baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 2354|ئىنكاس: 30

ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇمۇ؟

ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتىمۇ؟ ئۇنداقتا سىز ئوقۇتقۇچىغا قانداق مۇئامىلىدە بولدىڭىز؟ بالىڭىز يىغلاپ كېلىپ ئەھۋالنى دىگەندىن كېيىن ئاچچىغىڭىزغا ھاي بېرەلمەي، مەكتەپكە بېرىپ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، كىتاپ-ماتىرياللىرىنى چېچىپ تامغا نەچچىنى ئۈستۈرۈپ ئۆچىڭىزنى راسا ئالغانسىز ھەقاچان. بىچارە ئوقۇتقۇچى قول ياندۇرۇش تۈگۈل بوكۇسچىنىڭ سامان تىققان تاغىرىدەك تۇرۇپ بەرگەندۇ؟ نىمە سىزئۇنداق قىلمىدىڭىزما؟
ھەقاچان سىلەرنىڭ ئۇ يۇرۇتلار تەرەققى قىلغان، ئادەملىرى ئاڭلىق يۇرت بولغاچقا ئۇ يەرلەردە ئۇنداق ئىش يوق ئوخشايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە بولسا ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ قويغان مۇئەللىمنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغانلىقىنى قەدەمدە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھەم مۇئەللىم بالىمىزنى ئۇرۇش تۈگۈل، قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويسىمۇ جەددى جەمەتىمىز بويىچە يىغىلىپ بېرىپ بالىمىزغا قاتتىق گەپ قىلغان مۇئەللىمنى تازائۇرۇپ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىدىغان ئىشلار مودا بولۇپ كەتتى.
ئەگەر سىزبالىڭىزنى ئۇرغان ھېلىقى مۇئەللىمنى مەكتەپكە ئىزدەپ بارماي، بالىڭىزغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى ئاڭلاش لازىملىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىگەن بولسىڭىز، ياخشى قىلىپسىز. سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلىڭىز بار ئىكەن. سىزگە بارىكاللا!
بىزئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ بالىسى توغرىلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. گېزىت ژورناللاردىنمۇ كۆرىمىز. بۇ ھەقتە ئەلكۈيى تورىدىمۇ Esir دىگەن تورداشنىڭ « ئوقۇتقۇچىنىڭ ھامىيسى كىم»دىگەن يازمىسى ئېلان قىلىنىپ، كۆپ غۇل-غۇلا قوزغىدى.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشى قارىماققا توغرىدەك، ئۆز بالىسىغا كۆيۈنگەندەك تەسىر بەرسىمۇ لېكىن بۇنداق پۇزۇتسىيە تۈپتىن خاتا پۇزۇتسىيە بولۇپ، بالىغا نىسپەتەن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى خاتا، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما ھىچقاچان بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سەۋەپسىز ئۇرمايدۇ. ئۇرمىسىمۇ بولىدىغان، پەقەت تەربىيە ئارقىلىق ياخشىلىنىپ كېتىدىغان مەسىلىلەردە ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىدىغان ناچار ئۇسۇلنى قوللانمايدۇ. تەن جازاسى بەرگەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ھىچقاچان دۇشمەنلىك، زەھەرخەندىلىك نەزىرى بىلەن ئۇرمايدۇ. پەقەت ئوقۇغۇچىغا نىسپەتەن ياخشى بولسۇن، ئىبرەت ئالسۇن، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىسۇن دىگەن نەزەردە ئۇرىدۇ. مەخسىتى تامامەن جازا بېرىلگەن ئوقۇغۇچىنى يامان يولدىن قايتۇرىۋېلىش بولۇپ، تىگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئەقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىدۇ. پەقەت ئۇسۇل جەھەتتە تەن جازاسىدىن ئىبارەت قوپال ئۇسۇلنى قوللۇنىدۇ. خاتالىق دىسە مانا مۇشۇ تەن جازاسى بېرىش ئۇسۇلىنى خاتالىق دىسەبولىدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتالىقىدىن كۆيۈنىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بەلكىم ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىرنەچچە قېتىم چىرايلىق تەربىيە ئىشلەپ، ئاڭلىمىسا يەنە قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەپمۇ ئاڭلىتالماي، ئاندىن ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىشكە مەجبۇربولغان بولۇشى مۈمكىن. ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ. ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ياخشى ئادەم بولسۇن دەپ ئۇرسا، بالىڭىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ مۇئەللىم ئۇردى دىگەن بىر مۇنچە يالغان ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشەنسىڭىز، ئەھۋالنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى ئاڭقارمايلا مۇئەللىم بىلەن جىدەل قىلسىڭىز، بۇ يەردىكى خاتالىق كىمدە بولىدۇ؟ بالىڭىزنىڭ يامان يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىنى قوللىغان بولۇپ قالمامسىز؟ سىز «بالامنى ئۇرغۇچە چىرايلىق تەربىيە بەرسە بولمامدۇ؟» دەيسىز، بالىڭىزغا نەچچە مىڭ قېتىم، قانچە-قانچىلاپ، زىرىكمەي –تىرىكمەي تەربىيە بەرگەندە سىز بارمىتىڭىز؟ ياكى بالىڭىزنىڭ بىرەر ساۋاقدىشىدىن مۇئەللىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇرغانلىقىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەستايىدىل سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز يامانكەن، ناھاقچىلىققا زادىلاچىداپ تۇرالمايدىكەنسىز، خوپ. مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشتۇڭىز، ھەتتا ئۇردىڭىز، بىچارە مۇئەللىم سىزگە قول ياندۇرمىدى. سىز غالىپ ھىسسىيات بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تازا پۇخادىن چىقتىڭىز. ئەمما ئەتىسى بالىڭىز يەنە مەكتەپكە بارار؟ نىمە قىلالايىتتى دەمسىز؟ مەن سىزگە دەپ بېرەي. مۇئەللىم بالىڭىزنى ھىچنىمە قىلمايدۇ. ياخشى ئادەم بولۇڭ دىمەيدۇ. كېچىكتىڭ دىمەيدۇ. ئىنتىزام بۇزدۇڭ دىمەيدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ دىمەيدۇ. بالىلار بىلەن ئۇرۇشماڭ، ئىتتىپاق ئۆتۈڭ دىمەيدۇ. قىسقىسى بالىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ. خوش، قېنى قايسىسىغا تۇرىسىز؟ مۇئەللىمنىڭ بالىڭىزنى ئۇرۇشىغىمۇ ياكى بالىڭىزنى ئۇرغان مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشۇشقىمۇ؟ بالىڭىز مەكتەپ پۇتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ياخشىراق مۇئەللىمنى تېپىپ قايتا تەربىيەلەمسىز-يا؟ بىلىۋېلىڭ. جاھاندا ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ – بالا تەربىيەسى!

شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشىدىن ئىبارەت بۇنداق ساختا كۆيۇمچانلىق تۈپتىن خاتا بولۇپ، ئۆز بالىسىغا ئۆزى زىيانكەشلىك قىلىش خارەكتىرىدىكى تەتۈرلۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بايقاش ئەزاسى: قارابەگ يازمىسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-1-30 21:59:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە .
ۋاقتى: 2012-2-6 00:12:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يوللاپسىز!!!!!!!!!!!!!بارىكاللا!!!!بىر بىر ياخشى ئاتا _ ئانىلار تەربىيىسى بولۇپتۇ...............................................................
ۋاقتى: 2012-2-8 12:20:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ  ھەقىقەتەن كۈرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ!!!!!!!!!!
ۋاقتى: 2012-2-10 14:13:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى بالىنى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرش ئۇچۇن ئۇرمايدۇ. بالىسى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يىگەن بولسا ئەقلى بار ، پەرزەنتىنىڭ كەلگۇسىنى ئويلىغان كىشى بېرىپ مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتسا توغرا بولىدۇ.
ۋاقتى: 2012-3-1 21:01:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يول تۇسۇپ توپلىشىپ ئۇرۇشقىنىچۇ؟
ۋاقتى: 2012-3-2 10:05:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن! لىكىن شەھەردە يوق دەمسىز؟ يېزىدا دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئوقۇغان بىلەن شەھەردە ھازىر ئوغرى يانچۇقچى نامى پۇركەتكەن«كۇلىيچى»نىڭ بالىلىرى ئوقۇيدۇ. شۇڭا بىز مېيىپ بۇلۇپ قالماي خىزمىتىمىزنى قىلالىغانغا خوش بۇلۇپ يۈرىۋاتىمىز!!!!!!
ۋاقتى: 2012-3-11 14:07:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ ھەربىر ئاتا- ئانا بولغۇچى باللىرى مەكتەپتىن ئۆيگە ئۇقۇتقۇچى توغۇرسىدا داتلاپ كەلسە ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئۆز بالىسىدىن ئىزدەپ كۈرۈشى كېرەك .ئەلۋەتتە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى توغرا بۇلىۋىرىشى ناتايىن ،
ئەمما ئەھۋال ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن ئۇقۇتقۇچى بىلەن چىرايلىق سۆزلەشسىمۇ بولىدۇ .
ۋاقتى: 2012-3-14 17:55:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆيۈنۈشكە،قوغداشقا مۆھتاج ئاشۇنداق ئاتا- ئانىلار مەكتەپكە كىلىپ جدەل چىقارغاندا مەكتەپ مۇدىرى ،مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى قوغدىشى كېرەك.
ۋاقتى: 2012-3-14 22:35:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى تىمىكەن  بۇ، بارلىق ئاتا ئانىلار كۈرۈپ باقسا بۇلاتتىكەن ئەسلى، ئەپسۇس بۇنى بارلىق ئاتا ئانىلار كۈرەلمەيدۇدە، ئىسىت بىچارە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنىگە؟؟؟؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:14, Processed in 0.309199 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش