كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 2

 ئاياللاردىكى ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 
  
1. قۇرۇق خىيال قىلماي دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭ

كۈن بويى قۇرۇق خىيال قىلىپ، ‹‹ئۇ زادى مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ›› دەپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن كۆرە، تەشۋىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۇنىڭدىن سوراپ بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى.
قارشى تەرەپ ئويۇن – تاماشىغا ئامراق بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى سورىمىسىڭىز قىلچە نەتىجە قازىنالمايسىز. سوراش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىت ياكى كەيپىياتنى كۈتۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئادەتتە پاراڭلاشقاندەك تەبىئىي سورىسىڭىزلا بولىدۇ. مەقسىتىڭىزگە يېتەلىسىڭىز تېخى ياخشى، يېتەلمىسىڭىزمۇ ئۆكۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
2. جەلپكارلىقىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز ئۇ سىزگە باشقىچە نەزەردە قارايدۇ

بەلكىم ئۇ سىزنى چىرايلىق دەپ قارىسىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى، ئارىلاپ باشقا بىرىگە كۆز تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن. بىراق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز نازاكەتلىك بولۇپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولسىڭىز، سىزگە بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى چاغلاردا ئۇزۇن ۋاقىت بىللە بولۇش سەۋەبلىك ئۇ پۇرىقىڭىز، ئىش – ھەرىكەتلىرىڭىزگە كۆنۈپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىز تۇيۇقسىز نازاكەتلىك بولۇپ، روھىي – ھالىتىڭىزنى ياخشىلاپ، مۇلايىم، سىلىق – سىپايە بولۇپ ئۆزگەرسىڭىز تەبىئىيلا ئۇ سىزگە باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بولىدۇ.
3. مۇۋاپىق ماختىسىڭىز ئۇ ئەتراپىڭىزدا تېخىمۇ پەرۋانە بولىدۇ

ھەر قانداق كىشى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەر كىشىنى نەچچە ئېغىز ماختاپ قويسىڭىز ئۇ سىزنى ‹‹قەدرىمنى ھەقىقىي چۈشىنىدىكەن›› دەپ ئويلايدۇ. دەرۋەقە ماختاشمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەك. بەك كۆپ ماختىۋەتسىڭىز ئۇ يالغاندىن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ، ھەرگىز يۈرەك سۆزى ئەمەس، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئاندا – ساندا، مۇۋاپىق ماختاش ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىغا چۆمدۈرۈپ، كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. بىر جۈملە ماختاش سۆزىنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ، مۇشۇ بىر ئېغىز ماختىشىڭىز بىلەن ئۇ سىزنى باشقا ئاياللاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ، تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن.
4. ئۇنى قەستەن ئەركىن قويۇۋېتىپ، پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ

ئەر كىشى سىرتتا كۆڭۈل ئاچقاندا، سىزمۇ ئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى مۇۋاپىق رەت قىلىڭ ياكى سۆزىگە ياق دەپ جاۋاب بېرىڭ. بەزىدە سوغۇق مۇئامىلە قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇمۇ تەبىئىي ھالدا جىددىيلىشىدۇ.
5. سىرلىق بولۇۋېلىپ ئۇنىڭغا ‹‹تېپىشماق›› تاپقۇزۇڭ

كىشى تېگىگە يەتمىگەن نەرسىگە بەكرەك قىزىقىدۇ، ئەكسىچە بەش قولدەك تونۇش بولۇپ كەتكەن نەرسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ئازراق سىرلىق بولۇۋالسىڭىز ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا يېڭى، خۇشال تۇيغۇ ئاتا قىلىسىز، ئۇمۇ سىزنى ھەربىر كۆرگەندە يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ – دە، ئىختىيارسىز جورا بولۇشقا ئەرزىيدىكەن، دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ. سىزگە ناھايىتى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىزگە بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يېنىڭىزدا ئېلىپ قېلىش ئانچە قىيىن بولمايدۇ.
كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ يەڭگىللىك قىلماڭ، بولمىسا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىڭىزنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىسىز. ئاياللار تەدبىرلىك، ماھارىتى ئۈستۈن بولسىلا ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل خۇشى تىپىدىكى مۇھەببىتىنى ھەقىقىي سۆيگۈگە ئايلاندۇرالايدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-24 13:06:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن  ئۇندىدار سالۇنغا  يوللاپ قويدۇم
ۋاقتى: 2014-2-24 19:05:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز ، ھارمىغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش