| ھازىر مەكتەپلەردە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۇزۇم قارشىنى ئۆستۇرۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ ،شۇڭا ئۆزۇم تەييارلاپ ئىلىپ باغان بىرقىتىملىق تەقلىدى سوت ماتىريالىنى يوللاپ قويدۇم ،مۇۋاپىق دەپ قارىساڭلار پايدىلانغايسىلەر.
6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت كوللىگىيىسى»نىڭ جاۋاپكار مەمەت ساۋۇتنىڭ قەستەن ئادەم زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى ئەيىپنامىسى
جاۋابكار: مەمەت ساۋۇت،ئەر،ئۇيغۇر،14ياش،7-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى xxيېزا 3-كەنىت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق. مەزكۇر جاۋابكار 2013-يىلى 3-ئاينىىڭ 21-كۈنى 5دىن50مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىۋىتىپ مەكتىۋىمىزنىڭ 6-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەيساجان ئابلىمىت بىلەن گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپ قالغان.ساۋاقداشلىرى ئاجرىتىپ قويغان.شۇنىڭدىن بىرى جاۋابكار مەمەت ساۋۇت ئەيساجان ئابلىمىتكە ئۆچمەنلىك ساقلاپ،مەكتەپ ئىچىدە قايتا جىدەللىشىشىكە ئۇرۇنغان.ئەينى ۋاقىتتىكى سىنىپ مۇدىرى ۋە ئەخلاق تەربىيە بۆلۇمدىكى مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار تەربىيە بەرگەن،ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلىپ تەربىيە بىرىشنى تەلەپ قىلغان.ئەمما جاۋابكار ئۆچ ئىلىش پۇرسىتىنى ئىزدەپ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ27-كۈنى 6-سائەتلىك دەرىستىن چىققاندا ئالدىن تەييارلىق بىلەن مەكتەپ ھاجەتخانىسىغا كىرىپ ،ئۆزئارا مۇشىتلىشىپ جىدەللەشكەن.ئەتراپتا تۇرغان ساۋاقداشلار توسقان بولسىمۇ،جىدەللىشش نىيىتىدىن يانمىغان.نەتىجىدە جاۋاپكارقوينىدىن50سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كالتەكنى ئىلىپ ئەيساجان ئابلىمىتقا شىلتىپ،مەمەتجان ساۋۇتنىڭ بۇرنىنىڭ كۆمچىگىنى ئىزىۋەتكەن .نەخ مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىغا خەۋەر قىلىپ مەمەتجان ساۋۇتنى دوختۇرخانغا ئىلىپ بارغان قانۇن دوختۇرى تەكشۇرۇپ كۆرۇپ زىيانلانغۇچىنىڭ زەخمىسىنى يىنىك زەخمە دەپ دىياگۇنۇز قويغان ،ھەمدە زىيانلانغۇچىنى بالنىسىت شارائىتىدا دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالىنىشقا بۇيرىدى جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 194-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىلەرگە ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچمىسىدىكى بەلگۇلىمىلەرگە،مەكتەپنىڭ قائىدە تۇزۇملىرىگە خىلاپ ،جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ،شۇڭا سوتنىڭ جاۋاپكارنى قاتتىق جازالىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . 6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت »تەپتىش بۆلۇم 2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۇنى 6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت » كوللىگىيىسىنىڭ جاۋابكار مەمەت ساۋۇت ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامە 6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت »كوللۇگيىسى 2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۇنى
6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت » كوللىگىيىسىنىڭ جاۋابكار مەمەت ساۋۇت ساۋۇت ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىسى سوت كوللىگىيىسى2013-يىلى5-ئاينىڭ29-كۈنى جاۋابكار مەمەت ساۋۇت ئۈستىدىن سوت ئىچىپ،تۆۋەندىكىدوك ھۆكۈم چىقاردى. جاۋابكار ئەمەت ساۋۇت،ئوغۇل ،ئۇيغۇر،14ياش،،قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن 7-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى يېزا 3-كەنىت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق. 2013-يىلى3-ئاينىڭ21-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىككى قېتىم مەكتەپ ئىچىدە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىسىنى ئاڭلىماي،ساۋاقداشلىرىنىڭ توسىشىغا قارىماي،ئەيساجان ئابلىمىتنىكالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئىغىر زەخمىلەندۈرگەن، جاۋابكار ئۆزىنىڭ باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەنلىكىگە ئىقرار بولغانلىقى،بۇ ھەقتىكى ماددى ئىسپاتلار ۋە گۇۋاھچىلار تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن سوت كوللىگىيىمىز جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئىغىر،قەستەن ئادەم زەخمىلەندۇرۇش مەقسىتى بار، باشقىلارنى ئىغىر زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىغا قارىتا مەمەت ساۋۇتنى ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن جىنايەتچى دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 194-تارمىقىدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن جىنايەتچىگە بىرىلىدىغان جازا»غا ئاساسەن ئەمەت ساۋۇتقا تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى. 1.جاۋابكارغا ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ،2يىل كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىنسۇن . 2.زەخمىلەنگۈچىنىڭ 600يۇئەن داۋالىنىش چىقىمىنى مەمەت ساۋۇت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 3.زەخمىلەنگۈچىنىڭ بېقىلىش راسخودى ئۈچۈن300يۇئەن تۆلەم پۇلى بىرىلسۇن. 4.جاۋاپكار مەكتەپ ئىچىدە 3ئاي نازارەت ئاستىدا سىناقتا قالدۇرۇلۇپ ئىپادىسىگە قارالسۇن . 5.جاۋاپكار يىللىقلار گورۇپپىسى ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۇرسۇن . 6.جاۋاپكار مەكتەپ بويىچە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىتلەنسۇن . جاۋاپكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بولسا 15كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ .
6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت »كوللۇگيىسى 2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۇنى
6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدى سوت كوللوگىيسىنىڭ» سوت خاتىرسى 6-يىللىق 4-سىنىپ «تەقلىدىي سوت »كوللۇگيىسى 2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۇنى
6 يىللىق 4-سىنىپ تەقلىدى سوت كوللوگىيسىنىڭ سوت خاتىرسى 2012- يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جاۋاپكار ئەمەتجان ساۋۇت ئۈستىدە سوت ئىچىلدى. ئورنى- چوڭ يىغىن زالى. سوت كوللوگىيسى باش سوتچى-قەيسەر قاسىم ياردەمچى سوتچى-ئالىيە روزى،ئەزىمەتجان قۇربان، كىڭەيمە سوت ئەزالىرى(زاستاتىللار)-ئابدۇراخمانجان ،مەربىيە ،گۇلبوستان،مىرىگۇل ،ھاۋانىسا ئەيىپلىگۈچى-مىرسەيدۇللا مەمەتئىلى،مۇزەپپەرجان مەمەتتۇرسۇن،راھىلە باقى ئاقلىغۇچى-ئانىخىنىم ئۆمەر،مىيەسسەر ئاللابەردى،مۇختەرجان ھىمىت كاتىپ-رابىيەم تۇرغۇن ئىجرا قىلغۇچى-ئابدۇراخمانجان ،تۇرسۇنجان ھىيىت 1. جاۋاپكار سوت مەيدانىغا ئىلىپ كىرىلسۇن. 2. جاۋاپكار يالاپ سۇت مەيدانىغا ئىلىپ كىرىلدى. سۇئال: جاۋاپكاردىن ئىسمىڭ نىمە؟ جاۋاپ:ئىسمايىل مەشرەپ سۇئال: مىللىتىڭ نىمە؟ جاۋاپ: ئۇيغۇر سۇئال: نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ جاۋاپ:16ياشقا سۇئال: بۈگۈن سىنىڭ مەسلەڭنى سوت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىمىز، شۇڭا ① سوتتا ئۆزەڭنى ئاقلىساڭمۇ ياكى ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلساڭمۇ بولىدۇ.② بۈگۈن سوت قىلغۇچى سوتچى، ئەيىپلىگۈچى، زاستاتىللار ئىچىدە مىنى سوت قىلىشقا قاتناشسا بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلار بارمۇ؟ جاۋاپ: ( بار ياكى يوق ) سۇئال: جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئىقرار قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك، جايىللىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق قول بولۇش دىگەن پىرىنسىپ بار، شۇڭا سۇت مەسلەڭنى تولۇق تاپشۇرۇپ ياكى ئىقرار قىلىپ قانۇننىڭ كەڭچىلىكىگە ئىرىشىشنى ئۈمۈت قىلغىن. جاۋاپ: بولىدۇ. سۇئال: جاۋاپكار جىنايىتىڭنى بىرمۇ- بىر سۆزلە؟ جاۋاپ: دىگەن گەپلەر يىزىلىدۇ. سۇئال: جاۋاپكارنىڭ ئىقرارىنى ئاڭلىدۇق. سۇئال: ھازىر ئەيىپلىگۈچىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى ئوقۇلىدۇ. جاۋاپ: جەريان يىزىلىدۇ. سۇئال: ئاقلىغۇچى سۆز قىلىدۇ. جاۋاپ: بىرىلىدۇ. سۇئال: ئەيىپلىگۈچى، ئاقلىغۇچىلار بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارىدۇ. جاۋاپ: جاۋاپكاردىن سۇئال سوراش ئارقىلىق جىنايى پاكىتلارنى دەلىللەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. گۇۋاچى جىنايەت قىلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن ( پىچاق، ماددى بويۇم ) دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى، كەتكەن چىقىملارنىڭ تالۇنى كۆرسىتىلىدۇ. سۇئال: ئاخىرلىشىدۇ. سوت كوللوگىيسى، زاستاتىللار بىرلىكتە يىغىن ئىچىپ ھۆكۈمنى بىكىتىدۇ. سۇت ھۆكۈمنى ئىلان قىلىدۇ. جىنايەتچى ھۆكۈمگە نارازى بولسا 15 كۈن ئىچىدە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ ئەسكەرتىدۇ. جاۋاپكار سوت خاتىرسىگ قول قويىدۇ. جاۋاپكارنى سوت مەيدانىدىن ئىلپ كىتىش بۇيرۇلىدۇ. سوت ئاخىرلىشىدۇ. ئەيىپلىگۈچى، ئاقلىغۇچى بەس مۇنازىرە ئا: ئەيىپنامىدە ئۇرۇشقان ئورۇن 4- ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقىسىدا- مىنىڭ ئاقلاشنى ھاۋالە قىلغۇچۇم بۇ قانداق ئەقىلغا مۇۋاپىق بولىدۇ، كۆرگەنلەر بارمۇ؟ ئى: جاۋاپكاردىن ئىنىقلايدۇ ۋە گۇۋاچىنى گۇۋالىققا چاقىرىدۇ. سوتچى: قانۇن بىر ئادەمنى قارلاش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان سۆزلەپ پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ گۇۋالىق بەرسە قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ، بىلەمسىز؟ جاۋاپ: بىلىمەن. سۇئال: سۆزلەڭ ئەيىپلىگۈچى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرى بار- يوقلىقىنى سورايدۇ. جاۋاپ: خاتىرسى بىرىلىدۇ ئا: پىچاق بىلەن زەخمىلەندۈرگەن دىدى. ماددى ـــــ بارمۇ، ئۇ زادى قانچىلىك پىچاق، مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن، ئۇ ئوقۇغۇچى تۇرسا، چەكلەنگەن تۇرسا. ئى: پىچاقنى سوتقا تاپشۇرىدۇ. ئا: دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالىنىپتۇ، بۇنىڭ ئىسپاتى بارمۇ. ئى: ئىسپاتنى تاپشۇرىدۇ. ئا: ئاقلاشنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىقراسى ياخشى بولدى. زاستاتىللارنىڭ، سوتچىلارنىڭ كەڭچىلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. |
|