مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 631|ئىنكاس: 1

كومپىيوتېر ساۋاتلىرى ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

441

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5906 سەر
تىللا
3171 دانە
تۆھپە
9078 سەر
شۆھرەت
4233 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 08:14:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        كومپىيوتېر ساۋاتلىرى ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار

   

كومپىيۇتېرنىڭ پەيدا بولوشى ۋە كومپىيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى
1) كومپىيۇتېرنىڭ قىسقىچە تەرەقىياتى ئىككىنچى دونيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئوق يولى جەدىۋىنى تۈزەش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سېلىندى. ئامېرىكىنىڭ پىنسىلۋانىيە ئونۋىرسىتتنىڭ فىزىكا ئالىمى جون ماۋچى بۇ خىزمەتكە قاتناشتى. ھەم ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى مۇتەخەسىسى سان ئىككىرىت بۇ خىزمەتكە كۈچ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن 1946- يىلى 2- ئايدا دۇنيا بۇيىچە تونجى ئەۋلاد كومپىيۇتېر ئىنئاك (ENIAC) بارلىققا كەلدى، ئونىڭ ھەجمى 90 كۇپ مىتىر، ئېغىرلىقى 30 توننا بولۇپ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 170 كۇۋادىرات مىتىر، توك سەرپىياتى 150 كىلىۋات بولوپ ئۇنىڭغا 18000 دانە ئېلىكتۇرۇنلۇق لامپا، 7000 دانە قارشىلىق، 1000 دانە كوندىنساتور، 6000دانە ۋىكىيۇچاتىل ئىشلىتىلگەن. ئۇ سېكۇنتىغا 5000 قۇشۇش ئەمىلى، 500 قېتىم كۆپەيتىش ئەمىلى، 50 قېتىم بۆلۈش ئەمىلى ئىشلىيەللەيدۇ.
2) كومپىيۇتېرنىڭ تەرەقىياتى باسقۇچى: ئامېرىكا 1946- يىلى بىرنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر (ENIAC)نى ياسىغاندىن بۇيان كومپىيۇتېرنىڭ تەرەقىياتى چوڭ جەھەتتىن تۆت چوڭ دەۋرنى باشتىن كەچۈردى.
بىرىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر (1946-1957) يىللاردا قۇللىنىلغان بولۇپ بۇنىڭغا ئىشلەتكەن لوگىكىلىق دىتاللار ئاساسلىق ئىلىكتورونلۇق لامپا ۋە لوگىكىلىق توك يولى ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭغا ئىلىكتورونلۇق لامپا ئىشلەتكەن ئونىڭ ھەجمى چوڭ، توك سەرپىياتى يۇقۇرى، ھىسابلاش سۈرئىتى ئاستا ئىدى. ئاساسلىقى ھىسابلاشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر (1957-1964) يىللاردا قۇللىنىلغان بولۇپ، بۇ بىرىچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرغا قارىغاندا زۇر ئۆزگۈرۈشلەر بولغان، ئىككىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرغا ئىشلەتكەن لوگىكىلىق دىتاللار ئاساسلىق كىرستال لامپا، لوگىكىلق توك يۇلى ۋە ئاساسى ساقلىغۇچىسىغا ماگىبىنىتلىق ئۆزەك، ياردەمچى ساقلىغۇچىسىغا ماگىنىتلىق دىسكا ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر بىرىچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرغا قارىغاندا ئىقتىدار جەھەتتىن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئاممىباب شەكىلگە قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. بۇ ھىساپلاشلاردىن باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە سانائەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈچىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر (1965-1972) يىللاردا قۇللىنىلغان بولۇپ، ئۈچىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرنىڭ لوگىكىلىق زاپچاسلىرىغا ئوتتۇرا ۋە كىچىك كۆلەمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئىشلىتىلگەن، بۇ خىل توك يۇلى بىر نەچچە يۈز يەككە ھالەتتىكى ئىلىكتۇرۇنلۇق دىتاللار بىر نەچچە كۇۋادىرات مىتىرلىق تاختىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن توك يۇلى بۇلۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ ھەجمى ۋە توك سەرپىياتى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلگەن ئىقتىدار ۋە مۇقۇملىقى يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆستۈرۈلگەن. ئۈچىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئاساسى ساقلىغۇچىسىغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ مەشىۇلات سېستىمىسى، ھىسابلاش سۈرئىتى ، ئىشەنچىلىكلىكى قاتارلىق جەھەتلىرى ئىككىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرغا سېلىشتۇرغاندا زور بىر قەدەم ئىلگىرلىدى.
تۆتىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر (1972- يىلدىن تا ھازىرغىچە) تۆتىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېرنىڭ ئىلىكتورونلۇق دىتاللىرى ئاساسلىقى چوڭ كۈلەملىك تۇپلاشتۇرۇلغان تۇك يۇلى بولۇپ، ساقلاش ئۈسكىنىسىگە ماگىنىتلىق دىسكا ئىشلىتىلگەن. تۆتىنچى ئەۋلاد كومپىيۇتېر بىر پارچە ياكى بىر نەچچە پارچە چوڭ كۈلەملىك تۇپلاشتۇرۇلغان تۇك يۇلىدىن تۈزۈلگەچكە ھەجمى كىچىكلەپ ئېغىرلىقى يىنىكلەندى، ئىنىرگىيە سەرپىياتى ئازىيىپ، ئىشەنچىلىكلىكى ئاشتى، تەنەرخى تۈۋەن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقلاش سىغىمى تېخىمۇ چۇڭىيىپ، ھاسابلاش سۈرئىتى تىز سۈئەتتە ئۆستى ئىشلىتىش ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.
نۆۋەتتە كومپىيۇتېر بەشىنچى ئەۋلادقا قاراپ تەرەققى قىلماقتا، بۇ ئالدىنقى تۆت ئەۋلاد كومپىيۇتېر بىلەن ماھىيەتلىك پەرىقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇچۇر توپلاش، ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقە قىلىش ئادەم ئارقىلىق ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۇ سانلىق قىممەتلەرنى ھىساپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي، تەپەككۇر قىلىش، ئۆگۈنۈش. چۈشىنىش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1- سۇئال: كومپىيۇتېر دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: كومپىيۇتېر ئىلىكتۇرۇنلۇق مىڭە بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئاپتۇماتىك يۇقۇرى سۈرئەتتە ھىساپلاش ۋە كونتۇرۇللاش ئېلىپ باراللايدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق ئۈسكىنە كومپىيۇتېر دەپ ئارتىلىدۇ.
2- سۇئال: مىكرو كومپىيۇتېر قاچان بارلىققا كەلگەن؟ مىكرو كومپىيۇتېر دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: مىكرو كومپىيۇتېر 1971- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىنتىل (inlet) شىركىتى بارلىققا كەلتۈرگەن، مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچنى مەركەز قىلغان، چوڭ كۈلەملىك تۇپلاشتۇرۇلغان توك يۇلىدىن ياسالغان، ساقلىغۇچ، كىرىش-چىقىش ئۇللاش ئېغىزى، سېستىما باش لىنىيەسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بىر خىل كومپىيۇتېر مىكرو كومپىيۇتېر دەپ ئاتىلىدۇ.
مەركىزى بىر تەرەپ قلىغۇچ بىلەن تۇنۇشۇش:  بۇنىڭغا دەرىجىدىن تاشقىرى زور كۈلەمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئۇ ھىساپلىغۇچ بىلەن كونتۇروللىغۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3- سۇئال: مەركىزى بىر تەرەپ قلىغۇچ دىگەن نېمە؟
جاۋاپ: CPU مەركىزى بىر تەرەپ قلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.
4- سۇئال: مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟
جاۋاپ: مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئىنتىل CPU، ۋە AMD –CPU دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ.
ئىنتىل   CPU يەنە: سەيياڭ CPU، كورت CPU، بىنسى CPU، شۇۋاڭ خې CPU، قاتارلىق تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
AMD –CPU يەنە: AMD5千加، AMD8千加 قاتارلىق CPU تۈرلەرگىمۇ بۈلىنىدۇ.
5- سۇئال: كومپىيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: 1-ھىساپلاش سۈرئىتى تىز، 2-ھىساپلاش ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى، 3-ئىشەنچىلىك ساقلاش قۇرۇلمىسىغا ئىگە، 4-لوگىكىلىق ھۈكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، 5-ئاپتۇماتىك ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، 6-ئورتاق قوللۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
6- سۇئال: كومپىيۇتېر قانداق ساھەلەردە كۆپ قوللىنىدۇ؟
جاۋاپ: 1-كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىشى پەن-تېخنىكىدا ھىساپلاش ئېلىپ بىرىشتا، 2-سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، 3-جەيراننى كونتورۇل قىلىشتا، 4-كومپىيۇتېر ياردىمىدە لاھىلەش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا، 5-سۈنئى زىھىن قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ قوللىنىدۇ.
7- سۇئال: 1946- يىلدىن 1980- يىلغىچە كومپىيۇتېرنىڭ تەرەقىيات يۈزلىنىشى قانداق بولغان؟
جاۋاپ: 1946- يىلدىن 1980- يىلغىچەكومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىشى ۋە تەرەقىياتى 1-غايەت چوڭ تىپتىكى كومپىيۇتېر، 2-چوڭ تىپتىكى كومپىيۇتېر، 3-ئوتتۇرا ھەم كىچىك تىپتىكى كومپىيۇتېر، 4-مىكرو تىپتىكى كومپىيۇتېر، 5-تور دەۋرى ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە يۈزلەنگەن.
كومپىيۇتېردىكى سان ۋە كود بىلەن تۇنۇشۇش
ئونلۇق سان:  0،   1،    2،    3،     4،     5،      6،      7،      8،       9 قاتارلىقلار.
ئىككىك سان: 0،   1،  10،   11،   100،   101،   110،   111،   1000،   1001 قاتارلىقلار.
كومپيۇتېر ئىچكى قىسمىدا سانلىق مەلۇماتلارنى ئىككىلىك سېستىما شەكىلدە ساقلىنىدۇ، تۆۋەندە كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆلچىمى ھەم دائىم  ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى!
1- ئەڭ كىچىك بىرلىك خانە (bit) بولىدۇ، 2- بۇغۇم (Byte): 8 دانە خانە بىرلىشىپ بىر دانە بۇغۇم شەكىللەندۈرىدۇ، 3- سۆز ئوزۇنلۇقى بىر نەچچە بۇغۇم بىرلىشىپ سۆزنى شەكىللەندۈرىدۇ، دائىم ئۇچرايدىغان سۆز ئۇزۇنلىقىدىن 8خانە، 16خانە، 32خانە، 64خانە قاتارلىقلار بار.
ھەر قايسى بىرلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت: 1-خانە (bit)، 2-بايىت (Byte)، 3-خەت ئوزۇنلىقى، 4-بايىت خەتنىڭ تەرتىۋى، 5-كىلۇبايت (KB)، مىگابايىت (MB)، 6-گىگابايىت (GB)،قاتارلىقلار بار. شۇنداقلا ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى موناسىۋەت:
1KB      1024B،     1MB      1024KB،    1024MB      1GB،      1024GB       1TB.  
8- سۇئال: نىمە ئۈچۈن كومپىيۇتېردا ئىككىلىك سان ئىشلىتىلىدۇ؟
جاۋاپ: چۈنكى 1-ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان بولۇش، 2-ھىساپلاش ئۇسۇلى ئاددى، 3-لوگىكا ئالگىبىرانى ئىشلىتىش قۇلايلىق، 4-ئەستە قالدۇرۇش ۋە يوللاش ئىشەنچىلىك بولغاچقا كومپىيۇتېردا ئىككىلىك سان ئىشلىتىلىدۇ.
كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ تۈزۈلىشى: مۇكەممەل بىر كومپىيۇتېر سېستىمىسى قاتتىق دىتال سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دىتال سېستىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ.
9- سۇئال: قاتتىق دىتال سېستىمىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: كومپىيۇتېرنىڭ   قاتتىق دىتال سېستىمىسى كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلق ئۈسكىنلىرى ۋە كۆز بىلەن كۆرەلەيدىغان قول بىلەن تۇتاللايدىغان ھەرقانداق بىر زاپچىسى شۇ كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دىتال سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
10- سۇئال: يۇمشاق دىتال سېستىمىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: كۆز بىلەن كۆرگىلى قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، قاتتىق دىتالنىڭ ياردىمىدە ئورۇنلىنىدىغان كومپىيۇتېر پېروگېرامما ۋە سانلىق مەلۇمات ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى يۇمشاق دىتال دەپ ئاتىلىدۇ. يۇمشاق دىتال كومپىيۇتېرنىڭ روھىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى تۇلۇقلاپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
11- سۇئال: مۇكەممەل بىر كومپىيۇتېر بولۇشى ئۈچۈن نىمىلەر بولۇشى كېرەك؟
جاۋاپ: مۇكەممەل بىر كومپىيۇتېر بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىكران، ئاساسى ئاپرات، مائۇس، كونۇپكا تاختىسى، شۇنداقلا ياڭراتقۇ بولۇشى كېرەك.
12- سۇئال: كومپىيۇتېر قاتتىق دىتال سېستىمىسى قانداق تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ؟
جاۋاپ: 1-ھىساپلىغۇچ، 2-كونتۇرۇللىغۇچ، 3- ساقلىغۇچ، 4- كىرگۈزۈش ئۈسكىنىسى، 5-چىقىرىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
ساقلىغۇچ بىلەن تونۇشۇش: ساقلىغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە تاشقى ساقلىغۇچ دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ كىرىستال لامپىاىن ياسالغان بولۇپ ئوقۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز ھەم قولايلىق، شۇنداقلا ئىچكى ساقلىغۇچ  ROM ۋە RAM دىن ئنبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
13- سۇئال: ROM بىلەن RAM نىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: ROM بولسا ROM دىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقىلا بولىدۇ، يېزىشقا بولمايدۇ. توك تاسادىبى ئۆچسە ئۇچۇرلار يۇقاپ كەتمەيدۇ، لېكىن RAM دىكى ئۇچۇرلارنى ھەم ئوقۇشقا ھەم يېزىشقا بولىدۇ، توك تاسادىبى ئۆچكەندىن كىيىن ئۇچۇرلار يۇقاپ كىتىدۇ. RAM نى ئادەتتە تاسادىبى ساقلىغۇچ دەپ ئاتاپمۇ قۇيىمىز.
پەقەت ئوقۇشقا بولىدىغان CD- ROM، بىر قېتىم يېزىشقا بولىدىغانلىرى ,CD-RW ياكى CD، ئۈچۈرۈپ يېزىشقا بولىدىغانلىرى EOD بار.
سىرتقى ساقلىغۇچ كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئۈسكىنىسىگە تەۋە، سىرتقى ساقلىغۇچتا ۋاختىنچە ئىشلەتمەيدىغان پىرۇگىرامما، سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، ئاساسلىق سىرتقى ساقلىغۇچلاردىن ماگىنىتلىق دىسكا ساقلىغۇچ، ئوپتىكىلىق دىسكا ساقلىغۇچ، ماگىنىتلىق قاتتىق دىسكا قاتارلىقلار بار. ئوپتىك دىسكا ساقلىغۇچ ئادەتتە، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بىلەن ئوپتىك دىسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر دانە ئوپتىك دىسكىنىڭ سىغىمى ئادەتتە MB650 ئەتراپىدا بولىدۇ.
14- سۇئال: ئاساسلىق كىرگۈزۈش ئۈسكىنىسى قايسىلار؟
جاۋاپ: 1-ماگىنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچ، 2-ئوپتىكىلىق دىسكا قوزغاتقۇچ، 3-رەقەملەشتۈرۈش ئاپراتى، 4-مائۇس، 5-ئوپتىكىلىق قەلەم، 6-سۈرئەت سىگىنالى، 7-سىكانىر قاتارلىقلار.
15- سۇئال: ئاساسلىق چىقىرىش ئۈسكىنىسى قايسىلار؟
جاۋاپ: ئىكران، پىرىنتىر، سىزمىچىلىك ماشىنىسى، ماگىنىتلىق لىنتا ماشىنىسى قاتارلىقلار.
16- كونوپكا تاختىسى دېگەن نىمە؟
جاۋاپ: كىشلەر كومپىيۇتېرغا قۇماندا بىرىدىغان ۋە ئۇنى ئۇچۇر بىلەن تەمنلەيدىغان ئاپتۇماتىڭ ئەسۋاپ كونوپكا تاختىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كونۇپكا تاختا 101 كونۇپكىلىق كۈچەيتىلگەن كونوپكا تاختىسى.
17- سۇئال: كونوپكا تاختىسى نەچچە رايۇنغا بۆلۈنگەن؟
جاۋاپ: كونوپكا تاختىسى تۆت رايۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ 1-ئاساسى كونۇپكا رايۇنى، 2-ئىقتىدار كونۇپكا رايۇنى، 3-تەھىرلەش كونۇپكا رايۇنى، 4-كىچىك كونۇپكا رايۇنى قاتارلىقلار.
كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەر بىر كونۇپكىنىڭ ئىقتىدارلىرى: 1) ئاساسى كونۇپكا رايۇنى    (Shift) خوت ئالماشتۇرۇش ۋە يۇقۇرى خوت كونۇپكىسى،  (Enter) قايتۇرۇش كونۇپكىسى، (Ctrl) قايتۇرۇش كونۇپكىسى، (Alt) ئىقتىدار ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى، (   ) كونۇپكا باشلاش كونۇپكىسىنى ئېچىش كونۇپكىسى، (Space bar) بوشلۇق كونۇپكىسى، (Caps Lock) چوڭ-كىچىك ھەرىپنى قولۇپلاش كونۇپكىسى قاتارلىقلار.
2) ئىقتىدار كونۇپكا رايۇنى:  ئىقتىدار كونوپكىسى مەشخۇلات ئىقتىدار كونۇپكىسى ۋە كونتۇرۇل ئىقتىدار كونۇپكىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
مەشخۇلات ئىقتىدار كونۇپكىسى: F1  دىن 12F بولغان بو كونوپكىلار ھەرخىل يۇمشاق دىتاللارغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان رولغا ئىگە.
كونتۇرۇل ئىقتىدار كونۇپكىسى:  (Print Scorn) ئىكران بىسىش كونۇپكىسى، (Pause(Break)) ۋاقىتلىق توختۇتۇش كونۇپكىسى، قاتارلىقلار.
3) تەھىرلەش رايۇنى: (     ) نور بەلگىسىنى ئوڭغا سۈرۈش بەلگىسى، (     ) نور بەلگىسىنى سولغا سۈرۈش بەلگىسى، (   ) نور بەلگىسىنى تۈۋەنگە سۈرۈش بەلگىسى، (   ) نور بەلگىسىنى يۇقۇرغا سۈرۈش بەلگىسى ۋە (Home) نور بەلگىسىنى قۇر بېشىغا يۆتكەش كونۇپكىسى، (End) نور بەلگىسىنى قۇر ئاخىرىغا يۆتكەش كونۇپكىسى، (Page Up) بەت ئۆرۈش كونۇپكىسى (ئالدىنقى بەتكە ئۆرىلىدۇ)،  (Page  Down) بەت ئۆرۈش كونۇپكىسى (كىيىنكى بەتكە ئۆرىلىدۇ)، Delete)) ئۈچۈرۈش كونۇپكىسى قاتارلىقلار.
4) كىچىك كونۇپكا رايۇنى: بۇ رايۇندىكى كونۇپكىلارنىڭ ئىقتىدارى ئالدىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش، پەقەت بىرلا كونۇپكىنىڭ ئىقتىدارى باشقىچە ئۇ بولسىمۇ Num Lock  رەقەم ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى بۇ كونۇپكا بېسىلغاندا Num Lock چىراغ يانىدۇ. بۇ چاغدا كىچىك كونۇپكىنىڭ مەشخۇلاتى نۇر بەلگە يۆتكەش بولماستىن بەلكى سان كىرگۈزۈش بولىدۇ.
مائۇس مەشخۇلاتى بىلەن تۇنۇشۇش: مائۇس بىر نوختىنى چىكىدىغان ئۈسكىنە مائۇس دەپ ئاتىلىدۇ، مائۇس مىخانىڭ مائۇس ۋە ئوپتىىلىق مائۇس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. مائۇس ئىككى كونۇپكىلىق مائۇس ۋە ئۈچ كونۇپكىلىق مائۇس دەپ ئىككى تۈرگە بولۈنىدۇ.
18- سۇئال: مائۇسنىڭ قانداق رۇلى بار؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
جاۋاپ: مائۇس بىر خىل كىرگۈزۈش ئۈسكىنىسى بولۇپ ئۇ ئىكراننىڭ يۈزىدىكى نور بەلگىنىڭ ئورنىنى يۆتكەش، نىشانغا ئۇدۇللاش، تاللاش قاتارلىق ئىشلاردا چوڭ رول ئوينايدۇ، ئالاھىدىلىكى ئۆزى ئاددى، ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
19- سۇئال: مائۇس مەشخۇلاتى قانداق رولى بار؟
جاۋاپ: مائۇس مەشخۇلاتى 1-توغرىلاش مەشخۇلاتى، 2-چىكىش مەخۇلاتى، 3-قوش چىكىش مەشخۇلاتى، 4-مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىش مەشخۇلاتى، 5-كومپىيۇتېرنى تاقاش مەشخۇلاتى قاتارلىق بەش خىل رولى بار.
20- سۇئال: سىكانىر دېگەن نىمە؟
جاۋاپ: سىكانىر بىر خىل كىرگۈزۈش ئۈسكىنىسى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل  رەسىملەرنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدىغان ئۈسكىنە سىكانىر دەپ ئاتىلىدۇ.
سىكانىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكگە تاراپ تۈرلەرگە بۈلۈنىشى: سىكانىر 1-كىچىك يۈزلۈك ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك سىكانىر، 2-ئوتتۇرھال يۈزلۈك سۇپا شەكىللىك سىكانىر، 3-چوڭ يۈزلۈك سۇپا شەكىللىك سىكانىر. 4- چوڭ يۈزلۈك قۇرلۇش سېخىمىسى سىكانىر قاتارلىقلار.
21- سۇئال: سىكانىر سۇپۇرلۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۈلۈنىدۇ؟
جاۋاپ: سىكانىر 1-تۈز تاختا شەكىلىك سىكانىر، 2- قولدا كۆتۈرۈپ مەشخۇلات ئېلىپ بارىدىغان سىكانىر، 3-فۇتۇ ئىلىكتىرنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلغان تۇلۇق شەكىلىك سىكانىر قاتارلىقلار.
22- سۇئال: ئىكران قۇرۇلىسىغا قاراپ قانداق تۈرلەرگە بۈلۈنىدۇ؟
جاۋاپ: ئىكران قۇرۇلىسىغا قاراپ كۈپۈنكى ئىكران، تۈز ئىكران، كىرىستال ئىكران قاتارلىق تۈرلەرگە بۈلۈنىدۇ.
23- سۇئال: ئىكراننىڭ ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچىسى قايسىلار؟
جاۋاپ: 1-ھەرىپ، 2-بەلگە، 3-خەنزۇچە خەت، 4-گىراپىك، 5-سۈرەت قاتارلىقلار ئىكراننىڭ ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچىسىدۇر.
پىرىنتىر مىكرو كومپيۇتېردىكى موھىم بولغان چىقىرىش ئۈسكىنىسى، ئۇ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىش ئۈسكىنىسى بولىدۇ،
24- سۇئال: پىرىنتىر خەت بېسىش پىرىنسىپىغا قاراپ قانداق تۈرلەرگە بۈلۈنىدۇ؟
جاۋاپ: پىرىنتىر خەت بېسىش پىرىنسىپىغا قاراپ: چىكىتلىك پىرىنتىر ۋە چەكمەي باسىدىغان پىرىنتىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پىرىنتىرلار ئۆز ئىچىدىن چىكىتلىك پىرىنتىر: چىكىتلىك پىرىنتىر، خەت قېلىپ شەكىللىك پىرىنتىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
چەكمەي باسىدىغان پىرىنتىر: لازىر نورلۇق پىرىنتىر، رەڭ پۈركەيدىغان پىرىنتىر، ئىسسىقلىق سەزگۈچلۈك پىرىنتىر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. چىكىتلىك پىرىنتىر قەغەز مېڭىش قورۇلمىسى، بېسىش، رەڭ تاسمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۈلۈنىدۇ.
25- سۇئال: چىكىتلىك پىرىنتىرنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچىسى قايسىلار؟
جاۋاپ: 1-بېسىش سۈرئىتى، 2-باسقاندىن كىيىنكى شاۋقۇن ئاۋازى، 3-بېسىش سۈپىتى، 4-پىرىنتىرنىڭ ئۆمىرى قاتارلىقلار.
26- سۇئال: يۇمشاق ماتىرىيال سېستىمىسى دېگەن نىمە؟
جاۋاپ: يۇمشاق ماتىرىيال سېستىمىسى پىروگىرامما بىلەن دوكمىتتىن ئىبارەت.
27- سۇئال: پىروگىرامما دىگەن نېمە؟
جاۋاپ: پىروگىرامما دىگىنىمىز مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن لاھىلەنگەن، چەكلىك مىقداردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن تۈزۈلگەن تەرتىپلىك قۇماندانلىق توپلىمى پىروگىرامما دەپ ئاتىلىدۇ.
28- سۇئال: تەرتىپلىك مەشخۇلات كوماندىلار توپلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق؟
جاۋاپ: ئالاھىدىلىكى پىروگىرامما نىشانلىق باسقۇچلۇق، چەكلىك، تەرتىپلىك، تارماقلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلكلەرگە ئىگە.
29- سۇئال: دوكمىت دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: دوكمىت بولسا پىرۇگىراممىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىش ۋە ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدىغان يېزىق ئارخىپ ماتېرىيالىدىن ئىبارەت.
30- سۇئال: مىكرو كومپيۇتېردىكى سېستىما يومشاق ماتىرىيالى قانداق ماتىرىيال؟
جاۋاپ: سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى بىلەن ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال سېستىمىسىدىن ئىبارەت
31- سۇئال: سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى بىلەن ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال ئوتتۇرسىدىكى پەرىق نىمىدىن ئىبارەت؟
جاۋاپ: سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى بىلەن ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيالنىڭ پەرقى شۇكى سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى كومپىيۇتېرنى سېستىما بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇمشاق ماتىرىيال، شۇنداقلا سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيالغا قارىغاندا سىغىم جەھىتتىن چوڭ، ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال بولسا كىشلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن كومپىيۇتېرسىغا قاچىلىغان يۇمشاق ماتېرىيالنى كۆرسىتىدو. ۋە شۇنداقلا سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى كومپىيۇتېرنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن سەپلەنگەن ھەرخىل باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، سېستىمىنى قوغداش پىرۇگىراممىللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرسىتىدۇ.
32- سۇئال: سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ: سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى 1-مەشخۇلات سېستىمىسى مەسلەن: (Windows)، (doc)........قاتارلىقلارنى. 2-ھەرخىل كومپيۇتېر پىرۇگىراممىللىرىنى چۈشەندۈرۈش پىرۇگىراممىسى، لاھىيلەش، تەرجىمە قىلىپ تۈزۈتۈش، 3-ھەرخىل مۇلازىمەت قىلىش پىرۇگىراممىللىرى مەسلەن كومپىيۇتېرنى تەڭشەش، دىئاگىنۇز قۇيۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلار، 4- سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى، 5- توردا ئالاقىلىشىش پىرۇگىراممىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
33- سۇئال: ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئەمەلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال ھەرخىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن ئىش پىرۇگىراممىسى ۋە موناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشىدۇر.
34- سۇئال: كومپىيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىسى دېگەن نىمە؟
جاۋاپ؛ كومپىيۇتېر سېستىمىسى مەنبەنى باشقۇرۇش، پىرۇگىراممىنىڭ ئىجرا قىلىشنى كونتۇرۇل قىلىدىغان سېستىما يۇمشاق ماتىرىيالى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر گۇرۇپپا پىرۇگىرامما توپلىمىدىن ئىبارەت، ياكى ئشلەتكۈچى بىلەن كومپىيۇتېر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىلىشىش كۆزنىكى كومپىيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
35- سۇئال: كومپىيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپىسى نىمىدىن ئىبارەت؟
جاۋاپ؛كومپىيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپىسى كومپىيۇتېرنىڭ يۇمشاق ماتىرىيال ۋە قاتتىق ماتىرىيال مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، مەنبە ئۈنىمىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارتىپ بىرىشتىن ئىبارەت.
36- سۇئال: مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ: مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ مەنبە باشقۇرۇش نوختىسىدىن قارىغاندا، 1-مەنبە باشقۇرۇش، 2-ھۆججەت باشقۇرۇش، 3-بىر تەرەپ قىلغۇچنى باشقۇرۇش، 4-ساقلاشنى باشقۇرۇش، 5-ئۈسكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بەش چوڭ ئىقتىدار بار.
37- سۇئال: تاپشۇرۇق باشقۇرۇش دىگەن نىمە؟ قايسى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ: 1) كىشلەر كومپىيۇتېرغا ئىجرا قىلىپ بىرىشىگە تاپشۇرۇپ بىرىلگەن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىرۇگىراممىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاھىدىلىكى 1-تاپشۇرۇقنى كىرگۈزۈش، 2-تاپشۇرۇقنى تەييارلاش، 3-تاپشۇرۇقنى ئىجرا قىلىش، 4-تاپشۇرۇقنى تاماملاش قاتارلىق تۆت باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2) ھۆججەت باشقۇرۇش:  ئالاھىدىلىكى ئىشلەتكۈچىنى ئاددى قۇلايلىق، بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قېلىش، ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3) بىر تەرەپ قىلغۇچنى باشقۇرۇش: ئۇ ھىساپلاش ۋە كونتۇرۇل قىلىشنى تاماملايدىغان ئۈسكىنە بولۇپ، كۆپ يوللۇق پىرۇگىراممىنى ئىجرا قىلىدىغان ھەر بىر پىرۇگىرامما بىردىن-بىردىن بىر تەرەپ قىلىنغاچقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
4) ساقلاشنى باشقۇرۇش: كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ساقلاش بىرلىكلىرى بولۇپ، پىرۇگىرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلار ساقلىنىدۇ.
5) ئۈسكىنە باشقۇرۇش: كومپىيۇتېر سېستىمىسىدا ھەر خىل ئۈسكىنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۈسكىنە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن سىرتقى ئۈسكىنىلەر ئوتتۇرسىدىكى سانلىق مەلۇمات يوللاش، ئاپتۇماتىك بىر تەرەپ قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ئۈسكىنىلەرگە كىرگۈزۈش-چىقىرىش پىرۇگىراممىسى يېزىش يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.
ئۈسكىنە باشقۇرۇش ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىمشلىقىغا ئاساسەن ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلككە ئىگە.
1-توكنى بىر تەرەپ قىلىش مەشخۇلات سېستىمىسى، 2-ۋاقىت بىر تەرەپ قىلىش مەشخۇلات سېستىمىسى، 3-ئەمەلى ۋاقىت مەشخۇلات سېستىمىسى، 4-تور مەشخۇلات سېستىمىسى، 5-تەخسىملەش شەكىلدىكى مەشخۇلات سېستىمىسى، 6-ئىشلەتكۈچىلەر مەشخۇلات سېستىمىسى قاتارلىقلار.
38- سۇئال: ئۈستەل يۈزى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: كىشلەر كومپىيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئىكراندا بىر قىسىم بەلگىلەر كۆرىنىدۇ، مانا بۇ (Windows) نىڭ ئۈستەل يۈزى دەپ ئاتىلىدۇ.
39- سۇئال:ئۈستەل يۈزى قايسى قىسىملاردىن تۈزۈلىدۇ؟
جاۋاپ: سىن بەلگە، مائۇس ئىستىرىلكىسى، باشلىنىش نوختىسى، ۋەزىپە ئىستۇنى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.
40- سۇئال: سىن بەلگە دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: سىن بەلگە دىگىنىمىز پىرۇگىرامما ۋە مەلۇم مەزمۇندىكى ھۆججەت، ھۆججەت قىسقۇچلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىچىك رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ.

كومپىيۇتېر ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كومپىيۇتېر ۋىرۇسى ساقلىنىش باسقۇچى
41- سۇئال: كومپىيۇتېر ۋىرۇسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: كومپىيۇتېر ۋىرۇسى مەخساتلىك تۈزۈلگەن ئۆز-ئۆزىنى كۈچۈرۈش ئىقىدارىغا ئىگە، كومپىيۇتېر سىېستىما مەنبەلىرىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئالاھىدە بولغان كمپىيۇتېر پىرۇگىراممىسىدىن ئىبارەت. كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ماھىيىتى پىرۇگىرامما.
42- سۇئال: كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبى نېمە؟
جاۋاپ: 1-بەتقىلىقلىق، 2-كومپىيۇتېر ئۇچۇر سېستىمىسىغا مەخسەتلىك ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزۇش مەخسىتىدە تۈزۈلگەن كومپىيۇتېر ۋىرۇسى، 3-يۇمشاق ماتېرىيال تۈزگۈچىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھۇقۇقىنى قوغداش مەخسىتىدە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ۋىرۇس.
43- سۇئال: كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق؟
جاۋاپ: 1-پىرۇگىراممىلىشىش، 2-يۇشۇرۇن بولۇش، 3-يۇقۇملىنىش، 4-مۇددەتلىك يۇشۇرۇن بولۇش، 5-بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تۈرلەرگە بۈلىنىشى: تارقىلىش ۋاستىسىغا قاراپ يەككە كىشلىك ۋىرۇس، تور تىپلىق ۋىرۇس دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ.
يەككە كىشلىك ۋىرۇسنىڭ تۇشۇغۇچىسى---ماگىنىتلىق دىسكا، تور تىپلىق ۋىرۇسنىڭ تۇشۇغۇچىسى---تور ئارقىلىق يۇقىدۇ.
ۋىرۇس بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن: ياخشى خارەكتىرلىك ۋىرۇس، نىيتىرال خارەكتىرلىك ۋىرۇس، يامان خارەكتىرلىك ۋىرۇس دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلىنىدۇ.
1) ياخشى خارەكتىرلىك ۋىرۇس: كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بۇزىۋەتمەيدىغان پەقەت ئادەم بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ ئۇچۇرشىش يۈزىگىلا كاشىلا قىلىدىغان ۋىرۇس.
2) نىيتىرال خارەكتىرلىك ۋىرۇس: يامان نىيەتتە ھوجۇم قىلىش خارەكتىرگە ئىگە، ئەمما بۇزغۇنچىلىق قىلمايدىغان پىرۇگىرامما ۋىرۇستىن ئىبارەت.
3) يامان خارەكتىرلىك ۋىرۇس: يامان نىيەتتە كومپىيۇتېر سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدىغان ياكى يۇمشاق ۋە قاتتىق پىرۇگىراممىللىرى.
44- سۇئال: ۋىرۇس پارازىت شەكلىگە قاراپ قانداق تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
جاۋاپ: 1-مەشخۇلات سىستىما تىپلىق، 2-سىرتقى قاپقاق تىپلىق، 3-ئەسلى كوت تىپلىق، 4-بېسىپ كىرگۈزۈش تىپلىق قاتارلىق تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
45-سۇئال: كومپىيۇتېر بۇزغۇنچىلىقى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: 1-سېستىمىنىڭ يىتەكلەش سىكتورى ھۆججەت تەخسىملەش جەدىۋىلىنى بۇزىۋىتىش، 2-دىسكىنى پۈتۈن ياكى قىسمەن مەزمۇننى ئۆچۈرۋىتىش، 3-سېستىما سۈرئىتىنى تۈۋەنلىتىۋىتىش ياكى نورمال كۆرسىتىشكە تەسىر كۆرسىتىش، 4-سېستىمىدا كېرەكسىز ھۆججەت ھاسىل قىلىش ۋە ئىكراندا ھەرىپ بەلگە ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى كۆرسەتكەندە خەتلەر تۈكۈلۈپ كىتىش ھەمدە كەمتۈكلۈك بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
47-سۇئال: كومپىيۇتېر ۋىرۇسى كومپىيۇتېرغا قانداق يۇقىدۇ؟
جاۋاپ: كومپىيۇتېر ۋىرۇسى كومپىيۇتېرغا قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دىسكا، ئوپتىكىلىق دىسكا، بارماق دىسكا ۋە تۇشۇغۇچى جىسىملارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقىدۇ. شۇنداقلا تور ئارقىلىق يۇقىدۇ.
48- سۇئال: كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى: 1-كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىنى تۇنۇمايدۇ ياكى قاتتىق دىسكىنى قوزغاتمايدۇ، 2- كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ قوزغۇلۇىش ۋاختى ئۇزۇن ئىجرا بولۇش، ۋاختى ئاستىلاپ ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقى سەۋەپسىز كىچىكلەپ كىتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. 3-دىسكىدىكى سانلىق مەلۇمات سەۋەپسىز يۇقاپ كىتىدۇ، ھۆججەت ئۇزۇنلىقىدا ئۇزۇراش ياكى قىسقىراش ئالامىتى كۆرىلىدۇ. 4-كومپىيۇتېر سەۋەپسىز قېتىپ قېلىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
49- سۇئال: قانداق قىلغاندا كومپىيۇتېر ۋىرۇسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئۇسۇلى ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش، ئامالسىزلىقتىن ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇس ئۇسۇلى 1-ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىش يۇلىنى ئۈزۈۋىتىش، 2-ماگىنىتلىق دىسكىنى توغرا ئىشلىتىش، 3-كومپىيۇتېر سېستىمىسىنى قاتتىق باشقۇرۇش، 4-ھەر قانداق دىسكىلارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك، 5-موھىم ئۇچۇرلار ساقلانغان كومپىيۇتېرلاردا ئۇيۇن دىسكىنى ئىجرا قىلىشنى قاتتىق چەكلەش، 6-كومپىيۇتېر سېستىمىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن تور يۇمشاق ماتېرىيالىغا ئىشلىتىش بەلگۈلىمىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
50- سۇئال: ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاپ: ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 1-كوپىيۇتېر ئۈسكىنىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇغۇنچىلىقتىن ساقلىنىش، 2-مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچۇرشىدىغان ماددىنى تەكشۈرۈپ تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، 3-ئۇچۇرغا كۆز يۈگۈرتۈش، كوپىيە قىلىش ۋە يۇللاشنى كۆچەيتىش كېرەك، 4-ئىمكان قەدەر بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان يۇمشاق ماتىرىياللارنى تاللاپ يۇمشاق ماتىرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۇلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، 5-مۇھىم بولغان ئۇچۇرلارنى مەخپى شىفىر سېلىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك.







2003  Word تىن قىسقىچە مەزمۇن
Wordنىڭ بەش خىل بەت كۆرنۈش شەكلى تۆۋەندىكىچە: 1-普通视图 (ئادەتتىكى بەت كۆرنۈش شەكلى)، 2-版式视图 (فورمات كۆرىمە شەكىل)، 3-页面视图 (بەت يۈزى شەكلى)، 4-大纲视图 (پىرۇگىرامما بەت يۈزى شەكلى)، 5-阅读版式 (تەكشۈرۈش شەكلى) قاتارلىقلار.
Word كۆزنىكى تۆۋەندىكى بەش رايۇندىن تۈزۈلگەن؛ ئۇلار 标题栏 (تىما ئىستونى)، 菜单栏 (تىزىملىك ئىستونى)، 工具栏 (قۇرال ئىستۇنى) 工作区 (خىزمەت رايۇنى)، 状态栏 (ھالەت ئىستۇنى) قاتارلىقلار.
2003 Word قوزغۇتۇىش ۋە تاقاش ئۇسوللىرى
1- باسقۇچ
Word 2003 كومپىيۇتېر ئۆزى تەمىنلىگەن سېستىما، بۇ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دىتال بولۇپ ئونىڭدا خەت كىرگۈزۈش، شەكلى ۋە جەدىۋەل سىزىش، ھۆججەتلەرنى بېسىش ياكى web بېتى ياساپ تورغا چىققىلى بولىدۇ، ئاسان ئۆگەنگىلى ئاسان ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بەت ياساش ھەم ئاددى ھەم بىۋاستە، Word نىڭ قىسقارتىلغان نامى (doc)،
Word نىڭ گەۋدىلىك بولغان ئقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە: 1-ئاپتۇماتىك تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىش، 2-ئىملا سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقۇرى، 3-جەدىۋەل، رامكا ۋە تەگلىك ئىقتىدارى، 4-شەكىل سىزىش ۋە فورمىلا تەھىرلەش ئىقتىدارى، 5-ھۆججەتنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارى، 6-تور ئىقتىدارى قاتارلىقلار.
1)  Wordكۆزنىكىنى قوزغۇتۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: 1- كومپىيۇتېر نورمال قوزغالغان ۋاقىتتا (桌面) ئۈستەل يۈزىدىكى Word 2003 دىگەن سىن بەلگىنى مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى قوش چىكىش ئارقىلىق قوزغۇتۇش.
2- (开始) باشلاش تىزىملىكىدىن (程序) پىرگىراممانىى تاللاپ ئونىڭىدىن  Microsoft Officeقا كىرىگەندىن كېيىن  Microsoft Excel، Microsof PowerPoint،  Microsoft Word 2003قاتارلىق بىرقىسىم  Officلار كۈرىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بىزگە كېرەكلىك بولغان Word 2003 نى   مائوسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى تاق چىكىش ئارقىلىق قوزغۇتۇشقا بۇلىدۇ.
3-  我的电脑 نى مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى قوش چىكىش ئارقىلىق ئېچىپC  WINXP دىسكىنى قوش چىكىپ چىققان ھۆجەتتىن Prgram Files ھۆجەتىننى ئېچىپ ئۇنىڭدىن Microsoft Office ئىچىگە كىرىپ يەنە بۇ ھۆجەتنىڭمۇ ئىچىگە كىرىپ OFFICE11 بۇنى چىكىپ Word 2003 چىكىش ئارقىلىقمۇ قوزغۇتىشقا بولىدۇ. 我的电脑       C  WINXP        Prgram Files        Microsoft Offic        Word 2003       确定.
4- مەلۇم بىر دىسكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونوپكىسىنى تاق چىكىپ، چىققان تىزىملىكتىن (新建) يىڭىدىن قۇرۇش دىگەن ئورونغا مائۇسنى ئەكەلسەك يەنە بىر ئاسما تىزىملىك پەيدا بولىدۇ، بىز بۇ ئۇرۇندىن Microsoft Word 文档 نى مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى تاق چىكىش ئارقىلىق قوزغۇتۇش،
2)  Wordكۆزنىكىنى تاقاش ۋە چىكىنىپ چىقىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:  1-خىل ئۇسۇل: مائۇسنى تىما ئىستونىغا ئەكىلىپ، مائۇسنىڭ ئۇڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ، چىققان (关闭) تاقاشنى دىگەن تۈرنى تاللاپ مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى چىكىش ئارقلىق تاقاش.
2-خىل ئۇسۇل: مائۇسنى تىما ئىستونىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈن بۈرجەكتىكى (关闭)   كونۇپكىنى چىكىش ئارقىلىق تاقاش.
3-خىل ئۇسۇل: كونۇپكا تاختىسىدىن   Altبىلەن F4 نى چىكىش ئارقىلىق تاقاش،
4-خىل ئۇسۇل: تىزىملىك ئىستونىدىكى文件چىكىپ چىققان تىزىملىتىن 退出 قىلىپ تاقاش
5-خىل ئۇسۇل: كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl،Ait ، Del  قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا چىكىش ئارقىلىق چىققان تىزىملىككە 应用程序 غا كىرىپ بىز ئاچقان Word كۆزنىكىنى تاللاپ  结束任务 نى بىر چىكىش ئارقىلىق تاقاش.
6-خىل ئۇسۇل: ۋەزىپە ئىستونىدىن Word كۆزنىكىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىش ئارقلىق چىققان تىزىملىكتىن 关闭 نى چىكىش ئاقىلق تاقاش.
7-خىل ئۇسۇل: تىزىملىك ئىستونىنىڭ ئوڭ تەرەپ (关闭窗口) نى چىكىش ئارقىلىق تاقاش  .
2003 Word كۆزنىكى بىلەن  تۇنۇشۇش
2- باسقۇچ
ھەر بىر كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بولۇڭىدا ئۈچ دانە كونۇپكا بار بولۇپ، تاق چىكىش ئارقىلق ئىجرا قىلدۇرىلىدۇ. مۇنۇ ئۈچ كونۇپكا               
                       ئوڭ تەرەپتىكى كونۇپكا كۆزنەكنى تاقاش كونۇپكىسى،ئوتتۇردىكى كونۇپكا ماكسىمۇملاش كونۇپكىسى، ئۇ كۆزنەكنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىدۇ، سول تەرەپتىكى كونۇپكا مىنۇمۇملاش كونۇپكىسى ئۇ كۆزنەكنى ۋەزىپە ئىسونىدا ۋەزىپە كۈتۈش رولى ئوينايدۇ.
ئەمدى بىز Word كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كىيىنكى كۆزنەك تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى!
1- ماۋزۇ ئىستۇنى
2- تىزىملىك ئىسونى
3- كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قۇرال ئىستۇنى
4- شىكالە سىزغۇچ
5- دوكمىت تەھىرىرلەش ئورنى
6- ۋىرتىگال سۈرگۈچ                                                 دوكمىت تەھىرىرلەش ئورنى ئامانجان ئابدۇراخمان
7- گۇرزۇنتال سۈرگۈچ                                                    تېلىفۇن:     18935799468
8-  شەكىل قۇرال ئىستۇنى
39- ھالەت ئىستۇنى
10- كۈرۈنمە رەسىمنى ئالماشتۇرۇش

ئىزاھات: تىزىملىك ئىككى خىل بولىدۇ، 1- تىزىملىك ئىستونىدىكى تىزىملىك ئۇ 9خىل تىزىملىكتىن تۈزۈلگەن،
9خىل تىزىملىك
تۆۋەندىكىچە:              تىزىملىك

2- يەنە بىرسى تىز تىزىملىك، ئۇ چەكمە تىزىملىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇلار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ.



       


ماقال-تەمسىل
قىيىن ئىش يۇق ئالامدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە،
ئەقىل ئىدىراك تۇزىماس، ئىم–مەرىپات
2003 Word كۆزنىكىدىكى تىزىملىك ئىستۇنى بىلەن بىر-بىرلەپ  تۇنۇشۇش
3 – باسقۇچ
كۆرمە سۈرەت تىزىملىكى                             تەھىرىرلەش تىزىملىكى                                    ھۆججەت تىزىملىكى                     
       








قۇرال تىزىملىكى                                   فۇرمات قۇرال تىزىملىكى                            قىستۇرۇش تىزىملىكى



       






ياردەم تىزىملىكى                                   كۆزنەك تىزىملىك                           جەدىۋەل سىزىش تىزىملىكى





ئىسىڭىزدە بولسۇنكى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن تىزىملىك ئىستونىدىكى قۇراللارنى قەتئى ئۇنتۇپ
قالماڭ! داۋاملىق يادىلاپ، ئەسكە ئېلىپ تۇرۇڭ! شۇنداق قىلغاندا قەتئى قىينالماي بىمالال
كومپىيۇتېردا مەشخۇلات قىلالايسىز!
تۈزگۈچى: ئوسمانجان غۇجەخمەت
تۆۋەندە دائىملىق قۇرال ئىستۇنى ۋە فورمات قۇرال ئىستۇنى بىلەن تونوشۇپ ئۆتەيلى!
常用دائىملىق قۇرال ئىستۇنىدا تۆۋەندىكىلەر بار.


1-يېڭىدىن تۇرغۇزۇش، 2-ئېچىش، 3-ئىلكتۇرۇنلوق يوللانما، 4-بېسىپ چىقىرىش، 5-بېسىشتىن ئاۋال كۆرۈش، 6-كىسىش،7-كۆچۈرۈش،
8-چاپلاش، 9-چوتكىلاش، 10-ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12-ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 13-دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇللىنىش قىستۇرۇش، 14-جەدىۋەل بىلەن رامكا، 15-جەدىۋەل قىستۇرۇش، 16-Excel قىستۇرۇش، 17-ئىشتونغا ئايرىش، 18-خەتنى تۈز ھەم تىك يېزىش، 18-دىئاگىرامما سىزىش، 19-كۆرسىتىش نىسبىتى، 20-ياردەم، 21-تەكشۈرۈش........ قاتارلىق قۇراللار بار.
格式 فورمات قۇرال ئىستۇنىدا تۆۋەندىكىلەر بار.


1-        خەت شەكلى، 2-خەت نۇسخسى، 3-خەت نۇمۇرى، 4-توملىتىش، 5-يانتۇلىتىش، 6-ئاستىغا سىزىق سىزىش، 7-خەتنى رامكىغا ئېلىش 8- خەتكە تەگلىك بىرىش، 9-خەتنى يىغىش، 10-ئىككى تەرەپنى توغرىلاش، 11-ئۇتتۇرغا تۇغرىلاش، 12-ئوڭغا تۇغرىلاش، 13-تارقاق توغرىلاش، 14-قۇر ئارلىقى، 15 ئوڭغا تۇغرىلاش، 16-سولغا تۇغرىلاش، 17-نومۇر تەھىرىرلەش. 18-خەتنىڭ تىگىگە رەڭ بىرىش، 19-خەتنىڭ ئۆزگە رەڭ بىرىش، 20-پىنيىن كىرگۈزۈش، 21-خەتنى چۇڭايتىش، 22-خەتنى كىچىكلىتىش........ قاتارلىق قۇراللار بار.
بىز Word 2003 تەھرىرلەش ئېلىپ بىرىۋاتقان چاغدا بىزگە دائىم ئۇچرايدىغان، ۋە دائىم ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئەھۋاللار
تۆۋەندىكىچە
按插入菜单——选择符号                                      1) ئالاھىدە بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش قەدەم باسقۇچى
按编辑菜单——查找和替换باسقۇچى                          2) ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش (ھەرىپ ۋە سۆزنى)
安文件菜单——页面设置                                                       بەت يۈزىنى لاھىيلەش 3)
按格式菜单——段落                                                                      4) ئابزاس فورماتىنى بەلگىلەش
按格式菜单——分兰5) ئىستونغا ئايرىش                                                                       
按格式菜单——边框和底纹6) يان رامكا ۋە تەگلىك                                                     
按插入菜单——图片——来自文件7) رەسىم قىستۇرۇش                                                      
按插入菜单——页码8) بەت نومۇرى قىستۇرۇش                                                              
按插入菜单——对象9) ئۇبىكىت قىستۇرۇش                                                                 按插入菜单——图片——艺术字10) ھۆسۈنخەت قىستۇرۇش                                          
按插入菜单——文本框11) يېزىق رامكىسى قىستۇرۇش                                                      
按插入菜单——图片——自选图形12) ھەرخىل شەكىلنى قىستۇرۇش                                         
按插入菜单——对象——Microsoft公式3.0 13) فورمىلا كىرگۈزۈش                              
按视图菜单——页眉和页脚14) بەت قېشى ۋە بەت ئاستىنى لاھىيلەش                                    
按文件菜单——打印——页面范围——分数 15) بېسىپ چىقىرىش ۋە بەت سانىنى بەلگىلەش     
按表格菜单——插入——表格——写列数,行数16) ئاپتوماتىك جەدىۋەل سىزىش           
按表格菜单——删除17) جەدىۋەلنى ئۆچۈرۈش                                                               
按表格菜单——表格属性-行-选择指定宽度18) جەدىۋەل قۇر ئىگىزلىكىنى تەڭشەش                 
按表格菜单——表格属性-列-选择指定宽度19) جەدىۋەل ئىستون تەگلىكىنى تەڭشەش            
按表格菜单——插入——列,行 20) ئىستون ياكى قۇر قىستۇرۇش                                      
按表格菜单——删除——行,列21) قۇر ياكى ئىستون ئۈچۈرۈش                                                
按表格菜单——表格自动套用格式 22) جەدىۋەل ئۈلگىسىنى ئىشىلىتىش                                      
按表格菜单——绘制斜线表头——选择表头样式 23) جەدىۋەل كاتەكچىسىگە يانتۇ سىزىق چىقىرىش  
按表格菜单——公式24) جەدىۋەلنى ھېساپلاش                                                                           

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 5 + 3 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

623

تېما

132

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9041 سەر
تىللا
93112 دانە
تۆھپە
5667 سەر
شۆھرەت
6150 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 18:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بىلىملەرنى ئېلىپ كەپسىز، ھارمىغايسىز!
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 14:30, Processed in 0.243873 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش