| ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرنى داۋاملىق تەربىيلەش مەبلىغىنىڭ كىلىش مەنبەسى قايسى ؟ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرنى داۋاملىق تەربىيلەش خىراجتى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن ئاجىرتىشنى ئاساس ،كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەخ جەملەش ،يەرلىكنىڭ مائارىپ كەسپىي ئىشلار خىراجىتىدىن مەخسۇس تۈر بويىچە چىقىم قىلىشنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىدۇ .يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىدىن بەلگىلىك نىسپەتتە خىراجەت ئاجىرتىپ ،مەجبۇريەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىلەشتىكى كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئاساسى خىراجەت ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىقىش كىرەك .ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرنى داۋاملىق تەربىيلەش خىراجىتىنى ناھىيدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ،خىراجەتنى قىسىپ قېلىشقا ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .ئىجدىمائىي كۈچلەر باشقۇرغان ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە باشقا تەربىيلەش ئاپپاراتلىردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق تەربىيلەش خىراجىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن ئۆزى تەييارلايدۇ مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى ئىمىن مامۇت تۈزگەن «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە دائىر سۇئال -جاۋاپلار»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى |
|