كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 14

ئۇقۇتقۇچىلارغا چاخچاق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 11:04  

م
ۇقەددىمە

بىلىمەن چارچىدى بارچە ئۇستازلار،
«ئاساسەن » دەستىدىن ئاقاردى چاچلار.
شۇ سەۋەپ تەۋرەتتىم ئۇشبۇ قەلەمنى،
سوۋغىتىم بوپ قالسۇن مۇشۇ چاقچاقلار.

چاقچاق قىپ ئۇستازنى كۈلدۇرەي دىدىم،؛
شۇ بېسىم غەملەرنى ئۆلتۇرەي دىدىم.
گەر كەتسە چاقچىقىم بىراۋغا ئېغىر،
مۇش ئاتسا «تۇمشاق»نى تۇتپىرەي دىدىم.


مەكتەپ مۇدىرلىرىغا:


قورقمايسىز مېنىڭدىن ،ياكى ئۇنىڭدىن،
چۇنكى سىز مەكتەپنىڭ خاقانى تەختى.
شۇ تەخت پەيزىنى سۇرۇڭ سىز لېكىن،
ئەستىنمۇ چىقمىسۇن ئەۋلادنىڭ بەختى.

سىز خاقان بىز چاكار بۇنىسى ئېنىق،
سۇ بولسا ياشايدۇ ، ئېنىققۇ بېلىق.
سۇ كىمۇ،  بېلىق كىم ؟ئۇيلاپ باقاسىز ،
توغرىمۇ بىزلەرگە چۈشسە كۆپ سېلىق.



ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرىغا:

ئېتىڭىز بەك ئۇلۇغ .سۇپرىڭىز قۇرۇق،
داۋاندىن ئاشالماس ئېتىڭىز ئورۇق.
شۇڭلاشقا ئىشلارنىڭ چىقماس ئاخىرى،
بۇنىڭغا جاۋاپكار بىلىڭ سىز تۇلۇق.

توھپە ۋە شەرەپتە يوقتۇر نامىڭىز،
مەكتەپ دەپ كۆيىدۇ ھايات شامىڭىز.
تەكشۇرۇش ئوبىكتى دىسەك دىمىسەك،
چاتاققا بەك يېقىن شۇڭا ئۆزىڭىز.



ئىلمىي مۇدىرلارغا:

بىلىمىز مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاساس،
سىز رولچى بىزدەكلەر ئاڭا ماڭغۇچى.
-ئىسلاھات تەلىۋى ،دەيسىز دائىما،
ئۆزىڭىز ئېنىققۇ زورلاپ تاڭغۇچى.

-كىچىكىپ كىرمەيسەن دەرسخانىغا،
-چىقىشقا رۇخسەت يوق ھاجەتخانىغا،
تىزىملاپ يۆتەلگەن كىكىرگەننىمۇ،
يەتمەيسىز پەقەتلا ئۆزگە ھالىغا.

شۇ سەۋەپ ئۆچ سىزگە مەندىن باشقىلا،
تاپقاچسىز ئۇلاردىن كۆپلەپ كاشىلا.
كاشىلا  تۈزۈتىش ئۇياقتا تۇرسۇن،
ھەيرانمەن كەينىدىن غەيۋەتلەر تولا.




ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

نەزىريەگە پىشىق سىز لىكىن ،
ئەمىلىيەتكە ھېچبىر ئىمكان يوق.
يازاي دەيسىز ئۇلۇغ بىر داستان،
قەلەم باردۇر ھېچبىر ئىلھام يوق.



ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

بىلدۇرەلمەي پىلوس مىنوسنى،
بۇياپ چىقىپ پۈتۈن دوسكىنى.
ئاچچىق بىلەن تاشلاپ دۇپپىنى،
نەچچىسىنىڭ تۇرتۇپ بېششىنى ،
ئاققۇزدىڭىز ھەتتا يېشىنى.



خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

تىل ئۆگىتىش ئەسلا ياخشى ئىش،
چىقمايدىغۇ قېلىپسىز بىر خىش.
قوش تىللىق دەپ يۈزىڭىز چوڭدۇر،
قىلىپ قويۇڭ باللارنى پەرۋىش.




تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

بىلىمىز مەيداننىڭ شاھى -سۇلتانى،
چېلىشتا ،بەيگىدە يېڭىپ چىققىنى.
شۇ پالۋان ،ئوغلانلار چىقار سىز بىلەن،
شۇڭا سىز باتۇرنىڭ چالغان ئاھاڭى.



مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا:
سىز شاتلىق ئەلچىسى ئاڭا مەن گۇۋاھ،
مۇقامسىز ئۆتمىدى ئۇيغۇرۇم توۋۋاھ.
ھەقىقەت مۇشۇنداق ، كۆرگۈنۈم ئەكسى،
ئاڭلانماس سىنىپتىن ، پەقەت چارىگاھ.





گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

سىز ئەزەلدىن ئۇستا رەسسام بىلىمىز،
قەلبىڭىزگە پۈككەن ئوتلۇق تىلەكلەر.
قەدرىڭىزگە يېتەلمىدۇق كەچۈرۈڭ،
تارتىلغاچقا ئاپاراتتا سۆرەتلەر.




جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىلىرىغا:

سەيلە قىلىپ خۇاڭخې-چاڭجاڭنى،
سىز يۈرۈيسىز شەمۇ-شە ئويناپ.
«سىياسەت»كە ئۇيغۇنمۇ بۇ ئىش،
سۇڭخۇجاڭدا قالسىڭىز ئۇخلاپ.

ياۋرۇپادا قىلىپ ناشتىلىق،
ئامېركىدا يەيسىز چۈشلىكنى.
ياتاق ئېچىپ ئافرىقىدىن ھەم،
ئۆيىڭىزدە يەيسىز كەچلىكنى.




مەكتەپ كاسسىرلىرىغا:

بولسىڭىزمۇ گەرچە شۇنداق بىلىملىك،
سېلىۋەرمەڭ بىزگە كۆپلەپ باج-سېلىق.
خاپا بولۇپ يۇرمەيمىزغۇ بۇنىڭدىن ،
ئاي ئاخىرى كۆرىنىسىز بەك ئىللىق.

مەنبەسنى تۇلۇق ئەسلىيەلمىدىم . قايسى مۇنبەردە كىمنىڭ يوللىغانلىقى تەپسىلى ئىسىمدە يوق . مەن بۇرۇن ساقلاپ قويغان  . شۇڭا مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم پايدىلىنىشىڭلارنى سۇريمەن


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-16 18:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە زەپەر ئەپەندى ، مەنبەسىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىڭىز كېرەك يوق ، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ، مەنمۇ بەكلا ياقتۇردۇم ، سىزگىمۇ ، ئاپتورغىمۇ چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ، مۇشۇنداق ئېسىل ساقلانمىللىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز… مەنمۇ ساقلىۋالدىم
ۋاقتى: 2014-7-16 20:07:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چاخچاقلار بولۇپتۇ ... ھەقىقەتەن بىر كۆرگەندىن كېيىنلا كۆڭلى ئېچىلغۇدەك ...
ۋاقتى: 2014-7-16 23:51:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇپ -ئۇقۇپ قانىمدىم دىسە ما چاخچاقلارنى ،ئەگەر ۋاقتىم يار بەرسە مەنمۇ يېزۋەتسەم بوپتىكەن ئاخىرغا ئۇلاپلا بىر قانچە كۇپلىت ،  توۋا دەيمەن بەزىلەرگە مەكتەپكە ئەتتىگىنى كىلىدۇ كەچكىچە نىمە ئىش قىلشنى بىلمەي قالغان قاراڭغۇ بازاردىكى مەدىكارچىدەك بىر يەرگە توپلىشىپ بىر گەپ ساتقىلى تۇرسا ئاغزىمۇ تېلىپ قالمايدۇ ،مەن نىمە قىلغىلى كەلدىم ؟مىنىڭ مەسۇليتىم نىمە ؟دىگەننى ئويلاپمۇ سالمايدۇ .مىنىڭچە بۇ چاخچاقلاردا شۇنداق تىپتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ چالا بوپ قاپتۇ .
ۋاقتى: 2014-7-17 08:22:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 10:01  

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ، چىنلىققا يېقىن بولغان چاخچاقكەن بۇ . ئاپتورغا ، شۇنداقلا سىزگە رەخمەت .
ۋاقتى: 2014-7-17 22:13:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلغان شىئىرلاركەن .
ۋاقتى: 2014-7-18 10:44:08يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا،، راسىتلا ئۆزگىچىلىك بوپتۇ، مەن يوق ئىكەنمە لىكىن، يىراق مۇساپىلىق ھاھاھا
ۋاقتى: 2014-7-18 11:21:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى  يېزىلىپتۇ،سىز بىزنىڭ  قەلبىمىزدىكىنى  دەپسىز
ۋاقتى: 2014-7-24 16:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم زەپەر ئۇستاز ياخىشمۇ ئۆزلىرى؟ ھازىرىقى  جەمىئيەتتكى  بىر قىسم ئوقۇتقۇچلارغائىنتايىن ماس كەلگەن چاقچاق بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-7-30 00:57:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 00:59  

بۇ ئوقۇتقۇچى مۇشۇ شېئېرىي چاقچاقنىڭ ئاپتورى




http://img16.poco.cn/mypoco/myph ... 01.jpg?500x1000_120

http://img16.poco.cn/mypoco/myph ... 02.jpg?500x1000_120
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش