| بارماق دىسكىنى چەكلەش ئۇسۇلى ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر بارماق دىسكا ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر يۆتكەش قوراللىرىمىزنىڭ بىرسى. بىراق دەل مۇشۇ بارماق دىسكا يەنە نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى تارقتىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ بىرسى.338ماكانىم تورى
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ كومپىيۇتۇرىمىزدا خالىغانچە بارماق دىسكىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ شۇنداقلا يەنە باشقا خىلدىكى USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگىلى بولىدۇ؟338ماكانىم تورى
ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.338ماكانىم تورى
ئالدى بىلەن باشلاش تىزىملىكىدىكى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى چىكىمىز، ئاندىن ئىچىلغان كۆزنەككە regedit دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، تىزىملاش جەدىۋىلىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ھەمدە تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى قىممەتنى تاپىمىز.338ماكانىم تورى
[HKEY_LOCAL_MACHINESYSTEMCurrentControlSetServices|USBSTOR]338ماكانىم تورى
بۇ يەردىكى قىممەتلەر USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ قوزغىتىش پىراگراممىسى تۈرلىرى. بۇ يەردىن START دىگەن تۈرنى تېپىپ، ئۇنىڭ DWORD قىممىتىنى 4 كە ئۆزگەرتىپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن بارماق دىسكىنى چەكلىگەن بولىمىز. ئەمما ئۆزىمىز بارماق دىسكا ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟338ماكانىم تورى
ناھايىتى ئاددى، ئەگەر ئۆزىمىز بارماق دىسكىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، بۇ قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئەگەر دائىملا تىزىملەش جەدىۋىلىنى ئېچىپ، ئىزدەپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، تىزىملاش جەدىۋىلىنىڭ ھۆججەتكە چىقىرىش ئىقتىدارىدىن338ماكانىم تورى
پايدىلىنىپ، مۇشۇ يەردىكى قىممەتنى بىر ھۆججەتكە چىقىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى338ماكانىم تورى
ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى قىممەتنى 4 كە ئۆزگەرتىشىتىن بۇرۇن ،USBSTOR دىگەن تۈرنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن ھۆججەت - چىقىرىش دىگەن بۇيرۇقنى بىر چىكىپ، ئېچىلغان كۆزنەككە ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىرىمىز مەسىلەن: بارماق دىسكا ئوچۇق دەپ، ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.338ماكانىم تورى
2- قېتىمدا قىممەتنى 4 ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر قېتىم ھۆججەت - چىقىرىش مەشغۇلاتى قىلىپ، ھۆججەت ئىسمىنى :» بارماق دىسكا ئۆچۈك « دەپ قويۇپ قويساقلا بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ئەگەر بارماق دىسكىنى چەكلىمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئۆچۈك دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چىكىپ ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىمىز338ماكانىم تورى
ئىشلەتمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئوچۇق دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چەكسەكلا بولىدۇ.
|
|