| جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى& [! i: H R( E5 g* y# m, A 中华人民共和国宪法/ A7 p, k+ y: n8 e; B3 E5 g ! d6 h1 H% S9 b! @4 D7 \4 l (1982- يىل 12-ئاينىڭ 4- كۇنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىداماقۇللانغان 1982- يىل 12- ئاينىڭ 4- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقاجاكارلانغان 1988- يىل 4- ئاينىڭ 12- كۈنى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتلمىسى»، 1993- يىل 3- ئاينىڭ 29- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتلمىسى»، 1999- يىل 3- ئاينىڭ 15- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ۋە 2004- يىل 3- ئاينىڭ 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىداماقۇللانغان«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن) 1- باب ئومۇمىي پروگرامما 1- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى- دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دېكتاتورىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت سوتسىيالىستىك تۈزۈم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تۈپ تۈزۈمى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇزۇغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ.* {3 ?/ w4 X1 ?7 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر. خەلق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى،جامائەت ئىشلىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ.% I9 Y {& x) 3- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.9 o& i2 c5 r) Q& A A+ ]: Q مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.* ~ q1 n( s3 b, a; I2 J i دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتايلىرى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن جايلاردىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقوقى مەركەنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە جايلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئايرىلىدۇ. 4- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەممە مىللەت بابباراۋەر. دۆلەت ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىدۇ.# g* [- l# V& K! f3 y( q دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتۇنۇمىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقوقى يۈرگۈزۈلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.; w P" K, n' vمىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. 5- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرىدۇ دۆلەت سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.+ n. Z2 J+ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى لازىم.7 w, x# h/ X; U. U; ^. D, y بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەر قايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەر سۈرۈشتۈرۈلىشى شەرت. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىپ، ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.# X* ~" C' ~6 f6 z- X3 E 6- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىي _ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدۇر. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلغان بولىدۇ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ.0 A" y: P( a$ S$ Y 7- ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىك يەنى يەنى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك – خەلق ئىگىلىكىدە يېتەكچى كۈچ. دۆلەت دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 8- ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتلاردا ئائىلىلەر بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارماق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات – سودا، ئامانەت - قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كوپىراتىسىيە ئىگىلىكلىرى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر. يېزاىلاردىكى كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ، ئائىلە قوشۇمچە كەسپىنى باشقۇرۇش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە. شەھەر – بازارلاردىكى قول سانائەت، سانائەت، بىناكارلىق،ترانسپورت، سودا، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلىدىكى كوپىراتسىيە ئىگىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر., q% F4 M r- L دۆلەت شەھەر ۋە يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئتىنى قوغدايدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. 9- ماددا كان بايلىقى، سۇ، ئورمان، تاغ، يايلاق،بوز يەر، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت مۈلكى يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلكى بولىدۇ؛ قانۇندا كوللېكتىپ مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان ۋە تاغ، يايلاق، بوزيەر، ساھىل بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.. q3 Z4 q+ x* N6 ~ U3 E دۆلەت تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەرتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشىكلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلدۇ.7 o) P7 m5 d# p* `1 F5 10- ماددا شەھەرلەردىكى يەرلەر دۆلەت مۈلكى بولىدۇ. يېزىلاردىكى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىكى يەرلەرنىڭ قانۇندا دۆلەت مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ؛ ئۆي ئورنى ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغلارمۇ كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ. دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى سېتىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ يەرلەر نى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش – سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەرلەدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. يەر ئىشلەتكۈچى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى لازىم.% J7 t) 11- ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومومىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەر سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.5 r دۆلەت يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگلىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ھەم مەدەت بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ." \: i4 T- ~: 12- ماددا سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسزدۇر.6 `7 P$ J/ X+ r( S) دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلكىنى ھەر قانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلىدۇ.' 13- ماددا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلكى دەخلىسزدۇر. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ. 14- ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ۋە كارخانا باشقۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرلۈك شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت جۇغلانما بىلەن ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا خەلقنىڭ ماددى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلايدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.6 A/ k& Y2 ?8 h 15- ماددا دۆلەت سوتىسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ.9 m4 z7 L3 t" G1 b( L6 دۆلەت ئىقتىسادىي قانۇن چىقىرىش ئىشىنى كۈچەيتىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دۆلەت ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىدۇ. 16- ماددا دۆلەت كارخانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.% k" n. t+ I( z1 {) N: ^ دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلمە بويىچە، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىىي ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.& `& n$ {8 T' ~! A; ^) ` 17- ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇنلارغا رىئايە قىلش شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بويىچە باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى بەلگىلەيدۇ. c) W. |1 E$ E d' ] 18- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەل كارخانلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلە رنىڭ جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا، جۇڭگو كارخانلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەرخىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بىلەن قوغدىلىدۇ. 19-ماددا دۆلەت سوتىسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ. دۆلەت ھەرخىل مەكتەپلەرنى ئېچىپ، باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپ، كەسىپى مائارىپى ۋە ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ.7 }: \0 U$ F8 I' K6 {( T* v1 o- q دۆلەت ھەرخىل مائارىپ مۇئەسسەسىلىرىنى كۆپەيتىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشچىلارنى، دېھقانلارنى،دۆلەت خادىملىرىنى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى سىياسىي، مەدەنىيەت،ئىلىم – پەن، تېخنىكا ۋە كەسپىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەيدۇ،ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ كامالەت تېپىشقا ئىلھام بېرىدۇ.5 G: C4 R/ [+ [& Y دۆلەت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ., R) ]" J y% k& t دۆلەت مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. 20- ماددا دۆلەت تەبئىي پەن ۋە ئىجىتمائىي پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىجادىيەت – كەشپىياتلارنى مۇكاپاتلايدۇ.3 t1 {( f7 f+ w 21- ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى، ھازىرقى زامان تىبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزىلاردىكى كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسىپى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مەھەللە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرخىل داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايدۇ.# k. z$ o8 e+ g+ @! x0 i! x" V دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.- q' j# Q# a5 K( R/ Y 22- ماددا دۆلەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى، ئاخبارات، رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى،نەشرىياتچىلىق، كىتاب تارقىتىش ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. دۆلەت مەشھۇر يادىكارلىقلارنى، قىممەتلىك ئاسار ئەتىقىلەرنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيى مىراسلارنى قوغدايدۇ.& q8 o) @+ p# V3 g0 Q- t$ P 23- ماددا دۆلەت سوتىسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرخىل ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتشتۈرۈپ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. 24- ماددا دۆلەت غايە تەربىيىسى،ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئارقىلىق،شەھەر – يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەرخىل قائىدە، ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.9 E0 S+ t/ v( m N دۆلەت ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، پەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق تەربىيىسى ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزملىق، كوممۇنىستىك تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئوداللىق چىرىك ئىدىيىگە ۋەباشقا چىرىك ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرىدۇ. 25- ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ. 26- ماددا دۆلەت تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجىتمائىي زىيانداشلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تىزگىنلەيدۇ.; l+ دۆلەت كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. 27- ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پرىنسپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ. 0 w, E- بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت. 28-ماددا دۆلەت جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايى ھەركەتلەرنى باستۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان،سوتىسىيالىسىتك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جازالايدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ./ 29- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش. d2 |0 Q* ~5 b دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ., K( w" `9 a) P% m 30- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەمۇرىي رايۇنلارنىڭ بۆلۈنۈشى مۇنداق بولىدۇ:+ s8 (1) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ؛ (2) ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ؛ (3) ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرنى يېزا، مىللىي يېزا،بازالارغا بۆلۈنىدۇ.7 m9 U4 z0 j! n ?/ بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون، ناھىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسى مىللى ئاپتونوم جايلاردۇر. 31- ماددا دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قۇيۇلىدىغان تۈزۈملەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇن ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.# ?! n5 O# v* p+ j 32- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي سەۋەپ بىلەن پاناھ تىلگەن چەت ئەللىكلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىدۇ. 2- باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى3 |9 B8 U' M2 M3 O) w( Y( p 33- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەكىلىدە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر.: V0 y/ E6 V8 g2 R7 g; w% | جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر. دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. - U! ]' _& |7 z( O3 ھەر قانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت. 34- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18 گە تولغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنىسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم سەۋىيىسى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا." }# ^# Y b9 u# b( ` 35- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. 36- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنىنىڭ،جامائەت تەشكىلاتى ۋەشەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالانىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 2 b9 R0 |) P4 z) T# ?( z. M( P$ h دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىقا يول قويۇلمايدۇ. $ Q8 W- H2 W0 N" {% i6 K دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ. S0 w3 H* L& \' f, ~ 37- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرلالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى دەخلىسىزدۇر. ! w ھەر قانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەستىقىسىز ياكى قارارسىز ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارسىز ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قۇيۇش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللاربىلەن جىسمانى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.5 l) ? `) l$ {$ _ 38- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ كىشلىك ئىززىتى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.# u. @" B) V2 V" {4 r) \ 39- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئۆي - جايى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 40- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەت –ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى تەپتىش ئورگانلىرى خەت – ئالاقىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ھەر قانداق باھانە بىلەن پۇقرالارنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنلىكىگە ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتىگە دەخلى – تەزۇز يەتكۇزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.. o; O% x y; D0 D# n/ X 41- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمى ئۈستىدىن تەنقىد ۋەتەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئاداقىلماسلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پاكىت ئويدۇرۇش ياكى پاكىتنى بۇرمىلاش يولى بىلەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ! I8 E4 X0 v$ M6 @" D$ N) y مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار شىكايەت قىلغان، ئەرز قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. ھەر قانداق كىشىنىڭ بېسم ئىشلىتىشىگەۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىقا يول قويۇلمايدۇ.+ r ~/ A- e: ?) N! {+ h; d6 C پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ دەخلى – تەرۇزىغا ئۇچراپ زىيان تارتقانلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.7 A6 G% a- F/ E 42- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن شارائىت يارىتىدۇ، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخىشىلايدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا ئەمگەك ھەققىنى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ. ) g6 l; ]0 |/ ]/ f ئەمگەك قىلىش – ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەممە پۇقرانىڭ شەرەپلىك بۇرچى. دۆلەت كارخانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر – يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە خىزمەت ئىلغارلىرىنى مۇكاپاتلايدۇ. % W6 @! H( u5 y9 ` دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.+ P' M3 N4 b/ دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تېگىشلىك دەرىجىدە تەربىيىلەيدۇ. 43- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەكچىلىرى دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت ئەمگەكچىلەر دەم ئالىدىغان ۋە كۈتۈنىدىغان مۇئەسسەسىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ۋە ئېلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ.# L3 C* F {! ]7 \: [" Q$ t 44- ماددا دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، كارخانا تەشىكلاتلىرىنىڭ، كەسپىي تەشىكىلاتلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى پېنسىيىگە چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا دۆلەت ۋە جەمئىيەت كاپالەتلىك قىلىدۇ. 45- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قېرىغاندا، كېسەل بولغاندا ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا، دۆلەتتىن ۋە جەمئىيەتتىن ماددى ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. 6 x p& s9 b( ? دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىباربېرىدۇ. دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەما، گاس، گاچا، ۋە باشقا مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشقا، تۇرمۇشىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشىقا ۋە بىلىم ئىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 46- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. . دۆلەت ياشلارنى، ئۆسمۈرلەرنى ۋە بالىلارنى تەربىيىلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ.+ H5 @0 K9 W/ _* D 47- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دۆلەت مائارىپ، ئىلىم – پەن، تېخىنكا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پۇقرالارنىڭ خەلققە پايدىلىق ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.% f/ |2 |3 @* 48- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللىرى سياسىي، ئىقتىسادىي،مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ھايات ساھالىرى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئەرلەربىلەن تەڭ ھوقۇققا ئىگە. دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى يولغا قويىدۇ، ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ. 49- ماددا نىكاھ، ئائىلە، ئانىلار ۋە بالىلار دۆلەت تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. " X3 w0 ئەر بىلەن خوتۇننىڭ پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بار. # u4 }7 S% G0 e) S7 \9 ئاتا – ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار، قۇرامىغا يەتكەن بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. نىكاھ ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ،قېرىلارنى،ئاياللارنى ۋە بالىلارنى خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ.$ {# u( y3 I4 {1 Y- z 50- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 51- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغاندا، دۆلەتنىڭ، جەمىئيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.2 m; ~3 O* X5 `% P5 a, M4 X5 K 52- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. 53- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئاريە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، جامائەت مۈلكىنى ئاسرىشى، ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى شەرت." A& C' ?! X 54- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى،شان – شۆھرىتىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىگە، شان – شۆھرىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك./ B0 M: B, y" V! d9 q4 55- ماددا ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكىرى تەشىكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى. 56- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار.( s+ d# y. T! X2 X 3- باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى8 r" R0 l, R5 z8 m 1- پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 57- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭ دائىمىي ئورگىنىدۇر. 58- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. 59- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار ۋە ئارمىيە سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.3 T$ n& d# g9 H& s' p7 d مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.7 V7 B" @/ }* g3 z3 n6 g( B, r; A مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 60- ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم. ئەگەر سايلام ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سايلامنى كېچىكتۈرۈپ، شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتىنى ئۇزاتسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم. 61- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ قويسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى قەرەلسىز چاقىرىشقا بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەت رىياسەت سايلايدۇ.3 g5 F/ X( S3 E9 i2 k; d 62- ماددا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛ (2) ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا نازارەتلىك قىلىدۇ؛ (3) جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىزگۈزىدۇ؛ (4) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىيىنىڭ رەئىسىنى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلايدۇ؛6 E' ^' Q, H3 (5) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛) n" X! V1 v% B9 V/ U گوۋۇيۈن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ،مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ (6 ) مەركىزىي ھەربىي كومتېتنىڭ رەئىسىنى سايلايدۇ؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ (7) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ؛! X, e2 {$ T5 [9 A (8) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ؛$ E% G: a1 l, a- P! (9) خەلق ئىگلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، پىلاننىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛5 T. T; g' A M9 F" o b! H1 d4 f (10) دۆلەتنىڭ خام چوتىنى ۋە خام چوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ (11) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛% L" q6 ]; ^. Z6 L$ W+ V0 L (12) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلايدۇ؛+ E: (13) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛% w3 Y& b% d# \) k* q' ]# N& S# A0 E (14) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛9 K# V% Q Y! Q4 V (15) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 63-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق D! N; N3 ?, j! z (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى؛: {% E2 q. J2 o6 ]# I (2) گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ؛ (3) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار؛( K6 N% o- Q, {% u* X/ J8 |" n( ^ (4) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى 64- ماددا ئاساسىي قانۇنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ تەكلىپى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. قانۇنلار ۋە باشقا تەكلىپلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.$ K5 O0 L: A' W 65- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ: كومىتېت باشلىقى،# j$ G$ @# k5 i; D/ @) `" h مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى،" u- I5 e/ k/ t, x" G3 e4 p باش كاتىپ،# d8 `5 Y5 u6 z: e2 u كومىتېت ئەزالىرى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.8 O4 O7 E- q( {. r مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.& ]8 x7 h4 I, مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك. 66- ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتى سايلانغىچە يۈرگۈزىدۇ.8 L: t: F, x/ T! ~* a, }4 ? كومىتېت باشلىقىنڭ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 67- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:/ B& `' ]2 z6 {" u, v9 _% \2 L (1) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلايدۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛% R (2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛) D- x. e C; a! k9 g, B (3) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك؛ (4) قانۇنلارنى ئىزاھلايدۇ؛ (5) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيىى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ، دۆلەت خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك قىسمەن تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھىلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ (6) گوۋۇيۈەننىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتلىك قىلىدۇ؛ (7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ. (8) ئۆلكلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋەقارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ (9) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشىنڭ، باش كاتىپىنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛- |! u. V$ N: K7 ` (10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە،مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ (11) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، سوتچىلىرىنى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ؛( V2 ~; o, y x9 g# g Y1 (12) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتشلىرىنى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ؛ (13) چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ (14) چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلەرنى ۋە مۇھىم كېلىشمىلەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛$ f: o+ C8 |+ \% r l (15) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىك خادىملارغا خاس ئۇنۋان تۈزۈمىنى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەيدۇ؛( v& A! P- O+ h7 q7 y (16) دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ (17) ئالاھىدە كەچۈرۈم توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ (18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛3 T7 J% w2 X; (19) مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش توغرىسىداقارار چىقىرىدۇ؛. \7 p& ]/ S" F7 _9 h, g2 b8 s. Y (20) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛6 s1 l J& j5 C6 d6 f: w# z; d (21) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 68- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن كومىتېت باشلىقلىرى كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.9 L# r3 R8 V" C( `1 u0 Y 69- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.2 |! u- e4 X. V. w; D 70- مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنى، قانۇن كومىتېتىنى، مالىيە _ ئىقتىساد كومىېتىنى، مائارىپ، ئىلىم _پەن، مەدەنىيەت،سەھىيە كومىتېتىنى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە تەسىس قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تۈزىدۇ.- [2 R5 a" J; N( @3 F 71- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا، ئالاھىدە مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەممە ئالاقىداردۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ ھەيئەتنى زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.* 72- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق. 73- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مىنستىرلىكلىرىگە، كومىتېتلىرىغا سوئال قۇيۇشقا ھوقۇقلۇق. سوئال قۇيۇلغان ئورگارنلار سوئاللارغا مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشى لازىم.; ~+ s0 l" i; |0 i$ g- Y! v 74- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار سورىقىغا تارتىلمايدۇ. 75- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرخىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆز ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 76- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا نەمۇنلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى لازىم., g9 R1 C7 `% K' a( b9 d2 r) m5 C مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ پىكىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلشى لازىم.- }6 L0 f* Q; f( b: Q 77- ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 78-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت تەرتىپى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 2- پاراگراف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى8 H' i6 L" t) o! e+ d- z4 v; ]! [ 79-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 45 ياشقا تولغان پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلىنالايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.9 c, I; @) f; Y2 I2 J 80- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئا ساسەن قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسىنى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنى، دۆلەت كومىسارلىرىنى، مىنىستىرلارنى، كومىتېت مۇدىرلىرىنى، باش مۇپەتتىشنى، باش كاتىپنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بېرىدۇ، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىدۇ، جىددىي ھالەتتە تۇرۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. 81- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە چاقىرىتىۋالىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ.# Z* b: I1 J9 n: ^6 A/ E 82- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.3 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رەئىسىنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.0 E7 Z w- [7 `- b K 83- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەلىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس خىزمەت تاپشۇرۇۋالغىچە يۈرگۈزىدۇ. 84- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مۇئاۋىن رەئىس رەئىسلىك ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ.8 q; q2 Y. p+ d3 \7 X' u- w جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ؛ تولۇقلاپ سايلىغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدۇ. 3- پاراگراف گوۋۇيۈەن$ g$ c8 B4 F% t. W5 P 85- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈەنى يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنىدۇر، دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. 86- ماددا گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ: زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، + }# w% t" V S3 y8 {3 t دۆلەت كومىسسارلىرى،" [* i( T$ P% Y# l! q$ n. w مىنستىرلار،/ T5 ~/ H# w5 i% L. Y2 k) O% ~$ C كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ.: Y5 z; R" m- _, n% m% p, x گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتىلاردا مىنىستىر،مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 87- ماددا گوۋويۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. زۇڭلىنىڭ، مۇئاۋىن زۇڭلىلارنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.% X; r7 I' i6 I5 y$ z! D 88- ماددا زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملشىدۇ. زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى ۋە باش كاتىپتىن گوۋويۈەن دائىمىي كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.4 t! `7 g' ^; ~: a! A7 k0 s' J* } زۇڭلى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى ۋە گوۋويۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ./ |6 T( H! n$ Q& N 89-ماددا گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ Z8 w0 }4 I( t (1) ئاساسيى قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ؛2 g& F0 n, l6 V$ H$ ^ (2)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىدۇ؛ (3) مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئولىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك مەمۇرىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ (4) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركەزدىكى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ؛ (5) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خام چوتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛3 {0 G2 @9 _. ^ (6) ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛ (7) مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛ (8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە تەپتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەم بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ؛ (9) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ؛ (10) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ؛ (11) مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛2 X2 i4 a7 k* [0 ?2 i (12) جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛" |: N2 X, E) o k9 H (13) مىنىستىرلىكلەر، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق،يوليۇرۇق ۋە نىزاملارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ (14) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛( C: ]& X5 L9 [, E' s. ]4 B (15) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگرىسىنى تەستقلايدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ؛ (16) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛2 v" v& (17) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛3 H6 J. b- \& t$ F$ X (18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 90- ماددا گوۋۇيۈە قارمىقىدىكى مىنىستىر لىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مىنىستىرلىك كېڭىشىنى ياكى كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىنى، كومىتېت كېڭىشىنى چاقىرىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلار قانۇنلارغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە بۇيرۇق، يوليۇرۇق ۋە نىزاملارنى چىقىرىدۇ 91- ماددا گوۋۇيۈەندە مۇپەتتىشلىك ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ئورگان گوۋۇيۈەن قارمىقىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدە، دۆلەتنىڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدىن مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك قىلىدۇ.6 i, M8 }! j) ~1 x مۇپەتتىشلىك ئورگىنى مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 92- ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.. U. B$ y4 s! [6 p, v4 T 4- پارگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت6 [% E/ A) j' W% C 93- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.; s7 [# L3 V! O1 q مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ: رەئىس، / l# ]- A- v; مۇئاۋىن رەئىسلەر،# @ ]% ?/ R& }3 ^- }4 b/ F7 l كومىتېت ئەزالىرى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۇمى يولغا قويۇلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. 94- ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.& W# E& F# `; H. x6 s 5- پاراگراف يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى5 ]% S% k- Y( a3 [( L 95- ماددا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.- M2 y+ Y8 Q) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردە ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 3- باب5-، 6- پاراگرافلىرىدا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپلار بويىچە قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.2 [8 u0 g0 o' O 96- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.3 v9 _* e6 g+ i. }0 o9 S( U ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ.0 h+ A& `5 s$ P8 ^) _, g 97- ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك،شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ.& i" G) c" e4 z يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 98- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.5 H5 m$ D$ D1 N0 w 99- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىدا ئاساسىي قانۇننىڭ، قانۇنلارنىڭ ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ۋە ئىجرا قىلىنشىقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پىلانىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرىدۇ ۋە قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ. 6 R3 A* g1 R4 k' S/ P& a ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ خەلق ئىگلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مىللىي يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.8 ]* n) x5 y' k! U% J" a0 y 100- ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى،ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا تاقاشتۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. 101- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئۆلكە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرىنى، شەھەر باشلىقى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرىنى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملارنى، رايون باشلىقى ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىنى،يېزا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرىنى، بازار باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازار باشلىقلىرىنى ئايرىم – ئايرىم سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق7 b) cfناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاشتا ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا، ئۇنى يۇقۇرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش لازىم.9 H7 F- |9 h% H 102- ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق،يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. a2 J( g7 i7 z/ \ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغان ئۇرۇنلار ۋە سايلىغۇچىلار ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسىمىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.) ~( P' M) S: d1 h: q& L% O2 F' I0 P 103- ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 9 _. n. d; ~1 k; O2 E* H4 g& s! B; u ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك.8 \; k$ H$ [7 H, h" Y7 S1 _( g+ s/ a 104- ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ھەر ساھەدىكى خىزمەتلىرىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلايدۇ.& q' Y, ] ]! v 105- ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى،شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى،مىللەتلەر ئىشلىرى،ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، تەپتىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ، خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ. يېزىلىق،مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قارارلىرىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى بەلگىلەيدۇ.5 K3 e* O W3 d; i1 r 108- ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. G+ ^ \+ e* l Q 109- ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىدا ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. 110- يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ۋەئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ.& D/ k9 s" k! L- Y* d 111- ماددا شەھەر ۋە يېزىلاردا ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇنلار بويىچە قۇرۇلغان ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتتۇر. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئاھالىلەر سايلايدۇ. ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.' A( e( x( Y+ P, |$ H5 d ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىداخەلق مۇرەسسە ھەيئىتى،ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەر تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ھەيئەتلەر ئۆز رايونىدىكى جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ياراشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ., [, N# a; S3 M# X8 v5 F4 `% W: g$ ] 6-پاراگراف مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى 112- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم1 t9 [( f# Y6 ]6 T0 @ ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر. 113- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم {ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتوراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.; n+ l7 d) h6 Q ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر ياكى مۇئاۋىن (Kمۇدىرلىقنى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 114- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى،ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ.5 X* U H0 ?8 l9 ~ 115- ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋەئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ 3- باب 5- پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقوقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانۇندا،مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقوقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن،سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ. 116- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىلىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 117-ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.8 @3 c6 V! s$ }4 Y 118- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشتا،كارخانا قۇرۇشتا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. 119- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، مىللىي مەدەنىي مىراسلارنى ئاسراش ۋە رەتلەشتە، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ. 120- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ. 121- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل- يېزىقنى ئىشلىتىدۇ. 122- ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.$ X4 ?2 j! d# {5 [" a* ?( k3 a دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى،تۈرلۈك ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشگە ياردەم بېرىدۇ. 7- پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى8 j8 F# x7 T- X$ _8 123- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ سوت ئورگانلىرىدۇر.7 z) \- F; W1 w6 z+ x2 p O$ N4 \8 r 124- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت خەلق سوت ( b; Q9 V1 M'مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە$ S. S: N: C! h0 J; K ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ،ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 125- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى پۈتۈنلەي ئوچۇق ئېلىپ بارىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋالدىكى دېلولار. بۇنىڭ سىرتىدا،جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق., K% ~, |8 ~% ?" B 126- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ،مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 127- ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنىدۇر. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.6 h) s9 V1 T5 { o 128- ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. 129- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىش مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىك ئورگانلىرىدۇر.( T* C1 P! b/ u3 F 130- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 131- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشىكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسگە ئۇچرىمايدۇ./ K9 t; x2 Z1 ]( G* S 132- ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىشلىك ئورگىنىدۇر. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 133- ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئالدىدا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.9 k7 m# 134- ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل- يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا سوراق ئىشلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك. 135- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى،خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىرتەرەپ قىلشتا ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.- b' q: q9 4- باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بەلگىسى، پايتەخت, W: n; Z( e& d) p* 136- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى – بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى «پىدائىيلار مارشى». 137- ماددا جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ دۆلەت بەلگىسىنىڭ ئوتتورىسىغا بەش يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ، چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. 138- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى – بېيجىڭ.' `: [; S3 t( Y0 b7 M8 v3 l Q. A0 @% S$ e) N$ i- K$ v
|
|