كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 2

(بىلىۋېلىڭ)زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن–سىن پىروگراممىسىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن–سىن پىروگراممىسىنى تارقىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

   
      جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى توسۇش، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق:
    1 . بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىسى زواۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۈن – سىن پىروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ، كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    (1) ‹‹غازات››، ‹‹ھىجرەت›› قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەر تەرغىپ قىلىنغان، باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكى، شۇنداقلا ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈشنى، قانۇن ئىجرا قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى ئۈن – سىن پىروگراممىسى؛
    (2) پارتلاتقۇچ دورا، پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال – ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلەر، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياساپ ۋە ئىشلىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىتىدىغان مەزمۇندىكى ئۈن – سىن پىروگراممىسى؛
    (3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى ئۈن – سىن پىروگراممىسى؛
    (4) زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى باشقا ئۈن – سىن پىروگراممىلىرى.
    2 . يان تېلېفون، كومپيۇتېر، كۆچمە ساقلىغۇچ، ئۈن – سىن قويغۇچ ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش، يوللاش، قويۇش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.
    3 . ئالاقە تورى پونكىتلىرى، مىكرو بىلوگ، ئاۋازلىق چايخانا، تور دېسكىسى شۇنىڭدەك QQ، ئۈندىدار قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ۋە تور ئادرېسلىرىنى، باغلىنىشلىرىنى كۆرۈش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، كۆچۈرۈش، ئۇلاپ تارقىتىش، ئېلان قىلىش ۋە يوللاش مەنئى قىلىنىدۇ.
    4 . يان تېلېفون بازىرى، كومپيۇتېر بازىرى، ئۈن – سىن بازىرى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ياساش، ساقلاش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
    5 . پوچتا، تېز يوللانما، يولۇچىلار (يۈك) تىرانسپورتى قاتارلىق ئەشيا يەتكۈزۈش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى توشۇش، سېلىپ قويۇش ۋە ئەۋەتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
    6 . زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ساقلىغانلار بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆزلىكىدىن ئۆچۈرىۋېتىشى، كۆيدۈرىۋېتىشى ياكى يوقىتىشى، ئۆزى ئۆچىرىۋېتەلمىگەن، كۆيدۈرىۋېتەلمىگەن ياكى يوقىتىۋېتەلمىگەنلەر زوراۋانلىق، تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى شۇ ئۈن – سىن بۇيۇمىنى بىر ئاي ئىچىدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى شەرت.
    7 . بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 2 –، 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
    8 . ھەر مىللەت ئاممىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن – سىن پىروگراممىسىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئاكتىپ مەلۇم قىلىشى كېرەك. راستلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، پاش قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ؛ جىنايەتچىلەرنى يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ پاش قىلغانلاردىن ئۆچ ئالغانلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.
    9 . بۇ ئومۇمى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   
پاش قىلىش تېلېفونى: 110
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى
    2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

http://news.163.com/14/0331/00/9 ... zy_35_bottomnewskwd

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-2 14:28:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تور ئارىلىۋېتىپ بۇ ئۇختۇرۇشنى كۆرۈپ قالدىم، ھەمدە بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. ھازىر كۆپچىلىكىمىز ئۈندىدارنى ئىشلىتىۋاتىمىز، يۇقارقى ئۇختۇرۇشقا زىت نەرسىلەردىن يىراق تۇرساق دىمەكچىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-2 22:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                        بىلېۋالدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش