كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 0

پۇقرارلار رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق 10 خىل مەمۇرىي جازا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇقرارلار رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق 10 خىل مەمۇرىي جازا

مەمۇرىي ئورگان بەرگەن مەمۇرىي جازانىڭ قانۇنىي ئاساسى بولمىسا ياكى ئۇنىڭدا قانۇن تەرتىپىگە ئەمەل قىلىنمىغان بولسا، پۇقرارلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازانى رەت قىلىپ،ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ:

   1. مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۈرگۈزىدۇ. باشقا مەمۇرىي ئورگانلار بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزمەكچى بولسا، ئالاقىدار كىشى رەت قىلسا بولىدۇ.
2. ئالاقىدار كىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر ئىشىغا ئىككى قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛
3. 14 ياشقا توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ، بالا ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تەربىيىلىنىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛
4.روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، ئۇ ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛
.5.مەمۇرىي جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىككى يىلغىچە سېزىلمىگەن بولسا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۇدا يۈز بەرگەن ياكى داۋاملاشقان بولسا، مۇددىتى ئاخىرقى قېتىم جىنايەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ؛
6. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىن ئىلگىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىكى پاكىت، سەۋەب، ئاساس ۋە ئالاقىدار كىشىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ ئالاقىدار كىشىگە ئېيتمىغان بولسا ياكى ئالاقىدار كىشىنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان بولسا، مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛
7. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا جەرىمانە قويغان بولسا، جەرىمانە قويۇلغان كىشىگە ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر مالىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونىنى بەرمىسە، ئالاقىداركىشى جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
8. مەمۇرىي ئورگانلار ئالاقىدار كىشىلەرگە جەرىمانە قويغاندا، مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلغاندا ساختا جەرىمانە تالونى ئىشلەتكەن بولسا، ئالاقىدار كىشى بۇنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق
9. پۇقرالارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلگەندە، قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىشى، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك؛
10. قالايمىقان مەبلەغ توپلاش، سېلىق سېلىش، تەستىق سېلىش، رۇخسەت قىلىش، ھوقۇق بېرىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە ئورۇنلار مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش