كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 4

ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى



ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۈزۈپ تارقاتقان ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەپ 20 دىن ئارتۇق چوڭ تۈر، 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ!

●ئەپ ئۇچۇرى
نامى: قامۇس
نەشرى: 1.0.0
باھاسى: ھەقسىز
ماس كېلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى: Android 4.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، iOS 6.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى
تارقاتقان ئورۇن: ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئورگان توربېكىتى: http://www.Tilsim.com.cn/Qamus

●ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
مەزمۇنلار سەرخىل: مىللەت، بىرلىك، شەخس، ئىقتىساد، تەشكىلات، تەنتەربىيە، قانۇن-نىزام، دۇنيادىكى ئەڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر ئويۇنلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالە، يۈز مەشھۇر شەخس، يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن، قاتناش ۋاسىتىلىرى... قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تۈر بويىچە 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇن بېرىلگەن.
ھەمبەھىر قىلالايسىز: مەزمۇنلارنى ۋېيشىن(ئۈندىدار) دىكى دوستلار چەمبىرىكىگە ۋە دوستلىرىڭىزغا چەكلىمىسىز يوللىيالايسىز، ئەپنى قاچىلىمىغان دوستلىرىڭىزمۇ سەرخىل مەزمۇنلاردىن چەكلىمىسىز پايدىلىنالايدۇ.
ئادىتىڭىز بويىچە تەڭشىيەلەيسىز: مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى، مەسىلەن: خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى ۋە توردىن رەسىم چۈشۈرۈش شەكلى قاتارلىقلارنى ئادىتىڭىز بويىچە بېكىتەلەيسىز.
كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم: كۆرۈنمە يۈزى ھازىرقى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇۋاتقان «ياپىلاق ئۇسلۇب» بويىچە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ.
مەزمۇنلارنى ساقلىۋالالايسىز: قىسقۇچ تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقلىۋالالايسىز.

ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

http://www.Tilsim.com.cn

مەنبە: ئىزدىنىش تورى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-26 13:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، رەھمەت داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
ۋاقتى: 2014-7-26 15:01:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، قىرىندىشىم قانداق چۈشۈردىكەنمىز؟؟؟
ۋاقتى: 2014-7-26 15:03:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ،رەھمەت . داۋاملىق يوللاپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرەايسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 17:38:48يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NAZAR_XAH يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 15:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، قىرىندىشىم قانداق چۈشۈردىكەنمىز؟ ...

تېما تىكىستى ئارىسىدىكى ئورگان تور بېتى دىگەن خەت ئاستىدىكى  ئۇلانمىنى چەكسىڭىز بىۋاستە چۈشۈرۈش بېتىگە كىرەلەيسىز. ئاندىروئىد يانفۇن نۇسخسى پۈتۈپتۇ. مەن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم، ھەقىقەتەن كەڭ مەزمۇنلۇق تەييارلىنىپتۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش