baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 10286|ئىنكاس: 116

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!
  ( فېليەتون )
     ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.  
ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
    كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!
ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
    18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟
    ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.
    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟
    سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟
-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.
    شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟
    پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟
مەنبە:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=67060
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-2-5 19:25:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ! ھېچقانداق ئالىم  ياكى ئوغرى مۇئەللىمسىز ساۋادىنى چىقارغان ئەمەس !! ئاتا- ئانىلار ئۇقۇتقۇچىلار شۇنداق دەپ تۇرۇپ بىرەرسىمۇ ئۆز بالىسىنى ئۆزى ئۇقۇتالىغان ئەمەس!!!!!!!!!!!!

باھا سۆز

ناھايتى ياخشى يىزىپسز،ئوقۇتقۇچلار نامدىن سىزگە رەھمەت ئىيتىمەن.  ۋاقتى: 2012-6-28 15:03
ۋاقتى: 2011-12-23 00:26:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن بۇ.
ۋاقتى: 2011-12-23 20:51:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن...

باھا سۆز

تەلەپچان ئۇستازلار بەزىدە ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىقراق تەربىيە قىلىپ سالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈڭۈلسىزلىكمۇ بۇ  ۋاقتى: 2012-10-31 20:31
ۋاقتى: 2011-12-24 18:07:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇجەھەتتە بىرەر ئىشقا يۇلۇقتىڭزمۇ نىمە ؟ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2011-12-26 13:31:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن

باھا سۆز

بەك بەلەن يېزىپسىز، بەك تەسىرلەندىم  ۋاقتى: 2012-2-24 23:44
ۋاقتى: 2011-12-29 13:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىمۇ ئالامەت تاللاپتۇ، تېمىنى كۈرۈپلا بىر ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى. بىراق مەزمۇنىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن. دېمىسىمۇ ھازىر ئەھۋال شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ھازىر بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار باركى پەرزەنتلىرىگە ئازراقلا ئاچچىقلاپ قويساڭ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولغۇنىڭغا تويغۇزىۋېتىدۇ. بۇ ئادەملەرنىڭ قانۇن سەۋىيىسى «دەرىجىدىن تاشقىرى› يۇقىرى.ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە دېھقان،قانۇننى چۈشەنمەيدۇ.ۋاقتى سائىتى كەلگەندە سىزنى قانۇن ئارقىلىق ئالامەت تەربىيلەيدۇ.
مۇشۇنداق ياخشى فىليەتۇنلار بولسا يوللاپ تۇرايلى! روھىمىز كۈتۈرۈلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ھازىرقى زاماندا ئوقۇتقۇچى  راستىنلا ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام قىلشقا ئەرزىيدىغان كىشىمۇ ياكى ئون قەدەم يىراقلىقتىن ...........
ۋاقتى: 2011-12-29 13:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق كىشىلەرنى كۆرسەم شۇ...................
ۋاقتى: 2012-1-3 11:29:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن
ۋاقتى: 2012-1-25 22:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟
  سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟                                                                                                                                  فىليەتۇننى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،قەلىمىڭىزنىڭ كۈچىگە بارىكاللا. مەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن. سىزگە تەشەككۈر.قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا كۈز تەگمىسۇن.ئاللاھ ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.
                  

باھا سۆز

بۇنى مەن يازمىغان،مىسرانىم مۇنبىرىدىن بۇمۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن  ۋاقتى: 2012-2-5 20:41
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 13:46, Processed in 0.334700 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش