كۆرۈش: 381|ئىنكاس: 1

ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى(ئۇيغۇرچە قىسقا فېلىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى
فىلىمدا داڭلىق ياش ئىتوتچى مەممەتجان ئابدۇقادىر (ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شاگىرتى) باش رول ئالغان بولۇپ، ئادەتتىكى بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئاددى تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىخچام تەسۋىرلەنگەن.
ئەلى ئادەتتىكى بىر تاكسى شوپۇرى، لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىدى. دائىم بىر ئەسكى بىنادىكى چېكەرمەنلەر ئۇۋىسىغا بېرىپ زەھەر چېكەتتى.  ئەلىنىڭ ئانىسى ئەلىنى توي قىلىشقا قىستايدۇ. ئەلى ئاخىرى «كىمنى تاپساڭلار شۇنى ئالاي» دېگەن پىكىرگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاپىسى ئۇنىڭغا گۈلشەن ئىسىملىك بىر قىزنى تونۇشتۇرىدۇ. بۇ قىز بىلەن ئەلى تاساددىپىيلىق بىر ۋەقەدە ئۇچراشقان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇرىدۇ، لېكىن ئايالى ئەلىنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەلى بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرىلىدۇ. دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەلىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ئەلى ئەسلىدە خىروئىن چېكىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ئورتاق ئوكۇل ئىشلىتىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋالغان ئىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئايالىنىڭمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. لېكىن ئايالى ھامىلدار ئىدى. ئايالى گۈلشەن بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، گۈلشەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىپ، بالىنى ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغىدۇ، بەختكە يارىشا، بالا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەلى ئەيدىز سەۋەبلىك ۋاپات بولىدۇ ....
بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا، بولۇپمۇ خىروئىندىن ئىبارەت ئىبلىسقا يېقىن ياشاۋاتقان ياشلارغا ئىبرەتلىك بىر فىلىمدۇر!
فىلىمنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى ئېكراندا بولسۇن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3تەبىيىۋى ئەھمىيىتى زو.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-8 19:32:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بەك چوڭقۇرفىلىمدىن بىرنى يوللاپسىز مەن بارلىق تۇرداشلارنىڭ بۇفىلىمنى  كۈرۈشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش