كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى
1986-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان )
1-ماددا:بۇقانۇن ئاساسى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ،سوتسىيالىستىك ماددى مەدىنىيەت ۋە مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،ئاساسى قانۇنغا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغائاساسەن تۈزۈلدى.
2-ماددا :دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيىدۇ،،ئۆلكىلەر،ئاپتۇنۇم رايۇنلار ،بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلەر مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى بەلگىلەيدۇ.
3-ماددا:مەجبۇرى مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،مائارىپ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ ،بالىلار،ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقى،ئەقلى ۋە جىسمانى  جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇپ پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش سوتسىيالىستىك قۇرلىشنىڭ غايىلىك،ئەخلاقلىق ،مەدىنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سىلىشى لازىم .
4-ماددا؛ دۆلەت ،جەمئىيەت ،مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھوقۇقىغا قانۇن بۇيىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5-ماددا: ئالتە ياشقا كىرگەن ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار جىنسى ،مىللىتى،ئىرقىغا قارىماي ،مەكتەپكە كىرىشى بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش لازىم .شەرت-شارائىت ھازىرلانمىغان جايلاردا مەكتەپكە كىرىش يىشى يەتتە ياشقا سۈرۈلسە بۇلىدۇ.
6-ماددا: مەكتەپلەر مەملىكەت بۇيىچە بىرتۇتاش قوللىنىدىغان ئورتاق تىلنى ئۇمۇملاشتۇرىشى ۋە ئىشلىتىشى لازىم .
ئازسانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپلەر ئازسانلىق مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل-يىزىققا ئۇقۇتۇش ئىلىپ بارسا بۇلىدۇ .
7-ماددا: مەجبۇرى مائارىپ باشلانغۇچ مائارىپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.باشلانغۇچ مائارىپ ئۇمۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.باشلانغۇچ مائارىپى ۋە تۇلۇقسىز  ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ئۇقۇتۇش تۈزۈمى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
8-ماددا: مەجبۇرى مائارىپ ئىشلىرىدا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە جايلار مەسئۇل بۇلۇش ،دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قۇيۇلىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشىنىڭ ئىھتىياجىغا ۋە بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانى،پىسخىك تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن مەجبۇرى مائارىپنى ئۇقۇتۇش تۈزۈمى ،ئوقۇتۇش مەزمۇنى ،دەرسلىكلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا ۋە دەرسلىكلەرنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش لازىم .
9-ماددا: يەرلىك ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلانغۇچ مەكتەپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى يىقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش لازىم .يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەما،گاس-گاچا زىھنى ئاجىز بالىلار ۋەئۆسمۇرلەرگەئالاھىدە مائارىپ،مەكتەپ(سىنىپ) لىرىنى ئچىپ بىرىشى لازىم .دۆلەت كارخانىلارنى كەسپى ئۇرۇنلارنى ۋە ئىجدىمائى كۈچلەرنى شۇجايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرىشىدا ،دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تەلەپلەر بۇيىچە مۇشۇقانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەكتەپلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ،شەھەر ۋە يىزىلارنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى پىلانى مۇناسىپ مەجبۇرى مائارىپ ئەسلىھەلىرى قۇرلۇشىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇلۇشى كىرەك .
10-ماددا:دۆلەت مەجبۇرى مائارىپىنى قۇبۇل قىلىدىغان ئۇقۇغۇچىلاردىن ئۇقۇش خىراجىتى ئالمايدۇ.
دۆلەت نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن ئۇقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىدۇ.
11-ماددا: ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇقۇش يىشىدىكى پەرزەنتلىرىنى ،ۋەسىيلەر ئۆزلىرى ۋەسىيلىك قىلغان ئۇقۇش يشىدىكى پەرزەنتلىرىنى ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ بەلگىلەنگەن مۇددەت بۇيىچە مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىشى كىرەك ،ئۇقۇش يپشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى كىسەللىك ياكى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىرىشتىن كىچىكتۈرۈشكە ياكى ئۇقۇشتىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەسىيلىرى ئىلتىماس سۇنۇپ ،يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىشى كىرەك ؛ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىشىغا تىگىشلىك بولغان ئۇقۇتۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشى مەنئى قىلىدۇ.
12-ماددا مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشتا كىتىدىغان كەسپى راسخوت ۋە ئاساسى قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تەييارلاشقا گوۋۇيۈەنىڭ ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ  .دۆلەتنىڭ مەجبۇرى مائارىپقا مالىيىدىن ئاجرىتىغان پۇلنىڭ ئىشىش نىسبىتى ،دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئىشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بۇلۇشى ھەمدە مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان راسخۇدى تەدرىجى ئشىپ بىرىشى لازىم .يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،شەھەر،يىزىلاردا قۇشۇمچە  مائارىپ راسخۇتى يىغىدۇھەمدە ئۇنى ئاساسلىقى مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشقا ئىشلىتىدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار رايۇنلارنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشىغا خىراجەت جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ.
دۆلەت كۈچلۈك ئىجدىمائى كۈچلەر ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىختىيارلىق ئاساسىدا مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بىرىدۇ.
دۆلەت ئازسانلىق رايۇنلىرىنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشقا ئۇقۇتقۇچى ،مالىيەقاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم قىلىدۇ.
13-ماددا: دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ سىفەن مائارىپىنى كۈچەيتىدۇۋە راۋاجلاندۇرىدۇ .ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش ،يىتۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى تىزلىتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى ئالىي سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەردىن يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىدۇ.
سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بۇيىچە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كىرەك.دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلارنى مائارىپ ئىشلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
14-ماددا:پۈتۈن جەمئىيەت ئۇقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك ،دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.تەدبىر قوللۇنۇپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجدىمائى ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ،ماددى تەمىناتىنى ياخشىلايدۇ،مۇنەۋۋەر مائارىپچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
ئۇقۇتقۇچىلار سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىشى ،ئۆزىنىڭ ئىدىيە ،مەدىنىيەت ،كەسپى سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىشى،ئۇقۇغۇچىلارغاكۆيۈنىشى ئۆز بۇرچىغا سادىق بۇلۇشى لازىم .
15-ماددا: يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىشى لازىم .كىسەللىك سەۋەبى ياكى ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغانلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار،ئۆسمۈرلەر مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلمىغان بولسا ،شۇجايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتا-ئانىسىغا ياكى ۋەسىيلىرىگە تەنقىد،تەربىيە بىرىدۇھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ ئۇلارنى ئۆزپەرزەنتلىرىنى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنى مەكتەپكە بىرىشكە بۇيرۇيدۇ.
ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار،ئۆسمۈرلەرنى ئىشقا قۇبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخسىيلەرگە شۇجايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەنقىد ۋە تەربىيە بىرىدۇ،ئىشقا قۇبۇل قىلىشنى تۇختۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ،قىلمىشى ئىغىرلارغا جەرىمانە قۇيۇشقا ،تىجارەتتىن توختۇتۇشقا تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىۋىتىشكە بۇلىدۇ.
16-ماددا:ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس مەجبۇرى مائارىپ خىزمىتىنى ئىگىلىۋالماسلىقى،تۇتۇپ قالماسلىقى ،يۆتكەپ ئىشلىتىۋالماسلىقى ،ئۇقۇتۇش تەرتىپىنى بۇزماسلىقى ،مەكتەپنىڭ يەرلىرى،ئۆي ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋالماسلىقى ۋە بۇزىۋەتمەسلىكى كىرەك .
ئۇقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەش ۋە ئۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ،ئۇقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
دىندىن پايدىلىنىپ مەجبۇرى مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى ئىلىپ بىرىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
يۇقىردا ئپيتىلغان 1-2-تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەھۋالغاقاراپ مەمۇرى چارە كۈرىلىدۇ،مەمۇرىي جازا بىرىلىدۇ ،زىيان كەلتۈرگەنلەردىن زىيان تۆلىتىۋىلىنىدۇ،قىلمىشى ئىغىر بۇلۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
17-ماددا:گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپقا ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلىرى مۇشۇقانۇنغا ئاساسەن يولغا قۇيۇشنىڭ تەپسىلى قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇۋەئۇنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كىيىن ئىجرا قىلىدۇ.
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمى كومتىتلىرى مۇشۇقانۇنغا ئاساسەن ئۆز رايۇنلىرىنىڭ ئەمىلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قۇيۇشنىڭ كونكىرىت چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
18-ماددا:بۇقانۇن 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجراقىلىنىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش