| خوتۇن ئومۇمنىڭ مۈلىكى ئەمەس بۇرادەر ، توي كۈنى خۇتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر . شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغالا تەئەللۇقسىز. بەزىلەر ئىشلايدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ئېرى ، يېرمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالدۇ ھەجۋى قىلىپ . ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇمەلۇم بىر ئىدارە - ئورگانغا نىسبەتەن ھەقلىك مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، ئەمما نىكاھ ۋە ئەر- ئاياللارنىڭ بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە دەخلسىزدۇر ، مۇتلەقتۇر . شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بۇلۇڭ . مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كىلدىكەن ، مېھمان كۈتىدىكەن دەپ خوتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپ ، ئۆيىدە پۇشۇلداپ ئولتۇردىغىنىنى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خېلى كۆپ كۆرگەنمەن. ئەمما سىز مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەر بولدىغان بولسىڭىز ، ئايالىڭىزنىڭ ئىدارسىدىكىلەرنىڭ ھەر قانداق باھالاش ، كۈتىۋىلىش شەكلىدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا سىز سىز قاتنىشىشىغا يول قويماڭ . مەن بۇنداق كۈتىۋىلىش شەكلىدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيتىنى ئۇبدان بىلىمەن . ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا سىزلا بەھىرلىندىغان مۇتلەق نېممەتكە ئايلاندى . ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ بەھرلىنىشىگە ، كۆڭۈل ئىچىشىغا يول قويماڭ . شۇنداقلا ئايالىڭىزسىز سىزمۇ مۇنداق ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماڭ . سىز ئۆزىڭىز ھەر يەر - ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ ئايالىڭىزنى مېنىڭ خىزمىتىمنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ، بۇ ئادالەتسىزلىك ھېساپلىنىدۇ ھەمدە ئۇڭايلا ئايالىڭىزدىمۇ قارشلىشىش ، شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ بىقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما .......... بەزى سورۇن ، يىغىلىش ، قاتنىششىلارغا بېرىش زۆرۈر بۇلۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خۇتۇنلىرى بىلەن تانسا ، ئۇسول ئويناشتىن ساقلىنىڭ . شۇنداقلا خۇتۇنىڭىزنىمۇ ئومۇمنىڭ مۈلكى ، كىم ئوينىسا بۇلىۋېردىغان ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ . بىزدە خۇتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ، ئۆزى بىر تەرەپتە تۇرۇپ خوشلۇقتىن ئېغىزى كېلە بىلىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس . ھەتتا بىرەر باشلىق خۇتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا ، خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ، باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈنۈپ كىتىدىغان ئەرلەرمۇ ، ئۆزى ئۆيىدە داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇردىغان خۇتۇنى رېستۇراندىن ، خەق بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ بەزمىخانىدىن كېلەمەيدىغان ئائىلىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ........... بۇرادەر ، ئۇنتۇماڭ ۋە دىققەت قىلىڭكى ، خۇتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس . خۇتۇن ئەر بولغۇچىغىلا تەۋە. ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ، شۇنىلا كۈتىشى ، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئىچىشى كېرەككى ، يات ئەرلەر بىلەن تانسا ، ئۇسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك . يات جىنىسلىق ئەلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تۇلا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا - بارا غەيرى سېزىمدا بولماس ، ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ، نارازى بۇلۇشقا خۇشتار بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەمدە ئۇچرىشىش ، ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۈپىيىپ ، ئۆيدىن ، سىزدىن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىيمىگە ، گىرىمگە ، ئەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بۇپ قالىدۇ - دە ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كىتىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بىقىڭ ، رىستۇرانغا ، يات ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشلىرىغا ئامراق خۇتۇنلارنىڭ قايسى بىرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكىن ؟ قايسى بىرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلدىكىن ؟ ............ ئايالىىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنۋىلىڭ . ئۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىدىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن . ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ، ئائىلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن دۇسىت يوق . سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بۇلىدۇ. ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قىلىڭ . ئۆز دائىرىڭىزدە كونتىرول قىلۋىلىڭ . بولمىسا ئۇ ئەتە - ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم ، يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن |
|