تۇرمۇش ھېكمەتلىرى

★ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولسىڭىز ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز. ★ئۆز ئارا ياردەم قىلسىڭىز ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز. ★ئۆز ئارا ئىناق ئۆتسىڭىز خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز. ★تىرىشچان بولسىڭىز نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز. ★ئىرادىلىك بولسىڭىز ئارزۇ-مەقسەتكە يېتەلەيسىز. ★ئىلمىي تۇرمۇشقا بېرىلسىڭىز ساغلاملىققا ئېرىشەلەيسىز. ★رەتلىك، پاكىز بولسىڭىز كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلەيسىز. ★پاك-دىيانەتلىك بولسىڭىز ئارامخۇدا ياشىيالايسىز. ★كىتابنى دوست تۇتسىڭىز باي مەنىۋىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. ★بىلىم، ھۈنەر ئۆگەنسىڭىز خار بولمايسىز. ★ئىسراپچىلىق قىلمىسىڭىز ئاچ-يالىڭاچ قالمايسىز. ★تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز پۇلسىز قالمايسىز. ★تەكەببۇرلۇق قىلمىسىڭىز دوستسىز قالمايسىز. ★ئاچ كۆزلۈك قىلمىسىڭىز خىجالەتتە قالمايسىز. ★ئەلنى سۆيسىڭىز سۆيۈنۈشكە ئېرىشەلەيسىز. ★باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلەيسىز. ★دانىشىمەنلەردىن دوست تۇتسىڭىز نىشانسىز قالمايسىز. ★ئۈمىدۋار بولسىڭىز چۈشكۈنلەشمەيسىز. ★ئەپۇچان بولسىڭىز خۇشاللىق تاپالايسىز. ★سودىدا ئادىل بولسىڭىز بەرىكەت تاپىسىز. ★سەمىمىي بولسىڭىز ئىشەنچكە ئېرىشەلەيسىز. ★قانائەتچان بولسىڭىز بەخت ھېس قىلالايسىز. ★ئاتا-ئانىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز پۇشايماندا قالمايسىز. ★پەرزەنتىڭىزنى ئوبدان تەربىيەلىسىڭىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايسىز.
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى»
|