| تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار
گىلەم ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى، يۇمشاقلىقى، ئىسسقلىقى بىلەن ئۆيلەرگە ھۆسن قوشىدۇ. شۇڭا گىلەمنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ساپ يۇڭ گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈيە ئادەتتە گىلەمنىڭ قىرلىرىغا كۆپرەك چۈشىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇنلار كۈيىنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاختايغا سېلىنغان گىلەمدىمۇ ئاسان كۈيە پەيدا بولىدۇ، چۈنكى تاختاينىڭ نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، بۇ كۈيىنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا گىلەمگە كۈيە چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت گىلەمنىڭ پاكىز، قۇرغاقلىقىنى ساقلاش، دائىم چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلاپ تۇرۇش، يىلدا بىر قېتىم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ توپىسىنى قېقىش كېرەك. گىلەمنى تاختايغا سېلىشتىن بۇرۇن تاختاي ئۈستىگە بىر قەۋەت ئۇنسىمان كۈيە دورىسىنى چېچىۋېتىش كېرەك. گىلەمنى ئىشلەتمىگەندە، كۈيە دورىسىنى چېچىپ قويۇش بىلەن بىرگە ھاۋا ئۆتۈشىدىغان قۇرغاق جايلاردا ساقلاش، ئەگەر گىلەمگە كۈيە چۈشكەن بولسا خىمىيىلىك دورىلار بىلەن ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك. گىلەم ئۈستىگە چۈشىدىغان قاتتىق، يىرىك جىسىملاردىن ئۇپرايدۇ، شۇڭا ئىشىك ئالدىغا ئاياغ ئاستىنى سۈرتىدىغان پالاز سېلىپ قويغاندا مەينەت نەرسىلەرنىڭ گىلەمگە يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. گىلەمدىكى داغلارنى تازىلاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كۆرۈڭ. يېمەكلىك مېيى دېغى: پاكىز لۆڭگىنى قۇرۇق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا تەگكۈزۈپ، گىلەمدىكى ماي دېغىغا قايتا - قايتا بېسىش كېرەك، بۇنىڭدا داغ كېڭىيىپ كەتمەي، تېزلا چىقىپ كېتىدۇ. سىياھ دېغى: سىياھ دېغىغا ئالدى بىلەن تۇز سېپىپ، ئاندىن ئىلمان سوپۇن سۈيى بىلەن چوتكىلاش كېرەك. چۈنكى تۇزنىڭ سىياھنى سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكى بار. سىياھ دېغىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسا ئازراق سۈتنى تۆكۈپ چوتكىلىسا بولىدۇ. ھايۋانات مېيى دېغى: ساپلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بېنزىنغا چىلانغان پاختا بىلەن سۈرتسە چىقىپ كېتىدۇ. مېۋە - چېۋە دېغى: داغ بولغان يەرگە %10لىك ئاممىياك سۈيىدىن ئازراقنى تۆكۈپ چوتكىلاش كېرەك. مېۋە ھارىقى ۋە پىۋا دېغى: ئالدى بىلەن ئىلمان سوپۇن سۈيىگە چىلانغان داكا ياكى يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتۈپ، ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىلغان ئىلمان سۇ بىلەن سۈرتىۋېتىش كېرەك. قەھۋە، چاي دېغى: ئالدى بىلەن %5 لىك گلېتسىرىن ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ ئاندىن قۇرۇق سۇدا يۇيۇۋېتىش كېرەك. ماي بۇسى دېغى: چوتكىنى قويۇق تۇز سۈيىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ چوتكىلىسا ياكى بېنزىن بىلەن سۈرتسىمۇ بولىدۇ. ئاق ھاراق، ماروژنا دېغى: تۆكۈلگەن ۋاقتىدىلا قۇرۇق لۆڭگە ياكى بۇلۇت بىلەن سۈيىنى سۈمۈرۋېلىپ، ئاندىن ھۆل لۆڭگىنى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا تەگكۈزۈپ داغنى سۈرتۈش كېرەك ياكى ئاق ئاچچىقسۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ، ئاندىن بۇلۇتنى سۇغا چىلاپ تۇرۇپ يۇيىۋەتسىمۇ چىقىپ كېتىدۇ. گىلەمنى تازىلىغاندا چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتكەندىن باشقا، گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئازراق تۇز سېپىپ بىر ئاز تۇرغۇزغاندىن كېيىن قاتتىقراق سۈپۈرگىنى سوپۇن سۈيىگە چىلاپ تۇرۇپ سۈپۈرگەندە گىلەمدىكى توپا - چاڭ پاكىزلىنىپ، پارقىراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گىلەمنى سۇدا يۇيغاندىن باشقا قاردا تازىلىسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا گىلەمنىڭ ئۈستىگە قارنى يېيىتىپ تەكرار سۈپۈرۈش كېرەك، مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قايتىلىساق گىلەم پاكىز بولۇپ كېتىدۇ، بۇ سۈنئىي گىلەملەرگە بەكرەك مۇۋاپىق.
|
|