baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 1192|ئىنكاس: 25

سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق دەرس تەييارلىق ۋە دەرىسلىك دېتالى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ 4- يىللىق 1- ماۋسۇم 9- دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن توردىن توپلىغان ماتىرياللارغا ئاساسەن ئىشلەندى. قۇشۇمچە ماتىريالغا كۆرسەتمە ئورگىنالى، دەرس تەييارلىقى، ئاۋاز ۋە فىلىم ھۆججىتى قوشۇپ يوللاندى.
سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق

1.jpg

ھاۋا سوغۇق لەپىلدىشىپ يېغىشماقتا قار ،
ھۆكۈم سۈردى قاراڭغۇلۇق ھەريەردە شۇئان .
بولغاچقىمۇ يىڭى يىل ھارپىسى بۇ كەچ ،
كۆرۈنمەيتتى ھېچ كىشى يوللارمۇ پىنھان .

قاپقاراڭغۇ ھەم سوغۇق جىمجىت كىچىدە ،
ساتماق بوپ ماڭغانتى بىر قىز سەرەڭگە .
يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى ئۈستى يالاڭباش ،
قاتتىق سوغۇق پۇت-قولىنى بويدى ھەر رەڭگە .

ئايرىلغاندا ئۆيىدىن ئۇ كەيگەن ساپما كەش ،
لىكىن نېمە رولى بولسۇن ئۇنىڭ پۇتىغا .
قاياقتىندۇر چاپتۇرۇپ ئات كەلدى پەيتۇنكەش ،
قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇ ئالدى دالدىغا .

دەل شۇ چاغدا چۈشۈپ قالدى كەشىنىڭ بىرى ،
شۇنچە ئىزلەپ تاپالمىدى كەشىنى بىراق .
ئېلىپ قاچتى كەشىنىڭمۇ يەنە بىر پېيىنى ،
كەپسىز بالا قېچىپ كەتتى يىراقتىن يىراق .

بىچارە قىز كىچىككىنە پۇتلىرى بىلەن ،
يالاڭ ئاياغ يول يۈرۈشكە بوپقالدى مەجبۇر .
ئېغىر قىسمەت ، كۈلپەتلەر كەلگەندە باشقا ،
ئويلاپ بېقىڭ كىم ئويلىماس ياشاشنى مەغرۇر؟.

بىرەر قاپمۇ سەرەڭگە ئالمىدى ھېچكىم ،
ۋەيا ھېچكىم بەرمىدى ئاڭا بىر تىيىن .
قاتتىق سوغۇق سانجىغاچمۇ نەشتىرنى ئاڭا ،
قىزچاقنىڭمۇ يول يۈرشى بوپقالدى قىيىن .

ئاچ قورساق ، تىترگەن ھالەتتە قىزچاق ،
ماڭاتتى ئۈمۈتدتە ئەتراپقا قاراپ .
ھەققى ئېچىنىشلىق بۇخىل كۆرنۈشكە ،
ئايمۇ ھەم ئىچ ئاغىرتىپ قارايتتى ماراپ.

يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان ئۇزۇن بۈدۈر چاچ ،
ئالتۇن رەڭدە گۈزەللىك بېغىشلار ئاڭا .
لەپىلدەپ ياغقان ئاپئاق قېلىن قار ،
توختىماي چۈشمەكتە ئۇنىڭ چېچىغا .

دەرىزىدىن كۆرىنەتتى چىراق يۇرۇقى ،
دىماقلارغا ئۇرۇلاتتى كاۋاپ پۇرىقى .
دىمىسىمۇ بۇ كېچە يىڭى يىل ھارپىسى ،
قازانلاردا قاينايدۇ غازنىڭ شورپىسى .

تۈگۈلۈپ تام تۈۋىدە ئولتۇردى يالغۇز ،
ھىس قىلغاندەك قىلاتتى تېخىمۇ مۇزلاپ .
«كېتەيچۇ» دەپ ئويلىدىيۇ بولمىدى جۈرئەت ،
تۇرۇپ قالدى تامغا يۆلنىپ يەنىلا مۇزلاپ .

پايدا يوقتى ئۆيىگە قايتقىنى بىلەن ،
ئۆيگە بارسا ئۇرىدۇ دادىسى دېگەن.....
تۆت ئەتراپى شاخ-شۇمبا ،ئۈستىنى پاخال ،
نېمە پەرقى بۇ ئۆينىڭ كوچىلار بىلەن .

مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قىزچاقنىڭ قولى ،
سۇغرۇپ ئالدى ئۇ قاپتىن سەرەڭگە تېلى .
كۈچەپ بىر رەت سۈركىگەنتى تامغا سەرەڭگە ،
«ۋىژژىدە» قىلىپ ئوت ئالدى ئىللىدى قولى .

ئاھ نىمانچە ئىسسىق ئوت يالقۇنى بۇ ،
ئوخشايتتى ئۇ گوياكى يوغان بىر شامغا .
ئىسسىتماق بوپ قولىنى سۇنغانتى بىراق ،
ئۆچتى ئوتمۇ قالدى ئۇ يۆلىنىپ تامغا .

كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى ئىسسىق چۈيۈن مەش ،
تال سەرەڭگە ئۆچۈش بىلەن بوپكەتتى غايىپ .
ەەرچە تېخى ئىسسىمىغان بولسىمۇ پۇت-قول ،
كەتمىدى ئۇ ھەرگىزمۇ چالۋاقاپ كايىپ .

يەنە بىر رەت سەرەڭگىنى سۇركىدى قىزچاق ،
سەرەڭگىمۇ يېنىپ يۇرۇق نۇر چاچتى تامغا .
تام يۈزىمۇ خۇددى نىپىز سۈپسۇزۇك شايى ،
قارىيالىدى ئۇ بىمالال ئۆيدىكى تامغا .

ئاپئاق قاردەك داستىخان سېلىنغان شىرە ،
چىن-تەخسىلەر تىزىلغانتى رەت رېتى بىلەن.
پىشقان ئالما ،تاتلىق كىشمىش سېلىنغان چىنغا ،
بۇ داستىخان موللاشقانتى غاز كاۋپى بىلەن .

سەكرەپ چۈشتى شىرەدىن بۇ غاز كاۋىپى ،
دۈمبىسىگە ۋىلكا ، پىچاق سانجىلغان تۇرۇپ .
ئىرغاڭلىغاچ مېڭىپ كەتتى قىزنىڭ ئالدىغا ،
خوشال بولدى قىزچاقمۇ ھەم كۆزلىرى يۇرۇپ .

غايىپ بولدى قىزچاقتىكى بىردەملىك خوشلۇق ،
بىرەتتى بۇ سەرەڭگىنىڭ ئۆچكىندىن دېرەك .
كۆرۈنمەيتتى قىز ئالدىدا شۇچاغ ھېچنىمە ،
ئەشۇ قېلىن ھەم سوغۇق لاي تامدىن بۆلەك .

ياندۇردى ئۇ سەرەڭگىنى ئادىتى بۇيچە ،
ئولتۇراتتى ئۇ بۇ نۆۋەت ئارچا تۈۋىدە .
كۆرگىندىنمۇ چىرايلىك ئدى بەك ھەيۋەت ،
ئۆتكەن مىلاد بايرىمىدا سودىگەر ئۆيىدە .

ياپيېشىل شاخلىردا مىڭلىغان شانلار ،
چاقنىشىپ تۇراتتى يېنىپ يۇلتۇزدەك .
ھەرخىل رەڭلىك سكرەتلەر شۇدەم ،
بىلىنەتتى خۇددى ئاڭا قاراپ تۇرغاندەك .

قىز سۆرەتكە قولىنى سوزىشى بىلەن ،
ئۆچۈپ قالدى يەنە شۇ سەرەڭگە دېگەن...
پەقەت شامنىڭ نۇرىلا بارغانچە ئۆرلەپ،
بەس تالاشتى كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن .

بۇ بىر تۈركۈم يۇلتۇزلاردىن تۇساتتىن بىرى ،
ساقىپ كەتتى ھاسىل قىلىپ ئۇزۇن ئوتلۇق ئىز .
شۇ ئەسنادا ئەسلەپ قېلىپ مومىسنەڭ سۆزىنى ،
تىترەك باستى قورقۇپ كەتتى بۇ بىچارە قىز .

«پات ئارىدا كىمدۇر بىرى ئۆلىدىغان بولدى» ،
دەپ ئويلىدى قىز كۆڭلىدە ئاسمانغا قاراپ .
چۈنكى موماي سۆزلەپ بەرگەن ھايات ۋاخىتىدا ،
يۇلتۇز كۆچسە كىتەر بىر روھ ئىگەمگە ياراپ .

سۈركىدى ئۇ يەنە بىر رەت سەرەڭگە تامغا ،
قىزچاق كۆردى مومىسىنى يۇرۇق نۇر ئىچىدە .
دەل شۇ چاغدا ئاجايىپ مىھرىبان ئىللىق ،
كۆرۈنگەنتى موماي قىزغا مۇشۇ كىچىدە .

خوشاللىقتىن ياش تۆككەچ بىچارە قىزچاق ،
جانلاندى ئۇ باشقىچە زور ئۈمۈد بىلەن.
«مۇما» دەپ توۋلىدى ھاياجانلىنىپ ،
ئاشاپ يوق جايلارغا كىتەي سەن بىلەن .

...................................................
تۈن يۇرۇپ «ئوتقاش»تەك قىزاردى شەرق ،
بەك مەيۈس ھالەتتە كۆتۈرۈلدى قوياش .
گوياكى ماتەمدار جىمى كائىنات ،
قىز ئۈچۈن سېخى نۇر چاچاتتى قوياش .


شېئىر مەنبەسى يانغىن مۇنبىرىدىكى ئابلەت ئوسمان يازغان
تېما سېتىۋېلىشھازىرغىچە 8 ئادەم سېتىۋالدى  بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 3 دانەتىللا تۆلىشىڭىز كېرەك
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-4 19:32:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ. مۇشۇ دەرسنى ئۆتۇشكە تۇلۇق ماتىريال بىلەن تەمىنلىنىپتۇ.رەھمەت سىزگە.

باھا سۆز

ئەرزىمەيدۇ  ۋاقتى: 2012-8-4 23:15
ۋاقتى: 2012-8-4 19:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۇرۈپ ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىلىرىغا سوۋغا قىلسام بولغىدەك

باھا سۆز

ئەرزىمەيدۇ  ۋاقتى: 2012-8-4 23:16
ۋاقتى: 2012-8-4 20:35:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېريال يوللاپسىز ئەدەبىيات ئۇقۇقتۇچىلىرىغا ياخشى سوۋغا بوپتۇ بۇ !

باھا سۆز

ئەرزىمەيدۇ  ۋاقتى: 2012-8-4 23:16
ۋاقتى: 2012-8-4 23:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرىيالكەن  ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈن ياخشى ماتىريالكەن رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-8-5 12:09:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، نېمە دېگەن تەسىرلىك... مۇشۇ دەرسنى ئۆتۈشتە ياخشى ماتېريال بولغىدەك.يارايسىز.

باھا سۆز

پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-5 12:55
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-5 12:55:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-5 12:09
بۇ شئېرمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، نېمە دېگەن تەسىرلىك... م ...

پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ
ۋاقتى: 2012-8-5 13:16:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يوللاپسىز .
ۋاقتى: 2012-8-19 15:47:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بەك ياخشى تىمىكەن ،قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن!
ۋاقتى: 2013-4-14 23:28:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت سىزگە بۇ دەرىسنى ئۆتۈش ئەمدى بەك ئاسان بوپتۇ، ئەتىراپلىق يەيارلاپسىز .............................
................................................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 12:40, Processed in 1.437398 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش