كۆرۈش: 4901|ئىنكاس: 21

Word تا ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى سېلىش ئۇسۇلى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Word تا بەت ئايرىم ھەر قايسى بەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى سېلىش ئۇسۇلى

بىز ئادەتتە ماقالە،  سۇئال قاتارلىقلارنى تەھرىرلىگەندە بىر بەتنى ئىككىگە ياكى بىر قانچىگە ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى سېلىپ ئىشلىتىش ئىھتىياجى توغىلىدۇ. لېكىن بۈلۈنگەن بەتكە ئايرىم-ئايىرىم نومۇرى سېلىش Word نىڭ ئادەتتىكى تىزىملىك ياكى بۇيرۇقلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەمىنلەنمىگەن بولغاچقا قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈن ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىۋالدىم. قېنى بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!!

بەت نومۇرى قۇيۇپ بولغاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈش:  
bat4.jpg

ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە:
مەن ھازىر ئىككىگە بۈلۈنگەن بەت ئۈستىدە توختىلىمەن..
1.ئالدى بىلەن تەھرىرلىمەكچى ماقالىنى ئاچىمىز.
2. «视图»تىزىملىكىدىن «页眉页脚»نى تاللايمىز.
bat.jpg


3.تۈۋەندىكى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندەك «页脚» (بەت ئايىغى) قىسمىغا بىرىنچى بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ Ctrl+F9نى باسىمىز  ۋە تۈۋەندىكى كودنى كىرگۈزىمىز. (كىرگۈزۈش ھالىتىنى چۇقۇم ئىنگىلىزچە ھالەتتە قۇيۇڭ، چوڭ تىرناقنى Ctrl+F9 نى ئىككى قېتىم بېسىپ ئارقىلىق  چىقىرىپ ئاندىن باشقا خەت ۋە سانلارنى تولدۇرۇڭ)
bat1.jpg

1-بەتكە كىرگۈزىلىدىغان كود:
  1. { ={ page }*2-1 }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
4.يەنە ئوخشاشلا ئىككىنچى بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ Ctrl+F9نى باسىمىز  ۋە تۈۋەندىكى كودنى كىرگۈزىمىز.
bat2.jpg


5.ئاندىن كىيىن Alt+F9نى بېسىپ، «页眉页脚» كۆزنىكىنى تاقايمىز.
bat3.jpg


6.ئەگەر 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بۈلۈنسە:
  1. [code]{ ={ page }*3 }      { ={ page }*3-1 }    { ={ page }*3-2 }
  2. { ={ page }*4 }      { ={ page }*4-1 }    { ={ page }*4-2 }    { ={ page }*4-3 }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
مۇشۇ بۇيىچە ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

سىناق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ: 分栏页码baykax.rar(42.96 KB, چۈشۈرۈش سانى: 284)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-17 10:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە......... ئۈگۈنىۋالدىم
ۋاقتى: 2011-11-21 22:26:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن. ۋوتتا بىز بىلمەيدىغان ئىشلار جىقكەن جۇمۇ...
ۋاقتى: 2011-11-21 22:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇگۇن يەنە بىر گۇمپا ئۈگىنىۋالدىم. مۇشۇنداق بىلىملەرنىڭ كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2011-11-26 23:05:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2011-11-26 23:05:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2011-11-29 10:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ھەقتىكى بىلىمنى ئىگەللىۋالدىم.
ۋاقتى: 2011-12-1 13:15:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېھتىياجلىق بىلىمكەن،ئىگىلىۋالدىم .رەھمەت.
ۋاقتى: 2012-4-10 12:24:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىم ئېكەن، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-4-10 15:17:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ھۈنەركەن
ۋاقتى: 2012-4-15 20:58:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەت قويۇش ئۇسۇلىنى پەقەتلا بىلەلمەي يۈرەتتىم ،ئۆگىنىۋالىدىغان بولدۇم .رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش