كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 7

ئالاھىدە خۇشخەۋەر: ئىنتىل مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amarniyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 20:41  

                                     ئىنتىل مەكتىپى پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز ئوقۇتماقچى.

1.قۇبۇل قىلىدىغان كەسپ خەنزۇ تىلى.
2. ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2014- يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە.
3. دەرس باشلىنىش ۋاقتى 2014- يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە.
4. ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى 0991-2888344 گە ياكى 13999163031 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت
سوراپ ئاندىن كەلسە بولىدۇ.
مەكتىپىمىز 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈندۈزلۈك يىللىق سىنىپلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتكەن ئىدى. بۇ 1 يىلنىڭ ئىچىدە مەكتىپىمىز ئېنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر كەسپلىرى بويىچە
187 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 1 يىل مۇنتىزىم ھەقسىز تەربىيىلەپ چىقتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاپقۇسى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە
مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھەمدە ئۈرۈمچى داۋەن رايونىدىكى ئىنتىل ۋاكۇم ئالاھىدە ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل
قىلىدۇ. كەڭ دوستلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەپسىلىي ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1 . ئوقۇش مۇددىتى 1 يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى كەسپى بويىچە 1 يىل تەربىيىلىنىدۇ، 7000 يۈەن (يەتتە مىڭ يۈەن)  ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز.
2 . ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تىل دەرسلىرىدىن سىرت ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، ئېگىلىك تىكلەش دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىدا تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ھەر خىل لېكسىيە قاتارلىق ئىككىنجى دەرسخانا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇتۇش رايونى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ كۈندە مۇنتىزىم 6 سائەتتىن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4 . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىللىي كارخانىلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خىزمەتكە تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار، بىراق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر.
2. مەكتىپىمىزدە چوقۇم 8 سائەتتىن 1 يىل مۇنتىزىم ئوقۇيالايدىغانلار.
3. يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئىزاھات:
(1) تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئىنتىل مەكتىپىمىز بەرگەن مۇشۇنداق ئالتۇندەك ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىيەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ئېگە، غايىلىك، ئۈمىدۋار ياشلاردىن بولۇشى كېرەك.
(2) ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزگە كەلگەندە يوتقان - كۆرپە ۋە لازىمەتلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
(3) ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقىلى كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىنتىل مەكتىپىمىزگە چىقىرىپ بەرگەن قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزغا بۇ خۇشخەۋەرنى تېزدىن يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەت قوينىغا باشلاش ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ
دوستلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى بىر ئوقۇش ئارزۇسى بار قېرىندىشىمىزغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭىز مىللىي مائارىپىمىزغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقىنىڭىز!
مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!
ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى: ئابلەت ئابدۇللا (ئىنتىل)
2014- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى

شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
0991-2888344
13999163031
www.xjintil.com
WeChat: xjintil
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-19 23:10:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بۇ ئۇچۇر تېلفۇنۇمغا كىرىپتىكەن، بەك خوغ بولغانتىم، amarniyaz مۇئەللەئىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىغىنىدىن خوش بولدۇم، ئىنتىل تىل تەربىيىلەش مەركىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 23:36:56يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۈندىداردا ئۇققانتىم، كىيىن ئالىپ تورىغا كىرسەم شۇ يەرگە يوللىنىپتىكەن. بۇ مائارىپ  مۇنبىرى بولغاندىكىن كۆپرەك كىشىلەر پايدىلانسۇن دەپ كۆچۈرۈپ يوللاپ قويغان.
ۋاقتى: 2014-4-20 00:53:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 01:16  

        بۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ، لېكىن ئېقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشتىن مەھروم قالغان مىللى ياشلىرىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەن . ئەگەر ياش ۋاقىتلىرىم بولغان بولسا ، 1-بولۇپ بارار ئىكەنمەن . ئەپسوس !
        كەلدى ئەللىككە يېشىم ،
       چاچلىرىمغا كىردى ئاق .
       باراي دېسەم ئىنتىلغا ،
       دەيدۇ چۇقۇم ياق،ياق،ياق.
ۋاقتى: 2014-4-20 10:18:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتىل مەكتېۋگە ،ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى  ئابلەت ئابدۇللاغا كوپ تەشەككۇر.ئىنتىل مەكتېۋنىڭ ئىشلىرى تېخمۇ رۇناق تېپشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
ۋاقتى: 2014-4-20 14:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيۋاتقانلار ئۈچۈن ئالاھىدە خوش خەۋەر بوپتۇ. تورداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى كەڭ كۈلەمدە تارقىتىپ قويشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-20 23:20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتىل مەكتېۋگە ،ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى  ئابلەت ئابدۇللاغا كوپ تەشەككۇر.ئىنتىل مەكتېۋنىڭ ئىشلىرى تېخمۇ رۇناق تېپشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
ۋاقتى: 2014-4-21 13:19:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوقۇش ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن بەك ياخشى پۇرسەت ئىكەن .مىنىڭمۇ ئوقۇغۇم كىلۋاتدۇ،گەرچە ئۈزەم ئوقۇيلمىساممۇ بۇ خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۇزۇپ قوياي.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش