| ئەي يىگىت ئاگاھ بولۇڭ ،ئاپەت كەلدى 1981-يىلى ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى تەن سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن ياش بەچچىۋازلار ئىچىدىن بىرخىل غەلىتە كېسەللىكنى بايقىغان.بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا،ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولغان.ھەرخىل داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كېلىنكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ھەل قىلالمىغان.بىمارلار تېزلا ئۆلۈپ كەتكەن.شۇنىڭدىن كېيىن زەھەر چەككۈچىلەر ۋە قانىغاق كېسىلى بىمارلىرى ئارىسىدىمۇ بۇخىل غەلىتە كېسەل كۆپلەپ بايقالغان.بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى تېز،ئۆلۈش نىسپىتى يۇقۇرى بولۇپ،جەمىئيەتكە زور زەربە بولغان.كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە ۋە ئالاقىزادىلىك پەيدا قىلغان.نۇرغۇن دۆلەتلەر زور مەبلەغ ئاجرىتىپ،بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققەدە ئىزدەنگەن. 1982-يىلى تېببى ساھەدىكىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ قورقۇنۇچلۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىۋاتقانلىغىنى دەلىللىگەن.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل كېسەلنى<<جىنسىي ئىممۇنىتېت كەم بولغان يىغىندا كېسەللىك ئالامىتى(سدرۇم)>>دوپ ئاتىدى.<<ئەيدىز>>مانا مۇشۇ كېسەلنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى. 1987-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىزكېسىلىنىڭ تارقىلىش دىئاگراممىسىنى ئېلان قىلدى.بۇ دىئاگراممىدىن مەلۇم بولىشىچە،23دۆلەتتە ئەيدىز كېسىلى پەيدا بولغان. شۇ چاغدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى ھاۋدىن.مارى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي<<ئەزرائىل كەلدى،ئەزرائىل كەلدى!>>دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كېسەل تېزلىكتە يامراپ،ھەددى-ھېساپسىز ئادەملەرنىڭ بىمەھەل ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان.غاربلىكلەر بۇ كېسەللىكنى<<ۋەھىمە كېسىلى>>،<<دەرىجىدىن تاشقىرى راك>>،<<يىگىىرمىنچى ئەسىر ۋاباسى>>دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. مانا شۇ قورقۇنچلۇق ئاپەت جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدىن چەتتە قېلىپ، ئۆز تىرىكچىلىكى يولىدا تىرمىشىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارنى،ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق،ئۇيغۇر ياشلىرىنى ناھايتى ئاسانلا تېپىۋالدىھەم ناھايىتى تېزلىكتە كېڭىيىپ،پۇتۇن شىنجاڭنىڭ پۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قەدەر يېتىپ باردى.بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى خېروئىن چېكىش ۋە بۇزۇقچىلىق دېگەندەك ئەڭ ناچار قېلىقلار ئىدى.ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ياش-ئەۋلادلىرى ئارقىلىق پەخىرلىنىشكە ھەقلىق،ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ ئەنە شۇنداق پەخىرلەنگۈدەك ئاجايىپ ئېسىل يىگىتلىرىمىز بار.ئۇلار ئەڭ قىيىن جاپالار ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي،ئۆزىنىڭ قىممىتى،غۇرۇرىنى ساقلاپ،ئاتا-ئانا،ۋەتەن،مىللەت ئالدىدا يۈزى يورۇق بولغۇدەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلماقتا.شۇنداقتىمۇ ھازىر خېروئىن چېكىدىغان ياشلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىساق ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئويلىساق كۆڭلىمىز ئەلۋەتتە يېرىم بولىدۇ.بىز ئەسلىدە بۇزۇقچىلىقلارنىھەممە مىللەتنىڭ ئالدى بولۇپ،ئاسانلا قوبۇل قىلىدىغان مىللەت ئەمەس ئىدۇق.بىزنىڭ خېلىلا پۇختا ئاساسقا ئىگە ئەخلاق كاتېگورىيىمىز،دىنى ئېتىقادىمىز بار ئىدىغۇ؟ئەمدى نېمە بولۇپ ئۆز ئىچىمىزدىن يىگلەشكە باشلىغاندىمىز؟ يىگىتلىرى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇغان ئەل-ۋەتەن ئالدىدىكى مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان. مىللەتنىڭ قىزلىرىمۇ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىگۈدەك بولۇپ قالىدۇ.بۇرۇنقى يىللاردا بىر مەھەللىھە يات ئەرلەر كەلسە ،شۇ مەھەللىدىكى يىگىتلەر ئۇ ئەرنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىكى قىزلارغا پوخۇرلۇق قىلىشىغا يول قويمايدىكەنتۇق.ئەگەر ئۆز مەھەللىسىدىكى قىزلار تاپتىن چىقىپ كەتكىلى قوپسا،ئۇنى ئەدەپلەپ قويالايدىكەنتۇق.شۇڭا ھەر قانداق مەھەللىدىكى قىزلار ئۆز مەھەللىسىدىكى يىگىتلەردىن ئەيمىنەتتىكەنتۇق.پەقەت ئاشكارە توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن باشقا يىگىتلەر بىلەن بىرگە ماڭسا،پاراڭلاشسا بولىدىكەنتۇق.بىراق ھازىرقى دەۋردە بۇ گەپنىڭ كۈلكىلىك تويىلىدىغانلىقى ئېنىقئچۈنكى بۇ دېگەن يېڭى زامان، كۆز قاراشلار يېڭىلانغان دوۋر-دە!شۇڭا يىگىتلىرىمىز ئۆزى بىلگەن يولدا، قىزلىرىمىزمۇ ئۆزى بىلگەن يولدا. ھازىر بىزنىق بىرقىسىم يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىزنى ئاسرىماقتا يوق،ھەتتا ئۇلارنى ئۆزلىرى ماڭغان ھالاكەت يولىغا ھەمرا قىلماقتا.شۇڭا قىزلىرىمىز ئىچىدىمۇ ئاق چېكىشلەر،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشلار ئەۋج ئالدى.بۇنىڭغا قارىتا ئازاپلانغان ياش شائىرىمىز مۇتەللىپ ماڭسۇر<<ئون سەككىزگە كىرگەن قىزلار ئاق چەكسە...>>ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ بەلكى بولماس بۇنىڭدىن ئارتۇق پاجىئىە، ئون سەككىزگە كىرگەن قىزلار ئاق چەكسە. مىسلىسىز بىر گۈزەل ناخشا توزۇيدۇ، ئون سەككىزگە كىرگەن قىزلار ئاق چەكسە.
گۈزەل بىر باغ خازان بولار تۇماندا، باغۋەن قالار پۈتمەس ئاچچىق پىغاندا. ئەتتىرگۈلدىن نىشان قالماس جاھاندا، ئون سەككىزگە كىرگەن قىزلار ئاق چەكسە. قىزلارنىڭ خارابلىشىشى يىگىتلەرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئەھۋالدۇر.ئەخلاقسىزلىق خېروئىن چېكىشكە،خېروئىن چېكىش ئەيدىزگە.ئەيدىزئۆلۈمگە سۆرەپ بارىدۇ.ئاگاھ بولۇڭلاركى يىگىتلەر،ئەزرائىل ئاۋۋال سىلەرنى تاپمىسۇن.ھاقارەتنى،ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلار چىللىماڭلار! |
|