كۆرۈش: 1140|ئىنكاس: 4

نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 15:17  

ئۇستاز نىياز كېرىم شەرقى خەتتاتلىق ئەسەرلىرى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى،  شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى..
نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە 1985-،1989-،1998-،2005-،2008-يىللىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، پاكىستان، تۈركىيىلەرگە بېرىپ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچقان. ئەسەرلىرى يەنە تۇنىس، كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا 20قىسىملىق خەتتاتلىق تېلېۋىزىيە لېكسىيىسى سۆزلىگەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىدا خەتتاتلىق لىكسىيىلىرىنى سۆزلىگەن ۋە دەرس ئۆتكەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، يىڭى مەتبۇئات ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، باھالاپ بېكىتىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە كومپيۇتېر ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، تولۇقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،1976-يىلى « ھۆسىخەت نۇسخىلىرى»، 1989-يىلى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، 2002-يىلى « ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ھەر خىل خەتتاتلىق دەرسلىك كىتابلىرى، خەتتاتلىق لەۋھەلىرىنى نەشر قىلدۇرغان. مەملىكەتلىك مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلەشتە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ « ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك نامىغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت» مۇكاپاتىغا ۋە «شىنجاڭ بۇيىچە ئىلغار مۇتەخەسىس» دېگەن شەرەپ ناملىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان.






baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-21 15:43:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ھۆسنىخەتلەركىنا ، رەھمەت دىدارلاشتۇرغىنىڭىزغا .
ۋاقتى: 2014-7-21 20:27:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، كىرىشتۈرمە سۈرەتلەردىن تارتىپ قوليازمىللىرىغىچە شۇنچە ئېسىل چىقىپتۇ ......
ۋاقتى: 2014-7-22 14:37:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ھۆسنىخەت يىزىشقا ئامراق ئىدىم، ھازىر تاشلىنىپ قالدى،ئۇستازنىڭ تىنى سالات بولسۇن
ۋاقتى: 2014-7-26 17:11:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىياز كېرىم شەرقى ئۇستازنىڭ ھۆسىخەتلېرىگە بەكمۇ ئامراق،ھەۋەس قىلىمەن، ھۆسىنخەتلېرىنى كۆرسەملا ئىختىيارسىز دوراپ يېزىپ كېتىمەن، بولسا تېخىمۇ كۆپرەك يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلار بەك خوش بولۇپ كېتەتتۇق! رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش