كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 2

سىز رەھبەر بۇلۇشقا مۇناسىپمۇ ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      سىز رەھبەر بۇلۇشقا مۇناسىپمۇ ؟
1.باشقلار سىزنى ياردەمگە چاقىرسا ناھايتى ئاز رت قىلامسىز ؟
2.باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،ئۆزىڭىزنىڭ توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ،پىكىر بايان قىلىشنى خالىمامسىز ؟
3.؟سىز ئادەتتىكى قانۇن تۈزۈملەرگە بويسۇنامسىز
4.سىزدائىم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورامسىز ؟
5.ئەگەر بىرسى سىزنىڭ كىيگەن كىيىمىڭىزنى زاڭلىق قىلسا سىز ئۇكىيىمىڭىزنى قايتا كىيمەمسىز ؟
6.سىز مەڭگۈ مودىنىڭ ئالدىدا ماڭامسىز ؟
7.سىز ئىلگىرى ئۆزى چىرايلىق ،ئەمما ئادەمنى راھەت ھىس قىلدۇرمايدغان كىيىملەنى كىيىپ باققانمۇ ؟
8.ماشىنا ھەيدىگەن چېغىڭىزدا باشقا شوپۇرلارنى قاغاپ باققانمۇ ئ
9.سىز ئىنكاسى ئاستىراق كىشىلەرگە تاقەت قىلالامسىز ؟
10.سىز دائىم باشقىلارغا قەسەم ئىچىپ بىرەي دەمسىز ؟
11.سىز ئىلگىرى تېلۇۋۇزۇردىكى گەپلەرنى كۈچلۈك تەنقىت قىىلپ باققانمۇ ؟
12.ئەگەر سىز تەكلىپ قىلغان ئىشچىلار ياخشى ئىشلىمىسە ،سىز شۇھامان ئىنكاس قايتۇرامسىز ؟
13.سىز دائىم باشقىلاردا ئۆزىنى سىزگە يەتمەيدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قۇيامسىز ؟
14ئۆزىڭىزنىڭ ئوي - خىياللىرنى ئۇچۇق ئاشكارە ئوتتۇرارغا قۇيۇپ،ئاقىۋىتىڭىز بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمامسىز ؟
15.سىزباشقىلارنىڭ قىلغانلىرغا ئاسانلىقچە سەۋىر -تاقەت قىلالمايدىغان كىشىمۇ ؟
16.باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالغاندا سىزدائىم يىڭىپ چىقىشنى ئويلامسىز ؟
17.سىزدائىم باشقىلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇھىم قارار چىقىرىپ بىرىشكە چاقىرامسىز ؟
18.سىز پۇلىڭزنى بايلىق توپلاشقا سەرىپ قىلشنى ،ئۆزىڭىزنى تاكاموللاشتۇرۇشقا سەرىپ قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرەمسىز ؟
19.سىزكىيىنىشىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش غەرىزىدە بولامسىز ؟
20.سىز ئۆزگىچە قاراش ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى ياقتۇرامسىز ؟
1)ھەئە 1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 2) ھەئە 1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 3)ھەئە 1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 4) ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 5) ھەئە 1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 6)ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر  7) ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 8) ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 9)ھەئە0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 10)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 11)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 12)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 13)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 14)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 15)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 16)ھەئە 0نۇمۇر ياق 1نۇمۇر 17)ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر  18)ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 19)ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر 20)ھەئە1نۇمۇر ياق 0نۇمۇر چۈشەندۈرلىشى :ئەگەر ئىرىشكەن نۇمۇرىڭىز 14~20گىچە بولسا ،سىز كەم كۈتسىز بىر ئەگەشكۈچى بۇلۇپ ،رەھبەر بۇلۇشقا ماس كەلمەيسىز .سىز باشقىلارنىڭ قۇماندانلىقىنى ئاڭلاشقا ئامراق .جىددىي ئەھۋاللاردا ،سىز كۆپىنچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنى يىتەكلىيەلمەيسىز .بىراق سىز كۆپچىلىككە ماسلىشىپ بىرىشنى ياخشى كۆرىسىز  .ئەگەر ئىرىشكەن نۇمۇرىڭىز 7~13 گىچە بولسا ،سىزبىر رەھبەر بولغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئادەم .سىز ھەرقاچان باشلامچى بولسىڭىز ياكى باشقىلارغا قانداق قىلش كىرەكلىگىنى ئۆگەتسىڭىز بۇلىدۇ .بىرسىزدىكى ئاكتىپلىق تەسەببۇسكارلىق يىتەرلىك بولمىغاچقا ،كۆپ ھاللاردا ئەگەشكۈچى بۇلۇپ قالىسىز .ئەگەر ئىرىشكەن نۇمۇرىڭىز 6نۇمۇردىن تۆۋەن بولسا سىز بىر رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە كىشى ئىكەنسىز .سىزنىڭ خاسلىقىڭىز  ناھايتى كۈچلۈك بۇلۇپ ،باشقىلارنىڭ سىزگە قۇماندانلىق قىلىشىنى خالىمايسىز ،سىز باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ئامراق بۇلۇپ ،ئەگەر باشقىلار گېپىڭىزنى ئاڭلاشنى خالىمىسا سىز ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈيسىز ،باشقىلارغا ئاسانلىقچە تىز پۈكمەيسىز .
مەنبەسى :مۇھەممەت تۇرسۇن ياسىن تۈزگەن شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى نەشىر قىلغان 2009-يىل 9-ئاي 2-نەشىرى پىسخىك مەسىللەر ۋە پىسخىك كىسەللىكلەر دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .













ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-17 13:55:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشلىق بولۇشقا لايىق كېلىدىكەنمەنغۇ . بۇ ھۆكۈمەت نىمىشقا بىزگە  ئوخشاش باشلىق بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلار بىلمەي قالغاندۇ - ھە ؟
بۇ  ئۆلچەملەرنى  مائارىپ ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا  باشلىق بولۇش قا  لايىق ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ بېرەيمىكىن .
ۋاقتى: 2014-2-18 13:40:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن رەھبەر بولۇشقا تازا لايىق ئىكەنمەن    . لىكىن شۇ يېشىم كىچىك بوپ قالدى . خۇدا بۇيرەسا مەنمۇ رەھبەر بولارمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش