بايقاش ئەپەندىمگە :
مائارىپنى ھەممىدىن ، ئەلا بىلگەن بايقاشجان . توردا قۇرۇپ مەكتەپنى كىلىپ تۇرغا ن بايقاشجان ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، دانىشمەن بايقاش بېشى . ئونبەش يىگىت سىزنى دەپ ، قول قويغان ئونمىڭ كىشى. ئومىڭ ئەزا ئاتلانسا ، كۈرۈنمەس ساينىڭ تېشى . ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا ، كەلدى كۆزنىڭ يېشى . ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا ، سىزنى بەكمۇ ئەسلىدۇق . بايقاشتىكى قېرىنداش ، ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلدۇق . ئامان ئەپەندىمگە :رىيالىمنى چالىمەن . كۈندە يېغلاپ ناخشا ئىيتىپ . بايقاش ئۈچۈن يېغلايمەن . ئامانجاننى يات ئىتىپ . كەلدۇق بىر كۈن كېرىيەگە ، ناماششامدا گۇگۇمدا . سەپەر ئۈستى تۈنجى رەت ، چاي قايناتتى ئۈيىدە پەرىگە :ئالما ئاتتىم دەرياغا ، لەيلىۋىدى چۆكمەيدۇ . پەرى قىزنىڭ ئوتلارى، يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ . گۈلزارغا:مەن قۇمۇلغا بارغاندا ، گۈلزار ئۈزى باش بۇلۇر . ئۈزى زىلۋا شىپقىتەك . ھەممىمىزگە باش بۇلۇر مەرىپەتكە :باغدا گۈللەر ئېچىلدى ، چىكىڭىزگە قىسالامسىز . زوقلىنىپ قاراپ كۈلۈپ . كۆڭلىمنى ئاچالامسىز . ئۈزەمنىمۇ كۆردۈم مەن ، ئۇنسۇ دىگەن ناھيىدە . تەمتىرىدۇق يول بىلمەي ، كىچە كەلگەن مەھەللىگە . شام ئەپەندىمگە :كەلدىم بېسىپ قۇملۇقنى ، ئاقسۇلۇقنىڭ قوينىغا . تاشتەك قاتتى كاللاممۇ ، پېتىپ خىيال ئويلارغا . مۇلايىمغا :گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ ، يۈرەككە سانجىلاي دەيدۇ . مۇلايىمنىڭ يۈرەك ئۇتى ، تەنگە يامىشاي دەيدۇ . سىرداشقا :سىرداش ئىكەن ئۈزىڭىز ، جەلىپ قىلار سۈزىڭىز . قاينىغاندا چاينىمۇ . بىللە ئىچىپ يۇرىيمىز .
جىمىپلا كەتتىڭلارغۇ قېنى داۋامىنى باشلىغايسىلەر . |