| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، بايقاش مۇنبىرىگە خېلى ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ئەزا بۇلۇپ كىرگىلى تېخى بىر نەچچە كۈنلا بوپتۇ، ھەممىڭلارغا قېرىندىشىڭلار ئەقىدەدىن سالام~!..ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشىڭلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم مۇنبەردىكى قايسى قېرىندىشىمىزدا ئېلىپبە كىتاپنىڭ 1983-يىلىدىكى نۇسخسى يەنى بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئوقۇپ چوڭ بولغان غۇنچەم ھىكايىسى بار ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى باردۇ؟ جىددى ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالدىم..ئەگەر بار بۇلۇپ قالسا ئاۋارىچىلىق ھىس قىلماي ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلا؟!!! يەنە بىرئىلتىماسىم، مۇنبەردىكى پېشقەدەم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن قانداق قىلغاندا ئانا تىل ساۋادىنى تىز سۈرئەتتە تولۇق چىقارغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن.بەلكىم قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا مەخسۇس ساۋات چىقىرىش كۇرس ئاچىدىغانلارمۇ باردۇ، ئۆزەڭلارنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر ئىككى ئېغىز مەسلىھەت بەرسەڭلا! قانداق قىلسام ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىتالايمەن؟ قايسى ئۇسۇلنى قوللانسام تىز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك ساۋادىنى چىقارغىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقىلى توپتوغرا 3يىل بولدى. بۇ3 يىل جەريانىدا ئىزچىل ھالدا ماتىماتىكا ،خەنزۇتىلى قاتارلىق پەنلەرنى بىرىپ كەلگەن. مەكتىۋىمىز قوش تىللىق مەكتەپ يەنە ئانا تىل -ئەدەبىياتىدىن باشقا بارلىق دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ. بۇ يىل بىر قىسىم مۇئەللىملەر تەربىلىنىشكە كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچى يىتىشمەي 3-يىللىققا سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم ھەمدە ماتىماتىكا، ئانا تىل-ئەدەبىياتى قاتارلىق بىر نەچچە پەنلەرنى ئۆتۈش ۋەزىپىسى زىممەمگە يۈكلەندى. مىنى ئەڭ بەك ھەيران قالدۇرغىنى سىنىپمدىكى 46 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 22نەپەر ئوقۇغۇچى ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋاتكەن.16نەپىرى تۇلۇق ساۋاتسىز( بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بوغۇملارنى ئوقۇيالايدۇ).6نەپىرى چالاساۋاتكەن. يەنە كىلىپ بۇ بىر ھەپتىنىڭ ياقى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش جەريانىدا مەن ئويلىغان ساۋادى تولۇق چىقتى دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىدىن بىر نەچچىسى خەتنى ئوڭ تەرەپتىن بىر باشلىۋالسا قۇر تۈگىگىچە ئۈزمەي يازىدىغان،ياكى قۇشۇپ يىزىشقا تىگىشلىك خەتلەرنى قۇشۇپ يازمايدىغان ئەھۋااللار كۆرىلىۋاتىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقىلى تېخى بىر ئايلا بولدى خىزمەت ھالىتىگە ئەمدىلەتىن كىرىشىپ تۈگىمەيدىغان باھالاشلارنى ئۇزىتىپ دىققىتىمنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا قويغان ۋاقتىمدا بۇ ھالەت مىنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قۇيىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئانا تىل ساۋادى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا دەرسلەردىمۇ ئوخشاشلا يىتىشەلمەيدىكەن. سىنىپنىڭ ئومۇمى ئۆگىنىش كەيپىياتىمۇ شۇنداق تۆۋەن. تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرسام يەنە شۇ ئۇقىدىغان بىر نەچچىسى ئىشلەپلا كىلىدۇ... بېشىم قېتىپلا كەتتى.. بۇ بىر ھەپتە قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ھەر كۈن سائەت 4دىن باشلاپ4دىن 40مىنۇت ئۆتكىچە بالىلارغا ئېلىپبەدىن دەرس ئۆتۈش قارارىغا كەلدىم ... قىشلىق تەتىلگىچە ھىچ بولمىغاندا 8 ئوقۇغۇچىمنىڭ بولسىمۇ ساۋادىنى چىقىرالىسام بەك ياخشى بولاتتى. تۆۋەن يىللىقلارنىڭ ئېلىپبە كىتاۋىنى كۆرگەن ئەمما نىمە ئۈچۈنكىن بۇ ماتىرىيالنى ئانچە ياقتۇرماي قالدىم يەنىلا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كونا ئېلىپبە كىتاپ ئاساندەك تۇيۇلدى ماڭا. ئالدى بىلەن كىتاپنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخسىنى كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قولىغا كىتاپ شەكىلىدە تۈپلەپ تارقىتىپ ئاندىن مۇشۇ كىتاپتىن دەرس ئۆتەيمىكىن دىگەن ئۈمىدتىمەن..شۇڭا مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ كىتاپنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىپ بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن،ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلە~~! ئاندىن قانداق قىلسام تىز سۈرئەتتە،ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ساۋادىنى چىقىرالايمەن؟ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايمەن؟ ئۇستازلار مەسلىھەت بەرسەڭلا؟؟؟
|
|