كۆرۈش: 22419|ئىنكاس: 68

ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇرۇق قالماڭ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 01:48  

         
ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇرۇق قالماڭ
 
QQ图片20131203004658.jpg

         
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مۆھتىرەم ئاكا -ئىنى ، ھەدە - سىڭىللار ياخشىمۇ سىلەر ؟ رىئاللىقنىڭ قەدىناسى بولغان مەۋھۇم دۇنيا قىتىغا سىڭىپ كىرىپ ، مۇنبەر ھاياتىغا قەدەم قويغان خۇشچىراي مۇنبەرداشلار ! ئەۋۋىلى ھەممىڭلارغا ‹ ئۇلۇغ › ئاللادىن خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ھەمدە ئۆزۈم چىن دىلىمدىن سىلەرگە قىرىنداشلىق سەمىمى سالىمى يوللايمەن!ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلار سالامەت، خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق، رىئاللىقىتىكى ھەم مەۋھۇمدىكى كۈنىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە  مۇنبىرىمىزدىكى نادىر-تىما ئىنكاسىڭلار ۋە سۈزۈك مۇلاھىزە پىكىرلىرىڭلارنىڭ ياخشى ئىلىپ بىرلىشىغا تىلەكداشمەن。
    ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مۇنبەرداشلار دەۋىرنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئېشىپ ، كۆزقارىشى يېڭىلىنىپ ئۆزىگە، جەمىيەتكە جۈملىدىن جەمىيەت ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئېسىل كەيپىيات شەكىللەنمەكتە .  پۈتكۇل دۇنيا مېھرىبانلىققا ، ئىللىقلىققا تولماقتا .
    ئەتىراپىمىزدا يەنە بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كىشىللىرىمىز يوق ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان    مەۋھۇم دۇنيادىكى مېھرىبانلار  ئۆز- ئارا ئۇيۇشۇپ بۇ بايقاش مۇنبىرى ئالى باشقۇرغۇچىسى   « ھاۋاگۈل خانىمنىڭ ( توردىكى نامى گۈلزار)   »  نىڭ  تەشكىللىشى   بىلەن «ئىللىق ئائىلە  مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى»  ۋۇجۇتقا كەلدى ھەم دەسلەپكى لاھىيەسى ئاساسىدا ئىش باشلىدى。
    ئۇيۇشمىمىز كوللىكتىۋىزىملىق ئىديىنى  مەركەز قىلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىشتەك گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ  .  مۇزلىغان قەلىپلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ھەم ئۇلارغا  قېرىنداشلىرىنىڭ ھەر  جايدا ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۈچۈن تەڭ يىغلاپ ، تەڭ كۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، شۇنداقلا رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنى   غەم- ئەندىشىسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرۇش ھەم ئۇلارغا جەمىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، ئەمەلى خىزمەتلەنى ئىلمى ،سېستىمىلىق ئىشلەشنى قارار  قىلدى
      دوستۇم سىزمۇ  شۇ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن  ئوقۇشسىز قېلۋاتقان ، خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان  ئاجىزلارنى قوللاشنى ،ساخاۋەتلىك قولىڭىزنى سۇنۇشنى خالامسىز ؟ئۇنداقتا بۇ ئۇيۇشمىمىزغا ئەزا بولۇڭ ، ئايدا 20 يۈەن پۇلنى چىقىرالايسىز ، 20 يۈەن سىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، ئىشىنىڭكى  شۇ 20 يۈەن پۇلىڭىز قىيىنچىلىق سەۋەپلىك مەكتەپتىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان  بىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ ،
    سىز چوقۇم قىلالايسىز ، سىرتتا  بىر ۋاق تاماقنى كەم يىسىڭىز ، بىر قېتىملىق سورۇنغا بېرىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز ،بىر قاپ تاماكىنى ئاز چەكسىڭىز ,قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىڭراۋاتقان بىر جانغا ئىللىقلىق يەتكۈزەلەيسىز !!
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى  ، تامچە سۇدىن دەريا ھاسىل بولىدۇ ، سىز ، بىز  بىر قاچا تاماقنىڭ پۇلىنى يىغساق ،.............قانچىلىك بولار ، قانچىلىك قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىندىشىمىزغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالارمىز ؟؟؟ بۇنى ئويلىنىڭ !!!ئەگەر 20 يۈەن ئېقتىسات قىلالمىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئاز بولسىمۇ كۆڭلىڭىزنى ، مېھرىڭىزنى ،مېھرىبانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ !!!!!  
  «ئىللىق ئائىلە   مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭ  پائالىيەتلەرنى مۇزاكىرلىشىشى ھەم ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس توپ  قۇرۇلدى . بۇ توپقا قوشۇلغان ئەزالارلا  «ئىللىق ئائىلە   مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » نىڭ ھەقىقى ئەزاسى بولىدۇ . شۇڭا  ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز تېزدىن بۇ نومۇرنى قوشۇپ سالاھىيىتىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇڭ .
     توپ نومۇرى :325445721
دەسلەپكى لايىھەنى كۆرماكچى بولسىڭىز مانا بۇ يەردىن كۆرۈڭ
: layiha (sinak nusha )2013.11.26.zip
ئەڭ يېڭى لايىھە مانا بۇ يەردە :layiha2013.12.9.zip

ئەسكەرتىش :  توپقا قوشۇلۇش ئۇچۇرى يوللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ  پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ .  دوستلىرىڭىزغا ھاۋالە قىلىشنى ئۇنتىماڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-28 21:39:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋاگۈل خانىم بەك قالتىس ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز مەن خىزمەتداشلىرىمىنى سەپەرۋەرقىلىپ ئاكتىپ ئاۋاز قۇشىمىز

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە مەتتۈردى مۇئەللىم بەك خۇش بولدۇم .يېڭىدىن قۇرۇلۇپلا ھازىرغا قەدەر تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل بو تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-28 23:11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 23:11:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەتتۇردى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 21:39
ھاۋاگۈل خانىم بەك قالتىس ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز مەن خىز ...

رەھمەت سىزگە مەتتۈردى مۇئەللىم  بەك خۇش بولدۇم .يېڭىدىن قۇرۇلۇپلا  ھازىرغا قەدەر تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل بولدى
您尾号9261卡25日12:25营业网点支出2元,余额88元。【工商银行】
您尾号9261卡25日23:32网上银行收入20元,余额108元。【工商银行】
您尾号9261卡25日23:36网上银行收入300元,余额408元。
【工商银行】
您尾号9261卡26日00:12网上银行收入20元,余额428元。【工商银行】
您尾号9261卡26日12:42ATM收入100元,手续费2元,余额526元。【工商银行】
您尾号9261卡26日20:20ATM收入30元,余额556元。【工商银行】
您尾号9261卡27日10:45ATM收入100元,余额656元。【工商银行】
您尾号9261卡27日15:16ATM收入300元,余额956元。【工商银行】
ۋاقتى: 2013-11-28 23:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىپسىز، ھەممىمىز ئورتاق ھەمكارلىشىپ بۇ ئىشتا ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەيلى

باھا سۆز

قوللىغىنىڭغا كۆپ رەھمەت  ۋاقتى: 2013-11-28 23:44
ۋاقتى: 2013-11-28 23:25:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك خاسىيەتلىك ئىش بوپتۇ . ئاجىز يىتىم يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش  ئەجداتتىن ئەۋلاتلارغا  ئۇدۇم قالغان ئۇلۇغ ئىش .مىھرىبانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىللىقلىق يەتكزۈشۈش ئىشلىرى مەڭگۈ روناق تاپسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم  ۋاقتى: 2013-11-28 23:42
ۋاقتى: 2013-11-28 23:29:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋاگۇل ھەدەم بىر ساۋاپ تاپدىغان بولدى.

باھا سۆز

سىزمۇ شۇ سۇۋاپ تېپىشنى خالايدىغانسىز ھەقىچان ؟؟؟  ۋاقتى: 2013-11-28 23:33
ۋاقتى: 2013-11-28 23:30:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئايدا تكلەيدىغان 20 يۇئەن پۇلڭمڭز بىز ئۈچۈن ھېچ قانچە پۇل ئەمەس  ئەمما شۇ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن  ئەڭ زور مەدەت بۇلۇدۇ بىز چوقۇم بۇ قوشۇننى زورايتىشىمىز يەنىمۇ كۆپلىگەن كەسىپداشلارغا تەشۋىقات قىلىمىش بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز .

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت دوستۇم  ۋاقتى: 2013-11-28 23:44
ۋاقتى: 2013-11-28 23:35:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە خالايمەن.مەنمۇ مۇشۇ خالىس ساخاۋەتنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى،تەشۋىقاتچىسى.

باھا سۆز

رەھمەت ئەنىسە ئاللا ھ ئىشلىرىڭىزنى ئىلگىرى قىلسۇن !  ۋاقتى: 2013-11-28 23:39
ۋاقتى: 2013-11-28 23:43:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبانلارنىڭ يولباشچىسى بولۇش تولىمۇ خەيرلىك ئىش،بىر توپ ئىتقا باش بولسا گەر ئارىسلان،بارلىق ئىتلار بولۇر ئارىسلانسىمان.بىر توپ ئارىسلانغا باش بولسا بىر ئىت كۆر،ئارىسلانلار بولۇر ھەم ئىتسىمان.دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ بېھرىبانلارنىڭ ئىللىق مېھرى بىلەن مۇزلىغان قەلىبلەرگە ئىللىق قۇياش نۇرىنى سېپىپ مۇزلار ئورنىغا گۇلزار بەرپا قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.گۈلزار سىزنى ئاخىرغىچە قۇللاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.‹ئۇلۇغ نىشانلىرىمىز  ئۈچۈن قۇلنى -قولغا تۇتىشىپ ئالغا›بۇ بىزنىڭ ئورتاق شوئارىمىز بولۇپ قالغۇسى.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت  ۋاقتى: 2013-11-29 11:35
ۋاقتى: 2013-11-28 23:43:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ  ئىشلىرىنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيمان .

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم  ۋاقتى: 2013-11-29 11:36
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش