بەكمۇ ھوزۇرلاندىم...بارلىق ئانىلارغا  ۋە  بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا بەخت-ئامەت تىلەيمەن....

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:19:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 16:37  

ئىككى ئۇلۇغ ھامىيىنىڭ بىرى ئانا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ئۇلارنى بىلمەك ھەرقانداق بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە شەرتى، ئۇلارنى قەدىرلىمەك ھەرقانداق مۇھەببەت ۋە كامالەتنىڭ بوسۇغىسى! ئوخشاشلا ئۇلارنى خارلاش بارلىق خارلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە باشلىنىشى!

ئانا- بارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پوئېزىيىلىك ئىبارە. ئەنگىليىلىك يازغۇچى تېككىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا «پەرزەنت دىلى ۋە تىلىدىكى تەڭرى». شۇڭا ئۇ ھەممەيلەن باش ئېگىدىغان ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببەت مۇئەككىلى، تۇنجى تەلىم-تەربىيە مۇرەببى. بالزاك ئېيىتقاندەك «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا».

ئوقۇتقۇچى بولسا ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى يەنە بىر ئۇلۇغ سىما. ئۇ ئىستەك ئويغاتقۇچى، تەپەككۇرغا يېتەكلىگۈچى، ئەقىل ئىزلىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ پىداكار قەلبى، تەپەككۇر خەزىنىسى ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بەخىش قىلغان ئانىلىق پەرۋىشى ۋە ئانىلىق تەربىيسىنىڭ يېڭى قاتلامدىكى داۋامى بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ تەربىيچىنىڭ يۈرىكى بىر.


يوقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا قەلبىم ھاياجانغا تولدى ،ئۆزەمنىڭ بىر ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم  . بۇ يازمىلارنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئانىلارنى كۆزگە ئىلماي خارلاۋاتقان ئاشۇ ناكەسلەرگە ئاۋازىمنىڭ بارىچە ئوقۇپ بەرگۈم كەلمەكتە ئىدى  .ھەم پۇتۇن دۇنياغا بىز ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يارتقۇچى بىلەن تەربىيلىگۈچىسى ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلاشنى ئويلاۋاتاتتىم .   دىمىسىمۇ ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر   ئوقۇتقۇچى تەربىيسىنى ئالمايلا شۇنداق باشلىق ۋە سودىگەر بولۇپ كەتكەندەك ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ   ، ئۇلار ئۆزلىرىگە  ئەينى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تالاي - تالاي قېتىملاپ دەرسلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ، تالاي - تالاي قېتىملاپ  ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى سۆزلەپ تەربىيلىگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشماقتا .  شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇنداقلارغا قايتارما زەربە بېرىپ قەددىمىزنى تىك تۇتىشىمىز ھەم خىزمىتىمىزدىن نومۇس قىلماي پەخىرلىنىشىىمىز ، گەرچە مائاشىمىز ئاز بولسىمۇ  پاك   ۋە ھالال ياشىشىمىز كېرەك .
رەھمەت ئۇستاز .


  ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى .
ئانا تۇپراققا ئوخشايدۇ ، ئۇ ياىشى پەرۋىشكە مۇھتاج . ئانا ۋەتەنگە ئوخشايدۇ ، ئۇ قوغداشقا سۆيۈشكە مۇھتاج .
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئانا ، مەكتەپ بىلەن ئاىلە !مانا بۇ مىللەت ساپاسىنىڭ ھەقىقى قېلىپى .
« ئاتا - ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى - مىللەت  ۋە ئۇنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەك »

                                                                                             ئا.مۇھەممەتئىمىن
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

32

تېما

7

دوست

2329

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
492 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
403 سەر
شۆھرەت
447 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 22:25:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى،كاللامنى يەنە بىر قېتىم سىلكىۋېتىپ،ھازىرقى تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم،دەرھال يادىمدىن كەچتى،ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەلەۈسىدە بۈيۈك ئانا بولىدىغان قىزلارمۇ،دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان كادىرلارمۇ بولىشى مومكىن،لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوقۇشىچۇ؟...........ھەي.........مەن ئۇلارغا دائىم شۇنى دەيمەن،سىلەر مۇشۇ ئوقۇشۇڭلاردا كەلگۈسىدە پەرزەنتىڭلارنى تەربىيىلىيەلەمسىلەر؟ مەنغۇ ھازىر سىلەرنى ئوقۇتىۋاتىمەن،كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارنى كىم ئوقۇتىدۇ؟مۇشۇ سىنىپتا سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان،ئۆگىنىشتە ياخشى بىرەرسى بارمۇ ؟دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ كېتىمەن.
سىزگە كۆپ رەخمەت.تېما ئىچىدىكى ھەربىر مەزمون بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەڭگۈشتەر ئىكەن،بولسا مەكتەپلەرگە،ئىشخانىلارغا لەۋھە قىلىپ ئېسىپ قويۇپ دائىم كۆرۈپ تۇرۇشقا ئەرزىگۈدەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:51, Processed in 0.495579 second(s), 47 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش