كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ  ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى
(1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كإنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتنىڭ 4-قپتىلىق ئۇمۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى رەئىسىنىڭ 15-نۇمۇرلۇق پەرمانى بۇيىچە1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئپلان قىلىنغان)
بىرىنچى باب        ئۇمۇمى قائىدە
1-ماددا:ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق –مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ،ياخشى ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسىگە ۋە كەسپى ساپاغا ئىگە ئۇقۇغۇچىلار قۇشۇنى بەرپاقىلىپ ،سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇقانۇن تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا: بۇقانۇن ھەردەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئاپپىراتلىرىدا مەخسۇس تەلىم-تەربىيە ،ئۇقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۇيغۇن كىلىدۇ.
3-ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارغا تەلىم-تەربىيە ،ئۇقۇتۇش مەسئۇلىيتىنى ئاداقىلغان كەسپى خادىملار بۇلۇپ ھەم ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم تەربىيلەش ،سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز-باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈش ،مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئإستىگە ئالغان .ئۇقۇتقۇچىلار خەلىقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بۇلۇشى كىرەك .
4-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكإمەتلىرى تەدبىر قوللۇنۇپ، ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپى تەربىينى كۈچەيتىپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ،قانۇنىي ھۇقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ،ئىجدىمائى ئورنىنى يۇقىرى كۆتىرىشى كىرەك.
پۈتۈن جەمىيەت ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كىرەك.
5- ماددا:گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى  تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى ئاساسلىق قىلىپ باشقۇرىدۇ.
گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ ھۇقۇق دائىرىسى ئىچىدە ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ ھۇقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئۇقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
6- ماددا: ھەريىلى 9- ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى بۇلىدۇ.
ئىككىنچى باب ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت
7-ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارتۆۋەندىكى ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بۇلىدۇ.
1. تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش پائالىيىىتى ئپلىپ بپرىش، تەلىم-تەربىيە، ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.
2. ئىلمى تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسپى  ئىلمى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، ئىلىم پائالىيەتلىرىدە تۇلۇق پىكىر بايان قىلىش.
3. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە يىتىلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش، ئۇقۇغۇچىلارنى ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بىكىتىش.
4. ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئىلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى شۇنداقلا قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئىلىپ، دەم ئىلىشتىن بەھرىمەن بۇلۇش.
5. مەكتەپنىڭ تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بىرىش، ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دىموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش.
6. بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيلىنىشلەرگە قاتنىشىش.
8- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كىرەك.
1. ئاساسى قانۇنغا ، قانۇنلارغا ۋە كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغائۈلگە بۇلۇش.
2. دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش كىرەك، تەلىم- تەربىيە ، ئۇقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنداش.
3. ئۇقۇتقۇچىلارغا ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى پىرىنسىپ تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى تەربىيىسى، قانۇن- تۈزۈم تەربىيىسى، شۇنداقلا ئىدىيىۋى- ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن- تپخنىكا تەربىيىسى ئپلىپ بپرىش، ئۇقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يىتەكلەش.
4. بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق- پەزىلەت، زىھنى كۈچى، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
5. ئۇقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەركەتلەرنى ياكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق – مەنپەتىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەركەتلەرنى چەكلەش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛
6. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى- سىياسى ئىڭىنى ۋە تەلىم – تەربىيە، ئۇقۇتۇش كەسپى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.
9- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارنى تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكإمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.
1. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان تەلىم- تەربىيە ، ئۇقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش.
2. زۆرۈر بولغان ماتىريال ۋە باشقا تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش.
3. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش، ئىلمى تەتقىقات داۋامىدىكى ئىجادى خىزمىتىگە ئىلھام بىرىش ۋە ياردەم قىلىش.
4. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەركەتلەرنى ياكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق – مەنپەتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرنى چەكلەشنى قوللاش.
ئإچىنچى باب سالاھىيەت ۋە ئىشقا قۇيۇش.
10- ماددا: دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ.
جۇڭگو پۇقرالىرى ئۇمۇمەن، ئاساسى قانۇن ۋە  باشقا قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيىۋى- ئەخلاققا ئىگە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياك دۆلەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش ئىقتىدارى بار بۇلۇپ،لاياقەتلىك دەپ ئىتراپ قىلىنغانلار ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
11- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشىشتە ھازىرلاشقا تىگىشلىك بولغان مۇناسىپ ئۇقۇش تارىخى:
1. بالىلار باغچىسى ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئىرىشىشتە بالىلار سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن بۇلۇش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك.
2. باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئىرىشىشتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بۇلۇشى كىرەك.
3. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى تۇلۇقسىز كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت، كەسپى دەرس ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئىرىشىشتە ئالى سىفەن مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك.
4. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ، تپخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كەسپى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپى دەرس ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئىرىششتە پىداگوگىكا ئىنىستوتلىرنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بۇلۇش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك؛ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر ، تىخنىىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە كەسپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئىرىشىشتە ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئوقۇش  تارىخى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
5. ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيتىگە ئىرىششتە ئاسپرانت بۇلۇش ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك.
6.چوڭلار مائارىپى ئۇقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە  ئىرىششتە چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى، تۈرى بويىچە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك.
7. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان پۇقرالار ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىگە ئىرىششنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش كىرەك. دۆلەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى تۈزۈمى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
12- ماددا: بۇ قانۇن يولغا قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇقۇتقۇچىلاردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلىرىغا قارىتا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى تەرىپىدىن ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆتكۈنچى چارىسى بەلگىلىنىدۇ.
13-ماددا: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكإمەتلىرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىدۇ.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ مۇناسۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى ئارقىلىق ئىتراپ قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ سالاھىيىتى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان مەكتەپلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇقۇش تارىخىغا ئىگەبولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆزلىرى ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىتراپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئاساسەن ئىتراپ قىلىش كىرەك.
ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن خادىملار تۇنجى قىتىم ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغاندا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بۇلۇش كىرەك.
14- ماددا: سىياسى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغانلار ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىرى ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
15- ماددا: ھەردەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش كىرەك.
دۆلەت غەيرى ئالىي سىفەن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى كەسپى مەكتەپلەرگە بىرىپ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
16- ماددا: دۆلەت ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپەتۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ،كونكىرىت چارە گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
17-ماددا: مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۇقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قۇيۇش كىرەك.ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەربولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەر ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ ئىككى تەرەپنىڭ ھۇقۇقى ،مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئايدىڭلاشتۇرىشى كىرەك.
ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچى ،چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
تۆتىنىچى باب يىتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەش
18-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سىفەن مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇش جەھەتتە تەدبىر قوللىنىپ، مۇنەۋەر ياشلارنى ھەر دەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئۇقۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كىرەك ، ھەر دەرىجىلىك ئۇقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئإستىگە ئالىدۇ.
غەيرى سىفەن مەكتەپلىرى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى يىتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئپلىش كىرەك.ھەردەرىجىلىك سىفەن مەكتەپلىرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى كەسپى مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
19- ماددا: ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، مەكتەپلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش پىلانىنى تۈزۈپ ئۇقۇتقۇچىلارغا كۆپ خىل شەكىلدە ئىدىيىۋى- سىياسى تەربىيە ئپلىپ بپرىشى ۋە ئۇلارنى كەسپى جەھەتتىن تەربىيلىشى كىرەك.
20- ماددا: دۆلەت ئورگانلىرى،كارخانا، كەسپى ئۇرۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەت تەكشۈرۈشى ۋە ئىجتىمائى ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى، ياردەم بىرىشى كىرەك.
21-ماددا: ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرى ۋە چەت، يىراق، نامرات رايۇنلارئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈپ بىرىشى، تەربىيلەپ بىرىشى كىرەك.
بەشىنچى باب: تەكشۈرۈش
22- ماددا: مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى- سىياسى، كەسپى سەۋىيىسىنى، خىزمەت پۇزىتسىيىنى ، خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كىرەك.
23- ماددا: تەكشۈرۈش ئوبىكتىپ، ئادىل، توغرا بۇلۇشى، شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ۋە باشقا ئۇقۇتقۇچىلارىنىڭ شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىنى تۇلۇق ئاڭلاش كىرەك.
24-ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارنى ئۇقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش،جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى باب: تەمىنات
25- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى دۆلەت خىزمەتچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بۇلۇشى ھەمدە پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلىشى كىرەك.نورمال بولغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش تۈزۈمى تۇرغۇزىلىدۇ، بۇنىڭ كونكىرت چارىسىنى گوۋۇيۇەن بەلگىلەيدۇ.
26-ماددا: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە كەسپى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاژى ياردەم پۇلى ۋە باشقا ياردەم پۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كونكىرت چارىنى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى  مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
27- ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقۇتقۇچىلارغا ، شۇنداقلا ئوتتۇرا تىخنىكۇمدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ۋە چەت،يىراق، نامرات رايۇنلارغا بىرىپ تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قۇشۇمچە ياردەم پۇلى بىرىشى كىرەك.
28- ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلرى گوۋۇيۇەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا، ئۆي ئىجارە ئىلىشقا، ئۆي سىتىۋىلىشىغا قارىتا ئالدىن ئىتىبار بىرىدۇ.
ناھىيە، يىزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلرى يىزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىغا ئولتۇراق ئۆي ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
29- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلار داۋالىنىش جەھەتتە شۇ جايدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ھەمدە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇقۇتقۇچىلارنى دەم ئپلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشى كىرەك.داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك.
30- ماددا: ئۇقۇتقۇچىلار پىنسىيىگە چىىققان ياكى خىزمەتتىن چىكىنگەندىن كىيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پىنسىيىگە چىقىش ياكى خىزمەتتىن چىكىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بۇلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكإمەتلىرى ئۇزاق مەزگىل تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پىنسىيىگە چىققان ئۇتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ پىنسىيە پۇلى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بۇلىدۇ.
31- ماددا: ھەردەرىجىىلىك خەلق ھۆكإمەتلرى تەدبىر قۇللىنىپ، دۆلەتتىن قۇشۇمچە ياردەم بىرىدىغان، كوللىكتىپتىن ئىش ھەققى بىرىدىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى كىرىمى جەھەتتە دۆلەتتىن ئىش ھەققى بىرىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇخشاش ئىشقا ، ئوخشاش ھەق ئپلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك، كونكىرت چارىنى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايۇنىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.
32- ماددا: ئىجتىمائى كۈچلەر باشقۇرغان مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يەتتىنچى باب مۇكاپاتلاش
33- ماددا: تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈش، ئىلمى تەتقىقات، ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائى مۇلازىمەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى ئەلا بولغان ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ.
زور تۆھپە قوشقان ئۇقۇتقۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە پەخرى نام بىرىلىدۇ.
34- ماددا: دۆلەت ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئۇقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش فوندى، تەشكىلاتلارغا مەبلەغ ياردەم قىلىشنى قوللايدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا ئىلھام بىرىدۇ، ئۇقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
سەككىزىنچى باب قانۇنى مەسئۇلىيەت
35-ماددا: ئۇقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلارغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەمۇرى چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرى جازا بىرىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلار زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئەھۋال ئىغىر بۇلۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.
36- ماددا: قانۇن بويىچە ئەرز قىلغان،شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان ئۇقۇتقۇچىلارغا زەربە بىرىپ ئۆچ ئالغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار تەرىپىدىن خاتالىقنى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەھۋالى ئىغىرلارغا كونكىرت ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرى چارە كۆرۈلىدۇ.
دۆلەت خىزمەتچىلىردىن ئۇقۇتقۇچىلارغا زەربە بەرگەن ۋە ئۆچ ئپلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلا ر قانۇنىنىڭ 146- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
37- ماددا: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بىرسى كۆرۈلگەن ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلرى ياكى مائارىپ مەمۇرى تارمىقى تەرىپىدىن مەمۇرى چارە كۆرۈلىدۇ ياك ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بىكار قىلىنىدۇ.
1. تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئۇرۇندىماي،تەلىم- تەربىيە ، ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر .
2. ئۇقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەن، تەربىيە بەرسىمۇتۈزەتمىگەنلەر.
3. ئەخلاقى ناچار، ئۇقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن تەسىرى يامانلار.
يۇقارقى 2-3- تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلگەن، ئەھۋال ئىغىر بۇلۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئۇقۇتقۇچىلار قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
38- ماددا: يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرگەنلەرنىڭ ياكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەتىگە دەخلى- تەرۇزز يەتكۈزگەنلەرنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش كىرەك.
دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مالىيىسىنىڭ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان راسخۇتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە ئىغىر دەخلى يەتكۈزگەنلەرنى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرگەن، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق – مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن يۆتكەپ ئىشلەتكەن راسخۇتىنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار خادىملارغا مەمۇرى چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئەھۋالى ئپغىربۇلۇپ جىنايەت شەكىللەندإرگەنلەر  قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
39- ماددا: مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپاراتلرى قانۇنى ھۇقۇق- مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزگەن ياكى باشقا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغان ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئەرزنى تاپشۇرۇپ ئپلىپ 30كۈن ئىچىدە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار مەمۇرى تارمىقىنى ئۆزىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بەھرىمەن بۇلۇشقا تىگىشلىك ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ قارىغان ئۇقۇتقۇچىلار تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئۇنى بىرتەرەپ قىلىشى كىرەك.
توققۇزىنچى باب   قۇشۇمچە قائىدە
40-ماددا: بۇقانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :
1.ھەردەرىجىلىك ھەرخىل تىپتىكى مەكتەپلەر دىگىنىمىز مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىركى مائارىپ ،ئادەتتىكى باشلانغۇچ مائارىپ ،ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ،كەسپى مائارىپ ،ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ،شۇنداقلا ئالاھىدە مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2.باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دىگىنىمىز ئۆسمۈرلەر سارىيى ،شۇنداقلا تەرلىك ئۇقۇتۇش تەتقىقات  ئىشخانىسى،ئىلىكتىرلەشكەن مائارىپ ئاپىراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
3.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرى دىگىنىمىز بالىلار باغچىسى ،ئالاھىدە مائارىپ ئاپپىراتى ،ئادەتتىكى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەر ،چوڭلار باشلانغۇچ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپىراتلىرى كەسپى ئوتتۇرامەكتەپ شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
41-ماددا: مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپاراتلىرىدىكى تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار باشقا تىپتىكى مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلار ۋە تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
ھەربىي قىسىملارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، ئىنىستىتوتلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە تەلىم- تەربىيە، ئۇقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملارغا قارىتا، مەركىزى ھەربى ئىشلار كومتىتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
42- ماددا: چەتئەل تەۋەلىكىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش چارىسى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ،
43- ماددا: بۇ قانۇن 1994- يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش