بۇ يازمىنى ئاخىرىدا amarniyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-30 21:08
‹‹بىلىم ـــــ بىلكاندا›› خەنزۇچە سۆزلىشىش قۇرالى بىلىم بىلكاندا- خەنزۇچە سۆزلىشىش قورالى بولسا بىلكان شىركىتى خەلقىمىزنىڭ نەق ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈپ چىققان خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ئەپى بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىتتا پاراڭلىشىشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلۈك، جۈملىلەر ۋە گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. جۈملىلەرنى ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. جۈملە ئىچىدىكى خام خەتلەرنى تەكشۈرىدىغان لۇغەت ئىقتىدارى بار. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە سۆز، جۈملىلەرنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدىكى دوستلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
بۇ ئەپ بىلكان شىركىتىنىڭ ئاندىروئىد يانفۇنلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن ياساپ چىققان رۇزا ھېيتلىقى بولۇپ، خەنزۇچە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلارنىڭ ياخشى تاللىشى بۇلالايدىكەن. مەن باشقا بىر تور بەتتە كۆرۈپ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم. ھەقىقەتەن ياخشى لايىھىلىنىپتۇ. ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق پايدىلىنايلى. ئەسكەرتمە: بۇ ئەپ ھەقسىز. سودا مەقسىدىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە ئۇچۇرلارنى تۈۋەندىكى ئادرىستىن كۆرگەيسىلەر. http://bazar.bilkan.net/App.aspx?id=283
|