| ھىسام چاقچاقلىرى
ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىسامكام مەسچىتنىڭ ۋەخپە ئۆيلىرىدىن بىرىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپتۇ ۋە نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ۋەخپە باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىنىڭ يېنىغا بېرىپ: -تەقسىر ، بىز تۇرغان ئۆي چاتاق ئىكەن، تۇرۇسىغا ياپقان قومۇشلار ئېچىلىپ كېتىپتىكەن، شامالدا شىلدىرلاپ كېچىچە ئۇخلاتمايدۇ، يامغۇر ياغسا تېخى يامان...دەپ بولغۇچە ھىسامنىڭ گەپدانلىقىنى بىلىدىغان مۆتىۋەللى چاقچاق قىلىپ-: قورقما ھىسامكا، شىلدىرلىغىنى تەسبىھ ئېيتقىنى، يامغۇر ئۆتكىنى ئېرىپ ياش تۆككىنى، مەسچىتنىڭ ئۆيى دىگەن شۇ:ـ دەپتۇ. ـ ئۆينىڭ دەرۋىش سۈپەتلىكىدىن گۇمانىم يوق :ـ دەپتۇ ھىسامكاممۇ:ـ بىراق زىكرىگە چۈشكەندە بېشى قېيىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ چۈشسە، ئۇششاق بالىلار بىلەن مېنىڭ ھالىم خاراپتە! ---------------------------------------------- ھىسامكامنىڭ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۈرۈمچىدە ئىشى ئاقماي غۇلجىدىن ئۇنى-بۇنى ماڭدۇرۇپ بېرىڭلار دەپ ئۆگىنىپ قالغان بىرسى ھىسامكامنى ئىزدەپ كەپتۇ ۋە: ـ ھىسامكا، ئۆيۈمدىكىلەرگە ئېيتقىن، مېنى بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، نەپىسى سىقىلىدۇ، قوللىرى قاتقان، پۇتلىرى دەرمانسىز، كۆزلىرى چەكچەيگەن، پېيى تارتىشقان، بېلى ئاغرىيدۇ، مەيدىسى تاشتەك قاتقان، يۈرىكى سوقمايدۇ... دەپ بولغۇچە ھىسامكام گەپنى ئۈزۈپتۇ: ـ ئۇكا، مەن قېرىپ قالدىم، بۇنداق جىق گەپنى يادىمدا تۇتۇپ بولالمايمەنكە...ئەڭ ياخشىسى سېنى ئۆلۈپتۇ دەپلا قويايچۇ... ---------------------------------------------- بىر كۈنى ھىسامكام تاشلەپكىدە قاتتىق ئىچىۋېلىپ بازارنى بېشىغا كىيىپ ئالا-تاغىل توۋلاپتۇ: ـ ھىچقايسىڭدىن قورقمايمەن، نوچى بولساڭ كەل، قاندىقىڭ كەلسەڭ مىجىقىڭنى چىقىرىمەن بۈگۈن... قاراقچى بولساڭما كەل، لۈكچەك بولساڭما كەل، ساقچى بولساڭما كەل ھەممەڭنى قوشۇپ دەسسەيمەن... دەل شۇ چاغدا بىرى ھىسامكامنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپتۇ: ـ ھە نىمىش قىلىۋاتىسىلە بۇ يەردە! ھىسامكام بۇرۇلۇپ قارىسا بازارلىق ساقچىخانىدىكى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان جاۋ جىڭسا دىگەن بىرى ئىكەن. چۆچۈپ كەتكەن ھىسامكامنىڭ ئاغزىغا دەرھال شۇ گەپ كەپتۇ: ـ ئا دۈيبۇچى، دۈيبۇچى، خوتۇن بازارغا قاراچايغا ئەۋەتكەنتى... ------------------------------------------------- ھىسامكام ساتراچخانىغا كىرىپ چاچ ئالدۇرۇپتۇ، ئەمما ساتىراچنىڭ ئۇستىرىسى بەك گال بولغاچقا بېشى ئاغرىپ كېتىپتۇ دە لېكىن چىداپ چىشلىرىنى مەھكەم چىشلەپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ساتراش چاچنى ئېلىپ بولۇپ پەخىرلىنىپتۇ: ـ يا ئاللا ھىسامكا، خوشيېقىپ ئۇخلاپلا كەتتىڭغۇ، زادى بۇ ئۇستىرا بەك ئىتتىكچۇ... ـ بۇنى بىر دىمە ئۇكاـ: دەپتۇ ھىسامكام:ـ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە بېشىم بىر توڭ كاۋىغا ئايلىنىپتۇدەك، بىر ئېشەك كېلىپ بۇ توڭ كاۋىنى غاجىلاۋاتقۇدەك، ئېشەكنى مىنىپ سەن كېلىۋاتقۇدەكسەن، ئەمدى قارىسام شۇ ئېشەك دەل مۇشۇ ئىتتىك ئۇستراڭ ئىكەن ئەمەسمۇ.... ------------------------------------------------ ھىسامكام قاسساپتىن ئۇستىخان ئېلىۋاتسا بىر دوستى كېلىپ چاقچاق قىلىپتۇ: ـ ھە ھىسامكا، قېرىپ ئاغزىڭدا چىش قالمىغاندا ئۇستىخان ئېلىۋاپسە، قانداق غاجايسەن؟ - ھەي ئۇكا، دەپتۇ ھىسامكام:ـ بۈگۈنكى زاماننىڭ قاسساپلىرى غاجىغۇدەك گۆش قويامدۇ دەيسەن، ھەممىنى قىرىۋالىدۇ، بۇنىڭغا چىشنىڭ ھاجىتى يوق، قاينىتىپ، يالاپ تاشلىۋېتىمىز....غاجاش سەندەكلەرگە قالىدۇ... |
|