| مەكتىۋىمىز1935-يىلى8-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ،يېزا مەركىزىدىن8كىلومېتىريىراقلىقتا،ئومومى كۆلىمى14058كۋادىرات مېتىر،ئومومى قۇرلۇش كۆلىمى1243 كۋادىرات مېتىر،مەكتىۋىمىزدە23نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچى بار.بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى22نەپەر،ئىشچى1نەپەر،12 نەپەرپارتىيە ئەزاسى،1نەپەرئىتتىپاق ئەزاسى،257نەپەرئوقۇغۇچى،8سىنىپ(بۇنىڭ ئىچىدە 7قوشتىل سىنىپ)بار،مەكتىۋىمىز تارمىقىدا قوشتىل بالىلاريەسلىسى چوڭ سىنىپتىن 1، كىچىك سىنىپتىن1بولۇپ جەمئى91نەپەر دېھقان پەرزەنتىقوشتىل بويىچە ئۇل ھازىرلايدۇ. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدە 4نەپىرى تولۇق كۇرۇس،11نەپىرى ئالى تېخنىكوم،9نەپىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئالى دەرجىلىك ئوقۇتقۇچى6نەپەر،بىرىنجى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى13نەپەر،ئىككىنجى دەرىجلىك ئوقۇتقۇچى 4نەپەر،ئۇنۋانى يوقلار1نەپەر. يېتەكچى ئىددىيە: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە« ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا،ئادەمنى ئاساس قىلىشتا،«ساغلاملىق بىرىنچى»دېگەن يىتەكچى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ،پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،تەنتەربىيىنى ئەلالاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىك ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي،جىسمانىي،گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق،ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. خىزمەت نىشانى: قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن،مەكتەپتىكى تەنتەربىيە،سەنئەت سايمانلىرى ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلەرقۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ،دەرس ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر›› پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركۈنى مەكتەپتە بىرسائەت چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ،ھەركۈنى تەنتەربىيە،سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ۋە چېنىقىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شوخ،تېتىك،ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. كونكىرىتنى ئىشلەيدىغان خىزمەتلەر: 1. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەنتەربىيە،سەنئەت ‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى،مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،رايۇنىمىزمائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتنىڭ ئومومى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز. 2.مەكتەپتە ‹‹1+2تۈر››ىنى يولغا قويۇشنى تەنتەربىيە،سەنئەت دەرس ئىسلاھاتىغا كىرگۈزۈپ،تەنتەربىيە،مۇزىكا،گۈزەل-سەنئەت،ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يادرو قىلىپ،دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،دۆلەت ئىلان قىلغان دەرس پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەنتەربىيە،مۇزىكا،گۈزەل-سەنئەت،ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ۋاختىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز. 3.مەكتەپتە تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى يولغا قويۇشقا بولغان رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغا قەدەر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىمىز. 4. تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ،تەپسىلى بولغان يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىپ،لايىھە،پائالىيەت مەزمۇنى،سورۇن،مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ۋە باھالاش مەزمۇنى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 5. تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى،پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2››پائالىيەت تۈرىنى ئوبدان بىكتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت تۈر جەدىۋىلىنى سىنىپقا يوپۇشتۇرۇپ،ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە بىر تۈرلۈك سەنئەت پائالىيىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. 6.ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تاللىغان پائالىيەت تۈرىگە ئاساسەن،مەكتەپنىڭ مەشغۇلات ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش جەدىۋىلىگە بىرلەشتۈرۈپ،ھەربىر سىنىپنىڭ تەنتەربىيە،سەنئەت ‹‹1+2تۈر›› پائالىيىتى ھەرىكەت پىلانىنى سىنىپلارغا يوپۇشتۇرۇپ،ھەپتىلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش جەدىۋىلى بويىچە پائالىيەتلەرنى ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇرىمىز. 7.مەكتەپتە تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى چوڭ تەنەپپۇس ۋە دەرستىن سىرىتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ،‹‹1+2››تۈرىنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئورگانىك سىڭدۈرۈپ،‹‹1+2››تۈرىنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرىمىز. 8. مەكتەپتە باربولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،مۇزىكا،تەنتەربىيە گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكى،چامباشچىلىق ئەترىتى، ھۆسنىخەت،رەسىم كۇرژۇكى، مەكتەپ تەنتەربىيە ئەترىتى، سەنئەت ئەترىتى،قاتارلىق كۇرژۇك گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ،ھەممە ئادەمنىڭ تاللىغان تۈرى بولۇش،ھەممە جايدا پائالىيەت بولۇش،ھەرۋاقىت مۇسابىقە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. 9.مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىللىرى ۋەسىنىپ مۇدىرىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ تەنتەربىيە،سەنئەت‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى باھالاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. 10.مەكتەپتە ھەريىلى ئىككى قېتىم مەكتەپ خاراكتىرلىك تەنھەرىكەت يىغىنى،بىرقىتىم مەكتەپ خاراكتىرلىك ئەدەبىيات –سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ،ھەرمەۋسۇمدا بىرقىتىم يەككە تۈرلەر بويىچە مەدەنىيەت،تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ،شەكلى كۆپ خىل،مەزمۇنى مول،تىتىك بولغان دەرستىن سىرىتقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىنى بىيىتىپ،ئوقۇغۇچىلارغا سەھنەھازىرلاپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ ئۆزئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىمىز. 11. ‹‹1+2تۈر››پائالىيىتى بىلەن مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە،سەنئەت خاسلىقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ،مەكتەپنىڭ نوقتىلىق تەنتەربىيە تۈرى،ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ،تەنتەربىيە،سەنئەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،مەكتەپ خاسلىقىغا ئىگە تەنتەربىيە،سەنئەت پائالىيەت سېستىمىسىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرىمىز. 12.مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىىەتەرلىك ھەممىدىن ئەلا دىگەن مەسئۇلىيەت ئىڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە،سەنئەت ‹‹1+2تۈر››پائالىيىتىنى تەشكىللەش جەريانىدا پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش،رىمونت قىلىش،پائالىيەت مەزمۇنىنى تاللاش،پائالىيەتنى تەشكىللەش،باشقۇرۇش ۋە تىببى داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ،تۈرلۈك بىخەتەرلىك كاپالەت تۈزۈملىرى ۋە جىددى ئەھۋالنى بىرتەرەپ قىلىش تەييار لايىھىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كىشى بىشىغا قەدەرئەمەلىيلەشتۈرۈپ،سورۇن ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرۈپ،بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋىپلەرنى تۈگۈتۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربيىسىنى كۈچەيتىپ،ئىنىق تەلەپ قويۇپ،پائالىيەت جەريانىدا تاساددىبى زەخمىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
|
|