كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 1

قانۇن تۇزۇم تەربىيسى پىلانى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. مەكتىۋىمىزدە  مەخسۇس قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى ئۈگىنىش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ گۇرۇپپا قارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلنىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپا ۋە ئىشخانا خادىملىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ،مەسئۇلىيەت كىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۈرلىدۇ.مەكتىۋىمىز  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى پائالىيىتىنى سىستىمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئىڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىش، قانۇن بويىچە ئۆز مەنپەتىنى قوغداش، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋەئىددىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۈكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارشى، قىممەت قارشىنى تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا مەكتەپلەردە يۈز بىرىش ئىھتىمالى بار بولغان تۈرلۈك ھادىسلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش مىخانىزىمنى شەكىللەندۈرۈش مەخستىدە بۇ پىلان تۈزۈپ چىقىلدى.
2.ماركىسىزىم، لىننىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىددىيىسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» موھىم ئىددىيىسىنى يىتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى قانۇنغا تاينىپ باشقۇرۇش، دۆلەتنىڭ مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن- نىزام ، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.
3. مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك قانۇن- نىزاملارنى ئۈگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى ھەقىقى ياخشى ئىشلىنىپ، قانۇن-تۈزۈم ئۈگىنىش تەربىيىسى پائالىيىتى جەھەتتىكى تونۇشى يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ.
4. مەكتەپلەرنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىر پۈتۈن مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ مەكتەپلەرنى قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىجراسىغاۋاقتىدا نازارەت قىلىپ، بۇ جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
5. مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى ئۈگىنىشنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە ئىدىيە- ئەخلاق ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى دەرىسلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن- تۈزۈم تەربىيىسى بىرىش خىزمىتى ئىزچىل چىڭ تۇتۇلىدۇ.
6. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا پەسىلدە بىر قېتىم لىكسىيە سۆزلەش خىزمىتى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرىدۇ.
7. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە «ئىشچىلار ئۇيۇشما قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى» «ئانا- بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ۋە    « ياش قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» نىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يىتىدىغان ئىشلار ئۈستىدە مەكتەپ تەشكىلىگە تەكلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ قوغداشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
8. مەكتەپتىكى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئوقۇتقۇچىلارنى «ئاساسى قانۇن» «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» «مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنى ئۈگىنىش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ ،قانۇن-نىزاملارنى  ئىزچىلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال يىتەكلەپ «ئامانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى» نى ئەستايدىل ئۈگىنىپ مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغداش خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
9.دىھقان- چارۋىچىلار ئىچىدە باللىرىنى ئوقۇشتىن قاچۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا پۇتلىكاشاڭ بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەشۋىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىپ مەكتەپلەرگەئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش، تۇراقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىشىگە پۇختا ئۇل ھازىرلىنىدۇ. مەكتەپلەردىكى مەسئۇل خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىچىدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن- قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلار كۆرۈلسە ئۇلارنىڭ ئىش- ھەركىتىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ساغلام ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-4-1 19:17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىغا مەن بەك ېھتىياجلىق ئىدىم ،ئەمما چۈشۈرالمىدىم. قانداق چۈشۈرىمەن؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش