| ئېبىنخائۇس ئۇنتۇش قانۇنىيتى ئېبنخائۇس گىرمانىيلىك داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى ،شۇنداقلا ئەستە ساقلاش ھەققىدە سېستىمىلق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئادەم .ئۇنىڭ ئەستە ساقلاش تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق تۆھپىسى : «ئەستە ساقلاش قانۇنىيىتى » شۇنداقلا «ئېبىخائۇس ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى »نى سىزىپ چىققانلىقىدۇر .ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ھەرقانچە ياخشى ئادەممۇ ھامان ئۇنتۇش جەريانىدىن ئايرىلالمايدۇ .بىراق قاچان ئۇنتۇشقا باشلايدۇ ؟قانداق قىلغاندا ئۇنتۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ ؟قانداق ئۆگەنگەندە ئۆگۈنۈشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ ؟تۆۋەندە بىز بۇسۇئاللارغا ئېبىخائۇس ئۇنتۇش قانۇنىيىدىن جاۋاپ ئىزدەيمىز .ئىبىنخائۇس ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى ۋاقىت ئارلىقى ساقلىنىش پىرسەنتى ئۇنتۇلۇش پىرسەنتى 20مىنۇت %58 %42 بىر سائەت %44 %56 توققۇز سائەت 36% %64 بىركۈن 33% %66 ئىككى كۈن 28% %72 ئالتە كۈن 25% %75 31كۈن 21% %79 سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۋاللايمىزكى ئۇنتۇش سۈرئىتىنىڭ ئەڭ تىز ئارلىقى 20مىنۇت ،بىرسائەت ،24سائەت ئايرىم -ئايرىم 42% ،56% 66% ،2- 3166% كۈن ئارلىقىدىكى ئۇنتۇش تۇراقلىق ھالدا 72% - 79% ئارلىقىدا بولغان .ئۇنتۇش دەسلەپتە تىز كىيىن ئاستا بولغان . ئانالىز قىلىش ئارقىلق شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدىكى تەكرار قىلشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاختى ماتىريال كۆرگەندىن كىيىنكى 1~24 سائەت ،ئەڭ كىچىككەندىمۇ 2كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كىرەك ،بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە كۆرگەن ماتىريالنىڭ 72% تى ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ ،قايتا تەكرار قىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋېتىدۇ .بىز بۇۋاقىتتا تەكرار قىلغىنىمىزدا يېڭى بىلىمگە دۇچ كەلگەندەك بۇلىمىز ،كىيىن بىز تەكرار قىلغان ۋاختىمىزدا ئاڭلىق رەۋىشتە بۇقانۇنىيەتنى ئىشلەتسەك ،نىمە ئۈچۈن كۆرگەن نەرسىلىرىمىزنى ئاسان ئۇنتۇپ كىتىدىغىنىمىزغا جاۋاپ تاپالايمىز . مەنبەسى :ئەستە ساقلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى |
|