كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 1

ئوت مۇداپىئە قانۇنى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى
(1998–يىل 4–ئاينىڭ 29– كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2– يىغىنىدا ماقۇللانغان
2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
6 – نومۇرلۇق
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى›› 2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2008 –يىل 10– ئاينىڭ 28 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 – باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
3 – باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى
4 – باب ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش
5 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئازايتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، پۇقرالار ئاكتىپ قاتنىشىش پرىنسىپى بويىچە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان ئوت مۇداپىئە خىزمەت تورى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
3 – ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ. ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇلارغا مەسئۇل ئورۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ياردەملىشىدۇ؛ كان قۇدۇقىنىڭ يەر ئاستى قىسمى، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە دېڭىز ئۈستى نېفىت – تەبىئىي گاز ئەسلىھەسىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇلارغا مەسئۇل ئورۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
5 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ھەرقانداق ئورۇن ۋە قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.
6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى دائىم ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىكى خادىملارغا بولغان ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە قانۇن – نىزاملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك.
مائارىپ، ئادەم بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، مەكتەپلەر، ئالاقىدار كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەرىيىلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
ئاخبارات، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى جەمئىيەتتە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
7 – ماددا دۆلەت ئوت مۇداپىئە ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار ئوت مۇداپىئە تېخنىكا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئىلغار جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك.
2 – باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
8– ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى، ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى، ئوت مۇداپىئە خەۋەرلىشىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقى قاتارلىقلارغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.
شەھەر، يېزا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە يەتمىسە، ئۇنى تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرى يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئۇيغۇن كەلمىسە، كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، تەقلەش ياكى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
9 – ماددا قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىشى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قىلغۇچى، نازارەت قىلغۇچى ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىگە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
10 – ماددا ئوت مۇداپىئەسى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ، يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
11– ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلار ۋە باشقا ئالاھىدە قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قانۇن بويىچە جاۋابكار بولىدۇ.
12– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن قانۇن بويىچە تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىگە شۇ قۇرۇلۇشنى قىلىش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تارماق قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى بەرسە بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش قىلسا بولمايدۇ؛ قىلىنىۋاتقان باشقا قۇرۇلۇشلاردىن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە ئۆتەلمىگەنلىرىنى توختىتىش كېرەك.
13– ماددا ئوت مۇداپىئەسى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن پۈتكەنلىرىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئوت مۇداپىئە تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەنگە ئېلىش كېرەك:
1)) مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛
2)) باشقا قۇرۇلۇشلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئوت مۇداپىئەسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ باشقا قۇرۇلۇشلاردىن قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ.
14– ماددا قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
15– ماددا جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنى ئىشلىتىش، تىجارەتكە سېلىشتىن ئىلگىرى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇن سورۇن بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون ئىش كۈنى ئىچىدە شۇ سورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈشى كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ياكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە، تىجارەتكە سېلىشقا بولمايدۇ.
16– ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلار تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:
1)) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىنى چىقىرىش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈش؛
2)) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بويىچە تەقلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسىنى ئورنىتىش ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ۋە رېمونت قىلدۇرۇپ، بېجىرىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
3)) ئىمارەتنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بېجىرىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى مۇكەممەل، توغرا بولۇش، ئوبدان ساقلاش؛
4)) تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىل يولىنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوتتىن، ئىستىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنىڭ ئايرىلىشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنىڭ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
5)) ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛
6)) قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوت مۇداپىئە مانېۋىرىنى تەشكىللەش؛
7)) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى.
ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى جاۋابكار بولىدۇ.
17– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى چوڭراق بولغان ھەمدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسىلا زور تالاپەت ۋەئېغىر مال – مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن دەپ بېكىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندىن باشقا، تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك:
1)) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى بېكىتىپ، شۇ ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش؛
2)) ئوت مۇداپىئە ئارخىپى تۇرغۇزۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق جاينى بېكىتىپ، ئوت مۇداپىئە بەلگىسى ئورنىتىپ قاتتىق باشقۇرۇش؛
3)) ئوت مۇداپىئەسىنى كۈندە تەكشۈرۈش ھەم تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۇتۇش؛
4)) ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيىلەش، ئوت مۇداپىئە مانېۋىرىنى قەرەللىك تەشكىللەش.
18– ماددا بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن باشقۇرىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان بولسا، تەرەپلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە جاۋابكارنى بېكىتىپ، ئورتاق ئىشلىتىدىغان تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئىمارەتنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش لازىم.
تۇرالغۇ رايونىدىكى ئۆي – زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئۆزى باشقۇرىدىغان رايوندىكى ئوپچە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ئاسراپ ۋە باشقۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
19– ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان سورۇنلارنى تۇرالغۇ بىلەن بىر ئىمارەتنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق ھەمدە تۇرالغۇ بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرۇش كېرەك.
باشقا بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان سورۇنلاردىن تۇرالغۇ بىلەن بىر ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرىنى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش كېرەك.
20– ماددا چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بىخەتەرلىك ئىجازىتى بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ ھەمدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقىنى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى تولۇقلاپ ۋە بېجىرىم قىلىپ، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، تارقاقلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچ بەلگىسى، جىددىي ئەھۋال چىرىغى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تېخنىكا تەلىپىگە ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
21– ماددا ئوت ئاپىتى خەۋپى، پارتلاش خەۋپى بار سورۇنلاردا تاماكا چېكىش، ئوت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا ئوت ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە ئاۋۋال تەستىقلىتىپ، ئوت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛ مەشغۇلاتچىلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
توك كەپشەر ۋە گاز كەپشەرگە ئوخشاش ئوت ئاپىتى خەۋپى بار مەشغۇلات قىلىدىغانلار ۋە ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە سىستېمىسىنى باشقۇرغۇچىلار كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى ھەمدە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى شەرت.
22– ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئامبار ۋە مەخسۇس بېكەت، پرېستانلارنى ئوت ئۆچۈرۈش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش پونكىتى، تەمىنلەش پونكىتى، بېسىم تەڭشەش پونكىتىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە لايىق ئورۇنغا قۇرۇش ھەمدە ئوتتىن، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتكۈزۈش كېرەك.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئامبار ۋە مەخسۇس بېكەت، پرىستانلاردىن ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش پونكىتى، تەمىنلەش پونكىتى، بېسىم تەڭشەش پونكىتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىرىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ھەل قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.
23– ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش، كۆيدۈرۈۋېتىشتە، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان سورۇنلارغا كىرىشتە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت. ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ قانۇنسىز ھالدا ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىش ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.
كۆيىدىغان ئەشيا ئامبىرىنى باشقۇرۇشتا، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت.
24– ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە توشۇشى شەرت؛ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، ساھە ئۆلچىمىگە توشۇشى شەرت. لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ۋە دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، سېتىش ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىسپات ئېلىش بەلگىلەنگەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ساپانى ھازىرلىغان ئىسپات بەرگۈچى ئاپپارات دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە لاياقەتلىك ئىسپاتى بەرگەندىن كېيىن ئىشلەشكە، سېتىشقا، ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىسپات ئېلىش بەلگىلەنگەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى كاتالوگىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
يېڭىدىن ئىشلەنگەن، دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمى تېخى چىقىرىلمىغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن چارە بويىچە تېخنىكىلىق باھالاشتا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە يەتكەنلىرىنى ئىشلەشكە، سېتىشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي ئىسپات ئېلىپ لاياقەتلىك بولغان ياكى تېخنىكىلىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئېلان قىلىشى كېرەك.
25– ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلغۇچى تارماق، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى مەسئۇلىيىتى بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.
26– ماددا قۇرۇلۇش زاپچاسلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي ئىچىنى بېزەش ماتېرىيالى، بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش شەرت؛ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، ساھە ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش شەرت.
ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلارنىڭ ئىچىنى بېزەشتە، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە كۆيمەيدىغان، ئاسان كۆيمەيدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش كېرەك.
27– ماددا ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتكۈزۈلۈشى شەرت.
ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ توك يولىنى، تۇرۇبا يولىنى لايىھىلەش، ياتقۇزۇش، ئاسراش، تەكشۈرۈش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
28– ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى بۇزۇۋېتىشى، ئىشلىتىۋېلىشى ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، ئىشلىتىشتىن توختىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈۋېتىشى ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنى ئىگىلىۋېلىشى، توسۇپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ئىگىلىۋېلىشى، توسۇپ قويۇشى، ئېتىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلارنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىگە قېچىپ چىقىشتا ۋە ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان توساق ئورنىتىشقا بولمايدۇ.
29– ماددا جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار ئوت ئۆچۈرۈش سۇ ئەسلىھەسى، ئوت مۇداپىئە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى قاتارلىق جامائەت ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ بېجىرىملىكىنى ساقلىشى كېرەك. يول ياسىغاندا ۋە توك، سۇ توختىغان، خەۋەرلىشىش سىم يوللىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، ئالاقىدار ئورۇنلار شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى شەرت.
30– ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تەدبىر قوللىنىپ كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشقا تەشكىللىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
31– ماددا دېھقانچىلىق يىغىم پەسلى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش مەزگىلى، چوڭ ھېيت – بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىشى، ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
32– ماددا يېزىلىق – بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەر كوچا باشقارمىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە تەشكىللىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
33– ماددا دۆلەت جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلار ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ساتىدىغان كارخانىلارنى ئوت ئاپىتى جامائەت جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ؛ سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئوت ئاپىتى جامائەت جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
34– ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىغا سۈپەت ئىسپاتى بېرىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار ۋە كەسىپكارلار قانۇن بويىچە مۇناسىپ ساپا ۋە سالاھىيەتنى ھازىرلىشى؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزام، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە كەسىپ مىزانىغا بىنائەن، ھاۋالە بويىچە ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
3 – باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى
35– ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
36– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە سەپلەپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.
37– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، زور ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان باشقا جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
38– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزىدىغان ۋە جىددىي قۇتقۇزىدىغان كەسپىي كۈچنىڭ تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ماھارەت مەشقى قىلدۇرۇپ، سايمان – جابدۇقلارنى سەپلەپ ھەمدە رېمونت قىلىپ ئاسراپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
39– ماددا تۆۋەندىكى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك:
(1) چوڭ يادرو ئەسلىھەلىرى ئورنى، چوڭ ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى، پۇقرالار ئايرودرومى، ئاساسلىق پورت؛
(2) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان چوڭ كارخانا؛
(3) كۆيىدىغان مۇھىم ئەشيانى ساقلايدىغان چوڭ ئامبار، بازا؛
(4) ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى چوڭراق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن يىراقراق جايدىكى باشقا چوڭ كارخانىلاردىن (1)، (2)، (3) تارماقچىدا بەلگىلەنمىگەنلىرى؛
(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن يىراقراق بولغان، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىنغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇن.
40– ماددا مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
41– ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلار شۇنىڭدەك كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىۋى مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
42– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتلىرىغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتسە ۋە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلسا بولىدۇ.
4 – باب ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش
43– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت ئاپىتى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشى، جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا سەزگۈر بولۇش مېخانىزمى ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئادەم ۋە جابدۇق قاتارلىق جەھەتلەردىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
44– ماددا ھەرقانداق ئادەم ئوت ئاپىتىنى بايقىغان ھامان مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشقا ھەقسىز قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، توسقۇنلۇق قىلماسلقى كېرەك. ئوت ۋەقەسىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شۇ سورۇندىكى خادىملار كىشىلەرنى تارقىلىشقا تەكشىللىشى، يېتەكلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە، دەرھال ئادەم تەشكىللەپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشى شەرت. يېقىن ئەتراپتىكى ئورۇنلار ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت سگنالى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشى، خەتەرنى تۈگىتىشى، ئوتنى ئۆچۈرۈشى شەرت.
45– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدا ئوت ئۆچۈرۈشكە بىر تۇتاش تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلغاندا، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
نەق مەيدان باش قوماندانى ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
1)) سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش؛
2)) توك، كۆيىدىغان گاز ۋە كۆيىدىغان سۇيۇقلۇقنى يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت ۋە توك ئىشلىتىشنى چەكلەش؛
3)) ئېھتىيات رايونىنى بەلگىلەش، قىسمەن دائىرىدە قاتناشنى تىزگىنلەش؛
4)) يېقىن ئىمارەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش؛
5)) ئادەملەر ۋە مۇھىم ئەشيالارنى قۇتقۇزۇش، ئوت ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوت كەتكەن جايغا قوشنا ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئەسلىھەلەرنى چېقىش ياكى بۇزۇش؛
6)) سۇ، توك، گاز بېرىش، خەۋەرلىشىش، داۋالاش – قۇتقۇزۇش، قاتناش – ترانسپورت، مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئوت ئۆچۈرۈشكە ھەمكارلاشتۇرۇش.
ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، كىشىلەرنى تەشكىللەپ، كېرەكلىك ئەشيالارنى يۆتكەپ، ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك.
46– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتنىشىدىغان ئوت ئاپىتىدىن باشقا زور ئاپەت ياكى ھادىسىلەردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.
47– ماددا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرى ئوت ئۆچۈرۈش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا كېتىۋاتقاندا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، سۈرئەت، لىنىيە، يۆنىلىش ۋە قوماندانلىق سىگنالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، باشقا ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوت قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر يول بېرىشى، قىسىلىۋالماسلىقى، ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىقى كېرەك؛ ھەق ئالىدىغان تاشيول ۋە كۆۋرۈكلەر ھەق ئالماسلىقى كېرەك. قاتناش باشقۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغۇچىلار ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرىنىڭ تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا كېتىۋاتقان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە يۆتكەيدىغان ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇق – ئەشيالىرىنى تۆمۈريول، سۇ يولى ياكى ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق توشۇشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇنلار ئالدىن توشۇشى كېرەك.
48– ماددا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى، جابدۇقى، ئەسلىھەلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
49– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشتا ھەق ئالسا بولمايدۇ.
ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشقا ئورۇننىڭ ئوت ئۆچۈرۈشىگە ئىشلەتكەن يېقىلغۇسى، ئوت ئۆچۈرۈش دورىسى ۋە سايمان، جابدۇقلىرى ئۈچۈن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تولۇقلىما بېرىدۇ.
50– ماددا ئوت ئۆچۈرۈشكە ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالىتىلىدۇ ۋە ئۇلارغا نەپىقە بېرىلىدۇ.
51– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى ئېھتىياجىغا قاراپ قامال قىلىشقا، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە، ئوت ئاپىتى زىيىنىنى ستاتىستىكا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە ئالاقىدار كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە نەق مەيداننى قوغداپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئوت ئاپىتىگە دائىر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئوت ئاپىتى ھادىسىسى بېكىتمىسى تەييارلاپ، ئۇنى ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەلىل – ئىسپاتى قىلىدۇ.
5 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
52– ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئۆز سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
53– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇن، نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىلىرى دائىملىق ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشكە ۋە ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى چىقىرىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
54– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسكە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولۇش ئېھتىمالى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى خەتەرلىك جاي ياكى سورۇننى ۋاقىتلىق پېچەتلەش تەدبىرىنى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىشى كېرەك.
55– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە شەھەر، يېزىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ياكى شۇ رايوندا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.
دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلارنى تەدبىر قوللىنىپ ئوڭشاشقا تەشكىللىشى ياكى بۇيرۇشى كېرەك.
56– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەرتىپى بويىچە ئادىل، قاتتىق، مەدەنىي، ئۈنۈملۈك ئىشلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە ھەق ئالسا بولمايدۇ، ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ نەپ ئالسا بولمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلار، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلارغا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسى، ساتقۇچى ئورۇن ياكى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ياسايدىغان ئورۇنلارنى بېكىتىپ بەرسە ياكى باشقىچە يول بىلەن بېكىتىپ بەرسە بولمايدۇ.
57– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى پاش قىلىشقا، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش مەلۇماتى ۋە شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
58– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
1)) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرتمەي ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغانلار؛
2)) ئوت مۇداپىئە لايىھىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ قۇرۇلۇشنى توختاتمىغانلار؛
3)) ئوت مۇداپىئەسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلارنى ئوت مۇداپىئە خىزمىتى بويىچە تەكشۈرتمىگەنلەر ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر؛
4)) قۇرۇلۇش ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، ئىشلىتىشنى توختاتمىغانلار؛
5)) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە يەتمىگەن جامائەت توپلىشىدىغان سورۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر ياكى تىجارەتكە سالغانلار.
قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرى ياكى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
59– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار تۈزىتىشكە ياكى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1)قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بىناكارلىق لايىھىلەش ئورنى ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ لايىھىلىشىنى، قۇرۇلۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىرى؛
(2)بىناكارلىق لايىھىلەش ئورۇنلىرىدىن ئوت مۇداپىئەسىنى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرىي تەلەپ بويىچە لايىھىلىمىگەنلىرى؛
(3) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن ئوت مۇداپىئە لايىھىسى ۋە ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلماي، ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىرى؛
(4)قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىرى.
60– ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1)ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى ياكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسىنى تەقلەش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە يەتكۈزمىگەن ياكى بېجىرىم ساقلىمىغانلار؛
(2) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى بۇزۇۋەتكەن، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىشلىتىشتىن توختاتقانلار؛
(3) تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەرلىك ئىشىكىنى ئىگىلىۋالغان، توسۇپ قويغان، ئېتىۋەتكەن ياكى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛
(4) ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، توسۇۋالغان ياكى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقىنى ئىگىلىۋالغانلار؛
(5)ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ئىگىلىۋېلىپ، توسۇۋېلىپ، قامال قىلىۋېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلغانلار؛
(6) ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلاردا ئىشىك – دېرىزىلەرگە قېچىپ چىقىشقا ۋە ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
(7) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەر.
شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ 2 –، 3 –، 4 –، 5 – تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – تارماقچىسىدىكى قىلمىشى بارلاردىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى مەجبۇرىي تۈزەتكۈزۈلىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.
61– ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان سورۇننى تۇرالغۇ بىلەن بىر ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلار ياكى تۇرالغۇ بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرمىغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقا بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان سورۇننى تۇرالغۇ بىلەن بىر ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلاردىن ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
62– ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1)ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇمنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىگەن، ساقلىغان، توشۇغان، ساتقان، ئىشلەتكەن، كۆيدۈرگەنلەر؛
(2) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇمنى قانۇنسىز ھالدا جامائەت سورۇنىغا ئېلىپ كىرگەنلەر ياكى ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئېلىپ چىققانلار؛
(3)ئوت ۋەقەسىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛
(4)ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلار؛
5)) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.
63– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ:
(1)ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان سورۇنغا كىرگەنلەر؛
(2) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوت ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلغان ياكى ئوت ئاپىتى خەۋپى، پارتلاش خەۋپى بار سورۇندا تاماكا چەككەنلەر، ئوت ئىشلەتكەنلەر.
64– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1)باشقىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلار؛
(2) سەۋەنلىك بىلەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغانلار؛
(3) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشنى توسقان ياكى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار تۇرۇپمۇ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛
(4)ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياكى ئوت ئاپىتى نەق مەيدان قوماندانىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنماي ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(5) ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن ياكى ياسىۋالغانلار؛
(6)جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پېچەتلىگەن سورۇن، جاينىڭ پېچىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلىۋەتكەن ياكى شۇ سورۇن، شۇ ئورۇننى ئىشلەتكەنلەر.
65– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگەن، ساتقانلارغا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىدۇ.
ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇندا ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەنلەر سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.
مۇشۇ ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئىشلەتكۈچىلەرگە قانۇن بويىچە جازا بەرگەندىن سىرت، ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتى ۋە دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتىنى بايقىغانلىقىنى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا خەۋەر قىلىپ قويۇشى كېرەك. مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىگۈچى، ساتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
66– ماددا ئېلېكتر سايمانلىرى، يېقىلغۇ گاز سايمانلىرىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ سىم يولى، تۇرۇبا يولىنى لايىھىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاسراش، تەكشۈرۈش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرمىغانلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.
67– ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 16 –، 17 –، 18 – ماددىسى، 21 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
68– ماددا ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، شۇ سورۇننىڭ نەق مەيداندىكى خادىملىرىدىن كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، قىلمىشى ئېغىر بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
69– ماددا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئىسپات بەرگۈچى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدىن ساختا ھۆججەت بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئەسلىي ئىجازەت بەرگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مۇناسىپ ساپاسى، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلاردىن يالغان ھۆججەت بېرىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زور زىيان سالغانلىرىنى ئەسلىي ئىجازەت بەرگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مۇناسىپ ساپاسى، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.
70– ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قارار قىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنى چاقىرتماقچى بولسا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە چاقىرتىدۇ.
قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش، ئىشلەپچقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلغانلار تۈزەتكەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلەر قۇرۇلۇش قىلىشنى، ئىشلىتىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.
ئالاقىدارلاردىن ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش قارارىنى سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئىجرا قىلمىغانلىرىغا قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغاندا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭراق تەسىر يېتىدىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قارار قىلىشىغا يوللايدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.
71– ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەلىپىگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە لايىھىسى، قۇرۇلۇشى، سورۇنىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغانلار، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك قىلىپ بەرگەنلەر؛
(2)ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئادا قىلمىغانلار؛
(3) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغاندا، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئۇنى تۈگىتىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغانلار؛
(4) خېرىدارلار، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلارغا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى، ساتقۇچى ئورۇن ياكى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇننى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىپ بەرگەن ياكى باشقىچە يول بىلەن بېكىتىپ بەرگەنلەر؛
(5) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرى شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سايمان – جابدۇقلىرى ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئوت مۇداپىئەسىگە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەر؛
(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
قۇرۇلۇش، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسىمۇ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
72– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
73– ماددا مۇشۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1)ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى سىستېمىسى، ئىستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىس چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى شۇنىڭدەك جىددىي ئاڭلىتىش ۋە جىددىي يورۇتۇش، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
(2)ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، پاناھلىنىش، قېچىپ قۇتۇلۇشقىلا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) جامائەت توپلىشىدىغان سورۇن مېھمانخانا، مېھمانساراي، سودا سارىيى، قەرەللىك بازار، يولۇچىلار بېكىتىنىڭ كۈتۈمخانىسى، يولۇچىلار پرېستانىنىڭ كۈتۈمخانىسى، پۇقرالار ئايرودرومىنىڭ ئاۋىئابىناسى، تەنتەربىيە مەيدان – سارىيى، يىغىن سارىيى شۇنىڭدەك جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛
(4) ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇن جامائەت توپلىشىدىغان سورۇن، دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى، كېسەلخانا بىناسى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانىسى، ئاشخانىسى ۋە كوللېكتىپ ياتىقى، ياشانغانلار ساناتورىيىسى، پاراۋانلىق ئورنى، يەسلى، بالىلار باغچىسى، جامائەت كۇتۇپخانىلىرىنىڭ قىرائەتخانىسى، جامائەت كۆرگەزمىخانىسى، مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ياتىقى، ساياھەت، دىنىي پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
74– ماددا بۇ قانۇن 2009 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-12 14:38:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريال ئىكەن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش