كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ قانۇنى
(1995-يىلى3-ئاينىڭ 18-كإنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان)
بىرىنچى باب ئۇمۇمىي قائىدە
1-ماددا:بۇقانۇن مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ،سوتسىيالىستىك ماددى مەدىنىيەت ۋە مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسىتىدە ،ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا:بۇقانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل مائارىپقا تەدبىقلىنىدۇ.
3-ماددا:دۆلەت ماركىسىزىم –لنىنىزىم ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى ۋە جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىرىيىسىنى يىتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،ئاساسى قانۇندا بەلگۈلەنگەن ئاساسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ،سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
4-ماددا: مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشىنىڭ ئاساسى.دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5-ماددا:مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى،ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرلىشى،ئەخلاقى ،ئەقلىي ،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يىتىلگەن سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز-باسارلىرىنى يىتىشتۈرىشى شەرت.
6-ماددا: دۆلەت تەربىيلىگۈچىلەر ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ،كوللىكتىۋىزىملىق ،سوتسىيالىزىم تەربىيىسى ئىلىپ بارىدۇ،ئەخلاق ،ئىنتىزام ،قانۇنچىلىق ،دۆلەت مۇداپىيەسى تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئىلىپ بارىدۇ.
7-ماددا :مائارىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئپسىل تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرىشى ،ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ بارلىق ئىسىل مۇۋاپپىقىىيەتلىرىنى قۇبۇل قىلىشى كىرەك .
8-ماددا: مائارىپ پائالىيەتلىرى دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كىلىشى شەرت .
دۆلەت مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىش يولىنى تۇتىدۇ.ھەرقانداق تەشكىلات  ۋە شەخىسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزىمىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەركەتلەرنى ئىلىپ بپرىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
9-ماددا:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇقرالىرىدا تەربىيلىنىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى بۇلىدۇ.پۇقرالار مىللىتى ،ئىرقى،جىنسى،كەسپى،مال-مۈلۈك ئەھۋالى ،دىننى ئىتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي تەربىيلىنىش پۇرسىتىدىن قانۇن بۇيىچە باراۋەر بەھرىمان بۇلىدۇ.
10-ماددا:دۆلەت ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ ،ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
دۆلەت چەت،يىراق ،نامرات رايۇنلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىشىغا يار-يۆلەك بۇلىدۇ.دۆلەت مپيىپلار مائارىپى ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بۇلىدۇۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
11-ماددا: دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىيات ئىھتىياجىغا يارىشا ،مائارىپ ئىسلاھىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ھەر دەرىجلىك ھەرخىل مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدۇ.ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستىمىسىنى بەرپاقىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۇرىدۇ.
دۆلەت مائارىپ پەن تەتقىقاتىنى قوللايدۇ،رىغبەتلەندۈرىدۇۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ،مائارىپ پەن تەتقىقاتى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ئۇمۇملاشتۇرىدۇ،مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
12-ماددا: خەنزۇتىل يىزىقى -مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى ئۇقۇشىدا قوللىنىدىغان ئاساسىي تىل-يپزىق ،ئازسانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلغان مەكتەپ ۋەباشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى ئۇقۇتۇشنى شۇمىللەتنىڭ تىل-يىزىقى بىلەن ياكى شۇيەردىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل-يىزىق بىلەن ئىلىپ بارسا بۇلىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى ئۇقۇتۇشتا مەملىكەت بۇيىچە ئورتاق قوللىنىدىغان تىل ۋە قپلىپلاشتۇرۇلغان خەتلەرنى ئۇمۇملاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
13-ماددا :دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
14-ماددا :گوۋۋۇيإن ۋە ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجە بۇيىچە باشقۇرۇش ،ئىش تەخسىماتى بۇيىچە ماسئۇل بۇلۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ،مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بولغان مائارىپنى گوۋۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.
ئالىي مائارىپنى گوۋۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.
15-ماددا: گوۋۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇۋە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجەخەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۆز مەمۇرى رايۇنىدىكى مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيتى دائىرسىدە ئالاقىدار مائارىپ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بۇلىدۇ.
16-ماددا :گوۋۋۇيۇەن ۋە ناھەيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومتىتىغا مائارىپ خىزمىتى ۋە مائارىپ راسخوتىنىڭ خامچوت ۋە نەقچوت ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىشى ،نازارەتچىلىكنى قۇبۇل قىلىشى كىرەك .  
ئىككىنجى باب   مائارىپنىڭ ئاساسى تۈزۈملىرى
17-باب :دۆلەت ئۇقۇش يىشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ،باشلانغۇچ مائارىپى،ئوتتۇرا مائارىپ ،ئالى مائارىپتىن ئىبارەت مەكتەپ مائارىپى تۈزىمىنى  يولغا قويىدۇ.
ئىلمى ئۇقۇش تۈزىمى سىستىمىسىنى بەرپاقىلىدۇ. ئۇقۇش تۈزىمى سىستىمىسىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى تەسسىس قىلىش ،تەلىم-تەربىيە شەكلى ،ئۇقۇش مۇددىتى ،ئۇقۇش قۇبۇل قىلىش ئۇبىكتى ،يىتىشتۈرۈش نىشانى قاتارلىقلارنى گوۋۋۇيۇەن ياكى گوۋۋۇيۈەن ھۇقۇق بەرگەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.
18-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈرلۈك تەدبىر قوللۇنۇپ ،ئۇقۇش يپشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئۇقۇش يپشىدىكى بالىلارئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ،شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار-ئۆسمۈرلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ۋە تۈگىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيتى بار .
19-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپ تۈزۈمى ۋە چوڭلار مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ.ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ،ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋە كارخانىلار ،كەسپى تەشكىلاتلار تەدبىر قوللۇنۇپ ،پۇخرالارنىڭ يەسلى مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسى ياكى ھەرخىل شەكىلدىكى تەربىيە ئىلىش ئىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كىرەك .
دۆلەت ھەرخىل شەكىلدىكى چوڭلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بىرىپ ،پۇخرالارنى مۇۋاپىق شەكىلدىكى سىياسەت ،ئىقتىساد ،مەدىنىيەت ،ئىلىم-پەن ،تىخنىكا تەربىيىسى ،كەسپى تەربىيەۋە ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگەقىلىدۇ.
20-ماددا: دۆلەت دۆلەتلىك مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ.
دۆلەتلىك ئىمتىھاننىڭ تۈرلىرىنى گوۋۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇھەمدە بۇئىمتىھاننى دۆلەت تەستىقلىغان ئاپپىراتلار ئالىدۇ.
21-ماددا: دۆلەت ئۇقۇش گۇۋانامىسى تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ.دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ياكى دۆلەت ئىتراپ قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگۈلىمىلىرى بۇيىچە ئۇقۇش تارىخ گۇۋانامىسىنى تارقىتىدۇ.
22-ماددا: دۆلەت ئىلمى ئۈنۋان تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ .ئىلمى ئۈنۋان بەرگۈچى ئۇرۇن مۇئەييەن ئىلمى  سەۋىيىگە ياكى كەسپى تىخنىكا سەۋىيىسىگە يەتكەن خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مۇناسىپ ئىلمى ئۈنۋان بىرىدۇ،ئىلمى ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى بىرىدۇ.
23-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز-ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسى قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار كارخانا ۋە كەسپى تەشكىلاتلار تۈرلۈك تەدبىر قوللۇنۇپ ،ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرىشى كىرەك .
24-ماددا: دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تۈزۈمىنى ،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ.
ئۈچىنچى باب مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى
25-ماددا: دۆلەت مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى تۈزىدۇھەمدە مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى قۇرىدۇ.دۆلەت كارخانىلار ،كەسپى تەشكىلاتلار ،جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ھەم پۇخرالارنىڭ قانۇن بۇيىچە مەكتەپ ئىچىشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بىرىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پايدا تىپىش مەخسىتىدە مەكتەپ ئىچىشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى قۇرۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
26-ماددا: مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى تەسسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەر ھازىرلانغان بۇلۇشى شەرت:
1.تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بۇلۇشى شەرت.
2.لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بۇلۇشى شەرت .
3.بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كىلىدىغان ئۇقۇتۇش ئورنى ۋە ئەسلىھە ئۈسكىنىسى قاتارلىقلار بۇلۇش .
4.مەكتەپ ئپچىشقا زۈرۈر بولغان مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بۇلۇش
27-ماددا:مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى تەسسىس قىلىش ئۆزگەرتىش ۋەتوختىتىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە تەكشۈرۈش ،تەستىقلىتىش ،روھى خەتكە ئالدۇرۇش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى كىرەك .
28-ماددا: مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى تۆۋەندىكى ھۇقۇقنى يۈرگۈزىدۇ:
1.نىزاننامە بۇيىچە ئۆزئالدىغا باشقۇرۇش .
2.تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش.
3.تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ،مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش ؛
5.تەربىيلەنگۈچىلەرگەمۇناسىپ ئۇقۇش گۇۋاھنامىسى بىرىش ؛
6.ئۇقۇتقۇچى ياكى باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ،مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش ؛
7.ئۆزئۇرنىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى، تەربىيلەش خىراجىتىنى باشقۇرۇش ،ئىشلىتىش؛
8.ھەرقانداق ۋە شەخىسنىڭ تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە قانۇنسىز ئارلىشىشىنى رەت قىلىش.
9.قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۇقۇقلار
دۆلەت ،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنىڭ قانۇني ھۇقۇق مەنپەئىتىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قوغدايدۇ.
29-ماددا: مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كىرەك:
1.        قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش .
2.        دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ تەربىيلەش ئۇقۇتۇش ئۆلچىمىنى ئىجراقىلىش ،تەربىيلەش ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش
3.        تەربىيلەنگۈچىلەر ئۇقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش .
4.        تەربىيلەنگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋەباشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ تۇرىشىغا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش
5.        دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە ھەق ئپلىش ۋە ھەق ئپلىنىدىغان تۈرلىرىنى ئاشكارلاش.
6.        نازارەتچىلىكنى قانۇن بۇيىچە قۇبۇل قىلىش
30-ماددا:مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنى قۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە ئۆزى قۇرغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەلگىلەيدۇ.
مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى ئاساسلىق مەمۇرى مەسئۇللىقىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان ،جۇڭگۇ تەۋەسىدە ئۇلتۇراقلاشقان ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان پۇقرالار ئۈستىگە ئالىدۇ،ئۇلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە تەيىنلىنىدۇۋە قالدۇرلىدۇ.مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلىدۇ.مەكتەپ ۋە باشقامائارىپ ئاپپىراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلى بۇيىچە ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ئۇقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىمۇكراتىك باشقۇرۇشقا ۋە نازارەتچىلىك قىلىشىغا قاتنىششقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .
31-ماددا:مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىدىن قانۇنى ئىگە شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى تەسسىس قىلىش ،تەسسىقلانغان ياكى روھى خەتكە ئىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ،قانۇنى ئىگە سالاھىتىگە ئىگەبۇلىدۇ.مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى ھەق-تەلەپ ئىشلىرىدا قانۇن بۇيىچە ھەق-تەلەپ ھۇقۇقىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ،ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلىدۇ.مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى باشقۇرغان كەسىپلەر ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.
تۆتىنچى باب  ئۇقۇتقۇچىلار ۋەباشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى
32-ماددا: ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ،قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ،خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بۇلىدۇ.
33-ماددا:دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجدىمائى ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى،پاراۋانلىق تەمىناتى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بۇيىچە بىرىلىدۇ.
34-ماددا: دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلىققا سالاھىيەت ،ۋەزىپە،تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغاقۇيىدۇ،تەكشۈرۈش ،سىناش،مۇكاپاتلاش ،تەربىيلەش يىتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ،ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ قۇرلىشىنى كۈچەيتىدۇ.
35-ماددا:مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ئىچىدە مائارىپ خىزمەتچىلىرى تۈزۈمىنى يۇلغاقۇيىدۇ.
مەكتەپ ۋەباشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىدىكى ئۇقۇتۇش ياردەمچىلىرى ۋە باشقا كەسپى تپخنىكا خادىملىرى ئىچىدە كەسپى تپخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش تۈزىمى يولغاقۇيىلىدۇ.

بەشىنچى باب تەربىيلەنگۈچىلەر
36-ماددا:تەربىيلەنگۈچىلەرمەكتەپكەكىرىش،يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش ،ۋە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ھۇقۇقتىن قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بۇلىدۇ.
مەكتەپ ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئۇرۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە،قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ،يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش ۋە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ،ئىلمى ئۈنۋان ئىلىش ۋە چەتئەلگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇغۇللار بىلەن باراۋار ھۇقۇقتىن بەھرىمان بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .
37-ماددا: دۆلەت ،جەمئىيەت مەكتەپكەكىرىش شەرتىگە مۇۋاپىق ،ئەمما ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار ،ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارغا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ياردەم بىرىدۇ.
38-ماددا: دۆلەت،جەمئىيەت ،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى مپيىپلارنى جىسمانىي ۋە روھى ئالاھىدىلىكىگە ،ئىھتىياجىغا قاراپ تەربىيلىشى ھەمدە ئۇلارغا ياردەم بىرىشى ۋەقۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
39-ماددا:دۆلەت،جەمئىيەت ،ئائىلە،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى،قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تەربىيەبىرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
40-ماددا: كەسپى خادىملارنىڭ قانۇن بۇيىچە كەسپى جەھەتتە تەربىيلىنىش ھەم ئۈزلۈكسىز تەربىيە ئپلىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى بار.
دۆلەت ئورگانلىرى ،كارخانىلار كەسپى تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ئۆزئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەربىيلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ۋە قۇلايلىق  يارىتىپ بىرىشى كىرەك .
41-ماددا:دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرى ،ئىجدىمائى تەشكىلاتلارنىڭ تەدبىر قوللۇنۇپ پۇقرالارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بىرىشىگە ئىلھام بىرىدۇ.
42-ماددا:تەربىيلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى ھۇقۇقلارغائىگە:
1.        تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش پىلانىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ،تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە كىتاب-ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش ؛
2.        دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى،ئۇقۇش قەرز پۇلى ۋە ئۇقۇش ياردەم پۇلىغا ئپرىشىش ؛
3.        ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئادىل باھاغا ئپرىشىش ،بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن مۇناسىپ ئۇقۇش گۇۋانامىسىگە ۋە ئىلمى ئۇنۋان گۇۋانامىسىگە ئىگە بۇلۇش
4.        مەكتەپ بەرگەن جازاغا قايىل بولمىسا ،ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىش ،ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ،مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئوخشاش قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مەكتەپ ،ئۇقۇتقۇچى دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا ،ئەرز قىلىش ياكى قانۇن بۇيىچە داۋا قىلىش ؛
5.        قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۇقۇقلار ؛
43-ماددا: تەربىيلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كىرەك:
1.        قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ؛
2.        ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت قائىدىسىگەئەمەل قىلىش ،ئۇستازلار ۋە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش ،ئۆزىدە ياخشى ئىدىيىۋى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ھەركەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
3.        تىرىشىپ ئۆگىنىپ بەلگۈلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنداش ؛
4.        ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىش ؛
44-ماددا : مائارىپ، تەنتەربىيە ،سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلرى تەنتەربىيە ،ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىشى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى قوغدىشى كىرەك.

ئالتىنچى    باب   مائارىپ ۋە جەمئىيەت
45-ماددا:  دۆلەت ئورگانلىرى ،ئارمىيە،كارخانىلار ،كەسپى تەشكىلاتلار ،جامائەت تەشكىلاتلىرى،شۇنىڭدەك باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەر قانۇن بۇيىچە بالىلار ،ئۆسمۈرلەر ۋە ياش ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ،روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇبدان شارائىت يارىتىپ بىرىشى كىرەك .
46-ماددا: دۆلەت كارخانىلار كەسپى تەشكىلاتلار ،جامائەت جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ،ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر بىلەن ئۇقۇتۇش ،ئىلمى تەتقىقات تىخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى كىڭەيتىش جەھەتلەردە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىلھام بىرىدۇ.
كارخانىلار ،كەسپى تەشكىلاتلار ،جامائەت تەشكىلاتلىرى ،شۇنىڭدەك باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرلىشىغا مەدەت بەرسە ،مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتناشسا بۇلىدۇ.   
47-ماددا: دۆلەت ئورگانلىرى ،ئارمىيە،كارخانىلار كەسپى تەشكىلاتلارۋە باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا،ئىجدىمائى ئەمىلىيەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ياردەم بىرىشى ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
48-ماددا:مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى نۇرمال تەربىيلەش،ئۇقۇتۇش پائالىيتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ، شۇجاينىڭ جەمئىيەت ۋە جامائەتكە پايدىلىق بولغان پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشى كىرەك .
49-ماددا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرنىڭ ياكى باشقا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنىڭ  تەربىيلىنىشى ئۈچۈن زۈرۈر شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى كىرەك .
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپ ۋە باشقا ئاپپىراتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنى تەربىيلەشكە ماسلىشىشى كىرەك. مەكتەپلەرئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلسا بۇلىدۇ.
50-ماددا: كۈتۈپخانا،مۇزىي،پەن-تپخنىكا سارىيى،مەدىنىيەت سارىيى،گۈزەل-سەنئەت سارىيى،تەنتەربىيە سارىيى(مەيدانى)قاتارلىق جامائەت مەدىنىيەت-تەنتەربىيە مۇئەسسەسەلىرى،شۇنىڭدەك تارىخى مەدىنىيەت ،ئاسارە-ئەتىقە ئۇرۇنلىرى ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرى(ئۇرۇنلىرى)دائۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارغا ئىتىبار بىرىش ،تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيە ئىلىشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
رادىئوئىستانسىسىلىرى(ئۇزۇللىرى)،تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى
مائارىپ پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىپ تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى-ئەخلاق ،پەزىلەت،مەدىنىيەت ۋە  پەن-تىخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بۇلۇشى كىرەك.
51-ماددا:دۆلەت ۋە جەمئىيەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيلەش مۇئەسسەلىرىنى قۇرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسى قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار ،كارخانىلار،كەسپى تەشكىلاتلار،جامائەت تەشكىلاتلىرىبىلەن ماسلىشىپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم-تەربىيەخىزمىتىنى كۈچەيتىشى كىرەك .
52-ماددا:دۆلەت جامائەت تەشكىلاتلىرى،ئىجدىمائى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ،شۇنىڭدەك باشقا ئىجدىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى تەربىيە،مەدەنىيەت تەربىيىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىشىغا ئىلھام بىرىدۇ.
يەتتىنچى باب مائارىپقا سىلىنىدىغان مەبلەغ ۋە شەرت-شارائىت كاپالىتى
53-ماددا  :دۆلەت مالىيىسىدىن  پۇل ئاجرىتىشنى ئاساس، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن غەملەشنى قۇشۇمچە قىلغان تۈزۈمنى بەرپا قىلىپ، پەيدىنپەي مائارىپقا سىلىنىدىغان مەبلەغنىڭ مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
كارخانىلار، كەسپى تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى،شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان مەكتەپ باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشقا كىتىدىغان خىراجىتىنى غەملەشكە شۇمەكتەپنىڭ قۇرغۇچى كىشى مەسئۇل بولىدۇ. ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا مەدەت بەرسە بۇلىدۇ.
54-ماددا: دۆلەت مالىيىسىدىن بىرىلىدىغان مائارىپ خىراجىتى چىقىم خەلق ئىگىلىكى ئۇمۇمى قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆسۈپ بىرىش كىرەك. كونكرت نىسبىتىنى ۋە يولغا قۇيۇش قەدەم – باسقۇچلىرىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
مائارىپ خىراجىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ ئۇمۇمى سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئىشىپ بىرىشى كىرەك.
55-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئىش ھۇقۇقى بىلەن مالىيە ھۇقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە مالىيە خامچوتىدا ئايرىم تۈر قىلىنىدۇ.
ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپقا بىرىدىغان پۇلىنىڭ ئىشىپ بىرىش نىسبىتىنى دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئپشىپ بىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى قىلىش مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن توغرا كىلىدىغان مائارىپ خىراجىتىنىڭ پەيدىنپەي ئىشىپ بپرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
56-ماددا: گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەخسۇس مائارىپ مەبلىغى تەسىس قىلىپ چەت، يىراق، نامرات رايۇنلار ۋە ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەجبۇرى مائارىپىنى يولغا قۇيۇشىغا نوقتىلىق يار- يۆلەك بۇلۇشى كىرەك.
57-ماددا:باج ئورگانلىرى مائارىپ قۇشۇمچە خىراجىتىنى قانۇن بويىچە تۇلۇق يىغىدۇ، ئۇنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، ئاساسلىقى مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇشقا ئىشلىتىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان قۇشۇمچە خىراجەتلىرىنى ئىلىشنى بەلگىلەپ، ئۇنى ئۆز جايىغا ئىشلەتسە بۇلىدۇ، يىزىلاردا يىزا بىر تۇتاش غەملەيدىغان مائارىپ قۇشۇمچە خىراجىتىنى يىزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىدۇ، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ ياكى يىزا خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ. شۇ يىزا ۋە كەنتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ.يىزا مائارىپ قۇشۇمچە خىراجىتىنىڭ يىزىنىڭ بىر تۇتاش غەملەيدىغان قىسمىدا ئىگىلەيدىغان كونكىرىت نىسبىتى ۋە كونكىرىت باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ.
58-ماددا: دۆلەت ئىتىبار بىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نورمال تەربىيلەش ۋە ئۇقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا مەكتەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرىشىغا ئىلھام بىرىدۇ ۋە يار- يۆلەك بولىدۇ.
59-ماددا:يىزىلىق، مىللى يىزىلىق،بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ تەستىقى بىلەن ئىختىيار قىلىش، ھالىغا بىقىش پىرىنسىپى ئاساسىدا،ئۆزىنىڭ مەمۇرى رايۇنى تەۋەسىدە مەكتەپ باشقۇرۇشقا مەبلەغ توپلاپ، ئۇنى مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قۇيۇۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سىلىش ۋە  مەكتەپ ئۆي- ئىمارەتلىرىنى رىمۇنت قىلىش، يىڭىدىن سىلىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بۇلىدۇ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
60-ماددا: دۆلەت چىگرا ئىچى- سىرتىدىكى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ مائارىپقا ياردەم بىرىشىگە ئىلھام بىرىدۇ.
61-ماددا:دۆلەت مالىيىسى خاراكتىرلىك مائارىپ خىراجىتى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مائارىپقا ئىئانە قىلغان پۇلنى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرت، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋىلىشقا، قىسىپ ئىلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
62-ماددا:دۆلەت پۇل- مۇئامىلىسى، كىردىت ۋاستىلىرى ئارقىلىق مائارىپ ئىشلرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئىلھام بىرىدۇ.
63- ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپقا سىلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كىرەك.
64- ماددا: يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىنى شەھەر- يىزاقۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىغا كىرەكلىك بولغان يەر ۋە ماددى ئەشيالارنى بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇشى،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇش ۋە ئتىبار بىرىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش كىرەك.
65-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،دەرسلىك ۋە ئۇقۇتۇشقا كىرەكلىك بولغان كىتاپ –ماتىرىياللارنى نەشىر قىلىش،تارقىتىشتا ،ئۇقۇتۇش سايمانلىرى ،ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتە ،مەكتەپلەرنىڭ تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش ۋە ئىلمى تەتقىقاتىغا كىرەكلىك بولغان كىتاپ –ماتىرىياللار ،ئۇقۇتۇش سايمانلىرى،ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇش ۋە ئىتىبار بىرىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش كىرەك .
66-ماددا:ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈنھي ھەمرا تىلىۋىزىيە مائارىپى ۋە باشقا زامانىۋى ئۇقۇتۇش ۋاستىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى،ئالاقىدار مەمۇرى تارماقلار ئۇنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇرۇنلاشتۇرىشى،ئۇنىڭغا يار-يۆلەكتە بۇلۇشى لازىم.
دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ قوللىنىشىنى ئۇمۇملاشتۇرىشىغا ئىلھام بىرىدۇ.
سەككىزىنچى باب   مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق
67-ماددا: دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بىرىدۇ.
  دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇش، باراۋەر بۇلۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك. جوڭگونىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى،بىخەتەرلىك ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قۇيۇلمايدۇ.
68- ماددا:جوڭگو تەۋەسىدىكى پۇقرالانىڭ چەتئەلگەچىقىپ ئۇقۇش، تەتقىقات ئپلىپ بپرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ياكى ئۇقۇتقۇچىلىق قىىلىش ئىشلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.
69- ماددا:جوڭگو تەۋەسىدە بولمىغان شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندىن كىيىن جوڭگو تەۋەسىدىكى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ ئۇقۇسا، تەتقىقات ئىلىپ بارسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئۇقۇتقۇچىلىق قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەئەتى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
70- ماددا: جوڭگو ئۆز تەۋەسىدە بولمىغان مائارىپ ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئىلمى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئۇقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ئۇقۇش گوۋاھنامىسنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەر بويىچە ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىتىراپ قىلىدۇ.
توققۇزىنچى باب   قانۇنى جاۋاپكارلىق
71- ماددا:دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مائارىپ خىراجىتىنى خام چوت بۇيىچە ئاجراتمىغانلارغا شۇدەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇددەت بەلگىلەپ ئاجراتقۇزىدۇ؛قىلمىشى ئپغىر بولسا بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرى چارە كۆرىلىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە ،كەسپى مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مائارىپ خىراجىتىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان ،قىسىپ ئىپقالغانلارنى شۇخىراجەتنى مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ،جىنايەت شەكىلەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
72-ماددا:توپلىشىۋىلىشىپ مۇشتلاشقان ،ئۆكتەملىق قىلىپ چاتاق چىقارغان ،مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپ ئۆي-ئىمارىتى مەيدانى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى بۇزغانلارنى جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش بۇيىچە جازالايدۇ؛جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي-ئىمارىتى ،مەيدانى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى ئىگەللىۋالغانلار قانۇن بۇيىچە ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئإستىگە ئالىدۇ.
73-ماددا:مەكتەپ ئۆي-ئىمارىتى ياكى تەربىيلەش ،ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي يارىلىنىش ياكى ئۆلۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ما-مۈلكىنى ئىغىر زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاستە باشقۇرۇلىدىغان مەسئۇل خادىملارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
74-ماددا:ھۆكإمەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلەىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى ھەقىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ؛بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كإرىدۇ.
75-ماددا: مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا قۇرغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغاۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن مەمۇرى چارە بۇيىچە كۆرىلىدۇ.
76-ماددا : دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىلارنى قايتۇرۋىتىشكە ،ئىلىنغان ھەقنى  قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرۇيدۇ ؛بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرى چارە كۆرىلىدۇ.
77-ماددا: ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىدە شەخسى غەرەز بىلەن كۆزبۇيامچىلىق قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى قۇبۇل قىلغانلارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ؛بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.
78-ماددا :مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تەربىيلەنگۈچىلەردىن ھەق ئالغان بولسا ،ئۇلارنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىلىنغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ.
79-ماددا: دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانلىرىدا ساختىلىق قىلىنغان بولسا مائارىپ تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز دەپ ئىلان قىلىدۇ. بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرى چارە كۆرىلىدۇ.
دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانلىرى قانۇنسىز ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلسا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز دەپ ئىلان قىلىدۇ؛قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ.
80-ماددا: مۇشۇقانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خلاپ ھالدا ئىلمى ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى،ئۇقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئۇقۇش گۇۋاھنامىسى بىرىلگەن بولسا ،مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۇنى ئىناۋەتسىز دەپ ئىلان قىلىدۇ،بۇگۇۋاھنامىلەرنى قايتۇرۋىتىش ياكى مۇسادىرە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ ،قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛قىلمىشى ئىغىرلارنىڭ گۇۋاھنامە بىرىش سالاھىيىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ.
81-ماددا: مۇشۇقانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگەخىلاپلىق قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ،تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ ،زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەنلەر قانۇن بۇيىچە ھەق-تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك.
ئونىنچى باب         قۇشۇمچە قائىدە
82-ماددا: .ھەربى مەكتەپ مائارىپ توغرىسىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومتىتى مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
دىننى مەكتەپ مائارىپ توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
83-ماددا: چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگۇ تەۋەسىدە مەكتەپ ئىچىش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئىچىش چارىسىنى گۇۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
84-ماددا: بۇقانۇن 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيىلىدۇ.  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش