بۇ يازمىنى ئاخىرىدا amarniyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-18 19:19
تور دىسكىسىغا تىزىملىتىش ۋە ماتېريال ھەمبەھىرلەش ئۇسۇلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش مائارىپ تورىدىكى ئۇستازلار، كەسىپداشلار. ھەممەيلەننىڭ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى. بىرلىرىمىز پىشقەدەم، بىرلىرىمىز يېڭى. ئادەم ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ياردەم بىرىش بىلەن بىرگە يەنە بەزىدە ياردەمگە ئىھتىياجلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ. مەنمۇ بايقاش تورىغا ئەزا بولغاندىم بۇيان نۇرغۇنلىغان ياردەملەرگە ئىرىشتىم، بەزىدە باشقىلارغا ياردەممۇ قىلغان بولدۇم. ھازىرقى شارائىتتا ئۈزىمىزدە بار بولغان ماتېرياللاردىن باشقىلارنى بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن توردىن پايدىلىنىشنى بىلىشمۇ بىر مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. كۈپىنچە تورداشلار بۇنى بىلىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىملىرى تېخى بىلمەسلىكى مۇمكىن(بايقاش تورىغا ماتريال يوللىسا چۈشۈرۈش ئادىرسىنى چىقىرالمايۋاتقانلار شۇنىڭ ئىسپاتى). مەن بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم تور دىسكىسىغا تىزىملىتىش،ئۇنىڭدا ماتېريال ساقلاش ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغان ماتېرياللارنى تورغا چىقىرىش(ھەمبەھىرلەش) ئۇسۇلى. (ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ماتېرياللارنى بايقاش تورىغا يوللاش توغۇلۇق مەخسۇس تېما بار.) بايقاشقا تېما يوللاش دەرسلىكى: /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6113 تور دۇنياسىدا نۇرغۇن تور بەتلەر ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقسىز تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن. 360云盘 ، 百度云 ، 华为网盘 ... دىگەندەك. بىز مۇشۇلاردىن پايدىلىنىپ ماتېرياللىرىمىزنى توردا ساقلاش، خالىغان جايدا، خالىغان ۋاقىتتا ئېچىش، باشقىلارغا ئەۋتىش (تور بولسىلا) قاتارلىقلارنى بىۋاستە قىلغىلى بولىدۇ. (خۇددى يېنىڭىزدىن ئايرىمايدىغان بارماق دىسكىدەك) گەپنى جىق قىلىپ ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ ئولتۇرماي. نەخ گەپكىلا كىلەيلى. 1- تور دىسكىسىغا تىزىملىىتىش (پەقەت 百度云盘 نى ئىشلىتىش تۇنۇشتۇرۇلدى، باشقا تور دىسكىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئوخشاش) 1)تور كۆرگۈچنى قوزغىتىپ، 百度 نىڭ ئىزدەش رامكىسىغا رەسىمدىكىدەك تولدۇرىمىز ۋە ‹‹بەيدۇ بۇلۇت دىسكىسىغا تىزىملىتىش››نى باسمىز.

2)تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن جاينى چىكىمىز.
 3)ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى《立即注册百度账号》دىگەن خەتنى باسىمىز. http://img226.poco.cn/mypoco/myp ... 140318190600064.jpg
4)تۈۋەندىكى رەسىمنى تولدۇرىمىز.بۇ بىزنىڭ بەيدۇ بۇلۇت دىسكىمىزنىڭ نامى بولىدۇ. (ئىسىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن)  5) 《注册》نى باسساق تۈۋەندىكى رەسىمدىكى بەتكە كىرىدۇ . بۇ بەتتىكى كۆرسەتمە بۇيىچە ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنلىساق بۇلۇت دىسكىمىزنىڭ سىغىمى چۇڭىيىدۇ.
 بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ تىزىملاتقان نامىڭىز كومپيۇتېردا ئاپتۇماتىك ساقلىنىدۇ. باشقا كومپيۇتېردىمۇ 百度云盘 غا تىزىملاتقان نام ۋە مەخپىي نۇمۇر ئارقىلىق كىرىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 6) 百度云盘غا تىزىملىتىدىغان بەت ئادىرسى: http://pan.baidu.com/

2-تور دىسكىسىغا ماتېريال يوللاش ۋە ھەمبەھىرلەش 1)ئۆزىڭىزدە بار بولغان ماتېرياللارنى يوللاپ قويسىڭىز ئاپتۇماتىك ساقلىنىدۇ. ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن ئورۇننى بېسىپ ئۆزىڭىز يوللىماقچى بولغان ماتېريالنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولدى. يوللىماقچى بولغان ماتېريالىڭىزنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا بىردەم ساقلايسىز. دىققەت: يوللىماقچى بولغان ماتېريالىڭىزنى چوقۇم پىرىسلاپ (压缩) ئاندىن يوللاشقا دىققەت قىلىڭ. (يوللىماقچى بولغان ماتېريالنىڭ نامىنى خەنزۇچە ياكى پىنيىن يېزىقىدا يېزىڭ)

يوللىنىپ بولغان ماتېريال

2)ماتېرياللارنى ھەمبەھىرلەشنى تۈۋەندىكى رەسىمدىن كۈرۈڭ.



كۆچۈرگەن ئادرىسىنى سىز يازغان تېما ئاخرىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ بىر قاتار تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا تىگىشلىك جەريانلار بولغاچقا بىلەلمىگەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بىلىدىغانلارنىڭ قىممەتلىك كۆرسەتمە ۋە تۇلۇقلىما بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمەرنىياز ھەسەن 2014-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ دەرسلىكنىڭ ھۆججىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. http://pan.baidu.com/s/1ntv3ob3 ياكى 链接:http://pan.baidu.com/s/1pJwfgF5 密码:tx7b
|