ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. ئا ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر. ئاتا – ئانا چۈمۈلىدىك يىغار، بالا توخۇدەك چاچار. ئاتا – ئاناڭدىن مىراس قالسۇن دېسەڭ، ھۈنىرىڭگە ئىخلاس قىل. ئاتا – ئاناڭغا چىنىدە بەرسەڭ، پەرزەنتىڭ ساڭا تاغارلاپ بېرەر. ئاتا – ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالىلىرىڭدىن شۇنى كۆرىسەن. ئاتا – ئاناڭنى باقمىساڭ، بالاڭدىن تامە قىلما. ئاتا – ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىل، خەلقىڭنىڭ خىزمىتىنى قىل. ئاتا – ئانام بولسىكەن، ئاغزى- بۇرنى بولمىسىكەن. ئاتا – ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ. ئاتا – ئانىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى. ئاتا بالىسى بولغۇچە، يۇرت بالىسى بول. ئاتا دۇئاسىدا باغ كۆكلەر، ئانا دۇئاسىدا ئەل كۆكلەر. ئاتا كۆرگەن ئوق ئاتار، ئانا كۆرگەن تون پىچار. ئاتاڭ بار، ئاناڭ بار، بايلىقىڭ شۇ، ئەتىگەندە بېرەر تاماق قايمىقىڭ شۇ. ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن. ئاتا مېھرى چىراغ، ئانا مېھرى بۇلاق. ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى. ئات جەڭگە كىرسە، ئۇيقىسى ئېچىلار. ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە. ئاتقا مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن «ۋاي» دېمە. ئاتنىڭ ــ زىننىتى ئىگەر، ئەرنىڭ ــ زىننىتى ھۈنەر. ئاتنى مىنىپ سىنا، ئادەمنى ئارىلىشىپ سىنا. ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزۇن يولدا سىنىلار. ئات ئۈستىدە كارۋانمەن، جەڭ ئۈستىدە پالۋانمەن. ئاتىقى چىققانى ياتمۇ تۇغقىنىم دەيدۇ، چاتىقى چىققاننى تۇغقانمۇ يات دەيدۇ. ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر. ئاچچىق تەر تۆكسەڭ، تاتلىق تاماق يەيسەن. ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچار. ئاچ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەل دەردىنى ساق بىلمەس. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا – ئاناڭنى تاشلىما. ئاچلىق نېمىنى يىگۈزمەس، بايلىق نېمىنى دېگۈزمەس. ئادالەتسىز پادىشاھنى ئادالەتلىك خورلۇق ئۆلتۈرەر. ئادەت ئادەمنى باشقۇرماس، ئادەم ئادەتنى باشقۇرار. ئادەم ئالدىنىدۇ مالغا، قۇش ئالدىنىدۇ دانغا. ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت، ھالال تېپىپ لازىم ئەت. ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلەر، دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر. ئادەم بولغان ئادەمدە مىڭ كىشىنىڭ ئىشى بار، ئادەم بولمىغان ئادەمدە كىمنىڭ نېمە ئىشى. ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن. ئادەم بىلىمى بىلەن دۆلەت، بىلىمسىزدە قۇرۇق سۆلەت. ئادەم جىق يەردە ئىش ھارام، موللا جىق يەردە گۆش ھارام. ئادەم دوستى بىلەن، دەرەخ پوستى بىلەن. ئادەمدە ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ئادەم زىننىتى كىيىم بىلەن، يەر زىننىتى دەرەخ بىلەن، دەرەخ زىننىتى يۇپۇرماق بىلەن. ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن. ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەم تۇز بىلەن. ئادەمنىڭ روھى چۈشسە، ئېتى يۈگۈرەلمەس. ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، يەرنىڭ زىننىتى جىرىم. ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، ئەمگىكىگە قارا. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزىدە، ئۈزۈكنىڭ قىممىتى كۆزىدە. ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن. ئادەمنىڭ ئېسىلى ئۆلگەندە بىلىنەر، ئاتنىڭ خۇيى مىنگەندە بىلىنەر. ئادەمنىڭ ئېشى تۈگىگىنى، ئىشى تۈگىگىنى. ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل – يۇرت دەپ ئۆلەر. ئادەمنى ئۆتكۈر قىلغان ئاڭ، قىلىچنى ئۆتكۈر قىلغان گاڭ. ئادەم ھاياسى بىلەن، ھايۋان باھاسى بىلەن. ئادەم ئىككى نەرسە بىلەن زېرىكمەيدۇ: بىرى ناندىن، يەنە بىرى جاندىن. ئاددىي – ساددا ئالقىش ئالار، ھالى يوغان قارغىش ئالار. ئارپا – پۇرچاق ئاش ئىكەن، ئۈنچە – مارجان تاش ئىكەن. ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا. ئاز – ئازدىن ئۆگەنسە دانا بولۇر، قەترە – قەترە يىغىلىپ دەريا بولۇر. ئازاب چەككەننىڭ بىلىدىغىنى كۆپ. ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ. ئاز گەپ ئۇز گەپ، جىق گەپ مۇز گەپ. ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئاسقۇدا گۆش بولسا بىر كۈن مېھمانغا ياراپتۇ. ئاسماندا پۇل بار دېسە، شوتا ئىزدەپتۇ. ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر. ئاشتىن كېيىن زاغرا، تويدىن كېيىن ناغرا. ئاش ساتساڭ يىرىك سات، ئات ساتساڭ تىرىك سات. ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار. ئاشلىق بەدەن ئوزۇقى، ئىلىم – پەن ئەقىل ئوزۇقى. ئاشنىڭ ئالىسى قورساقنى ئاغرىتار، كۆڭۈلنى ئالىسى دىلنى ئاغرىتار. ئاشنىڭ دەردىنى ئاچ بىلەر، ئانىنىڭ قەدرىنى يېتىم بىلەر. ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ بېرىپ قۇتۇل. ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ. ئاغزىدا ئەل – ۋەتەن، كۆڭلىدە پەقەتلا «مەن». ئاغزىدا كۈلكە – چاقچاق، قوينىدا پالتا – پىچاق. ئاغزىدىن ھەسەل تامار، كۆڭلىدىن زەھەر. ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ، دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە. ئاغمىخاننىڭ توخۇنى يوقلىشىدا ياخشى نىيەت يوق. ئاغىنەڭ ياردەم سورىسا، ئەتىگە قالدۇرما. ئاقىللاردىن ھېكمەت ياغار، نادانلاردىن تۆھمەت ياغار. ئاڭلاپ ئىشەنمەي، كۆرۈپ ئىشەن. ئالاردا سانىقى ئوتتۇز، بېرەردە سانىقى توققۇز. ئالەمنى سۇ باسسا، ھۇرۇننى ئۇيقۇ بېسىپتۇ. ئالىمىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار؛ ئادىمىڭنى كۆپ ياراتتىڭ، ئۈچىينى تار؛ مۈشۈكۈڭنى بەگ ياراتتىڭ، ئىتلىرىڭنى خار. ئالتۇنباش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىباش ئاپاڭ بىلەن قال. ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن. ئالتۇن قەپەزدىن تىكەنلىك ئۇۋا ياخشى. ئالتۇن – كۈمۈش چىققان يەردىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەل ياخشى. ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نە پايدا؟ ئالتۇن يەردە قالماس، يەردە قالسا توپا قونماس. ئالتۇننى كۆرگەن پەرىشتە يولدىن ئازىدۇ. ئالدىدا ئاش قويۇپتۇ، كەينىدىن مۇشت قويۇپتۇ. ئالدىدا كەتسەڭ تەسچىلىك، ئارقىدا قالساڭ سەتچىلىك، ئوتتۇرىدا ماڭساڭ ئىشەنچلىك. ئالدىراقسانلىق ــ شەيتانلىق، سالماقلىق ــ رەھمانلىق. ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە، ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە. ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ. ئالغاندا پاتمانلاپ، بەرگەندە مىسقاللاپ. ئالغاندا خۇش چىراي، بەرگەندە مۇز چىراي. ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان. ئالماس خەنجەر قىنىدا ياتسا، دات باسار. ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئالىم سۆزلىسە، زالىم جىم بوپتۇ. ئالىمىنڭ خۇمارى بىلىم، بەڭگىنىڭ خۇمارى چىلىم. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار، ئاتا ئايىغىدا دۆلەت بار. ئانارنى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە. ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ، ئاتاڭنى خاقان بىل. ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا، يەر تىترەيدۇ. ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى تالادا. ئاۋات شەھەرىڭدىن ئەسكى تاملىق يۇرتۇم ياخشى. ئاھ ئۇرۇپ غەم قىلغۇچە، ئەقىل ئىشلىتىپ پەم قىل. ئاۋۋال ئىشلە، ئاندىن چىشلە. ئايال كىشىنىڭ قولى كۆسەي، چېچى سۈپۈرگە. ئە ئەپتىڭ يامان بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. ئەتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا. ئەتلەس كىيسەڭ، بۆز كىيگىنىڭنى ئۇنۇتما. ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال. ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا. ئەجىر قىلساڭ چۆلگە، پۈركىنىسەن گۈلگە. ئەجىر قىلساڭ، لوم تۆمۈر يىڭنە بولار. ئەدەپ – ئەخلاق بازاردا سېتىلماس، ئەدەپسىزگە ھېچ كىشى قېتىلماس. ئەردىن ئەلگە نەپ، نەپ تەگمىسە كۆتىگە تەپ. ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئەت قانىتى ــ ئات. ئەر كۆركى ــ ساقال، سۆز كۆركى ــ ماقال. ئەركىلىتىۋەرسەڭ، ئېشەككە مۈڭگۈز چىقار. ئەر كۆيگەنگە كۆيمە، ئەل كۆيگەنگە كۆي. ئەر ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئېلى ئۈچۈن ئۆلەر. ئەر ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر نامىنى ئەل ساقلار. ئەر ئېيتماس، ئېيتسا قايتماس. ئەزمە ئويلانغىچە، تەۋەككۈلچى مەقسەتكە يېتەر. ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، كەمبەغەلگە پۇتلاش تولا. ئەسكى جاڭگالنىڭ تۈلكىسى كۆپ، تەخسىكەشنىڭ كۈلكىسى كۆپ. ئەسكى دۇمباقنىڭ ئۈنى يوغان، ئەخمەق كىشىنىڭ گېپى يوغان. ئەسكىدىن جىن قورقىدۇ. ئەسكىسىنى ياراتماي، ئوبدىنىنى تاپالماي، داغدا قالغان باراتباي. ئەسكە مېھمان ئىشىكتىن كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ. ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ ئىشلەت. ئەسلىڭنى ئۇنۇتتۇڭ، نەسلىڭنى قۇرۇتتۇڭ. ئەقىل چىرىقىڭنى چاقنىتاي دېسەڭ، بىلىمگە ئاشىق بول. ئەقىلسىز باشنىڭ جاپاسىنى پۇت تارتىدۇ. ئەقىلسىزنىڭ پەمى يوق، گەپ سۆزىنىڭ تەمى يوق. ئەقىللىق بىلىمگە ئامراق، ئەقىلسىز ئويۇنغا ئامراق. ئەقىللىق پۇل تاپسا ئايغا مىنەر، ئەقىلسىز پۇل تاپسا لايغا مىنەر. ئەقىللىق تېپىپ سۆزلەيدۇ، نادان كۆپۈپ سۆزلەيدۇ. ئەقىللىقنى ئىشىدىن بىل، بىلىملىكنى سۆزىدىن بىل. ئەقىللىق ئويلاپ سۆزلەر، ئەقىلسىز ئويناپ سۆزلەر. ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىپلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى ئەيىپلەر. ئەقىللىق ئۈمىدۋار كېلىدۇ، ھاماقەت خىيالچان كېلىدۇ. ئەركىلىتىش ئاپەت، باشقۇرۇش مۇھەببەت. ئەل ئاياغ باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە. ئەل بار سورۇندا ئوغلۇڭنى چۆكۈرمە، ئەر بار سورۇندا قىزىڭنى چۆكۈرمە. ئەل بار يەردە ئەر خار بولماس. ئەل بەختىگە كۆيگەندىن ئەل سۆيۈنەر. ئەل بولساڭ، تۇغۇڭنى كۆرسەت؛ باتۇر بولساڭ، بۇغۇڭنى كۆرسەت. ئەل بېشىغا كۈن چۈشسە، ئەل بەغرىدا مىڭ ئۆچكە. ئەل بىر پەرياد چەكسە، سەن مىڭ پەرياد چەك. ئەل بىلەن بىللە كېسىلگەن قولدىن قان چىقماس. ئەلدىن بېشىڭ تارتقىنىڭ ، مۇردا بولۇپ قاتقىنىڭ. ئەلدىن قاچقان سەلگە ئۇچراپتۇ. ئەل ساڭا غۇنچە تۇتسا، سەن گۈلدەستە تۇت. ئەل سۆيمىگەن ئەردىن، گىياھ ئۆنمىگەن يەر ياخشى. ئەل سىلىسا ئەل ئايىقى، ئەل سىلىمىسا ئىت يالىقى. ئەل غېمىدىن ئەر قاچسا، ئەر غېمىدىن ئەل قاچار. ئەل كۆكەرسە، ئەر كۆكىرەر. ئەل كۆڭلىنى ئوۋلىغانلار مەقسەتكە يېتەر، ئەل كۆڭلىنى ئاغرىتقان ھەسرەت چېكەر. ئەل كىرگەن كېچىكتىن يانما. ئەلگە باقساڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئەلگە بەرسەڭ ئېشىڭنى، ئەل سىلايدۇ بېشىڭنى. ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن. ئەلگە ئىشلەتمىگەن بىلىم، سۆڭەككە چاپلاشقان يېلىم. ئەلگە ياخشىلىق قىلغىنىڭ ــ كۆكتە پەرۋاز قىلغىنىڭ. ئەل مەشئەل كۆتۈرسە، شەپەرەڭ دات سالار. ئەل مېھرىنى ئۆتۈنمە، ئوتىدا كۆي، ئۆكۈنمە. ئەلنى سۆيسەڭ يولۇڭ ئوچۇق، ئەلنى سۆيمىسەڭ كۆتۈڭ ئوچۇق. ئەلنى سۆيگەن خار بولماس، پەننى سۆيگەن زار بولاس. ئەلنى سېغىنغان ئايغا باقار، ئەلدىن كەچكەن لايغا پاتار. ئەلنىڭ ھەققىنى يېسەڭ، كۆتۈڭدىن پۈتۈن چىقار. ئەلمەلدار بۆرە بولسا، پۇقرالار تۈلكە بولار. ئەمەلدارنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرانىڭ چىراق يېقىشىغا يول يوق. ئەمەلدىن كەچ، ئەلدىن كەچمە. ئەمگەك بىلەن ئەل كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر. ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت قىلساڭ، ئالتۇن بىلەن بەرىكەت تاپىسەن. ئەمگەك قىلغان جىگدە يەپتۇ، ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ. ئەمگەك قىلماي ھالاۋەت يوق، ئىناق بولماي سائادەت يوق. ئەمىلىڭ بىلەن ئاتالغۇچە، بىلىمىڭ بىلەن ئاتال. ئەيىپسىز دوست ئىزدىگەن، يالغۇز قالار. ب باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم. باتۇر جېنىدىن كەچسىمۇ، ئېلىدىن كەچمەس. باتۇر چۈشىدۇ دۈشمەن كۆرەر. باتۇرغا بىلەك كېرەك، مەردكە يۈرەك كېرەك. باتۇر ئۆيدە تۇغۇلۇپ، جەڭدە ئۆلەر. باجگىرغا قاۋىغان ئىت جەننەتكە كىرەر. باخشىنىڭ كۈنى داپ بىلەن، يالغانچىنىڭ كۈنى لاپ بىلەن. باراڭ لازىم ئەمەس، قاپاق لازىم. بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي. بارمىغان يەرنىڭ ئوي – چوڭقۇرى تولا. بار نېمىنى دېگۈزمەس، يوق نېمىنى يىگۈزمەس. بارنىڭ خىجالىتىدىن، يوقنىڭ خىجالىتى يامان. بازارغا باققال يارىشا، پوقاققا ساقال. بازارغا گەپ ئاتما، مازارغا چالما ئاتما. بازىرى كاساتنىڭ پارىڭى تولا. باش ئاغرىقى ــ غەمدىن، بەل ئاغرىقى ــ نەمدىن، پۇت ئاغرىقى ــ يولدىن. باشتا قاتتىق بولسا، ئاياغتا تاتلىق بولار. باش ــ غەزىنە، تىل ــ ئاچقۇچ، كۆز ــ ساقچى، قول ــ بايلىق. باشقا يۇرتنىڭ سۇلتانلىقىدىن، ئۆز ئېلىڭنىڭ گادايلىقى ئەلا. باشقىنىڭ ئەقلى بىلەن ئاش يىگۈچە، ئۆز ئەقلىڭ بىلەن پوق يە. باش نەدىن كېتىدۇ دېسە، تىلىنى چىقىرىپتۇ. باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ. بالا بالا بولغۇچە، ئانىسى موماي بولار. بالاڭغا كۆيسەك، يامان ئىشتىن توس. بالاڭنى ئايىساڭ، بالاغا قالىسەن. بالاڭنى مەيلىگە قويساڭ، ئوچىقىڭنى بۇزار. بالاڭنى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ، بېشىڭغا چىچار؛ چىۋىننى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ، ئېشىڭغا چىچار. بالاڭ يامان بولسا ئۆزۈڭدىن كۆر. بالا ئۇچراپتۇ يوقسۇزغا، كىيىك ئۇچراپتۇ ئوقسىزغا. باي بازارغا يېقىن، گاداي قازاغا يېقىن. باي بايغا باقار، سۇ سايغا ئاقار. باي بولساڭ، نامراتنىڭ غېمىنى ئويلا. بايغا يالۋۇرما، ئۆزۈڭگە يالۋۇر، ئىرادە ئالدىدا مۇشەققەت قاچۇر. بايلىق تېجەشتىن، نامراتلىق چېچىشتىن. بايلىق قاچقان كىشىنى قوغلار، قوغلىغان كىشىدىن قاچار. راست گەپ ئاڭلاي دېسەڭ، كىچىك بالا بىلەن مۇڭداش. باي مېلىنى سۆزلەيدۇ، نامرات غېمىنى سۆزلەيدۇ. باينىڭ بالىسى بازارغا يېقىن، كەمبەغەلنىڭ بالىسى قازاغا يېقىن. باينىڭ پۇلى بار، كەمبەغەلنىڭ ھۈنىرى بار. باينىڭ پۇلى بولغىچە، گاداينىڭ قۇلى بول. باينىڭ قىزى تازغا ئامراق. باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى. بەتتام قوغۇننىڭ ئۇرۇقى تولا، ئويلانماي قىلغان ئىشنىڭ سورىقى تولا. بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ. بەختنى ئەردىن ئىزدەش بەختسىزلىكنىڭ باشلىنشى. قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ. بەختسىز قۇدۇققا چۈشسە، بېشىغا قۇم يېغىپتۇ. بەرىكەت دېگەن خالتاڭدا ئەمەس، ئالىقاندا. بەرىكەتنى ھەرىكەتتىن تىلە. بەرگىنىڭنى مىننەت قىلما، ئالغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالما. قىزغانچۇقنىڭ ھالۋىسىدىن، قولى ئوچۇقنىڭ ئۇمىچى ياخشى. كىشىنىڭكىنى بۇلاپ – تالاپتۇ، ئۆزىنىڭكىنى سىقىپ يالاپتۇ. بەزىدە خۇدا بىلەن رۇسۇل، بەزىدە دۇتار بىلەن ئۇسسۇل. بەزىدە مېھمان كېلۇر قويۇپ قويغان ئۆپكىدەك، بەزىدە مېھمان كېلۇر يۈگۈرۈپ قوپۇپ تەپكۈدەك. بەزىلەرگە ئالتۇن تاۋاقتا ئاش كېلۇر، بەزىلەر يوقسۇزلۇقتىن جان بېرۇر. بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس. بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ. بولسا ئادەم پىلانسىز، كېتەر ئوقى نىشانسىز. بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە تۇرماس. بۇلبۇل باھارنى سۆيەر، ئادەم ۋەتەننى سۆيەر. بۆرىگە ئىچ ئاغرىتساڭ، قويغا زامىن بولىسەن. بۆرىنىڭ خىرىس قىلىشىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجىيىشى يامان. بۈگۈنكى دوستلىرىڭدىن ئەتىكى دۈشمەنلىرىڭ زېرەك. بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس، بېخىلنىڭ پوقىغا بىگىز ئۆتمەس. بېخىلنىڭ شامى ئاقسا، كۆزىنىڭ يېشى ئاقار. بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانىقى ئوتتۇز. بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە، ئەسقاتىدىغىنى دوست. بېشىڭ كۆككە تاقاشسا، خەلقىڭنى يۇلتۇز بىل. بېشىڭ نەدىن كېتەر، تىلىڭدىن كېتەر. بېقىپ يەيمەن دېسەڭ مال قىل، سېتىپ يەيمەن دېسەڭ دەرەخ قىل. بېگىز تاغاردا توختىماس، چوغ پاختىدا. يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ. بىچارىنىڭ بېشىنى سىيلىساڭ، چىققان دۆڭۈڭ ئېگىز بولۇر. بىر ئاچقانغا سۆزلىمە، بىر ھارغانغا سۆزلىمە. بىر ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر تاغار تۇزنى بىللە يە. بىراۋغا ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. بىر بەت كىتاب ئوقۇساڭ، بىر سەر ئەقىل قوشۇلار. بىر تاغار خۇشامەتتىن، بىر ئېغىز ھەقىقەت ياخشى. بىرلىكى بار ئەلدىن قورق. بىر تۈپ دەرەخ كەسسەڭ، ئون تۈپ كۈچەت تىك. بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن. بىرسى چالما دەپ تاشلىسا، بىرسى ئالما دەپ ئاپتۇ. بىر قېتىم جىدەل بولغان ئۆيدىن، قىرىق كۈن بەرىكەت قاچار. بىر قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار. كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇۋىقى سىرقىراپتۇ. بىر كۈن تۇز يىگەن جايغا قىرىق كۈن تەزىم. بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن، مىڭ كۈن ئۆگەن. بىر كىتاب ئوقۇساڭ، بىر سەر ئەقىل قوشۇلار. بىر مۆشۈكنى ئۆلتۈرسەڭ، مىڭ چاشقاننى قوغدايسەن. بىر مىسقال دۆلەتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مىڭ مىسقال تەمكىنلىك كېرەك. بىر ئېغىز بىلىمنى مىڭ تىللاغا سېتىپ ئال. بىكار يۈرمەڭ لاغايلاپ، پۇلنى خەجلەڭ ئاۋايلاپ. بىلەي دېسەڭ قىيىن ئەمەس، چىقاي دېسەڭ ئېگىز ئەمەس. بىلىم ئىشقىدا كۆيسەڭ، ئالتۇن شوتىدا ئۆرلەيسەن. بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم بولۇر، ئارلىنىپ سورىمىغان زالىم بولۇر. بىلىكىڭ توم بولسا، دۈشمىنىڭ سالامغا كېلىدۇ. بىلىكىڭگە ئىشەنگۈچە، بىلىمىڭگە ئىشەن. بىلىم ئالمىغان ياش ــ تام تۈۋىدىكى تاش. بىلىم ــ تۈگىمەس بۇلاق، ئەقىل ــ ئۆچمەس چىراق. بىلىم ــ دەسمايىسىز ھۈنەر. بىلىم دېگەن بىر دۆلەت، كىيىم دېگەن بىر سۆلەت. بىلىمدىن ئارتۇق دوست يوق، كېسەلدىن ئارتۇق دۈشمەن يوق. بىلىمسىز ئەردىن ھوسۇللۇق يەر ياخشى. بىلىمسىز باش يارىدۇ، بىلىملىك تاش يارىدۇ. بىلىمسىز بولسا زامان، قاراڭغۇ بولۇر جاھان. بىلىمسىز پادىشاھدىن بىلىملىك گاداي ياخشى. بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش يوق. بىلىمسىزلىكتىن قورقما، تىرىشماسلىقتىن قورق. بىلىمسىزنىڭ تۆرىدىن بىلىملىكنىڭ پەگاسى ياخشى. بىلىمسىزنىڭ ئېپى يوق، تىڭشىغۇدەك گېپى يوق. بىلىمسىزنىڭ ئىشى بىر، بىلىملىكنىڭ ئىشى مىڭ. بىلىم قاچماس تىرىشچاندىن، بەخت قاچماس ئىشچاندىن. بىلىم كۈندە لازىم، چىراغ تۈندە لازىم. بىلىملىك ئادەم تاللىنار، بىلىمسىز شاللىنار. بىلىملىك بېرىلەر، بىلىمسىز كېرىلەر. بىلىمىلىك بىلەي دېسە، بىلىمسىز بىلىمەن دەپتۇ. بىلىملىك بىلىمسىزدىن تۆر تالاشماس. بىلىملىكتە نەپ تولا، بىلىمسىز گەپ تولا. بىلىملىك دۆلەتمەن بولۇر، بىلىمسىز سۆلەتمەن بولۇر. بىلىملىككە ئامەت كۆپ، بىلىمسىزگە ئاپەت كۆپ. بىلىمسىزگە تۆر، بىلىمسىزگە گۆر. بىلىملىككە گەپ قىلسام ئاڭلىدى، بىلدى، بىلىمسىزگە گەپ قىلسام ئاڭلىدى، كۈلدى. بىلىملىك نۇرلىنار، بىلىمسىز خورلىنار. بىلىملىكنى قارىلىساڭ، ئۆزۈڭنى خارلايسەن. بىلىملىكنىڭ چارىسى كۆپ، بىلىمسىزنىڭ باھانىسى كۆپ. بىلىملىكنىڭ قولدىشى شىجائەت، دۈشمىنى قانائەت. بىلىملىكنىڭ ۋاپاسى كۆپ، بىلىمسىزنىڭ جاپاسى كۆپ. بىلىملىك ئويلاپ سۆزلەر، بىلىمسىز قايناپ سۆزلەر. بىلىملىك ئىشىدىن مەلۇم، بىلىمسىز گېپىدىن مەلۇم. بىلىملىك ئىشىغا ئىشىنىدۇ، نادان چۈشىگە ئىشىنىدۇ. بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما. بىلىم ئۆگەنسە كىشى، كۆككە يېتەر بېشى. بىلىم ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ. بىلىمى يوق كىشىنىڭ، بەرىكىتى يوق ئىشىنىڭ. بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ، ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق. پ پاتمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان كېسەلنىڭ ئۆلگىنى ياخشى. پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق. پادىچىغا ئەمەل تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتىپتۇ. پادىشاھ ئادالەتسىز بولسا، يۇرت ۋەيران بولۇر. پادىشاھ مەست بولسا، دۆلىتى غەرق بولۇر. پادىشاھنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرانىڭ چىراغ يېقىشىغا رۇخسەت يوق. پاراسەت بولسا، قىلدا پىل باغلىيالايسەن. پارا يىگەن كىشىنى، قۇرت يەپتۇ چىشىنى. پاشىنىڭ ئۇۋىسى يوق، پەسنىڭ مىللىتى. پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ يېرىلىپ كېتىپتۇ. پاكىت ئالدىدا پىلمۇ ئۇسۇرۇپتۇ. پالتاڭ ئىتتىك بولسا، قولۇڭغا زور كەلمەس. پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپتۇ. پالۋان ئۆكتەم كېلىدۇ، باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان يىقىتسا يۆلەپ قويار. پايپاققا ناھال قاققاندەك، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك. «پايدا» دېسە بۈرگىدەك، «زىيان» دېسە سازاڭدەك. پايدىسىز كېلىشىمدىن، پايدىلىق جىدەل ياخشى. پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان. پەخەس بولغىن دوستۇڭغا، كىرىۋالار پوستۇڭغا. پەرداز تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. پەرزەنتنىڭ جېنى تەڭرىدىن، ۋۇجۇدى ئاتا – ئانىدىن، ئىستىقبالى مەرىپەتتىن. پەزىلەتنىڭ بۇلغىنىشى بەختسىزلىنىڭ يىلتىزى. پەلەك ھىيلىگەر بولسا، تۇرمۇش لەززەتسىز بولۇر. پەننى سۆيگەن زار بولماس، ئەلنى سۆيگەن خار بولماس. پولات تاۋلىنار پىچتا، ئىشچان تاۋلىنار ئىشتا. پولات ئوتتا تاۋلىنار، ئادەم مېھنەتتە تاۋلىنار. پولۇغا چامغۇر، سۇيۇقئاشقا زەردەك. پۇتىدىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس. پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا يوق. پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا. پۇتى چاققان ئاش تاپار، ئاغزى چاققان ئىش تاپار. پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ. توخۇ ئۇچسا تامغا قۇنىدۇ، لاچىن ئۇچسا تاغقا قۇنىدۇ. پۇت يۈگرۈكى ئاشقا، تىل يۈگرۈكى باشقا. پۇقرا ئالدىڭغا كەلسە، ئەمىلىڭنى تاج قىلىپ قاقما. پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ دېسە قىزىقما. پۇل ئالساڭ ساناپ ئال، ئېشەك ئالساڭ مىنىپ ئال. پۇل بايغا ئاقار، سۇ سايغا ئاقار. پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، پۇل بولمىسا بازاردا توۋۋا. پۇل بېرىپ ئۆي ئالغۇچە، ئالتۇن بېرىپ قوشنا ئال. پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ، ئۆز ئىشىڭغا كېپىل تاپ. پۇل تاپقۇچە بىرلىك تاپ. پۇل دوستنى دۈشمەن قىلۇر، دۈشمەننى دوست قىلۇر. پۇل دېسە توكۇرمۇ ئۇسسۇلغا چۈشەر. كىشىنىڭ ئەيىبىنى كولىغۇچە، ئۆزۈڭنىڭ بۇرنىنى كولا. پۇللۇق نادانلار بولغان، پۇلسىز دانالار بولغان. ــ پۇل نەگە بارسەن؟ ــ تۇغقاننى يات قىلغىلى بارىمەن. پۇلنى تاپ جاسارەتتە، پۇلنى خەجلە پاراسەتتە. پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە. پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن. پۇلۇڭ بار بېرىپ ئۆت، پۇلۇڭ يوق كۆرۈپ ئۆت. پۇلۇڭغا بېقىپ خەج قىل، ئېھتىياجغا بېقىپ قەرز قىل. پۇلۇڭ كۆپەيگۈچە، دوستۇڭ كۆپەيسۇن. پۇلۇڭ يۈزگە يەتكۈچە، دوستۇڭ يۈزگە يەتسۇن. پۇلى بار بازارغا ئامراق، پۇلى يوق مازارغا ئامراق. پۇلى باردا يېقىن ئاغىنە، پۇلى يوقتا نېرى ماڭغىنە. پۇلى بار كۈندە كۆرۈشۈپتۇ، پۇلى يوق كۈندە ئۇرۇشۇپتۇ. پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. پۇلى تۈگىگەندە، پوقىنى سىلاپتۇ. پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر تولا. پېشىڭ ئۇزارسا پۇتلاشقىنىڭ شۇ، گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلەشكىنىڭ شۇ. پېلەككە ئالدىنىپ، خەمەكسىز قاپتۇ. پىتنە – پاسات بەتلەگلىك مىلتىقتىن يامان. پىتنە – ئىغۋا كۆپ بولسا، ئوڭ ئىش تەتۈرگە ئايلىنار. پىچاقنى ئۆتكۈر قىلغان گاڭ، ئادەمنى ئۆتكۈر قىلغان ئاڭ. پىچاق ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ، ئۆز سېپىنى كەسمەس. پىچاق يارىسى ئۇنتۇلار، دىل يارىسى ئۇنتۇلماس. پىچىقىڭ ئۆتكۈر بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق. پىلانچى پىلانلىغۇچە، تەۋەككۈلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ. پىلدەك دۇنيادىن قىلدەك بىلىم ئەلا. پىياز پوستى بىلەن، ئادەم دوستى بىلەن. ت تاپقاندا پولدۇرۇڭ – پولدۇرۇڭ، تاپالمىغاندا قاراپ ئولتۇرۇڭ. تاپقىنى قوي ئۆلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى چۈجە خوراز، تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز. تاپماي تۇرۇپ يېمە، بىلمەي تۇرۇپ دېمە. تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرار. تاج كەيسەڭ، كونا تۇمىقىڭنى ئۇنتۇما. تارازىنى لىللا تۇت، ساڭا ياغار بەخت – قۇت. تارالمىغان چاچنىڭ زىننىتى يوق، دوستسىز ھاياتنىڭ قىممىتى يوق. تارتىنساڭ گېپىڭ قالۇر، ئېرىنسەڭ ئىشىڭ قالۇر. تارغا تار دۇنيا، كەڭگە كەڭ دۇنيا. تارىمىغان چاچنىڭ زىننىتى بولماس، چاقىرمىغان مېھماننىڭ ئىززىتى بولماس. تازنى ئاپتاپتا قىستا. تازنىڭ كۆزى چاچتا، يېتىمنىڭ كۆزى ئاشتا. تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولماس. تاش كىچىك بولسىمۇ، مىڭ ياڭاقنى چاقار. تاشنى ئەزسە قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر. تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ. تاغدەك يامانلىقنى تېرىقتەك ياخشىلىق يېڭىپتۇ. تاغدىن يىقىلغان ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل نەزەرىدىن يىقىلغان يامان. تاغنى تەۋرىتىش ئاسان، ئىرادىنى تەۋرىتىش قىيىن. تاغنى كۆتۈرگۈدەك كۈچۈڭ بولغۇچە، قىلنى يارغۇدەك دىتىڭ بولسۇن. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسالماس. تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى، تۇغقاندىن يامانلغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى. تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ. تامىقىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ. تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن ئۆتەر. تەختىڭ كەتسە كەتسۇن، بەختىڭ كەتمىسۇن. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر. تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق. تەڭ كۆتۈرگەن يۈك يېنىك. تەن بىرلىكىنى كۈتمە، دىل بىرلىكىنى كۈت. تەن راھىتى ئاز يېيىشتە، تىل راھىتى ئاز دېيىشتە. تەنقىد ئاقارتىدۇ، ماختاش قاپارتىدۇ. تەۋەككۈلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق. تەۋرەپ كەتكەن ئەلدىن قورق، يامراپ كەتكەن سەلدىن قورق. تەييارغا ئۆگەنسەڭ، قەدرىڭدىن كېتىسەن. قارىغاي سوغۇقتىن قورقماس، قەھرىمان توساقتىن قورقماس. تەييارلىقسىز جەڭگە كىرمەڭ، ئارغامچىسىز دەڭگە كىرمەڭ. تەييارلىقىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر. تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ھۇرۇن كېلەر قېشىغا. توپقا قارىتىپ تاش ئاتساڭ، ئۆز بېشىڭنى يارار. توپلاشقان قاغا يولۋاسنى يەپتۇ. توپنى ئۆرلەتكەن يەل، باتۇرنى ئۆستۈرگەن ئەل. توختىسا ھەرىكەت، تۈگەيدۇ بەرىكەت. توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر، ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر. توشقان ئۆلسە، تۈلكە مازار چۆرگىلەر. توغان بېشىدىكى دەرەخكە كۈن يوق، باينىڭ قېشىدىكى كەمبەغەلگە كۈن يوق. توغرا قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، خاتا قىلساڭ چاتىقىڭ چىقار. توغرا يۈردۈڭ، يەتتىڭ مۇرادقا، ئەگرى يۈردۈڭ، قالدىڭ ئۇياتقا. توغرا بولساڭ كېلەر ئامىتىڭ، ئەگرى بولساڭ سۇنار قانىتىڭ. خۇدادىن قورققۇچە، قۇداڭدىن قورق. توق مۈشۈك چاشقان بىلەن ئوينايدۇ. توكۇرنى ياردا تۇت، توشقاننى قاردا تۇت. تولا سۆز چىققان ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى. تولا گەپ داغ بولار، قىسقا گەپ ياغ بولار. توي تۈگىگەندە ناغرا چاپتۇ، قېتىق تۈگىگەندە زاغرا يەپتۇ. تويدا كۈلگەن دوستۇڭنى ئۆلۈمدە سىنا. تويدا ناغرا ياخشى، قېتىققا زاغرا ياخشى. تۇز قەدرىنى بىلمىگەن، تۇز قەدرىگە بوغۇلار. تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا. تۇمشۇقىغا يىمەي، بۇرنىغا سۇ كىرمەس. تۇيۇقسىز كەلگەن مېھمان، ئوغرى توقمىقىدىن يامان. تۆشۈككە پاتمىغان چاشقان قوڭىغا غەلۋىر باغلاپتۇ. تۆشۈك كىچىك بولسىمۇ، چوڭ بىر كېمىنى غەرق قىلىۋېتىدۇ. تۆگىدەك بويۇڭ بولغان بىلەن تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولمىسا بىكار. تۈگىدەك قىز بېرىپ، تۈگمىدەك گۆش يەپتۇ. تۈگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس، ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس. تۆمۈرنى دات يەيدۇ، ئۆمۈرنى دەرت يەيدۇ. تۆھپىسى بارنىڭ ھۆرمىتى يوق، ھۆرمىتى بارنىڭ تۆھپىسى يوق. تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چېقىپتۇ. تۈتۈننىڭ ئاچچقىنى مورا بىلەر، ھەر كىم دەردىنى ئۆزى بىلەر. تۈگمەن بار يەردە ياغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى. تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماس. تۈلكە سۆزگە چىقسا، توخۇ غەمگە چۈشوپتۇ. تۈلكىنىڭ سالىمىغا خورازنىڭ جاۋابى بار. تېرىساڭ يىغىۋالىسەن تاغارلاپ ئاش، تېرىمىساڭ تاتىلارسەن باش. تېرىقنىڭ بولۇشى كۆكىدىن مەلۇم، بالىنىڭ ئادەم بولۇشى كىچىكىدىن مەلۇم. تېزىنى باسسا بېزى، بېزىنى باسسا مېزى. تېشىدا ئىنساپ يالتىراپتۇ، ئىچىدە تۇڭگۇز قاتىراپتۇ. تىرىشچان تاشقا مىخ قاقار، بىپەرۋا پۇتىغا پالتا چاپار. تىرىشچانغا ۋاقىت يەتمەس، ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. تىغ بىرگە زەربە، تىل مىڭغا زەربە. تىغدىكى ھەسەلنى يالىساڭ، تىلىڭنى كېسەر. تىغنى دۈشمىنىڭگە سالمىساڭ، ئۆز كۆكسۈڭگە قادىلار. تىغ يارىسا ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس. تىكەندىن قورققان گۈل ئۈزەلمەس. تىكەنسىز گۈل بولماس، جاپاسىز بىلىم. تىلەپ يىگۈچە، ئىشلەپ يە. تىل بۇزۇلسا، ئەل بۇزۇلۇر. تىلنى بىلىش دىننى بىلىشكە يول ئاچۇر. تىلنى سۆيمىگەن ئەلنى سۆيمەس. تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئېمىپتۇ. تىلىڭ ئوقۇشقا كەلمىسە، قولۇڭ ھۈنەرگە كەلسۇن. تىلىڭ ئۇزارسا، ئۆمرۈڭ قىسقىرار. تېنچ كۆڭلۈڭ بولسۇن، ئالتۇن ئۆيۈڭ بولغۇچە. ج جاپا تارتمىغىچە ھالاۋەت يوق، ئىناق بولمىغىچە سائادەت يوق. جاپانى كىم تولا چەكسە، گۆھەرنى شۇ ئالۇر تاشتىن. جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماس. جاڭگالنىڭ تۈلكىسى كۆپ، خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى كۆپ. جاڭگال يوقلىغان قىشتا كۈلۈپتۇ، ئويناپ يايرىغان توڭلاپ ئۆلۈپتۇ. جاڭگال يېقىن دەپ ئوتۇننى بۇزما، كۆل يېقىن دەپ سۇنى بۇزما. جامالىڭغا باقمايمەن، ئۆي تۇتۇشىڭغا باقىمەن. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. جان چىققاندا دېمىدە ئىچكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. جان دوستۇڭ جېنىدىن كەچسە، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس. جان راھىتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم بىلەن. جانلىق نادان ــ ئۆلۈك، جانسىز ئالىم ــ تىرىك. جاننى كېپەككە سات، ئابروينى ئالتۇنغا ئال. جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق. جاھاننى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ. جاي بەرگەنگە جان بەر. ئادەمدىن ھايا قاچسا، ئورنىغا بالا كېلەر. ئەدەبلىك ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەبسىز ئويۇننى قويۇن قىلىدۇ. جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، غەيرەتلىنەر مىڭ كىشى. جەڭگە ئالدىرىما، ئاتقاننى كۆرىسەن، سەلگە ئالدىرىما، ئاققاننى كۆرىسەن. جەننەتنى بېرەي دېسىمۇ، شەيتانغا ئالدىرىما. جىرىم تىكسەڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن؛ بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، بىلىم ئالىسەن. جىگدە ياغىچى بادرا بولماس، دېھقا بالىسى كادىر بولماس. جىگدىگە يىلىم يارىشار، ئادەمگە بىلىم يارىشار. جىڭ تۇتقاندا، ئىنساپىڭنى تارتىپ كۆر. چ چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق. چارۋا قىلساڭ بېقىپ يەرسەن، ئورمان قىلساڭ يېتىپ يەرسەن. چاشقان تۈشۈككە پاتمىسا، قۇيۇقىغا غەلۋىر باغلاپتۇ. چاشقان دەرمىش: شاھ بار، گاداي بار، پوقۇمنى يىمىگەن كىم بار؟ چاشقانغا قىيىن، مۈشۈككە ئويۇن. چاشقان كۆپەيسە، مۈشۈكنىڭ بازىرى چىقار. چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە يېتىپتۇ. چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا چىشلەر. چاشقاننىڭ ئېشىدا مۈشۈك مېھمان بوپتۇ. چاشقاننى ھارۋىغا قاتساڭ، تۆشۈككە تارتىپتۇ. چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى. چاقىرسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار. چاقىرغان مېھمان بالايى مېھمان، ئۆزى كەلگەن مېھمان خۇدايى مېھمان. چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما. چاقىرمىغان يەرگە بارغىچە، تاياق ئېلىپ قويۇڭنى باق. چالا پىشقان تاۋۇزنىڭ شاپىقى كۆپ، تولا ئىچكەن شاراپنىڭ چاتىقى كۆپ. چالما دائىم مېۋىلىك دەرەخكە ئېتىلىدۇ. چاياندىن ئىلتىپات كۈتمە، زالىمدىن شەپقەت. چاينىمىغان ئاشنىڭ لەززىتى يوق، چاقىرمىغان مېھماننىڭ ئىززىتى يوق. چەكچەيگەن كۆزدە ئەقىل ئاز. چەينەك پىيالىگە ئىگىلسە، پىيالە ئېغىزغا ئېگىلەر. چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك قوڭىنى ئېچىپتۇ. چوڭ قوغۇننىڭ تىلىمى كۆپ، كۆپ ئوقۇغاننىڭ بىلىمى كۆپ. چولاقنىڭ دەردىنى قولى سۇنغان بىلەر. چۈجىنى كۈزدە ساناڭ، چۆچۈرىنى پىشقاندا. چۈشكىچە ئۆمرۈڭ بولسا، شۇنىڭغىچە ئوقەت قىل. چۈشۈڭگە ئىشەنسەڭ نامرات بولارسەن، ئىشىڭغا ئىشەنسەڭ روناق تاپارسەن. چۈمۈلە بىرلەشسە شىرنىڭ تېرىسىنى يۇلۇۋالار. چىچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا. چېچەن يىگىت ئىلان كۈشىگەننى تۇيار. چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، ھۇرۇننىڭ باھانىسى تولا. چىراغدا ياغ كۆپ بولسا پىلىك ئاز كېتىدۇ، دەسمايەڭ كۆپ بولسا شېرىك ئاز كېىتدۇ. چىراغنى پۈدىسەڭ، ساقىلىڭ كۆيەر. چىرايىڭنى ئەينەكتىن بىل، ئابرويىڭنى خەلقتىن بىل. چىرىغىڭ ئۆچسە ئۆچسۇن، ئاتاڭنىڭ روھى ئۆچمىسۇن. چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس. چىش دورىسى ئامبۇر، ئۆپكە دورىسى چامغۇر. چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى تارت، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت. چىشىڭنى سەدەپلىك قىلغۇچە، ئىشىڭنى ئەدەپلىك قىل. چىشىم سۇنمىسۇن دېسەڭ، تىلىڭنى تۈز تۇت. چاشقاننىڭ ئەرزىنى مۈشۈك سوراپتۇ. چىقماقنىڭ چۈشمىگى بار، ئالماقنىڭ بەرمىگى بار. چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل ياخشى. چىۋىق تەگسە غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم. خ خاتادىن قالساڭ قال، قاتاردىن قالما. خەجلەيدىغان مىڭ پۇل بار، خەجلىمەيدىغان بىر پۇل بار. خەقتىن قورققۇچە، ھەقتىن قورق. خەققە ئورا كولىساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. خەقنىڭ بىر قوشۇق يۇندىسى، قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر. خەقنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول. خەق ئۈچۈن ئىشلە، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆگەن. خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ. خەققە خىيانەت قىلدىڭ ــ ئۆزۈڭگە خىيانەت قىلدىڭ. خەلق قوزغالسا، تەخت قوزغىلىپتۇ. خەلق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا چىقماس. خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈدىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر. خەنزۇلاردا چامباشچى يامان، ئۇيغۇرلاردا يامباشچى يامان. خەير قىلدىڭ، خوپ قىلدىڭ، مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ. خوجايىنىڭنىڭ ئاچچىقى يامان بولسا، چىراغ ئۆچكەندە ئالىيىۋال. خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن كارى يوق. خۇدا بەرسە، شەيتاننىڭ كۆزى قىزىرىپتۇ. خۇدا بەندىسىنى كەچ قويسىمۇ، ئاچ قويماس. خۇدا بىلىپ پاقىغا قۇيرۇق، ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن. خۇدا كەچ قويسا قويار، ئاچ قويماس. خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ قاپتۇ. خۇرۇم چاپان، بۈدۈر چاچ، ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ. خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس. خۇشاللىق ئاستا كېلىپ تېز كېتەر، خاپىلىق تېز كېلىپ ئاستا كېتەر. خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن قېرىيدۇ. خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك. خىيانەتلىك دوستتىن دىيانەتلىك دۈشمەن خوپ. د دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ. دادىسىنى خارلىغان داردا ئۆلەر، ئانىسىنى خارلىغان ياردا ئۆلەر. داستىخان ئۈستىدە دۈشمەنمۇ دوست كۆرۈنەر. داڭلىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ. دانا بار يەردە تىلىڭنى تارت، ئۇستاڭ بار يەردە قولۇڭنى تارت. داننى ئۆيدە يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ. ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تامنىڭ تۆشۈكى. دەرەخ زىننىتى ياپراق، ئىنسان زىننىتى ئەخلاق. دەرەخ شېخىدىن سۇنار، ئادەم گېپىدىن سۇنار. دەرەخ مېۋىسى تەنگە، بىلىم مېۋىسى ئەلگە. دەرەخنىڭ قەد كۆتۈرۈشى غولى بىلەن، ئادەمنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلىم بىلەن. دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم ئەللىك يىلدا. دەرەخ ئۇچىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ. دەرەخ يىلتىزىدىن كۆكلەر، نامرات ئەقلىدىن كۆكلەر. دەرد سۆزلىتەر، ئەلەم ئۆلتۈرەر. دەرد پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار. دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق. دەرد كېلىدۇ كەم غىزالىقتىن، بەخت كېلىدۇ رازى – رىزالىقتىن. دەردلىك باشتا ئەقىل بولماس. دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس. دەۋاگەر بوش كەلسە، قازى مۇتتەھەم بوپتۇ. دەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، دېمەي دېسەم ئىچىم كۆيىدۇ. دۇپپىسىنى ئەكەل دېسە، بېشىنى ئەكىلىپتۇ. دوراشتىن قىلىق تاپىسەن، قىلىقتىن ئادەت. دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ. دوست ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى تىلەر. دوست ئاينىسا دۈشمەن بولۇر. دوست بولۇش ئوڭاي، دوستلۇقنى ساقلاش تەس. دوست تۇتساڭ كەيپ – ساپانى، سېتىۋالىسەن جەبىر – جاپانى. دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئاۋۋال باشقىلارنىڭ دوستى بول. دوستتىن يامانلاش ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلاش قورساقنىڭ توقلۇقى. دوست سۆزىنى تاشلىما، تاشلاپ بېشىڭنى قاشلىما. دوست كەينىڭدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا. دوستنى باشقا كۈن چۈشكەندە سىنا. دوستنى دۈشمەن قىلار ئاداۋەت، ئادەمنى ھۇرۇن قىلار قانائەت. دوستنىڭ ئاتقان تېشى باش يارماس. دوستنىڭ ھېسابى كۆڭۈلدە. دوستۇڭ بىلەن يولداش بول، ھەر ئىشىغا قولداش بول. دوستۇڭ جاپا سالسا، يىغلاشنى بىل، دۈشمىنىڭ جاپا سالسا، چىداشنى بىل. دوستۇڭدىن دەردىڭنى يۇشۇرساڭ، دۈشمىنىڭ خۇشال بولۇر. دوستۇڭغا بالا كەلسە، ئۆزۈڭنى چەتكە ئالما. دوستۇڭغا جاپا قىلما، دۈشمەنگە ۋاپا قىلما. دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولۇر. دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق. دوستۇڭ كۆپ بولسا، ئەقلىڭ كۆپ بولۇر. دوستۇڭ كۆپىيەر قولۇڭغا پۇل چۈشكەندە، ھەقىقىسى بىلىنەر بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە. دوستۇڭنى سىنىماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ بىلەن سەپەرگە چىق. دوستۇڭنىڭ بايلىقىدىن ئۆزۈڭنىڭ قەلەندەرلىكى ياخشى. دوستۇڭنىڭ پوقى پۇرىماس. دوستۇڭ ياردەم سورىسا ئەتىگە قويما. دوستىدىن ئەيىپ ئىزدىگەن دوستسىز قالار. دوستى يوقنىڭ ھۆرمىتى يوق. دوكنى گۆر ئوڭشايدۇ، گومۇشنى خوتۇن ئوڭشايدۇ. دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز ئادەم قاتاردا يوق. دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم. (دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.) دۈشمەنگە باش ئەگسەڭ دەسسەيدۇ، دوستۇڭغا قول سۇنساڭ ئەسلەيدۇ. دۈشمەنگە سەپەرداش بولساڭ، ئاي پالتاڭ قوينۇڭدا بولسۇن. دۈشمەنگە قالغان شەھەر، ئىپپىتىنى يوقاتقان قىز. دۈشمەنلىك بولۇشتىن قورقما، دۈشمەنسىز بولۇشتىن قورق. دۈشمىنىڭگە خىرىس بول، مىللىتىڭگە ھېرىس بول. دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق. ر راست سۆزنىڭ خىجالىتى يوق. راست سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە، يالغان سۆز داۋان ئېشىپتۇ. راستقا يالغاننى قاتما، ئابرۇيىڭنى پۇلغا ساتما. راست گەپ ئاڭلاي دېسەڭ، كىچىك بالا بىلەن مۇڭداش. راست گەپكە تۆھمەت جىق، يالغانغا خوش – خوش جىق. راست گەپنىڭ تاتلىقى ئاز، يالغان گەپنىڭ ئاچچىقى ئاز. راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز. راست ئېيساڭ قۇتۇلىسەن، يالغان ئېيتساڭ تۇتۇلىسەن. روزىنى سەن تۇت، ھېيتنى مەن ئويناي. روھى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ يۈگرىيەلمەيدۇ. ز زالىمنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئالىمنىڭ قۇلى بول. زامان ئەخمەقنىڭ قولىغا قالسا، نادانغا ئامراق بولۇر. زامان بۇزۇلسا، ئاتتىن ئېشەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. زامان تۈزەلسە، يامان تۈزۈلىدۇ. زاماندىن ئاغرىنماي ئۆزۈڭدىن ئاغرىن. زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. زورلاپ يىگەن تاماق زەھەر بولۇر. زورلۇق بىلەن «ھۆرمەت» تاپساڭ، خورلۇق بىلەن ئۆلىسەن. زۇلۇم ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ تۈڭلۈكتىن قاچار. زېمىننى كېپەككە ئال، قوشنىنى ئالتۇنغا ئال. زىرائەت تېرىمىسا ئۈنمەس، ئادەم ئۆگەنمىسە بىلمەس. زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، بالا كىچىكىدىن مەلۇم. زىيادە دۆلەت باش يارماس. س ساداقەت مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى، ۋىجدان مۇھەببەتنىڭ يۈرىكى. ساراڭ ئەقىل تاپسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىدۇ. ساغلام بولاي دېسەڭ ھەرىكەت قىل، مول ھوسۇل ئالاي دېسەڭ مېھنەت قىل. ساق بولاي دېسەڭ گېلىڭنى يىغ، تېنچ بولاي دېسەڭ تىلىڭنى يىغ. ساما ناغرا بىلەن، قېتىق زاغرا بىلەن. سا ھەرقانچە ئىگىز ئۇچسىمۇ، سايىسى يەرگە چۈشەر. سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپ كۆرگەن مول بىلەر. سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى. سەركە ئەقىللىق بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس. سەركەردە پەملىك بولسا، ئەسكەرلىرى باتۇر بولار. سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇ. «سەن» دېسە، «سىز» دە، تاشلىسا ئىزدە. سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراپ. سەن مېنى كىشى دېسەڭ، يانچۇقۇمدا كىشمىشىم، سەن مېنى كىشى دېمىسەڭ، سېنىڭ بىلەن نېمە ئىشىم. سەھەر تۇرۇپ قوشناڭغا باق. سەھرادا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ. سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار. سودىگەرگە بوش كۆرۈندۈڭ، يەيدىغان گۆش كۆرۈندۈڭ. سوراپ – سوراپ بىلىم ئاپتۇ، ئويلاپ – ئويلاپ كېيىن قاپتۇ. سوراپ – سوراپ ئىلىم ئاپتۇ، ئىزا تارتىپ كېيىن قاپتۇ. سورا – سورا بىلىم ئاپتۇ، ئوينا – ئوينا كېيىن قاپتۇ. سوقۇشتا قورققان خوراز چىللاشتىن قالار. سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا چاققان ئەزىز. سۇ بىلەن زىمىن ياشنار، بىلىم بىلەن ئەل ياشنار. سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس. سۇ ــ دېھقاننىڭ قېنى، يەر ــ دېھقاننىڭ جېنى. سۇغا سالسام سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. سۇنغان ئەينەك تۈزەلسىمۇ، سۇنغان كۆڭۈل تۈزەلمەس. سۇنى بىلمەي سەكرىسەڭ، تۇنجۇقۇپ ئۆلەرسەن. سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، سۆزنى قىل سىغار يەرگە. سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما. سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلەر، سۆز ئۇلغايسا جېدەل كۆتۈرۈلەر. سۇ ئىچكەن بۇلاققا تۈكۈرمە. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما. سۆرەلگەن ئىش بۇزۇلار. سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان خوپ. سۆز قىلساڭ ئاستا قىل، تېنىۋالغىلى ياخشى؛ يول ماڭساڭ قاراپ ماڭ، يېنىۋالغىلى ياخشى. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سۆزلەڭ دېسە ئالتە ئېشەك يۈك، ئىش قىلىڭ دېسە خەپشۈك. سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ. سۆزلىگەندە كوت – كوت، ئىش قىلغاندا غوت – غوت. سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن. سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى. سۆزۈڭ توغرا بولسا، ھۆرمىتىڭ كۆپ بولۇر. سۆزۈڭ قوپال بولسا، دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنار. سۆزۈڭنى تەكرارلىساڭ تەمى كېتەر. سۆزىدە تۇرمىغاننىڭ ھۆرمىتى بولماس. سۆلەت گىرىم بىلەن، گۈزەللىك بىلىم بىلەن. سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر. سۈيى ئاز تۇڭ شالاقلايدۇ. سېخىينىڭ بەرگىسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. سېخى سەدىقە بەرسە، بېخىلىنىڭ قورسىقى ئاغرىپتۇ. سېنىڭ – مېنىڭ دېگەن كۆڭۈل تارلىقى، نېرى يات – بېرى يات دېگەن ئورۇن تارلىقى. سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارسا گەپلا، مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلسە يەپلا. سىرتتىكى مىڭ دۈشمەندىن، ئۆيدىكى بىر دۈشمەن يامان. سىڭمىگەن پولۇدىن، سىڭگەن ئۇماچ ياخشى؛ مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قورسىقىمنىڭ ئېچى ياخشى. سىلاپ ئەركىلەتسەڭ، شىرنى تىل بىلەن ، پىلنى قىل بىلەن يېتىلەيسەن. سىلىق سۆز يىلاننى ئۇۋىسىغا كىرگۈزەر. ش شاتراق لايغا تاش ئاتما، گىرى قىزغا قاش ئاتما. شامال كۆرمىگەن مايسا ئاجىز. شامالنىڭ سايىسى يوق، ئۈمىدسىزنىڭ غايىسى يوق. شاھتىن ئىنساپ قاچسا، ئەلدىن بەرىكەت قاچار. شەپشەك ئېرىق ئاتلار، ئېغىر – بېسىق دەريا ئاتلار. شەيتانغا: «توپا يەمسەن؟» دېسە، «يېغى بارمۇ؟» دەپتۇ. شەيتاننىڭ ئېشىدىن پەرىشتە قىزغىنىپتۇ. شورتاڭ يەردىن ئاشلىق چىقماس، مەزھەپ كۆپ يەردىن باشلىق چىقماس. شۇم خەۋەر تېز تارقىلىدۇ. شېرىن سۆزلىسەڭ، يىلان ئىندىن چىقار، ئاچچىق سۆزلىسەڭ، مۇسۇلمان دىندىن چىقار. شىردەك غەيرەتكە چۈمۈلىدەك تاقەت كېرەك. غ غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە؛ ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە يەتكۈچە. غاز سۇدا باتۇر، ئەر ئەلدە باتۇر. غازنىڭ مېڭىشىنى دوراپ، قاغىنىڭ پۇتى قايرىلىپتۇ. غالجىر ئىت چىشىنى كۆرسەتمەس. غەرەز بىلمىگەندىن دوزاخ قاچىدۇ. غەلۋىسى جىق ئۆينىڭ شېكىرىمۇ ئاچچىق. غەيرەت قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ، مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ. غەيرەت يىغقىن تېنىڭگە، خىزمەت قىلغىن ئېلىڭگە. غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن. غەيۋەت – شىكايەت جېدەلگە دالالەت. غوجىنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار. غورا غورىنى كۆرسە، ئالا بوپتۇ. غورا يەپ دەرد تارتقىچە، ئالما يەپ ئۆلىۋال. غورىنى ئانىسى يېسە، قىزىنىڭ چىشى قاماپتۇ. غۇربەتتە غېرىب شادىمان بولماس، رەقىب ئەلگە مېھرىبان بولماس. غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ. غېرىبنىڭ قەدىمى يەتسە، بالا يەتمەس. ق قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل. قاپاق كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. قاتتىق تەربىيىنىڭ تاتلىق لەززىتى بار. قاچساڭ جاپادىن، قالىسەن قاتاردىن. قارغىش ئالغان يامان بولار، ئالقىش ئالغان ئامان بولار. قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلىپ بولماس، ئادەمنىڭ ئالىسىنى. قارلىغاچ پەس ئۇچسا، يەرگە يامغۇر چۈشەر. قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن، قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن. قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ. قارىغۇنى تار يەردە قىستاپتۇ. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان بىلەن، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال. قازاغا رىزا، بالاغا سەۋر. قاسساپ تونۇشىنى بابلايدۇ. قاسساپقا ماي قايغۇچى، ئۆچكىگە جان قايغۇسى. قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغىغا ئاتسام، كالىغا تەگدى. قاغىغا ئۈلپەت بولساڭ، يېيىشىڭ تاپ. قالغان ئىشقا قار ياغار. قالغان ئىشنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسار. قامچا تېرىگە ئۆتەر، ھەقىقەت سۆڭەككە ئۆتەر. قانائەتتىن ئىززەت، تەمەدىن خورلۇق كېلەر. قانائەت قىلساڭ، خار بولمايسەن. قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار. قانچە مېھنەت قىلساڭ، شۇنچە راھەت كۆرىسەن. قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن. قايسى تاغقا بارساڭ، شۇ تاغنىڭ ناخشىسىنى ئېيت. قايغۇرغاندىن يالۋۇرغان يامان. قايغۇسى يوق كىشى سۇ ئىچىپمۇ سەمرىيدۇ. قىپىزىڭ ئالتۇن بولسىمۇ، بۇلبۇل خالىماس. قەدرىڭنى ساقلاي دېسەڭ، مېھماندارچىلىققا ئاز بار. قەدىرسىز ياشىغاندىن قەدىرلىك ئۆلگەن خوپ. قەدىرلىسەڭ، قەدرىڭ ئاشار. قەرزدار بولاي دېسەڭ، نەق ئېلىپ نېسى سات؛ بالدۇر ئۆلەي دېسەڭ، ئەسكى تامنىڭ يېنىدا يات. قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ. قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما. قورسىقى كەڭ ئادەم تاتلىق ئۇخلايدۇ. قوزغالغان ئەلدىن قورق، كەلكۈنى بار سەلدىن قورق. قوزغۇنغا تاغ ياخشى، بۇلبۇلغا باغ ياخشى. قوزغىلىپ گۈل بولدۇم، قوزغالماي كۈل. قوش كەتمەننى مەن چاپسام، مېغىزىنى سەن چاقتىڭ. قوشناڭ قارىغۇ بولسا، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال. قوشناڭ بولسا كۆكەمە، جېدەلگە مۇشت كۆتەمە. قوشناڭ جەبر قىلسا، سەۋر قىل. قوشناڭ ساڭا باقمىسا، سەن قوشناڭغا باق. قوشناڭنىڭ قىزىنى كېلىن قىلما، نېپىز يۈزۈڭنى قېلىن قىلما. قوشنىلار ئىناق بولسۇن، ئاداۋەت يىراق بولسۇن. قوغۇنلۇققا شۇمبۇيا چىقسا، ھەسەتخورنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ. قوغۇن يېسەڭ سەھەر يە، بولمىسا زەھەر يە. قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ. قولۇڭدىن كەلسە ئەلدىن ئايىما. قولۇڭدا قورال بولسا، تىلىڭ ئۇزۇن بولۇر. قول يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا. قوي باقساڭ يىغىپ باق، ئىنەك باقساڭ سېغىپ باق. قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا چۈشەر. قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس. قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس، قۇرۇق سۆز قۇلاققا خۇشياقماس. قۇرۇق چىلەك تاراقشىيدۇ، بىلىمسىز ئادەم ۋالاقشىيدۇ. قۇرۇق رەھمەتكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماپتۇ. قۇش زىننىتى پەي بىلەن، ئادەم زىننىتى بىلىم بىلەن. قۇشقاچتەك ۋىچىرلىغىچە، چۈمۈلىدەك مىدىرلىغىن. قۇش قانىتى بىلەن ئۇچار، ئادەم بىلىمى بىلەن ئۇچار. قۇشنى قانات ئۇچۇرار، ئادەمنى ئۈمىد ئۇچۇرار. قۇلاققا يەتكەن سۇغۇق گەپ، يۈرەككە تېگىپ مۇز بولۇر. قۇلدەك ئىشلە، بەگدەك يە. قۇياش تاڭنى يورۇتار، كىتاب ئاڭنى يورۇتار. قېرىلىقنىڭ غېمىنى ياشلىقتا قىل. قېرىنداشلار يىقىلسا يۆلىگىن، ئۆتنە ئالغان نەرسىنى تۆلىگىن. قىردىكى قىرغاۋۇلنى ئوۋلايمەن دەپ، ئۆيدىكى توخۇنى قولدىن چىقىرىپ قويما. قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال. قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ. قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق؛ چاقتا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق. قىزنى گۈل ئارىسىدىن ئىزدە، يىگىتنى ئەل ئارىسىدىن ئىزدە. قىزىڭ ئاشىق بولسا، يەرگە باق؛ ئوغلۇڭ ئاشىق بولسا، كۆككە باق. قىزىڭنى ئەر ئالمىسا، قوشناڭدىن سورا. قىزىڭنى كۈزنىڭ ئاپتىپىغا سال، كېلىنىڭنى ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا سال. قىزىڭنى نومۇسچان قىل، ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل. قىزىڭنى ياخشىغا بەر، ئوغلۇڭنى ئەسكىگە بەر. قىزىل گۈل تىكەنسىز بولماس، مۇھەببەت رەقىپسىز بولماس. قىلدىن كەتسەڭ، قىرىقتىن كېتىسەن. قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسار، بىرلىك بۇزۇلسا يات باسار. ك كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار ئوڭلايدۇ. كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خان غوجام. كەتمەن چاپقان جىگدە يەپتۇ، ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ. كەچتە ئېشىمغا كەلگۈچە، ئەتىگەندە ئىشىمغا كەل. كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، قاغا مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. كەڭەشكەنگە كەڭ دۇنيا، تالاشقانغا تار دۇنيا. كەڭ بولساڭ، كەم بولمايسەن. كەڭ بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن. كەلگەن دوستقا تار بولساڭ، كېلەر دوستقا زار بولىسەن. كەلگۈچە مېھمان ئۇيۇلىدۇ، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى. كەلمەك مېھماندىن، كەتمەك ساھىبخاندىن. كەمبەغەل بولساڭ بازار قوغلاش. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق. كەمبەغەل چورۇق كىيسىمۇ، كۆڭلى يورۇق. كەمبەغەل كەمبەغەل ئەمەس، كەم ئەقىل كەمبەغەلدۇر. كەمبەغەل كېسەل بولسا، ئەزرائىل قەرزىنى سۈيلەپتۇ. كەمبەغەل روزا تۇتسا، بايلار ھېيت ئويناپتۇ. كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت ماز يىگىت. كوزا چاققانلار ئەزىز، سۇ كەلتۈرگەن خارۇ زار. كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار. كونا تامدا قۇشقاچ تولا، يامانغا پۇتلاش تولا. كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس. كۆپ ئاڭلىغان كۆپ بىلۇر، ئاڭلىمىغان نېمە بىلۇر. كۆپ بىلگەن ئاز سۆزلەيدۇ، ئاز سۆزلىسىمۇ ساز سۆزلەيدۇ. كۆپ تەتقىق قىلغان ئالىم بولۇر، كۆپ تەنقىد ئاڭلىغان زالىم بولۇر. كۆپ سورىساڭ، ئاداشمايسەن. كۆپنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆرگەن كۆرگەننى سۆزلەر، ئەخمەق يىگەننى سۆزلەر. كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر – چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. كۆزدىن ئايرىغان خۇدا، ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ. كۆڭلى بۇزۇق باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەر. كۆڭلى تۈزنىڭ گېپى تۈز. كۆڭۈلنىڭ ئالىسى دىلنى ئاغرىتار، ئاشنىڭ ئالىسى قورساقنى ئاغرىتار. كۆۋرۈك جامائەتنىڭ، ھاراق ھاماقەتنىڭ. كۆۋرۈكسىز دەريادىن ئۆتمە، نامەردتىن ۋاپا كۈتمە. كۆپنى تىلىگىچە، ئازنىڭ بەرىكىتىنى تىلە. كۈچ بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. كۈچۈڭ ئاز بولسا، پو ئات. كۈچۈڭنى بىلىكىڭدىن سىنا، ئەقلىڭنى بىلىمىڭدىن سىنا. كۈچۈڭنى خار قىلساڭمۇ، ئۆزۈڭنى خار قىلما. كۈچۈڭنىڭ بارىدا پۇل تاپ، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. كۈچۈڭنى يەرگە بەر، بىلىمىڭنى ئەلگە بەر. كۈچى بار بىرنى يېڭەر، بىلىمى بار مىڭنى. كۈچى يوقنىڭ ئاچچىقى يامان، بىلىمى يوقنىڭ غەلۋىسى يامان. كۈزنىڭ شامىلى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ شامىلى جاندىن ئۆتەر. كۈلۈپ تۇرساڭ ياشىرىسەن، خاپا يۈرسەڭ قېرىيسەن. كۈن ئارقىدا قالساڭ، يىل ئارقىدا قالىسەن. كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى سۆزلىسەڭ ئېغىزنى قۇلاققا ياق. كۈن كۆرمىگەن كۈچۈك كۈننى كۆرۈپ ھاۋشىپتۇ. كۈنلۈك ئىش قىلساڭ، سەھەردىن باشلا؛ يىللىق ئىش قىلساڭ، باھاردىن باشلا. كۈننى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس، ئۆلۈكنى قار بىلەن كۆمگىلى بولماس. كۈيئوغلۇڭ يامان بولسا، قىزىڭدىن كۆر؛ كېلىنىڭ يامان بولسا، ئوغلۇڭدىن كۆر. كېپىل بولساڭ، كېپەنلىكنى تەييارلا. كېپىنەك گۈلگە ئامراق، ياسانچۇق كىيىمگە ئامراق. كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە. كېچە قانچە قاراڭغۇ بولسا، يۇلتۇز شۇنچە يورۇق بولىدۇ. كېچىدە كەلگەن مېھماندىن ئوغرى ياخشى. كېچىككەن ئىش قار باسقان قىش. كېسەل بولغان دورا يەيدۇ، ئەمەل تۇتقان پارا يەيدۇ. كېسەل بولمىغىچە ئاللانى تونۇماپتۇ. كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا. كېسەل ئۇزاققا قالسا، بالىدا ۋاپا قالماس. كېسەل ئېنىقلانمىسا دورا كېلىشمەس، ئەيىب يوقالمىسا كۆڭۈل سۆيۈشمەس. كېڭەشلىك ئىش ئۇزار، كېڭەشسىز ئىش توزار. كېلەڭسىز ئۇسسۇلغا چۈشسە، بىر مو يەرگە پاتماپتۇ. كېلىش ــ ئىرادە، كېتىش ــ ئىجازەت. كېلىن ئالساڭ كەمبەغەلدىن ئال، قىز بەرسەڭ بايغا بەر. كېلىنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن. كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا يۇقسىزغا ئۇچراپتۇ. كېيىن قالغان ئىشقا قار ياغار. كىتاب بىلىم بۇلىقى، بىلىم ھايات چىرىقى. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن. كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا، مېڭىشتىن ئاۋۋال كېلىشنى ئويلا. كىشى ئاڭلىمىسۇن دېسەڭ دېمە، كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ قىلما. كىشىدىكى پۇل، چۈشىدىكى پۇل. كىشىدىن ئۇيالغۇچە، ئۆزۈڭدىن ئۇيال. كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە، قاشقا سانىساڭ كۆزگە. كىشىگە قەست قىلغان ئۆزىنى پەست قىلار. كىشىگە ئورا كولىساڭ، ئۆزۈڭ چۈشىسەن. كىشىگە يېلىنساڭ، ئۆزۈڭنى خار قىلىسەن. كىشىلەرگە نەرسە بەرسەڭ، ئارقىسىدىن مىننەت قىلما. كىشىنى بىلگەن ئاقىل، ئۆزىنى بىلگەن دەنا. كىشىنىڭ ئەيىبى تۆگىدەك بولسىمۇ، كۆرمەسكە سال. كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان خۇدانىڭ دۈشمىنى. كىشىنىڭ ئەيىبىنى ساڭا دېگەن كىشى، سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا دەر. كىشىنىڭ ئەيىبىنى سۆزلىمەي، ياخشىلىقىنى سۆزلە. كىشىنىڭ تامىقىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرار، سوۋغىسىنى ئالساڭ قولۇڭ قىسقىرار. كىشىنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇغىلى بولماس. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. كىشىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرىمەن دەپ، ساقىلىنى كۆيدۈرۈپتۇ. كىشىنىڭ روھى چۈشسە، ئېتى چاپالماس. كىشىنىڭ غېمى پات كىرىپ پات چىقىدۇ. كىشىنىڭكىنى بۇلاپ – تالاپتۇ، ئۆزىنىڭكىنى سىقىپ يالاپتۇ. كىشىنىڭ ئون «ھە – ھۇ» سىدىن، ئۆزۈڭنىڭ بىر غەيرىتى ئەلا. كىشىنىڭ ئىشىكىنى چەكمىگىن زىنھار، سېنىڭكىنىمۇ چېكىدىغىنى چىقار. كىشىنىڭ يۇرتىدا پاختىدا ياتقاندىن، ئۆز يۇرتۇڭدا تاختىدا يات. كىشىنىڭ يېرىگە باغ قىلماڭ، يۈرىكىڭىزنى داغ قىلماڭ. كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدى لېۋىنى چىشلەپ. كىشىنىڭ يېڭى كىيىمىنى كىيگۈچە، ئۆزۈڭنىڭ كونا كىيىمىنى كىي. كىم ئۆز نەپسىگە زالىم، كەلگۈسى بولۇر ئالىم. كىيىمدە بەسلەشمەي، بىلىمدە بەسلەش. كىيىمىڭ ــ سۆلىتىڭ، مېھنىتىڭ ــ دۆلىتىڭ. گ گاچا بولسىمۇ، باينىڭ ئوغلى سۆزلىسۇن. گاچىدىن گەپ سوراپتۇ، قارىغۇدىن يول سوراپتۇ. گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى. گەپ ئايلىنىپ سەمىرىپتۇ. گەپ تولا يەردە ئەقىل ئاز. گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپشۈك. گەپ سېتىپ شەرمەندە بولما، بىكار يېتىپ ئارماندا قالما. مۈشۈكنى مۈشۈك چىشلىسە، چاشقان كۈلەر. گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن قىل. گەپنى كۆپ بىلسەڭمۇ، ئاز سۆزلە. گەپنىڭ پوسكاللىسى، سۆزنىڭ ھەقدانىسى. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە. گول قازانغا قارار، تەدان ئوچاققا قارار. گۇگۇمدا قىز كۆرمە، قاش – كۆزىنى ئۇز كۆرمە. گۇمانغا چىرماشقان چاقچاق، دىلغا داغ پەيدا قىلۇر. گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى قاچۇرار. گۇناھسىزغا شىلتىغان تايىقىڭ ئۆزۈڭگە تېگەر. نامەردنىڭ تامىقىنى يىگۈچە، مەردنىڭ تايىقىنى يە. گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىپتۇ. گۆھەرگە سەدەپ لازىم، ئادەمگە ئەدەپ لازىم. گۆھەرلىك بولۇشتىن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق. گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن، نى سەۋدا ئۆتىدۇ باشتىن. گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا!؟ گۈرۈچتىن خەۋەر يوق، سەۋزە دەم يەپتۇ؛ يىگىتتىن خەۋەر يوق، كېلىن غەم يەپتۇ. گۈزەل ئارزۇ يېرىم دۆلەت. گۈزەل ئەخلاق ئادەمنى بېزەيدۇ. گۈزەلگە بېرىلسە گۆرگە باشلار، كۆڭۈلگە بېرىلسە چۆلگە باشلار. گۈزەل يولدا تاشلايدۇ، قاراقچى چۆلدە تاشلايدۇ. گۈل پۇرىقى بىلەن ئەزىز، ئادەم ئەمگىكى بىلەن ئەزىز. گۈلنى سۆيگەن تىكەننىمۇ سۆيەر. گۈلنىڭ تىكىنىدىن قورققان گۈل قىسالماس. گۈلنىڭ تىكىنى يامان، ھەسەلنىڭ ھەرىسى. گۈلنىڭ گۈزەللىكى ھۆسنىدە، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى قەلبىدە. گۈلنى ياخشى كۆرسەڭ، تىكىنىدىن قاچما؛ ھەسەلنى ياخشى كۆرسەڭ، ھەرىسىدىن قاچما. گۈمبەزگە ياڭاق ئاتساڭ، دومىلاپ چۈشەر. گېپىڭ ھەق بولسا، خانغا قورقماي ئېيت. گىجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، مايماق ھارۋا يول بۇزار. گىلەمنىڭ ئېسىللىكى قىلىدىن بىلىنەر، ئادەمنىڭ ئېسىللىكى تىلىدىن بىلىنەر. گىلەمنىڭ ئېسىللىكى قىلدىن، مال سودىسى تىلدىن. ل لايدىن ياسالغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس. لەقەم نەدىن چىقىدۇ؟ ئۆيدىن چىقىدۇ. لەۋزىدە تۇرمىغاننىڭ ئىناۋىتى يوق. لەيلىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك. م ماجىرانى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپتۇ، ھازىنى تويغا ئايلاندۇرۇپتۇ. ماڭا كەلگەندە ساينىڭ سۈيى تۈگەپتۇ. مالدىن زېرىكمەڭ، خېرىدارغا تېرىكمەڭ. مال – مۈلۈك بايلىق ئەمەس، بىرلىك بايلىق. مالنى ساتساڭ نەخ ساتساڭ، راست گېپىڭنى دەپ سات. مالنىڭ سېمىزلىكى تۇرقىدىن، ئادەمنىڭ ئېسىللىكى خۇلقىدىن. مانتا قاسقاندىن كېلەر، ئەمەل داستىخاندىن كېلەر. ماھىرلىق مەشىقتىن كېلۇر. مايسىنى باھاردا كۆر، بالاڭنى كىچىكىدە كۆر. مەرد يىقىتىدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ. مەرد بولاي دېسەڭ، تەمەخور بولما. مەرد سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن قايتماس. مەشىق ــ بىلىمنىڭ ئانىسى. مەقسەتسىز ئادەمنىڭ غەيرىتى زايە، غەيرەتسىز ئادەمنىڭ ھەيۋىتى. مەكتەپ كۆرمىگەن بالا، پادا كۆرمىگەن كالا. مەن دەيمەن بالامنى، بالام دەيدۇ بالىسىنى. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا. مەن ماڭاي دەيمەن، ئېشىكىم ياتاي دەيدۇ. مەنزىلگە يەتتىم دەپ ئوزۇقىڭنى تۈگەتمە، كۆچىمەن دەپ ئوتۇنۇڭنى تۈگەتمە. مەن سۆرىگەن بولاي، سەن داقىرىغان بول؛ مەن ئۇرغان بولاي، سەن ۋارقىرىغان بول. مەن قورقىمەن دۆڭدىن، گەپ قىلمىغان مۆڭدىن. مەن – مەن دېگەن زاۋال تاپار، كەمتەر يۈرگەن كامال تاپار. ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت تاپارسەن. مەھەللىدە ئىمام كۆپ بولسا، ناماز ھارام. مەيدە ئاغرىتقان گۆش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس. مەيدىسى قىچىشسا، دۈمبىسىنى قاشلاپتۇ. مەينەت ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن پەرىشتە ئاتلىماس. موراڭدىن تۈتۈن چىققۇچە، مېڭەڭدىن تۈتۈن چىقار. موللا كىشىگە مەسە ياخشى، تەمەخورغا بەرسە ياخشى. موللا كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ. موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما. موللىلىقمۇ بىر ھۈنەر، جاپا چەكمەي پۇل ئۈنەر. مولۇندەك قاراپ تۇرغىچە، بۇلبۇلدەك سايراپ تۇر. مۇھتاجلىق تاشتىن قاتتىق. مۇساپىرچىلىق يامان، بىر كۈن بولسىمۇ؛ قەرزدارلىق يامان، بىر پۇڭ بولسىمۇ. مۇسۇلمانچىلىق ئاستا – ئاستا. مۇناپىقنىڭ ئىبادىتىدىن، پاسىقنىڭ ئىبادىتى ياخشى. مۇھەببەت نەدە، ئىككى كۆزدە. مۇھەببەت ھەممىدىن ۋاز كەچكۈزەر. مۇھەببەت ۋاپاسى بىلەن، ھالاۋەت جاپاسى بىلەن. مۆدۈرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمەيدىغان ئادەم. مۈشۈك ئۆلسە، چاشقان داپ چېلىپتۇ. مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە، روزا تۇتتۇم دەر. مۈشۈكنىڭ سېزىمى بۇرتى بىلەن، شەيخنىڭ ئاتىقى مۇرىتى بىلەن. مۈشۈكنى ئۇسسۇلغا سالساڭ، چاشقان قوغلاپتۇ. مۈشۈك يوق يەردە چاشقان پادىشاھ بولۇپتۇ. مېزىنى باسسا، تېزى چېقىپتۇ. مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆپ سىنار. مېلى ناچار سودىگەر ھەممىدىن بەك ماختار. مېھمان باردا مۈشۈكنى پەش دېمە. مېھماندارچىلىقتىن يامانلىساڭ، مېھمان چاقىرىپ باق. مېھماندىن سوراپ تۆگە سويغىچە، سورىمايلا سوغاق سۇ قۇي. مېھمانغا تار بولغان دوستقا زار بولار. مېھماننىڭ كېتىشىنى سورىما، كېلىشىنى سورا. مېھمان كەلسە ئۆيۈڭگە، ئۇرۇپ سالما چىنەڭگە. مېھماننىڭ ئالدىغا قويساڭ، يېسە – يېمىسە ئۇنىڭ ئىززىتى. مېھماننىڭ كېلىشى ئۆيۈڭگە بەرىكەت. مېھمان ئۆز رىسقى بىلەن كېلىدۇ. مېھمىنىڭ قەدىرلىك بولسا، قازىنىڭ تېز قاينار. مېھنەتتە ئالدىدا تۇرغان مىننەتكە قالماس. مېھنەتتىن قاچما، مەينەتتىن قاچ. مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنى پۇتاپ تۇرىدۇ؛ مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئاڭا تىرەك قويىدۇ. مېۋىلىك دەرەخكە تاش تېگەر. مىدىرلىغان قىر ئاشار. مىس – مىس ئېشەكتىن پۇت ياخشى، بىلىمسىزدىن بۇت ياخشى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، بىر كۆرگەندىن بىر ئىشلىگەن ئەلا. مىڭ دوست كۆپلۈك قىلماس، بىر دۈشمەن ئازلىق. مىڭ يىل ياشايدىغاندەك تىجارەت قىل، ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل. مىلتىقسىزغا كىيىك ئۇچراپتۇ. مىللەتلەر بولسا ئىتتىپاق، دۆلەت تاپقۇسى روناق. مىننەتخورنىڭ پوقىنى ئىتمۇ يېمەيدۇ. مىننەت قىلغان ئېشىڭدىن، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى ياخشى. مىننەتلىك پولۇدىن، مىننەتسىز ئۇماچ ياخشى. ن نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە، ئىت بىلەن سۆڭەك تالاش. نادان بىلەن يۈرمە، نومۇسۇڭنى تۆكمە. نادان پادىشاھ كەڭ جاھاننى تار قىلىدۇ، بىلىملىكنى خار قىلىدۇ. نادان دوستۇڭدىن زېرەك دۈشمىنىڭ ياخشى. نادانغا ئات بەرسە، مىنىپ ئۆلتۈرەر. نادانغا ئەمەل تەگسە، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىپتۇ. نادان كىشى ماختانسا، سىناق ۋاقتىدا مات بولىدۇ. نادانلىق نامراتلىقنى چىللايدۇ، ھۇرۇنلۇق مۇشەققەتنى چىللايدۇ. نادانغا مەنسەپ تەگسە، ئاۋامغا زەخمەت يېتەر. ناداننىڭ زىياپىتىدىن دانانىڭ سۆھبىتى ئەلا. ناشتىلىققا سەل قارىما، ئۆمرۈڭنى دەپ؛ دوستلىرىڭدىن ۋاز كەچمە، نەپسىڭنى دەپ. نامەردنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكۈچە، مەردنىڭ دەرياسىدا ئېقىپ ئۆل. نامرات بولساڭ، شەھەر قوغلاش. نامراتقا پۇتلاش تولا. نامراتنىڭ قولى قىسقا، قەرزدارنىڭ تىلى قىسقا. نامىم چىقسۇن دېسەڭ ئاناڭنى كۈت، ئۆز يۇرتۇڭنىڭ يۈكىنى يۈد. نان تەڭ، ئاش تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ؟ نان تۈگەپ قالغاندا ئۇياتلىق مېھمان كېلۇر. ناۋايغا پۇل بېرىپ، باققالغا قاراپتۇ. نەپس دېگەن بالادۇر، ئاخىرى ئوتقا سالادۇر. نەپسىڭنىڭ قۇلى بولماي، ھۈنەرنىڭ قۇلى بول. نەپسىڭ يامان بولسا، بېشىڭ ئامان بولماس. نەپسىنى يىغمىغان ئوڭدا قالار. نەپسى يامان تامىقىدىن ئىلىنار. نەدە يىقىلساڭ، شۇ يەردىن تۇر. نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل چىقار. نوپۇزۇڭ بولمىسا، پوپوزاڭ بىكار. نومۇسسىز تىلەيدۇ، نومۇسلۇق ئىشلەيدۇ. نومۇسۇڭنى بەرگىچە، جېنىڭنى بەر. نېسى دەپ، نەقتىن قۇرۇق قاپتۇ. نېمىدىن قورقساڭ، شۇنىڭغا يولۇقىسەن. نېمىنى خارلىساڭ، شۇنىڭ قەدرى ئۆتىلەر. نىيەت قىلساڭ، مەقسەتكە يېتەرسەن. نىيىتى بۇزۇق باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەيدۇ. نىيىتىڭ تۈز بولسا، ئالقىش ياغىدۇ. ھ ھاراق بىلەن دوستلاشتىڭ، ئەقىل بىلەن خۇشلاشتىڭ. ھاراق زورى بىلەن، گەپ پورى بىلەن. ھاراققا دۈم چۈشسەڭ بەختىڭ قاچار، پۇلغا دۈم چۈشسەڭ ئەقلىڭ قاچار. ھاراقكەشتە گەپ تولا، بەڭگىدە خىيال تولا. ھاراقكەشكە قەرز بەرمە. ھاراقكەشنىڭ مەردلىكى مەست بولغاندا تۇتار. ھاراق مەس قىلۇر، ئىشىڭنى تەس قىلۇر. ھارام بايلىق جانغا جاپا. ھارام بايلىق قولدا تۇرماس. ھارام قوشتۇڭ ئېشىڭغا، پىچاق سالدىڭ جېنىڭغا. ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن سائادەتلىك ئۆلۈم ياخشى. ھاكاۋۇر غادىيىپتۇ، سارغىيىپتۇ؛ كەمتەر ھاللىنىپتۇ، تاللىنىپتۇ. ھالالدا بەرىكەت، ھارامدىن نېرى كەت. ھالۋىنى ھېكىم يەيدۇ، تاياقنى يېتىم يەيدۇ. ھايات چاغدا ئورا كولاپ قەستلەپتۇ، ئۆلگەن چاغدا مەدھىيە ئوقۇپ ئەسلەپتۇ. ھاياتلىق ــ ھەرىكەتتە. ھاياتىڭنى دو تىك، ئابرۇيىڭنى ساقلا. ھايالىق ئادەم ــ باھالىق ئادەم. ھايۋانغا ھەلەپ كېرەك، ئادەمگە ئەدەپ كېرەك. ھەر ئادەمدە بىر مىجەز، ھەر كاللىدا بىر دۇنيا. ھەر بىر ئوڭۇشسىزلىق بىر ئەقىل بېرىدۇ. ھەرىسىگە چىدىغان ھەسىلىنى يەيدۇ. ھەر كىشى بولمىسا ھۇرۇن، بولۇر باي ھەممىدىن بۇرۇن. ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە، گۈل كۆرۈنەر كۆزىگە. ھەر كىشى ئۆز غېمىدە، كور كىشى كۆز غېمىدە. ھەر كىم «چىققان تېغىم ئېگىز» دەيدۇ. ھەر كىمنىڭ قىممىتى ئۆز قولىدا. ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى. ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ، باشقا كەلمىسە بىلمەيدۇ. ھەر كىم ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ. ھەرىدىن قورقمىغان ھەسەل ئالار. ھەرىكەت بەرىكەت، ھۇرۇندىن نېرى كەت. ھەرىكەت تەكرارلانسا، ئادەتكە ئايلىنار؛ ئادەت تەكرارلانسا، خۇيغا ئايلىنار. ھەرىكەت قىلساڭ بەرىكەت تاپارسەن، ئىخلاس قىلساڭ مەرىپەت تاپارسەن. ھەرىكەت قىلىپ يېگەن تاماق تەنگە قۇۋۋەت، ھەرىكەت قىلماي يېگەن تاماق غەمگە قۇۋۋەت. ھەرىكىتى يوقنىڭ بەرىكىتى يوق. ھەسەل بەرگەن ھەرە چېقىشنىمۇ بىلىدۇ. ھەسەلخان ئۆيىدە ئۇن يوق، دۇتار سېتىۋاپتۇ. ھەسەلنى كۆپ يېسەڭ، ئەمەن تېتىيدۇ. ھەسرەت تاپا – تەنىدە بىلىنىدۇ، مۇھەببەت ۋاپادا. ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق. ھەشەمەتلىك توينىڭ غەۋغاسى تولا. ھەق سۆزلىگەن بىئەجەل ئۆلۈپتۇ. ھەقنى ھەق سۆزلە يامان بولمايدۇ، رەڭگىرويۇڭ ئەبەدىي سامان بولمايدۇ. ھەق ئىش ئۈچۈن يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ. ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس. ھەقىقەت بىگىزگە ئوخشايدۇ، ئۇنى خالتىدا ساقلىغىلى بولمايدۇ. ھەمراھىڭ ئىت بولسا، قولۇڭدىن كالتەك چۈشمىسۇن. ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟ ھەممە نەرسە كۆپەيسە ئەرزانلايدۇ، بىلىم قانچە كۆپەيسە شۇنچە قىممەتلەيدۇ. ھەممىنى موللا بىلەر، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر. ھۇرۇنغا ئىش بۇيرۇساڭ ساڭا ئەقىل كۆرسىتەر. ھۇرۇنلۇقتىن بالا كېلەر باشقا، ئىشچانلىقتىن گۈل ئۈنەر تاشقا. ھۇرۇنلۇق ــ خارلىقنىڭ ئىشىكى. ھۇرۇننىڭ ئاغرىنمايدىغان ئىشى يوق. ھۇرۇننىڭ ئاغزى ئىلدام، ئىشچاننىڭ ئايىغى ئىلدام. ھۇرۇننىڭ باھانىسى تۈگىمەس. ھۇرۇننىڭ قەرزى تولا، خۇداغا ئەرزى تولا. ھۇرۇن ئېشەك يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەر. ھۇرۇنغا قىلدەك ئىش پىلدەك كۆرۈنەر. ھۇرۇننىڭ قوپقۇسى كەلمەس، ئىشچاننىڭ ياتقۇسى كەلمەس. ھۇرۇنلۇق قىلساڭ، ئىشىڭنى كىم قىلۇر، تارتىنساڭ، سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، تەمەخورنىڭ پەتىسى تۈگىمەس. ھۇرۇننىڭ ھۈنىرى ــ ئۇيقۇ. ھۇرۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر. ھۇرۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلۇر. ھۇرۇن ئادەم ياتقىنىدىن كۈلەر، ئىشچان ئادەم مېھنىتىدىن كۈلەر. ھۇرۇن ئۆلسە كۆمگىلى كىشى چىقماس. ھۆرمەت ئالتۇندىن قىممەت. ھۆرمەت قىلساڭ چوڭغا، ئىشىڭ تارتار ئوڭغا. ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت كۆرىسەن. ھۈنەر قىلدىڭ ــ گۈل بولدۇڭ، بىكار يۈردۈڭ ــ قۇل بولدۇڭ. ھۈنەرلىك كىشى پۇل تاپار، ھۈنەرسىز كىشى كۈندە خار. ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن. ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق، بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق. ھىجىيىشنى بىلمىسەڭ، سودا – سېتىق قىلما. ھىممىتى بار كىشىنىڭ، ئۈنۈمى بار ئىشىنىڭ. ئو ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار. ئوتقا تەگسەڭ ئۆچەر، قوشناڭغا تەگسەڭ كۆچەر. ئوت قويسا ئامبال، يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراق. (پادىشاھ مەشئەل ياقسا رۇخسەت، پۇقرا شام ياقسا يوق رۇخسەت.) ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر. ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىك تېشىدا قاپتۇ، گەپ توشۇغان غالچا بالاغا قاپتۇ. ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغىچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن. ئوغرىنى قاراقچى ئۇرۇپتۇ. ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئاز. ئوغۇلنى جەڭگە ياراتقان. ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق، قىزنىڭ چېچەنلىكى ئانىغا تالىق. ئوقەتچىنىڭ كۆزى يامان، سۇخەنچىنىڭ سۆزى يامان. ئوقۇدۇم دېگۈچە، بىلدىم دېگىن. ئوقۇرىنى سېغىنمايدىغان ئات بولماس، ۋەتەننى سېغىنمايدىغان پەرزەنت بولماس. ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ. ئوقۇغان يىگىت ئوقلانغان مىلتىق. ئوقىتىڭنى يوقاتساڭ يوقات، لەۋزىڭنى يوقاتما. ئوڭدا ياتقان گىردە يەر، كەتمەن چاپقان جىگدە يەر. ئولتۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان كېسەلنىڭ ئۆلگىنى ياخشى. ئولتۇرۇپ ياش تۆككىچە، دەس تۇرۇپ مۇشت تۈگ. ئوماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ. ئون پوچىدىن بىر ئىشلىگۈچى ئەلا. ئون قېتىم ئويلا، بىر قېتىم سۆزلە. ئو كۈن ئاچ قالساڭمۇ، بىر كۈن نومۇس ساقلا. ئون ئىتقا يىگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يىگۈزگەن خوپ. ئوۋچىنىڭ دەسمايىسى قىلتاق بىلەن توزاق، موللىنىڭ دەسمايىسى جەننەت بىلەن دوزاخ. ئويچى ئويلانغىچە، تەۋەككۈلچى ئىشنى پۈتتۈرەر. ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلەرسەن. ئويناپ ئۆگەنمەي، ئويلاپ ئۆگەن. ئويناپ يۈرگىچە، ئويلاپ يۈر. ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب سالۇر ھەر باب بىلەن. ئويۇنغا بېرىلگەن ئوڭدا قالار. ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىك سىرتىدا قاپتۇ. ئۇ ئۇچامدا يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى. ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەپتۇ. ئۇچۇشنى ئويلىساڭ، چۈشۈشنى ئۇنۇما. ئۇخلىغاندا غەم يوق، ئاغرىق كالىغا يەم يوق. ئۇخلىغاننىڭ قارنى ئاچ قالار. ئۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە تۇرماس. ئۇرۇشخۇمار دوستۇڭدىن، جىمخور دۈشمىنىڭ ياخشى. ئۇرۇشقاق ئەلدە بەرىكەت يوق. ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس، تېپىشمىغىچە سىناشماس. ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ. ئۇرۇق – تۇغقان بولسا ئەپ، تېگەر ئۇندىن نۇرغۇن نەپ. ئۇزاق يولدا ئاتنى سىنا، مۈشكۈللۈكتە دوستنى سىنا. ئۇزۇنغا باققاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر. ئۇزۇن گەپ داغ بولۇر، قىسقا گەپ ياغ بولۇر، ئۇستا ئالدىدا قولۇڭنى تارت، موللا ئالدىدا تىلىڭنى تارت. ئۇستا بىلەن يېقىن ئۆتسەڭ، ئىشىڭ پۈتەر. ئۇستاز پەقەت باشلامچى، بىلىم ئېلىش ئۆزۈڭدىن. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرتنىڭ ھۈنىرى كاسات. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامغا يورغىلار. ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قاۋۇل دېھقان بوز ئاچار. ئۇسسۇلچى داپقا ئامراق، يالغانچى لاپقا ئامراق. ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى، جېدەلنى باشلىغان لاپچى. ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا ئۆينىڭ تارلىقى باھانە. ئۇسسۇلۇڭنى كۆرسەتكۈچە، ھوسۇلۇڭنى كۆرسەت. ئۇ قوشنامنىڭ توخۇسى بۇ قوشنامغا غاز كۆرۈنەر. ئۇلاغ ئالساڭ چىشىنى كۆر، لايىقىڭنىڭ ئىشىنى كۆر. ئۇلاغنىڭ ئەسكىسى پۇتى تاقاشقاق، ئادەمنىڭ ئەسكىسى گەپ تالاشقاق. ئۇلۇغ سۇ شەپە قىلماس، بىلىملىك كىشى ھەيۋە قىلماس. ئۇماچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار. ئۇماچ ئېشىم، ئالتۇن بېشىم. ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، چىراغ پىلىكىدە بۇرۇت ياغلاپتۇ. ئۇمۇ مەست، بۇمۇ مەست، مەستنىڭ «خەير – خۇش» ى تۈگىمەس. ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ. ئۇياتسىزدىن ئالۋاستىمۇ قورقىدۇ. ئۇياتسىز مۈشۈككە قازىناقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق. ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلەر، بۇ ياققا تارتسام ھارۋا سۇنار. ئۇيقۇ جاي تاللىماس، مۇھەببەت چىراي تاللىماس. ئۇيقۇسى ئۇزۇننىڭ بەختى قىسقا. ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇۋىقى سىرقىراپتۇ. ئۇيۇشقاق ئەلدىن قورق، تەۋرەپ كەلگەن سەلدىن قورق. ئۆ ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە. ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر، چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر. ئۆتەڭگە يەتمەي ناننى تۈگەتمە، ئورما كەلمەي ئېشىڭنى تۈگەتمە. ئۆتسۇن، ئۆتمىسۇن، بىلەپ بېقىڭ، بەرسۇن، بەرمىسۇن تىلەپ بېقىڭ. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ. ئۆتكەن پىچاق قىنىغا قەست، يالغان سۆز جانغا قەست. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. ئۆتكۈر سۆز ئاتقان ئوق. ئۆتكۈنچى بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە. ئۆتمەس ماتا، زولاپ ساتا. ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن، سۇ سېنى ئاقتۇرسىمۇ؛ يېمە نامەرد ئېشىنى، ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ. ئۆتۈكنى ياماشقا چەم كېرەك، ياماننى بابلاشقا پەم كېرەك. ئۆتۈكنى يۇيۇپ كىيىپتۇ، پايپاقنى مايلاپ كىيىپتۇ. ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا. ئۆچكىدە مال ئەتمە، شاپتۇلدا باغ ئەتمە. ئۆچكىنى بوران ئۇچۇرسا، ئوغلىقىنى ئاسماندا كۆر. ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق قالسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا «ھۇيت! ھۇيت!...» ئۆردەك بار كۆلدە غازغا كۈن يوق، چىۋىن بار ئۆيدە تازغا كۈن يوق. ئۆردەك دەيمىش: «كۆتۈم ئامان بولسا، ھەممە كۆلنى سېسىتىمەن.» ئۆردەكنى قونداققا ھەيدەپتۇ، توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ. ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول. ئۆرۈك يەپ سۇ ئىچ، ئالما يەپ چاي ئىچ. ھايۋان تۈكىدىن كېتەر، ئادەم گېپىدىن. ئۆز ئاناڭ ئۆلدى، كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئاسان ئۆلمەيدۇ. ئۆزۈڭ ئەگرى بولساڭمۇ، گېپىڭ تۈز بولسۇن. ئۆزۈڭ رۇس بولساڭ، سايەڭمۇ رۇس بولىدۇ. ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى بەر. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەي دېسەڭ، باشقىلارغا ئەلچى كىرگۈزۈپ باق. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن مەردتۇر. ئۆز بالاڭدىن ئەيىب ئۆتسە، ياتقا شىكايەت قىلما. ئۆز بېشىدىكى چىۋىننىلا قورۇپتۇ. ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇپتۇ. ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆزگىنىڭ سۆزىگە ئىشەنگىچە، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىگە ئىشەن. ئۆزگىنى ئىززەتلىگىنىڭ ــ ئۆزۈڭنى ئىززەتلىگىنىڭ. ئۆزلىرى بولالمايلا، بولغاننى كۆرەلمەيلا. ئۆز نادانلىقىنى بىلگەن ئەخمەق ئەمەس. ئۆز نەپسىدىن كەچمىگىچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس. ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ بوشلۇقى. ئۆز ئۆيىدە پۈدەپ ئىچەر دوغنىمۇ، خەق ئۆيىدە يالماپ يۇتار چوغنىمۇ. ئۆز ئۆيىدە مېھرىگىياھ، ياقا يۇرتتا شۇمبۇيا. ئۆز ئۆيىنى سىرىپ سۈپۈرۈپتۇ، كىشىنىڭ ئۆيىگە قېقىرىپ تۈكۈرۈپتۇ. ئۆزۈڭ تاپقان يولنى ئاتاڭغا بەرمە، گېزى كەلگەندە ئاتاڭدىن قالما. ئۆزۈڭدىن ئۆزگىنى خىزىر بىل. ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكرى قىل. ئۆزۈڭ سەت بولساڭ، ئەينەكتىن يامانلىما. ئۆزۈڭ سۆيگەننى ئالما، ئۆزۈڭنى سۆيگەننى ئال. ئۆزۈڭ قىلمىساڭ غېمىڭنى، قاغا چوقار بېشىڭنى. ئۆزۈڭ قىلىپ ۋاپاسىزلىق، ئۆزگىدىن ۋاپا كۈتمە. ئۆزۈڭگە قوشۇقتا ئېلىپ، كىشىگە چۈمۈچتە بەر. ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما. ئۆزۈڭنى بەك تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل. ئۆزۈڭنى قۇل قىل، ئاپاڭنى قۇل قىلما. ئۆزۈڭنىڭ دېسە كالىدەك كۈچۈم بار، كىشىنىڭ دېسە زۆرۆر ئىشىم بار. ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئايىمىساڭ، ئۆزگە سېنى ئايىماس. ئۆزۈڭنى ئەزىز قىلاي دېسەڭ، كۈچۈڭنى خار قىل؛ زامان كەڭرى، راسا ئىشلەپ يوقنى بار قىل. ئۆزۈڭ ئۈچۈن تىرىش، ئەل ئۈچۈن ئۆل. ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن. ئۆزۈمدە تاغارلاپ تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي. «ئۆزۈمگە» دېسە، ئۆلۈكمۇ تىك قوپار. ئۆز ئېلىڭ ــ ئالتۇن بۆشۈك. ئۆز ئېلىڭدە ئۆتكۈزگەن بىر قىش، يات ئەلدە ئۆتكۈزگەن يۈز باھاردىن ئەلا. ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە. ئۆز ئېلىمنىڭ بېشى بولمىساممۇ، سېيىنىڭ تېشى بولاي. ئۆزى پەستە تۇرۇپ، ئۆگزىدىكى ئادەمگە پەشۋا ئېتىپتۇ. ئۆزى تەرگەن تېزەك ئۆزىگە ئالتۇن كۆرۈنۈپتۇ. ئۆز ئىشىڭنى پۈتتۈرەي دېسەڭ، باشلىقىڭنىڭ دېگىنىنى قىل. ئۆزى قىلالمايدۇ، قىلغاننى كۆرەلمەيدۇ. ئۆزىنى ئايىغان سۇلتان، ئايىمىغان ئۇلتاڭ. ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس. ئۆزى ئىزا تارتىدۇ، كۆڭلى غىزا تارتىدۇ. ئۆز يۇرت ــ تۇغقان ئانا، ئۆزگە يۇرت ــ ئۆگەي ئانا. ئۆستەڭنى يا كەتكۈزمىگەن بىر كەتمەن لاي، جېدەلنىڭ ئالدىنى ئالغان بىر ئېغىز ھاي. ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ. ئۆگەنسەڭ ھۈنەر، تېرىساڭ ئۈنەر. ئۆگەنگەن بىلىم بىكار كەتمەس. ئۆگەيلىك ئانىدىن ئەمەس، بالىدىن. ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆگەن، ئېلىش ئۈچۈن بەر. ئۆلگىسى كەلگەن چاشقان، مۈشۈكنىڭ قۇيرىقىنى چىشلەپتۇ. ئۆلسەڭ ئۆل، ۋەتەندە ئۆل. ئۆلگەندە يىغلىغىچە، ئۆلمەستە سەۋەب قىل. ئۆلگەندىن كېيىن «ياسىن» ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى. ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار. ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق. ئۆلۈمدىن خورلۇق يامان. ئۆلۈمنى ئۇنتۇغان دۈشمەننى يېڭەر. ئۆمرۈڭنى خۇدادىن تىلە، رىسقىڭنى ئۆزۈڭ تاپ. ئۆمۈرلۈك دېسەڭ كۆزىگە قارا، بىر كۈنلۈك دېسەڭ يۈزىگە قارا. ئۆمىلەپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ئۆرە تۇرۇپ ئۆل. ئۆي ئالساڭ، قوشنا ئال، يەر ئالساڭ، سۇ ئال. ئۆي يىراقى بولسا بولسۇن، كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن. ئۆي تارچىلىقىدا ھېچ گەپ يوق، كۆڭۈل تارچىلىقى يامان. ئۆي تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇچە، كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئال. ئۆيدە راھىتى يوقنىڭ كوچىدا پاراغىتى يوق. ئۆيدىكى پۇل ئوق پۇل، قەرز بەرگەن پۇل يوق پۇل. ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ. ئۆي زىىننىتى پەگا بىلەن، ئالتۇن زىننىتى زەگا بىلەن. ئۆي كۆچۈشتىن بۇرۇن قوشنا ئىزدە، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يولداش ئىزدە. ئۆينى بىر سەرگە ئال، قوشنىنى مىڭ سەرگە ئال. ئۆينى ئوغرى ئالغاندىن كېيىن ئىشىك تاقاپتۇ. ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ داستىخىنىڭ كەڭ بولسۇن. ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ، كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن. ئۆيۈڭدىن ئايرىلساڭمۇ، ئېلىڭدىن ئايرىلما. ئۆيۈڭ كەڭ بولساڭ، ئادەم سىغار؛ كۆڭلۈڭ كەڭ بولسا، ئالەم سىغار. ئۈ ئۈزۈم قىلساڭ باراڭغا ئال، توي قىلساڭ مەسلىھەت سال. ئۆگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتىنى تاشلاپ ئارمان يەپتۇ. ئۈنچە – مارجان تاش ئىكەن، ئارپا – تېرىق ئاش ئىكەن؛ ئەجداتلارنىڭ ئېيتقىنى يالغان ئەمەس راست ئىكەن. ۋ ۋاپا تاق، جاپا جۈپ. ۋاقتىدا قىلساڭ ئىشنى، ئويناپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى؛ ۋاقتىدا قىلمىساڭ ئىشنى يىغلاپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى. ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ. ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم. ۋەتەنسىزنىڭ گۆرى تار. ۋەتەن قۇدرەت تاپسا، جېنىڭ راھەت تاپىدۇ. ۋەتەنگە كەلسە پالاكەت ، ساڭا كېلەر ھالاكەت. ۋىجدانسىزنىڭ گۈلى بولغۇچە، ۋىجدانلىقنىڭ قۇلى بول. ئې ئېتىزدا ئىزى يوقنىڭ خاماندا يۈزى يوق. ئېتىقاد ئىرادىنى چىڭىتار، ئەقىل بۇلىقىنى ئاچار. ئېتىم ئورۇق، يوللار يىراق. ئېتىنى بەختىيار قويسام، خۇدا بەرمەپتۇ بەختىنى. ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، تەمەخورنىڭ پەتىسى تۈگىمەس. ئېرىنمەي ئىشلىسەڭ، يىغلىماي چىشلەيسەن. ئېسىل پىچاق قىنىدا ياتماس. ئېشەك ئالدىغا ئۆتىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار. ئېشىكى موللامنىڭ قۇلىقى تېنچ. ئېشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپ، مەن تۇلپار دەپتۇ. ئېشەكنىڭ پۈرىكىنى ياغلاپ قويسا ھاڭرىيالمايدۇ، سوراقچىنىڭ گېلىنى ياغلاپ قويسا سۆزلىيەلمەيدۇ. ئېشەكنىڭ تەپكىنىگە ئات ئۆلمەپتۇ. ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگرەپتۇ. سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر. ئېشىكىڭ يامان بولسا، سېتىپ قۇتۇل؛ قوشناڭ يامان بولسا، قېچىپ قۇتۇل. ئېشىڭدىن بۇرۇن ئىشىڭنى ئويلا. ئېشىڭغا بېقىپ يە، ئاغزىڭغا بېقىپ دە. ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ، ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ. ئېشىنى يېسەڭ ــ تىلىڭ قىسقا. ئېغىر كۈننى كۆرمەي ئەسلى، ئۆتكۈر بولماس ھەر كىم ئەقلى. ئېغىزدا بار، كۆڭلىدە يوق، سۆزدە بار، ئەمەلدە يوق. ئېغىزغا كەلگەننى دېمەك ناداننىڭ ئىشى، ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى. ئېغىز يۈگرۈكى باشقا، پۇت يۈگرۈكى ئاشقا. ئېغىزىدا «خۇش – خۇش!» كۈلۈپ تۇرىدۇ، يەڭ ئىچىدە پىچىقىنى بىلەپ تۇرىدۇ. ئېغىزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى. ئېكسكۇرسىيە ــ گالدا، باھالاش ــ زالدا. ئېقىن سۇ ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس. ئىگىز تاغمۇ غۇلاپ چۈشەر بىر كۈنى، زېرىكمەستىن كولاۋەرسەڭ ھەر كۈنى. قىلدەك سەمىمىيەتلىك، پىلدەك ئاتاقتىن ئەلا. ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ. ئېلىشتا بىسمىللا، بېرىشتە ئەستاغپۇرۇلا. ئېلىشنى بىلىپ بېرىشنى بىلمەپتۇ. ئېلىڭ دېسە ئەرشكە يېتەر قولى، بېرىڭ دېسە يېڭىدىن چىقماس قولى. ئېلىنى ساتقان ــ ئىت يالىقىدا ئاش ئىچەر. ئېيىق بىلەن دوست بولساڭ، يېنىڭدىن پالتاڭنى ئاجراتما. ئى ئىت بىلەن بىر بولساڭ، ئىت خۇيلۇق بولارسەن. ئىتتىپاقلىق ئوق ئۆتمەس قالقان. ئىت توشقانغا يېتەي دېگەندە، سىيگۈسى كەپتۇ. ئىتقا ئەتىر چاچساڭمۇ سېسىق پۇرايدۇ. ئىت قوغلىسا سۇغا قاچ، تۆگە قوغلىسا تاغقا قاچ. ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرگە چىقىپتۇ. ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر. ئىتىڭ لالما بولسا، تۈلكە ئۆيۈڭگە كىرەر. ئىچ ئاتنى يالغان قامچىلاپ، يانداق ئاتنى يورغىلىتىپتۇ. ئىچتىڭ شاراب ــ بولدۇڭ خاراب. ئىچى تارنىڭ گۆرى تار. ئىچىمدە ھازا، تېشىمدا ھېيت. ئىچى يامان سەمرىمەس. ئىچى يامان يېرىلىپ ئۆلەر. ئىچى ياماننىڭ قازىنى قاينىماس. ئىچى ياماننىڭ ئېشىنى ئىت ئىچىدۇ. ئىختىدا قىلسام ئىمامغا، ئەسقاتمىدى بىر نانغا. ئىرادىسىز تەقدىرگە ئىشىنەر. ئىزدەشمىگەنچە ئارىلىق ئۇزىرار. ئىسراپچىلىق نەدە؟ ئەمگەك قىلمىغان يەردە. ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر. ئىسىنى چىقارماي كاۋاپ يەپتۇ، ھورىنى چىقارماي مانتا يەپتۇ. ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ. ئىش بېشىدا ئەقىللىق كۆپ. ئىش بېشى كۆپ بولسا، ئىش كەينىگە كېتەر. ئىشتا تەييارلىق بولمىسا، ھەييارلىق كار قىلماس. ئىشتا ھەييار، ئاشقا تەييار. ئىشتىن قاچساڭ، قورساققا تۇتۇلىسەن. ئىشچان بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن، ھۇرۇن بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن. ئىشچاندىن كېسەل قورقىدۇ، ھۇرۇنغا كېسەل يۇقىدۇ. ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى تۈگىمەس. ئىشچاننىڭ راھىتى مەڭگۈلۈك، ھۇرۇننىڭ راھىتى بىر كۈنلۈك. ئىشچاننىڭ مىننىتى يوق، بېخىلنىڭ ھىممىتى يوق. ئىشچاننىڭ نېنى كۆپ، ھۇرۇننىڭ غېمى كۆپ. ئىشچان ئىشلەپ تاپار، ھۇرۇن تىلەپ تاپار. ئىشسىز ئۆتكەن ئۆمۈر، ئوتى ئۆچكەن كۆمۈر. ئىشلىسەڭ خار بولمايسەن. ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق. ئىشنى قىل ئەپ بىلەن، بالاڭنى باشقۇر گەپ بىلەن. ئىشنى قىل زەردەڭ بىلەن، گەپنى قىل لەۋزىڭ بىلەن. ئىش ياقماسقا ئۆگەتمە، گېپىڭ بىكارغا كېتەر. ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر. ئىككى ئاقىل ئاراسىدا قىل ئۈزۈلمەس، تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزگەي ئىككى بىلمەس. ئىككى بالىنىڭ ئارىسىدىكى بوۋاي بالا بولۇر، ئىككى بوۋاي ئارىسىدىكى بالا دانا بولۇر. ئىككى نەرسىنىڭ قەدرى كېيىن بىلىنىدۇ: بىرى ياشلىق، يەنە بىرى سالامەتلىك. ئىككى ياخشى بىر بولسا تېنچلىق تەلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. ئىگىسى ئۆلسە بىر كىشى يىغلاپتۇ، ئېتى ئۆلسە مىڭ كىشى يىغلاپتۇ. ئىلىمگە خىيانەت يەتسە، ئەلگە قىيامەت بولۇر. ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، بەخت شوتىسىغا قويىدۇ قەدەم. ئىمام ئاخۇنۇم يۆتەلسە، جامائەت زۇكامداپ قاپتۇ. ئىناق ئەلدە ئاپەت يوق، ئىناقسىز ئەلدە ئامەت يوق. ئىناق ئەلدە قاياش كۆپ، ئىناقسىز ئەلدە تالاش كۆپ. ئىناق بولماي سائادەت يوق. ئىناقلىق بولمىسا ئاۋاتلىق بولماس. ئىناق ئۆتسەڭ ئامەت بار، تېجەشلىك بولساڭ بەرىكەت بار. ئىناۋەت تاپاي دېسەڭ، توغرا سۆزلە؛ بەخت تاپاي دېسەڭ، ئەلنى كۆزلە. ئىنساپ بار يەردە بەرىكەت بار. ئىنساپسىزدىن جىن قورقار. ي يات يۇرتتا تورغايمۇ سايرىماس. يات يۇرتتا ياقاڭ يىرتىلار. يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. ياخشى ئات ئەر قانىتى، ياخشى ئەر ئەل قانىتى. ياخشى ئات كۆندۈرۈشكە باغلىق، يامان بالا تەربىيلەشكە باغلىق. ياخشى ئاتنى دەڭدىن كۆر، باتۇر يىگىتنى جەڭدە كۆر. ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە. ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىشىپ كۆچەر. ياخشى بالا تېپىپ يەيدۇ، يامان بالا سېتىپ يەيدۇ. ياخشى بولساڭ يولداش مەن، ھەر ئىشىڭغا قولداشمەن. ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرەر، يامان بولسا باشقىدىن كۆرەر. ياخشى بىلەن دوست بولساڭ كۈندە بازار، يامان بىلەن دوست بولساڭ كۈندە ئازار. ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، ئېچىلار چېچەكلىرىڭ؛ يامان بىلەن دوست بولساڭ، يېرىلار يۈرەكلىرىڭ. ياخشى تۇرقىدىن بىلىنەر، يامان قىلىقىدىن. ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ، يامان كۆپۈپ. ياخشى تىلەككە يامان چېچەك. ياخشى خوتۇن قىشتا تۇغۇپ، ئىسسىق ياتار؛ ئەسكى خوتۇن يازدا تۇغۇپ، سېسىپ ياتار. ياخشى دوست دەردكە داۋا، نادان دوست باشقا بالا. ياخشى سۆز جان ئوزۇقى، يامان سۆز جان قوزۇقى. ياخشىغا ئارام يوق، يامانغا زاۋال يوق. ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق تەس. ياخشى قوشنا خۇشلىشىپ كۆچەر، يامان قوشنا مۇشتلىشىپ كۆچەر. ياخشى كېلىن كۈلگۈنچەك. ياخشى كىشىنىڭ دوستى كۆپ، يامان كىشىنىڭ غەيۋىتى كۆپ. ياخشى كىشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، ياخشى يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە بىلىنەر. ياخشى گەپ بۇسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ. ياخشى گەپ يۈرەكنىڭ يېغى، يامان گەپ يۈرەكنىڭ دېغى. ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىدىن كېلەر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىدىن كېلەر. ياخشىلىق قىلىشنى بىلمىسەڭ، ياخشىلارغا قوشۇل. ياخشىنىڭ قەدرىنى ئەسكى بىلمەس، ئىككى ياخشى ئوتتۇرىسىدا قىل ئۈزۈلمەس. ياخشىنىڭ قەدرىگە يېتەي دېسەڭ، يامانغان يولۇق. ياخشىنىڭ قەدرىنى ئايرىلغاندا بىلىسەن. ياخشىنىڭ ياخشىلىقى تېگەر تار يەردە، ياماننىڭ يامانلىقى تېگەر ھەر يەردە. ياخشى ئۆلسە ھەممە ئۆلەر، يامان ئۆلسە بىرى ئۆلەر. ياخشى ياپىدۇ، يامان ئاچىدۇ. يارا ئاغرىقىدىن دىل ئاغرىقى يامان. ياردىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، ئەلدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە يىغلار. يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشنى ئۆزۈڭ بىل. يارىم يامانلىغانغا خۇش، مەن قۇتۇلغانغا خۇش. يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ. ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا. يازدا قىلساڭ ئىشنى، ئويناپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى. يازدا ھۇرۇنلۇق قىلساڭ، قىشتا تىلەمچىلىك قىلىسەن. يازدا ئوينىغان قىشتا مۇزلاپتۇ. يازدا يېپىنچا ئال، قىشتا ئوزۇق ئال. يازنىڭ قېقى قىشتا دورا، كەمبەغەلنىڭ ئېشى چىشقا دورا. يازنى ئىشلەپ ئۆتكۈز، قىشنى ئويناپ ئۆتكۈز. ياشاش تەس ئەمەس، ئادەم بولۇش تەس. ياشاش ئۈچۈن پەم كېرەك، بەخت ئۈچۈن جاپا كېرەك. ياش تۆككۈچە، مۇشت تۈگ. ياش چېغىڭدا تىرىشمىساڭ شىجائەتتە، ياشانغاندا قالىسەن خىجالەتتە. ياش قوماچقا ئامراق، قېرى ئۇماچقا ئامراق. ياشلىقتا ئالغان بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىلىقتا ئالغان بىلىم قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك. ياشلىقتا بىلىم ئالمىغان، قېرىغاندا ھەسرەت چېكەر. ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال. ياشلىقىڭدا ئوينىساڭ، قېرىغاندا يىغلايسەن. ياشلىقىڭ پادىشاھلىقىڭ، ھەر تەرەپتىن گۈل كېلۇر؛ تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن، سېنىڭ قېشىڭغا كىم كېلۇر. ياشلىقىڭدا بولمىساڭ شىجائەتتە، ياشانغاندا قالىسەن نادامەتتە. ياشلىقىڭدا بىلمىدىڭ بىلىم قەدرىنى، قېرىغاندا تارتىسەن ئۇنىڭ دەردىنى. ياشلىقىمدا يېنىمدىن ئۆتەر، قېرىغاندا جېنىمدىن ئۆتەر. ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە تۈزەيدۇ. ياغاچ يېلىم بىلەن ياخشى، ئەل بىلىم بىلەن ياخشى. ياقا يۇرتنىڭ پەرىشتىسىدىن ئۆز يۇرتنىڭ جىنى ياخشى. ياقسام تۇتارمۇ؟ كۆمسەم پىشارمۇ؟ ياڭاق چاققاندا دوست ئىدۇق، پادا باققاندا ئايرىڭدۇق. يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس، ھاسىسى بار ئىتتىن قورقماس. يالغان بىر پۇتلۇق، ھەقىقەت ئىككى پۇتلۇق. يالغانچىدا ئىمان يوق، بېخىل ئۆيدە مېھمان يوق. يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس. يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام. يالغانچىنىڭ گۇۋاھچىسى تەييار. يالغان دوست ئېشىڭغا كېلەر، چىن دوست ئىشىڭغا كېلەر. يالغان سۆز ساۋابقا يارىشىدۇ، زىرە بىلەن قارىمۇچ كاۋاپقا. يالغان سۆزنىڭ قانىتى بار. يالغان گەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلانسا، راستا ئايلىنىدۇ. يالغانچىلىقنىڭ يولى مىڭ، راستچىللىقڭنىڭ يولى بىر. يالغۇز تېرەككە جىن چاپلىشىپتۇ. يالغۇز قالغان قوينى بۆرە يەر. يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار. يامان بولماق بىردەملىك، ياخشى بولماق ئۆمۈرلۈك. يامان بىلەن گەپ تالاشقۇچە، قاغا بىلەن پوق تالاش. ياماندىن قۇتۇلماق تەس، ياخشىغا يېتىشمەك تەس. ياماندىن ياخشىلىق كۈتمە. يامانغا ئاتا بولغۇچە، ياخشىغا ھاسا بول. يامانغا رەھىم قىلىش، ياخشىغا ئۇۋال قىلىشتۇر. يامانغا ھاجىتىڭ چۈشسە يوق دەيدۇ، ياخشىغا ھاجىتىڭ چۈشسە خوپ دەيدۇ. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم. يامانغا يان تاياق بوپتۇ. يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار. يامان كالا يارداڭلىقتا موزايلاپتۇ. يامان كۆزدىن يىراق بول. يامان كىشى قىلغاننى بىلمەس. يامان گەپ سەكسەن قامچىدىن يامان. يامانلار ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەس، ئىككى ئاقىل ئارىسىدا قىل ئۈزۈلمەس. ياماننىڭ سۈيىنى ئىچكۈچە، كوزىسىنى چېقىۋەت. ياماننىڭ قورسىقىدا مىڭ تۇڭگۇز قاترايدۇ. ياماننىڭ كاساپىتى تېگىدۇ، ياخشىنىڭ شاپائىتى. ياماننىڭ ئېشىغا ئېغىز تەگسەڭ، قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر. ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار. ياماننىڭ يولدىشى بولغۇچە، ياخشىنىڭ قۇربانى بول. ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما. يامان ئىت چىشلەپ قاچار، يامان ئادەم ئېيتىپ قاچار. يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر، ئەل بىلەن ئەر كۆكىرەر. يامغۇردا يەپ يات، بوراندا دۈم يات. يامغۇردىن قېچىپ، مۆلدۈرگە ئۇچراپتۇ. يامغۇر ياغسا يەرنىڭ بەرىكىتى، مەرد تۇغۇلسا ئەلنىڭ بەرىكىتى. يانتاق بوراندىن قورقار، بوران ئەسكى تامدىن. يان توم بولسا، گەپ چوڭ بولۇر. يانچۇق بىلەن قول ئارىلىقى مىڭ يىللىق. يانچۇقتا بىر پۇل يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى. يان قوشنا ــ جان قوشنا. ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە. يەتمىش كېسەلنىڭ باشلىنىشى ــ يەل. يەر ئاچقاننىڭ بەختى ئېچىلار. يەر ئالتۇن قوزۇق، غاجاپ يېسەڭ تۈگىمەس. يەر كۆركى يېشىل، ئەر كۆركى ئەقىل. يەرنى بىر ئالدىساڭ، يەر سېنى يۈز ئالدار. يەرنىڭ ئاستىدىكى يىلاننىڭ كۈشىگىنىنى بىلىپتۇ. يەرنىڭ ئەسكىسى يوق ــ قىغى يوق، ئەرنىڭ ئەسكىسى يوق ــ پۇلى يوق. يەرنىڭ راھىتى قوغۇن، قۇۋۋىتى ئۇزۇن. يەرنى ئوت باسقىنى ــ ئىگىسىنى نەس باسقىنى. يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس. يەي دېسە چىشى ئاغرىپتۇ، بېرەي دېسە ئىچى. يوپۇرماقسىز دەرخنىڭ سايىسى بولماس، دوستسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس. يۇشۇرۇن ئۇچقۇن ئوتتىنمۇ يامان. يوقسۇزچىلىق تاشتىن قاتتىق، قەرزدارلىق زەھەردىن ئاچچىق. يوقسۇزلۇقتىكى دوست ئايرىلماس. يوقسۇز مېلىنى ئەرزان ساتار. يوققا كايىما، بارنى ئايىما. يوق گۆشنىڭ شورپىسىغا تەلمۈرمەي، ئۆيۈڭدىكى چامغۇرنى يە. يوقلۇق ئۆلتۈرەر، بايلىق بەزدۈرەر. يول تاپىنىڭنىڭ ئاستىدا. يولدا ئۇچراشقان ھەمرا ــ ھەمرا بولماس. يولدىن ئازسىمۇ، يۇرتىدىن ئازماس. يول سورىغان يولدىن ئازماس. يول كۆرسىتىش ئۇستازدىن، ئەقىل تېپىش ئۆزۈڭدىن. يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەڭ، يولۋاس ئۇگىسىغا كىر. يولۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال خۇيىنى بىل. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر، پاشىنىڭ قولىدا كېتىپتۇ. يولۋاس ۋەھشى بولمىسۇ، بالىسىغا قەست قىلماس. يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن قايتماس. يۇرت پۈۋ دېسە شامال چىقار. يۇرتتىن ئايرىلغۇچە، جاندىن ئايرىل. يۇرتتىن كەچكەن نومۇستىن ئۆلەر. يۇرت دېگەن چىمەن، ئاڭا باققان بولۇر دۆلەتمەن. يۇرت سۆيگەن ئەر، سايىسى بار دەرەخ. يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. يۇرت نامراتلاشسا، ئوغرى كۆپىيەر. يۇرتنى سۆيگەن ماكانسىز قالماس. يۇرتىدىن بەزگەن دۈشمە قولىدا ئۆلۈر. يۇمشاقنى قاتۇرغان شىلىم، پولاتنى ئۇچۇرغان بىلىم. يۆلەنچۈكى كۈچلۈك بولسا، كىگىز قوزۇقمۇ يەرگە كىرىدۇ. يۈرۈشنى بىلمىگەن يول بۇزار، سۆزلەشنى بىلمىگەن ئىش بۇزار. يۈز دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ. يۈزدىكى كىر كېتەر، كۆڭۈلدىكى كىر كەتمەس. يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە. يۈز قېتىملىق ۋەدىدىن، بىر قېتىملىق ئىش ياخشى. يۈز كېتەر گالدىن، باش كېتەر تىلدىن. يۈز گەپداندىن بىر ئىشچان ئەلا. يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ. يۈزلۈك بولاي دېسەڭ، ئىشىڭنى توغرا قىل. يۈزۈڭدە قار بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. يۈز يىل ئۆمۈر كۆرسەڭمۇ، ئىزدىنىشنى توختاتما. يۈكى ئېغىر ئېشەك يورغا، يۈكى يەڭگىل ئېشەك ياتقاق. يۈگرەپ ئىش قىلساڭ، ئولتۇرۇپ يەيسەن؛ باشتا ئالدىرىمىساڭ، كېيىن يۈگرەيسەن. يېپىشقاندىن قاچ، قاچقانغا يېتىش. يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن. يېتىپ ئۆلگۈچە، ئېتىپ ئۆل. يېتىمگە ئاتا بولساڭ، ئېتىكىڭ لاتا بولار. يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ. يېتىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، كىيگەن ئەڭنى يىرتىقتۇر. يېتىمنىڭ يەتتە ئاتىسى بار. يېتىمنى ئۇرغاننى خۇدا ئۇرۇپتۇ. يېتىم ئۆز رىسقىنى يەيدۇ، كىشىنىڭ مىننىتىنى تارتىدۇ. يېرىڭ ئوغۇتقا تولسا، خامىنىڭ ھوسۇلغا تولار. يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ. يېشىڭ ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈڭنىڭ تېڭى كەتتى. يېشىڭ ئۇزارسەن پۇتلىشارسەن، گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلىشەرسەن. يېشىل كۆلدە غاز ئوينار، چىۋىن بىلەن تاز ئوينار. يېغا كەلسە، ئەلنىڭ يىغىسى بىر بولۇر. يىغا ياندىن كېلۇر، بالا قېرىنداشتىن. يىگەننىڭ تىلى قىسقا، ئالغاننىڭ قولى قىسقا. يىگەن ئېغىز ئۇيۇلار. يىگىنى چىرايىغا چىقماپتۇ. يېڭى تۇغۇلغان موزاي، يولۋاستىن قورقماپتۇ. يېڭى تۇماقنىڭ يىرتىقى يوق، ھالال ئىشنىڭ پۇتىقى. يېڭىسىنى كۆرۈپ، كونىنى تاشلىما؛ ئىچىڭگە تىنىپ، قان – يىرىڭ يۇتما. يېڭى ئىش سۆز – چۆچەككە ماۋزۇ. يېنىڭدا كىم بولسا، چىرايلىقىڭ شۇ؛ بېشىڭنى كىم سىلىسا، ماشايىخىڭ شۇ. يېيىشى مانتا بىلەن سامسا، ئوينىشى كىنو بىلەن تانسا. يىپ ئۈزۈلسە ئۇلىغىلى بولار، كۆڭۈل ئۈزۈلسە ئۇلىغىلى بولماس. يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر. يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى. يىغلاپ يۈرۈپ قىر ئەت، ئويناپ يۈرۈپ سۇ ئەت. يىقىلغان تام غېرىبنى بېسىپتۇ. يىگىتنىڭ زىننىتى مەردلىكتە. يىگىت ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇلار، ئەل ئۈچۈن ئۆلەر. يىلان – چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ. يىلان دەيدۇ: «ئۆزۈم تۈز، يولۇم ئەگرى.» يىلاننى قوينۇڭغا سالساڭ، چېقىپ ئۆلتۈرىدۇ؛ دۈشمەنگە سىر بەرسەڭ، بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ. يىلاننىڭ ئىچى سىلىق، تېشى زەھەر. مەنبە: كومپيۇتېر قازنىقىمدىكى ماتېريال.
|