بۇ مەكتەپ ئۆزى چىقىرىپ ئالغان ئىمتاھان سۇئالى بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا بەك ماس كىلىدۇ
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2013-2014- ئوقۇش يىلى2- ماۋسۇملۇق9 -يىللىق تىل- ئەدەبىياتتىن ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى(A نۇسخا)
1- سۇئال 2- سۇئال 3- سۇئال 4- سۇئال 5- سۇئال جەمىئى تەكشۇرگۈچى نۇمۇر 1- سۇئال. تەلەپكە ئاساسەن ماس كەلگەن بىر جاۋاپنى تاللاڭ. (%20=%2×10) 1) ‹‹كەچكۈزدىكى غېرىپلىق ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى: ( ) .Aئابدىرىھىم ئۆتكۈر .Bتۇرسۇنجان لىتىپ .Cمەمتىمىن ھۇشۇر D.زۇنۇن قادىر 2) ئاپتۇر نەقېل كەلتۇرگەن ‹‹ چىم قاغا ئۇۋىسدا قىرىق يىل تۇرۇپ، قايتا يەرگە چۈشسە، نەملىك بىلەن ئۇچىراشسا يەنە يىڭىباشتىن ياشاۋىرىدىكەن ›› دىگەن جۈملە: ( ) .Aمەسەل .Bرىۋايەت .Cتەمسىل D. ئەپسانە 3)‹‹ ھاياتقا مۇھەببەت ›› ناملىق ئەسەر ھەققىدە خاتا ئىيتىلغىنى: ( ) .A ئەسەر باش پىرسۇناژى بىلەن بۆرىنىڭ ھايات- ماماتلىق ئېلىشىشىدا بۆرە ھالاك بولىدۇ. .Bئەسەر ۋەقەلىكى بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان. .C ئەسەر ئاپتۇرى جىك لوندۇن، ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا يىزىلغان. D. ئەسەر باش پىرسۇناژى ھاياتلىققا ئىنتىلمىگەن بولسا بۆرىگە يەم بۇلۇش خەۋىپىدىن قۇتۇلالمايىتى. 4)‹‹ ھايات ›› ناملىق ئەسەردىكى پەلەمپەي: ( ) .A مۇنارغا چىقىدىغان پەلەمپەي .Bسىموۋوللۇق مەنىگە ئىگە بۇلۇپ، ‹‹ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەش›› دىگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ. .C ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەربىر يىلىنى كۆرسىتىدۇ. D. ئايرىم ھىچقانداق مەنىسى يوق. 5) ‹‹ مىڭ بىر كىچە ›› نامىلىق ئەسەر بولسا: ( ) .A قەدىمكى ئەرەپلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى .B يۇناننىڭ مەشھۇر ئەسىرى .C ھىندىلارنىڭ مەشھۇر ئەسىرى 6) زۇنۇن قادىرى ( ) ياشىغان..A 1912- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە. .B 1913- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە .C 1911- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە 7) خېللىن كېللىر ئامرىكىلىق ئايال يازغۇچى بۇلۇپ، ئۇ ( ) بولغاندا مىيىپ بۇلۇپ قالغان. .A17ئايلىق .B12ئايلىق .C18ئايلىق 8) تەركىبىدىكى تارماق ئاددى جۈملىنىڭ بەزىلىرى تەڭداش مۇناسىۋەتتە، بەزىلىرى بىقىندىلىق مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كىلىشىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ جۈملىنى ( ) دەيمىز. .A بىقىنىدىلىق مۇرەككەپ جۈملە .B تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە .C ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە 9) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يازغان ‹‹ تەبەسسۇم ›› ناملىق ئەسەر ( ) دە يىزىلغان. .A 1990- يىلى ئۈرۈمچى .B 1992- يىلى قەشقەر .C 1993- يىلى غۇلجا 10)‹‹ ئىككى رۇدىپاي شىللىمىزغا چاپلىشىۋالغان تۇرسا قانداقمۇ سەكىرىگىلى بۇلىدۇ، مۇئەللىم؟ ›› دىگەن جۈملىدىكى قاراتما سۆز: ( ). .A رۇدىپاي .B مۇئەللىم .Cشىللىمىز 2- سۇئال. بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (%30=%2×15) 1) مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ( )-يىلى ( ) شەھىرىنىڭ ساقىيە مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 2)جۈملىدىكى مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ مەنىسنى ( )، ( ) رۇلىدا كىلىدىغان جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى ئىزاھلىغۇچى سۆز دەيمىز. 3) زۇنۇن قادىرى ( )، ( ) ناملىق ھىكايىلەرنى يازغان. 4) ‹‹ قوش مەسچىت›› ناملىق ئەسەر ( )- يىلى، ( ) دە يىزىلغان. 5) خىللىن كىللىر ( )-يىلى ( ) دا تۇغۇلغان. 6) ئۆمەر شاڭيۇ ( )، ( ) خاراكتىرىگە ئىگە مۇرەككەپ شەخىس. 7) ‹‹ ئىككى تىگىن ›› نىڭ ھىكايىسى ( ) دىنىغا ئائىت ھىكايە. 8)ئوپىرا ( ) تىلىدىن كىرگۈزۈلگەن سۆز بۇلۇپ، لوغەتچە مەنىسى ( ) دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 3- سۇئال. تەلەپنى ئورۇنداڭ. (%16=%4×4) 1) ‹‹ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك ›› ناملىق ئەسەردىكى نادان ئوغۇل قانداق خاراكتىرگە ئىگە؟
2) ئاپتۇر ‹‹تەبەسسۇم››نى نېمىلەرگە ئوخشاتقان؟ 3) تۇنيۇقۇق كىم؟
4) مەنىسنى يىشىڭ: (1) تەرزدە: (2) جۇلا: (3) كۆكەمە: (4) ناپاك: 4- سۇئال. كۆنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالى. (%24=%6×4) 1)ئابدىقادىر جالالىدىن يازغان ‹‹ۋەتەن ›› ناملىق شىئىردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئاساسلىق ئىددىيە نىمە؟
2)ياڭ جاڭجۈن نىمە ئۈچۈن ‹‹ بىر قەدەم كەڭ، تار، بىر غىرىچ، ئىگىز- پەس بۇلۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ، گۈل نەقىشلىرىدىن تارتىپ سىر بۇياقلىرىغىچە كونا مەسچىت بىلەن ئوخشاش بۇلۇشى كىرەك ›› دەپ جاكارلايدۇ؟
3)‹‹ - ئاپا، نىمە قىلۋاتىدىلا؟ پەرىلەتنىڭ قونچىقىغا كۆينەك تىكىپ بىرەي دىگەن؟ ......نىمە جاپا، ھازىر ئۇنىڭ قورچاق ئوينايدىغان ۋاقتى بولمىسا، شذ....مىنىڭ كۆزۈم نىمە بولدى؟ يىپنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتىمەن؟........ بۇ ئەسەر كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئىلىنغان؟ ئەسەردىكى سۆزلىشىۋاتقان پىرسۇناژلار كىملەر؟
4)قىستورما سۆز دىگەن نىمە؟
5- سۇئال: يىزىقچىلىق سۇئالى (ئارقا بەتكە يىزىڭ): (%10) بىر پارچە ئۆي ئىجارىگە ئىلىش تىلخىتى يىزىڭ؟ ( تەلەپ: (1) تىلخەت يىزىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بۇلسۇن. (2) يازغان خەتنىڭ ئىملاسى توغرا، يىزىقى چىرايلىق بولسۇن. (3) تىلخەتنىڭ مەزمۇنى باغلىنىشلىق بولسۇن.)
|