كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى
1991-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللانغان
1991-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى رەئىسىنىڭ 50-نۇمۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئىلان قىلىندى.1992-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.
بىرىنچى باب.   ئۇمۇمى پىرىنسىپ
1-        ماددا: بۇقانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى سالامەتلىكىنى قوغداش ،ئۇلارنىڭ قانۇن ھۇقۇق-مەنپەئىتىىنى كاپالەتلەندإرإش ،ئەخلاقى ،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئۇمۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئۇلارنى سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك ،ئەخلاقلىق ،مەدىنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان ئىز-باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتإرإپ چىقىش مەقسىتىدە ئاساسى قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2-        ماددا:بۇقانۇندا ئيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18ياشقا توشمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.
3-        ماددا: دۆلەت ،جەمئىيەت ،مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى،ئەخلاق تەربىيىسى،مەدىنىيەت تەربىيىسى،ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك ،كوللىكتىۋىزىم ،ئىنتىرناتسئۇنالىزىم ،كوممۇنىزىم تەربىيىسى ئپلىپ بارىدۇ،ۋەتەننى ،خەلقنى ،ئەمگەكنى،ئىلىم-پەننى،سوتسىيالىزىمنى سإيىدىغان ئىجدىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.كاپىتالىزىم،فىئۇدالىزىم ۋەباشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.
4-        ماددا:قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كىرەك:
1.        قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
2.        قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلش.
3.        قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئۆسإپ يىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش.
4.        تەربىيلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.
5-        ماددا: دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش- دۆلەت ئورگانلىرى، قۇراللىق كۈچلەر، سىياسى پارتىيەلەر،ئىجتىمائى تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپى تەشكىلاتلار ، شەھەر، يىزىلاردىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسى قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس تۇسۇش، چەكلەش ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھۇقۇقى بار.
دۆلەت، جەمىيەت، مەكتەپ، ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بىرىشى ۋە ياردەم بىرىشى لازىم.
6-        ماددا: مەركەز ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
گوۋۇيۇەن ۋە مەركەز، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىھتىياجىغا قاراپ تەشكىلى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كىرەك.
كوممونىستىك ياشلار ئىتتپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمسى، ياشلار بىرلەشمىسى،ئۇقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونىرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكإمەتلىرىگە ماسلىشىپ ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش لازىم.
7-        ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
ئىككىنچى باب. ئائىلىدە قوغداش
8-        ماددا: ئاتا- ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى بپقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خارلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مپيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بۇۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىش، تاشلىۋىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
9-        ماددا: ئاتا- ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇقۇش يىشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسى ئىلىشغا بۇيسۇنۇشى ، مەكتەپتە مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئىلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرۋالماسلىقى كىرەك.
10-        ماددا: ئاتȧ- ئانا ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاق- پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانى ۋە روھى سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چىكش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بۇلۇۋىلىش، قىمار ئويناش، زەھەر چىكىش، ئىپپەت- نۇمۇسىنى سپتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ۋە تۇسۇشى لازىم.
11-        ماددا: ئاتا- ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قۇيۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چاي ئىچۈرۈشكە بولمايدۇ.
12-        ماددا: ئاتا- ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك.
ئاتا- ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرقى تارماقتا ئىيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەق- تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىيىسى بىكىتىدۇ.
ئۈچىنچى باب. مەكتەپتە قوغداش
13-        ماددا: مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى،ئەقلىي ،جىسمانىي،گۈزەللىك  جەھەتتىن تەربىيەبىرىشى ،ئىجدىمائىي تۇرمۇشتا يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھارى مەزگىلى تەربىيىسى ئپلىپ بىرىشى لازىم .
مەكتەپلەر ئۇقۇغۇچىلارغا كۆيىنىشى ،ئۇقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى،ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى، ئإگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە بىرىشى،ياردەم بىرىشى،ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.
14-        ماددا:مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيە ئىلىش ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چىقىرىۋەتمەسلىكى لازىم.
15-        ماددا: مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، ئۇقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە ، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىشكە ياكى كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان باشقا ھەركەتلەردە بۇلۇشقا بولمايدۇ.
16-        ماددا: مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكى، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئۇقۇتۇش مۇئەسسەلىرىدە پائالىيەت ئپلىپ بارغۇزماسىلىقى لازىم.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا ،مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى ،ئۆيلىرى ۋە ئۈسكىنلىرىنى ئىگىلىۋىلىشىغا ،بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.
17-        ماددا:مەكتەپلەر،بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنى يىغىلىشىغا ،مەدىنىيەت ،كۆڭۈل ئپچىش پائالىيتى،ئىجدىمائى ئەمىلىيەت قاتارلىق كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرغاندا ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بۇلۇشنى كۆزدە تۇتۇشى ،خەتەرلىك ھادىسە كۆرۈلىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
18-        ماددا:دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئۇقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسى ئىلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئۇقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيىۋى-تەربىيە ،مەدىنىيەت تەربىيىسى،ئەمگەك-تپخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئپلىپ بىرىشى كىرەك.
ئىشلەپ تۇرۇپ ئۇقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئۇقۇغۇچىلاغا كۆيۈنىشى ،ئۇقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى،ھۆرمەتلىشى لازىم ،ئۇلارنى كەمسىتىشكە ئۇلاردىن بىزار بۇلۇشقا بولمايدۇ.
19-        ماددا:بالىلار باغچىلىرىبالىلارنى بىقىش ،تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،بالىلارنىڭ جىسمانىي ،ئەقلى،ئەخلاقى جەھەتتىن ماس ھالدا ئۆسۈپ يىتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
تۆتىنچى باب.      جەمئىيەتتە قوغداش
20-        ماددا: دۆلەت ئىجدىمائىي تەشكىلاتلار،كارخانا،كەسپى ئۇرۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەرخىل شەكىلدىكى ئىجدىمائى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بىرىدۇ.
21-        ماددا:ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت-شارائىت يارىتىپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدىنىيەت ،تۇرمۇش ئىھتىياجىغا لايىق كىلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلەھەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى،مۈكەممەللەشتۈرۈشى كىرەك .
22-        ماددا: مۇزىي،خاتىرەسارىيى،پەن-تپخنىكا سارىيى، مەدىنىيەت سارىيى،كىنو-تىياتىرخانا، تەنتەربىيە، مەيدانى(زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئىتىبار بىرىپ ئپچىۋىتىلىشى لازىم.
23-        ماددا: تىجارەتلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئپلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كىرەك.
24-        ماددا: دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو،كىنو، تىلىۋىزىيە، مەدەنىيەت- سەنئەت ئورۇنلىرىنى ، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يىزىشقا ۋە شۇنداق ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبىكتىپ بولغان كىتاپ، گىزىت- ژورنال ۋە ئإن-سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشىر قىلىشقا يار- يۆلەك بولىدۇ.
25-        ماددا: ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تىرورلوق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاپ، گىزىت- ژورنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى سىتىشى، ئىجارىگە بىرىشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
26-        ماددا: بالىلار يىمەكلىكلىرى، ئۇيۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى، كۆڭۈل ئىچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.
27-        ماددا:ھەرقانداق ئادەم ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەر ،بالىلار باغچىلىرى،يەسلىدىكى سىنىپلاردا ،ياتاقلاردا ،پائالىيەت ئۆيلىرىدە ۋەقۇرامىغا يەتمىگەنلەرتوپلىشىپ ھەركەت قىلىدىغان جايلاردا تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ.
28-        ماددا: ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ 16ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققاقۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە 16ياشقا توشقان ،18ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە ئىش تۈرى،ئەمگەك ۋاقتى،ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگإلىمىلىرىنى ئىجراقىلىش لازىم ،ئۇلارنى بەك ئىغىر،زەھەرلىك ،زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
29-        ماددا: سەرگەردان بۇلۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلسدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بۇلۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلرىنى ۋاقتىنچە تاپقىلى بولمىسا، خەلق ئىشلرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئۇرۇنلىرى ئۇلارنى يىغىۋىلىپ باقىدۇ.
30-        ماددا: ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نۇمۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ.
31-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت- چەكلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس تىقىۋىلىشقا، يىرتىپ تاشلاشقا بولمايدۇ؛جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەركەت ئىقتىدارى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت- چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت- چەكلىرىنى ئپچىشىغا بولمايدۇ.
32-        ماددا: سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنى ئاسراش شارائىتى يارىتىپ بىرىشى، كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
33-        ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ، كارخانا،كەسپى ئۇرۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائى كۈچلەرنىڭ بالا ئىمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىشى، ئائىلە يەسلىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى لازىم.
34-        ماددا: سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە- ساقلىقنى ساقلىشىغا كەسپى جەھەتتىكى يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
35-        ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ تەربىيچىلىرى، ئۇقۇتقۇچىلرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيلشى ۋە چپنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قارىتىلغان سىياسى- ئىدىيىۋى ۋە كەسپى تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم.
36-        ماددا: دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقىل نەتىجىلىرى ۋە شان-شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
37-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپى ئۇرۇنلار ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسپ،تپخنىكا جەھەتتىن تەربىيلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىغا شەرت- شارائىت يارىتىپ بىرىشى لازىم.
بەشىنچى باب. ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش
38-        ماددا: قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيلەش، تەسىرلەندۈرۈش،قۇتقۇزىۋپلىش فاڭجىنى يولغا قۇيۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس قىلش، جازالاشنى قۇشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
39-        ماددا: 14ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە ،16ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بىرىلىمىسە،ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيلەشنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛زۆرۈر تىپىلغاندا ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋىلىپ تەربىيلىسىمۇ بولىدۇ.
40-        ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دىلولىرىنى بىجىرگەندە ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى ئالاھىدىلىكىگە ئىتىبار بىرىشى لازىم، بۇدىلولارنى ئىھتىياجىغا قاراپ مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بىجىرسە بولىدۇ.
  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلرى ۋە ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش- تەربىيلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى،ئۇلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
41-        ماددا:  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلرى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قاماپ تۇرۇلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇشى كىرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جازا ئۆتەۋەتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇش كىرەك.
42-        ماددا: 14 ياشتىن  ئاشقان ، 16ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دىلولىرى بىردەك ئۇچۇق سوتلانمايدۇ. 16ياشتىن ئاشقان، 18ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دىلولىرىمۇ ئادەتتە ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دىلولىرىدا ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن، ئاخبارات، كىنو- تىلىۋىزىيە نۇمۇرلىرىدا ، ئاشكارا نەشىر بۇيۇملىرىدا ئىسىم- فامىلىسىنى ، تۇرالغۇ جايى،سۈرىتىنى ۋە ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتىرىياللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
43-        ماددا: ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش- تەربىيلەش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزىۋىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم،
44-        ماددا: خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغان ياكى جازا كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان،يىغىۋىلىپ تەربىيلەشتىن بوشىتىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
45-        ماددا: خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دىلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلولىرىنى قاراپ چىققاندا ، ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بىقىش مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش يۈز بىرىپ بىرلىككە كىلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندإرإش پىرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش لازىم.
ئالـتىنچى باب قانۇن جاۋاپكارلىقى
46-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ،دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋاقىلىشقا ھۇقۇقلۇق.
47-        ماددا: قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ ،ئۇلارنىڭ مال-مإلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بىرىشى ياكى باشقا ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئپلىشى كىرەك .
48-        ماددا:مەكتەپلەر،بالىلار باغچىلىرى،يەسلىلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچى  خىزمەتچىلىرىدىن  قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن-جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشى ئىغىر بولغانلارغا ئۇلار ئشلەيدىغان ئۇرۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
49-        ماددا: كارخانا،كەسپى ئۇرۇنلار،يەككە سودا-سانائەتچىلەر 16ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئىلىپ ئىشلەتسە ،ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،ئۇلارغا جەرىمانە قۇيىدۇ ،قىلمىشى ئپغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىكار قىلىدۇ.
50-        ماددا: تىجارەتلىك تانسىخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بۇلىدۇ.
51-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىي مەزمۇندىكى كىتاپ،گىزىت-ژورنال، ئۈن-سىن بۇيۇمى،قاتارلىق نەشىر بۇيۇملىرىنى ساتقان ،ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئىغىر جازا بىرىلىدۇ.
52-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلرنىڭ جىسمانىي ھۇقۇقى ياكى باشقا قانۇنى ھۇقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ ،جىنايەت شەكىللەندۈگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلەئەزالىرىنى خورلىغانلارنى قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەسۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەدىلىيە خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ،نازارەت قىلىپ باشقۇلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بىقىش مەجبۇرىيتى بولسىمۇ ،ئۇلارنى بىقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
بۇۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈش خەۋىپى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي ،مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلىشى ،تالاپەت ۋەقەلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
53-        ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇن بويىچە ئىغىر جازا بىرىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەر چىكىشكە ،ئۇكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت-نۇمۇسىنى سپتىشقا ئازدۇرغان كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئىغىر جازا بىرىلىدۇ.
54-        ماددا: ئالاقىدار مۇشۇ قانۇن بۇيىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا ،بىردەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا ياكى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بۇلىدۇ،قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ.  خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستەدەۋا قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇش ،قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا  ،ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش بەلگىلەنگەن بولسا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمەبويىچە بۇلىدۇ.
ئالاقىدارلار مەمۇرىي جازا قارارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنمىسا ،خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ دەۋاقىلمىسا ، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا ،جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ ياكى قانۇن بۇيىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.
يەتتىچى باب    قۇشۇمچە پرىنسىپ
55-        ماددا: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇقانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ ،گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن يولغا قويسا بولىدۇ.
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قۇيۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
56-ماددا: بۇقانۇن 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش