مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2077 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 9

توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىرنىڭ داۋامى9

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

198

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
41 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
24 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 16:09:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن جانانىنى قانداقمۇ ئۈنچە ئاسان ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن~~~~~~...
قىزنىڭ باشقا مەخسىتى يوق ، پەقەتلا ئالىمجانغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرۈپ قويماقچى ، يەنە كىلىپ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىماقچى ،،،،،،
ئەلۋەتتە يۈزتۇرانە پاراڭلاشسىمۇ بولاتتى ،،، بىراق نىمىشقىدۇر قىز ئۆزىنى قاچۇرۇش تۇيغىسىدا خەت ئارقىلىق خوشلىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى ،،،،
بۇ ، قىزنىڭ ئالىمجاننى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولسا كىرەك ، خەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى قىزنىڭ مۇھاببەتكە شۇنچىلىك سادىقلىقىنى ھىس قىلماي قالمايىتتى ،،،،،،
بىراق تەقدىر دىگەن شۇ ، مۇھاببەت ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ ئەمما تەقدىر نى ئۆز گەرتەلمەيدۇ ، ئەكىسچە تەقدىر ئاشۇنداق ئۇلۇغۋار مۇھاببەتنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ .........
بۇ قىز  ئاشۇ ئۇلۇغۋار مۇھاببەتنى دەپ ئۆزىنىڭ شۈنچە خاتالاشقانلىقىنى ھىس قىلدى ، بىراق ئاشۇ ئوتلۇق ھىسىياتنىڭ ئالدىدا كىممۇ خاتالاشمايدۇ دەيسىز.؟؟؟؟؟؟
ئەگەر بۇ گەپ يالغان بولغان بولسا ھېلقى ۋاقىتتا شوپۇر قارا نىيەتلىك قىلمىغان بولاتتى،،،،،ئاشۇنداق قىلمىشنى قىلدىيۇ ئەمما قىپ بولۇپ پۇشايمان قىلدى ...... مانا ، ھىسياتنىڭ قۇلى دىگەن ،،،،،،،،
ئاخىردا بۇ ئۇلۇغ مۇھاببەت ھىچكىمنى خۇشال قىلمىدى ،،،
بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا قىز ئالىمجاننى ئىزدەۋەرگەن بولسىمۇ بولاتتىغۇ ؟- نىمىشقا ئىزدىمىدى ؟
- چۈنكى قىزنىڭ ئۆز سۆيگۈنىگە ئاتىماقچى بولغىنى كۆڭۈل تاجۇ تەختىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنى ئىدى ، ئەلۋەتتە ئالىمجانمۇ ئاشۇ ئورۇنغا مۇناسىپ ئىدى ،
ئادەم بىر ئىشتىن قاتتىق ئازاپلانغاندا ياكى قاتتىق خۇش بوپ كەتكەندە ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ كەتسە كىرەك ، شۇڭىمۇ بەزىدە خاتا يولغا مېڭىپ سالىدۇ ،،،
بۇ مۇھاببەت يا قىزغا يا ئالىمجانغا خۇشاللىق بىرەلمىدى ، قىز تالاي مۇشەققەتكە مۇپتىلا بولدى ، ئالىمجان بولسا ھېلى ھەم قىزنىڭ ئىشقى پىراقىدىن باشقا بىرسىگە كۆڭلى چۈشمەي بويتاق!!!!!!!!!!!!
قىز ئۆزىنىڭ نىمە ئويلايدىغىننى بىلمەيىتتى ،،،،،،، پەقەت باللىرىنى باغرىغا بېسىپ  ئۆزىگە ئازراق تەسەللى تاپماقچى بولسا كىرەك ، قىزنى چۈشىنىدىغان ، ھىسداشلىق قىلىدىغان پەقەت شۇ باللىرىنىڭ مىھرى - مۇھاببىتى ئىدى .........
قىز ئۆز سەرگۈزەشتىسىنى ئۇنتۇپ كىتىش ، تۇرمۇشنى يىڭىدىن باشلاش ئويى بىلەن بىكەتنىڭ بىلەن ئېلىش ئورنىغا ماڭدى....
ھىچبىر كۆڭۈل ئارامى يۇق قىز ئاستا قەدەملەر بىلەن ماڭماقتا .........
كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي كىتىۋاتقان قىز تۇيۇقسىز كىمنىڭدۇر كۆلەڭەىسىنى  كۆرۈپ شاپپىدە توختىدى ،،،،،،،،،
- بۇ قىزنىڭ چۈشىمۇ يا ئوڭىمۇ ؟........
كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشى كىم ؟......
- ئۇ دەل قىزنىڭ كۆڭلىدىكى شاھزادىسى ، ئاشىقى.............ئالىمجان ......
ئالىمجان نىمىشقا شۈنچە تىز كىلىپ بولدې ؟.......... ئەسلى قىزنىڭ ئويلىغىنى بويىچە قىز كىتىپ بولغاندىن كىيىن خەۋەر تاپاتتى .......
- ئالىمجان ئوقۇشتى كىلىپ دەل ئاشۇ پوچتىخانىغا خزمەتكە چىققان ئىدى ،،،،،،،، خەتنى تاپشۇرۋالغۇچى بولسا ئالىمجاننىڭ خىزمەتدېشى ....ئالىمجان خەتنى تولۇق ئوقۇيا - ئوقۇمايلا  ، مەن بۈگۈن كىتىمەن ... دىگەن  بىر نەچچە قۇرىنىلا كۆرۈپ ماشىنا بىكىتىگە قاراپ ماڭمامدۇ ...... ئەلۋەتتە  ، قىز تېخى  بويتاق دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك........ ئالىمجان دەل ۋاختىدا كەلگەن ئىدى .............
قىزنىڭ كۆزى ئالمجاننىڭ چىرايىغا تىكىلدى ،،،،ئالىمجان بولسا بىرلا نوختىغا يەنى شۇ قىزنىڭ ئۈمۈتسىز ھالىتىگە قارىغىنىچە قېتىپلا قالغان ئىدى ..........
ئىككى دانە ئۈمۈتسىز كۆز ، ھىجراندىن سۆيگۈ ئىزدەۋاتقان كۆز بىر - بىرىگە تىكىلگىنىچە ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئۆز ئارا ئېيتىشۋاتسا كىرەك،،،،،،،،،
ھىچبىر ئۈنسىزلىك ئىچىدە تۇرغان مۇرادىغا يىتەلمىگەن ئاشىق مەشۇقلار نىمە قىلىشىنى ، نىمە دىيىشىنى بىلمىگەندەك تۇرۇپلا قېلىشتى ،،،،،،،،،،
قۇياشنىڭ كۈچلۈك ھارارىتىدىن قىززىپ كەتكەن زىمىن بۇ ئىككەيلەنگە زىمىستان قىشتەك ، يۈرەكلىرىنى غۇژۇلداتماقتا...........
قىز نىڭ يۈزى شۈنچە قىزىرىپ كەتتى ،، گويا ئالىمجانغا  < مەن سىزگە قاراشتىن خىجىل > دەۋاتقاندەك،،،،،،
قىز ھۇشىنى يوقاتتى ،،،،،،،، كۆز ئالدىن قاراڭغۇلىشىپ ھىچبىر گەپ قىلالماستىنلا يەرگە ، ئالىمجاننىڭ كۆز ئالدىغا يىقىلدى ............
ئالىمجاننىڭ تىكىلگەن كۆزلىرىمۇ شۇ چاغدىلا بىر نوختىدىن ئۆزگەردى ،،،،،،،،
- << قەلبىنۇر !!!!!>>.........
ئالىمجان ئىىىتيارسىز توۋلىغىنىچە قىزنى يۆلەشتۈردى ، نەلەدىندۇ قىزنىڭ ھېلقى قازاق ئىرىمۇ كىلىپ قىزنى تەڭ يۆلەشتۈردى ........
ئالىمجان قىزنى يىقىن ئەتراپتىكى دوىتۇرخانىغا ئېپ باردى ...........
دوختۇرلار قىزنى تىز قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتكەندىلا ئالىمجان قىزنىڭ ئاللىقاچان ياتلىق بوپ كەتكىننى ،شۇ پەيىتتە بىلدى ،،،،
قىزنى ساقلاپ تۇرغان يالغۇز ئالىمجان ئەمەس ، يەنە بىر ئەر ، ۋە ئوماق بالىلار ئىدى ،،،،،،،،
بەلكىم ھاياتنىڭ مۇشۇنداق مىنۇتلىرى ئەڭ تاتلىق ئەڭ تاقەتسىز بولسا كىرەك ، .......
دوختۇر چىقىپ بولغىچە بولغان بىرە سائەت ۋاقىت  خۇددى بىر كۈندەك بىلىنىپ كەتتى،،،،،
- << دوختۇر ؟؟؟>>........
ئالىمجان دوختۇرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپ باردى .
- << كەچۈرۈڭلار،،، بىز تىرىشتۇق ،،،،، بۇ  قىزنىڭ  روھى كەيپىياتى   زىيادە تەسىرگە ئۇچرىغان بولسا كىرەك،،،
كۆرۈش نىرۋا ، قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كىتىپتۇ ،،،، مىڭىسىغىمۇ ئازراق قان چۈشۈپتۇ ...... 24 سائەت كۈزىتىمىز ... ئىدىيەڭلاردا تەييارلىق بولسۇن ، قىزنىڭ نۇرمال كۆرۈش قۇۋىتىگە ئىرىشش نىسبىتى يۈزدە بىر پىرسەنىت ، كۆرۈش قۇۋىتىگە ئىرىشتى دىگەن ھالەتتىمۇ يېرېم پالەچ ( كاللىسىدىن ئازىدىغان دىمەكچى ) ئادەم بوپ قالىدۇ >>................
بۇ نىمە ئالامەت ئەمدى ؟........
قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىپ قويغان خاتالىقىغا بىرىلگەن جازامۇ ؟ ۋە ياكى بۇرۇنقى ئۆتمۈشنىڭ ئاچچىق زەردىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرىلگەن سوۋغىمۇ ؟.........
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئالىمجان قىزنى كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .......
- << ئاھ خۇداھ ،،،،،،،،،،،،، كەچۈر مىنى ،......... ساڭا ئىگە بولالمىدىم ،،،،،مەن شەخسىيەتچىلىك قىلدىم ...كەچۈر مىنى ،،،راسلا  كەچۈر،،،،،،>>......
ئالىمجان ئۆزىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى .........
قانداق چىقىپ قالدى ، پۇتلىرى ئىختيارسىز دوختۇرخانا بىناسىنىڭ  ئۆگزىسىگە باشلاپ ماڭدى ..........
شۇ تاپتا ئالىمجان بىنانىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆزىنى دوزاخنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلماقتا،،،،،،،
قولىغا قانداق چىقىپ قالدى ، قىز ئۇنىڭغا قالدۇرغان خەتكە قاراپ تۇرماقتا...........

ئۇ خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى
مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىم ، قەلبىمدىكى شاھزادەم ئالىمجان ، سىز بۇ خەتنى ئوقۇغان ۋاختىڭىزدا مەن كىتىپ بولىمەن ،،،
يەنى بۈگۈن ماڭىمەن ..............
ھەر ھالدا سىزنى ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقۇزۇم قويۇشنى لايىق كۆردىم ، چۈنكى سىز نىڭ  يەنە مىنى دەپ ئازاپ چىكىشىڭىزنى خالىمايمەن ، گەرچە كۆڭلۈم سىزگە شۈنچە تارىتقان بولسىمۇ ئەمما سىزنى ئىزدەشكە پەقەتلا يۈزۈم چىدىمىدى، بۇرۇن خىجىللىقتىن بولغان بولسا ھازىر نۇمۇسچىلىقتىن يۈز كۆرۈشەلمەيمەن ........
ئادەم بەزىدە راسلا تەڭقىسلىقتا قالىدىكەن ، تويۇم بولغان كىچىسى ماڭا تەككەن قولنىڭ سىزنىڭ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان چېغىمدىلا ئۆزۈمنىڭ شۈنچىلىك تاللاش يولۇمنىڭ يوقلىقىدىن شۇنداقلا سىزگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىمنىڭ بارلىقىدىن نىمە ئىش يۈز بىرىشىگە قارىماي سىزنى ئىزدەش قارارىغا كەلگەن ئىدىم ،،،
بىراق ، ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدىكەن ،،،،،،
ئاخىرى بولماي سىزگە ئاتىغان ساپلىغىم دۇغلاشتى ،،،، سۈزۈك بۇلاققا يىلان پەيدا بولدى ........
شۇنىڭدىن كىيىن سىزنى ئىزدەپ  ، ئۆزۈمنىڭ پارچە - پارچە بولۇپ سۇنغان ئەينەكتەك ، قەلبىمدىكى سىزگە بولغان مۇھاببەتنىڭ  داغ يۈزىنى سىز گە تېڭىشقا لايىق كۆرمىدىم .....
گەرچە مەن شۇ كىچىدىن باشلاپ باشقىلارغا تەۋە بوپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما سىزنى ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقارغىنىم يوق ........
بىلىمەن سىزمۇ ئۈچۈن ئازاپ چەككەنسىز ھەقچان ،،،،،
كەچۈرۈڭ ، سىز گە راسلا يۈز كىلەلمەيمەن .....
سىزنىڭ كۆيۈمچان بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىڭىزنى ، بەخىتلىك بولىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ...
مىنىڭ نەدىلىكمنى ، نىمىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىماڭ ، گەرچە بۇرۇن تۇرمۇشۇم قالايمىقانچىلقتا ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس ، .....
ئىشقىلىپ مەن سىزنىڭ بەخىتسىز بوپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن ، سىزنىڭ كۈلكىڭىز مىنىڭ كۈلكەم ،،،
ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،،،،،خۇدايىم شۇ كۈننى بەرسە بىر كۈلەردە ئۇچرىشىپ قالارمىز ،،،،،،

مەن سىزگە بولغان كۆڭلىمنى بۇرۇن سىز ماڭا توقىغانغا ئوخشاش بىر قانچە قۇر شىئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇراي..
( قىزنىڭ بۇرۇن يازغان يازمىسى )


تاپمىدىم سىنى نىچۈن ئەي جانان
يۈرىگىم سېغىنار ئەمما ھەر قاچان
تەشنالىق ئىچىدە ئۆتتۈم سىنى دەپ
بىلىسەن ، بۇ بەلكىم ساڭىمۇ ئايان ،،،


سىنى دەپ ياشىدىم ، شۇڭا سەن ئۈچۈن
چەكسىمەممۇ مەيلىدى ئاھۇ ، رىيازەت
نەدە سەن ، زار بولدۇم ھەجەپ يولۇڭغا
بۇ غېرىپ سۆيگۈمگە ئاتىغىن شەپقەت

كەچۈرگىن دەردېڭگە بولالمايمەن يار
پەقەتلا يىراقتىن سىنى ياد ئىتەي
كەچۈرسەڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى
خاتىرجەم كۆزيۇمۇپ دۇنيادىن كىتەي.........

..............................................................................................

مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ،،،،،،،،،،،،،،

                                                  قەدىرسىز سۆيگۈنىڭىز : قەلبىنۇر...


خەت تامام ..
ئالىمجان خەتنى قانداق ئوقىغىننى ، بىلمەيىتتى ، خەتنى ئوقۇۋىتىپ قانداقلارچە ياش چىقىپ كەتتى ، كۆزلىرىدىن تامچىپ چىققان ياش قەغەزنى ھۆل قىلۋەتكەن ،،،
ئالىمجان خەتنى ئوقۇپ بولغان چاغدا قەغەز  بۇ تەقدىرگە بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك پارچە - پاچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كىتىۋاتاتتى .................
مانا ئۇلۇغۋار مۇھاببەت دىگەن مۇشۇ ،،،،ئادەمگە شۈنچە رەھىمسىزلىك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنى شۈنچە سېغىنىمىز
بەلكىم بۇ تەقدىر قىزغا بىرىلگەن جازا بولىشى مومكىن ئەمما قىز نىمىشقا شۇ خاتا يولنى تاللىدى ؟ پۈتۈنلەي ئاشۇ ئۇلۇغۋار  مۇھاببەت ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟،،،،،،،،

ئايرىلىش سەن ئۈچۈن ئازاپمۇ ؟مەخسىدىم ، بەختىممۇ ؟
سەن مىنى ئالدىغانمۇ ياكى سۆيگەنمۇ ؟
بولسا بىر ھەركىم تاپقان بولساڭ بەختىڭ بولارمىدىڭ
بۇ خاتالىق كىمدىدۇر ؟..........

.................

ياخشى يامان كۈنلەردىمۇ بىرگە بولغانغۇ ؟
سىنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ئەسكەكىلىدۇ ،
كۈلگىم كىلىدۇ ، ئىسىت دىگۈممۇ ھەم ،،،
بەلكىم مۇشۇ تەغدىرىمىزدۇ .......................

............................

پەس تەرەپتىكى ئاۋۇ  ئۈن - سىن دۇكىنىدىن  ئۈنلۈك ئاۋازدا چىقىۋاتقان ناخشا خۇددى ،  دەرمانسىز قالغان مۇشۇ بىرجۈپلەر ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقاندەك...................




~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~خاتىمە~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

قىزنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق بولدى ، بۇ جاھاندا كىممۇ ئارمانسىز قالمايدۇ دەيسىز؟.....
يا قىز بەخىتلىك بولالمىدى ، يا ئالىمجان........
مۇھاببەتنىڭ ئۇلارغا  قويۇپ كەتكىنى سۇئالمۇ ياكى جاۋابمۇ ؟.....
بىز كىمدىن ئاغرىنىمىز ، خاتالىقنى كىمدە قويىمىز ؟..ئەلۋەتتە قىزنىڭ توي كىچىسى قاچقىنى خاتا ، ئەمما دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ ، ئۇ كىمنى دەپ قاچتى ،،نىمىشقا ئىلگىرى ئاخىرى قاچماي توي كىچىسى قاچىدۇ ؟...بۇنى بەلكىم قىزنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسىياتى بەلگىلىسە كىرەك ..........
مۇھاببەتنىڭ سىھرى كۈچى ئاشىق - مەشۇقلارنى جۇدا قىلدى ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزدى ،،،،،
كىمدىن ئاغرىنغۇلۇق ، بىتەلەي قىز ، نىگارسىز قالغان ئالىمجان تەقدىر گە بويسۇنماي ئامال يوق،،،،،
ئۆگەيلىكنىڭ چاڭ - توزۇندىسى بەزىدە ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قونىدۇ ،،،،،
گۈلنىڭ تىكىنى بولغاچقا ئادەملەرنىڭمۇ ياخشى يامىنى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟....... تەڭشەلمىگەن جاھان دىگەن شۇ ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
ئاپتۇردىن كەڭ تورداشلارغا ئىلتىماس :

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم كەچۈرۈڭلار،، سىلەرنى ساقلىتىپ قويدۇم ،،،

ئەسلى بۇ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم ، ئەمما باشتىن ئاخىرى ياقتۇرۇپ ئوقىۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تەلىپى ئاساسىدا داۋاملىق يېزىشنى ئويلىدىم ، ئەلۋەتتە قىزغىنلىقىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل تۆۋەنلەپ كەتتى .....................
- << مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇيامەن دەپ 3 كۈن بولدى ۋاڭبادىن چىقالمىغىلى >>...
- << مەن بىر قانچە كۈنىدن كىيىن توي قىلىمەن شۇڭا ، ئاخىرىنى ئوقىۋالسام بوپتىكەن ..>>.........
- << ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ ، خەخ نىمە دىسە دەۋەرسۇن،،>>...............
- مانا مۇشۇنداق تەلەپ پىكىرلەر توختىماي كەپ تۇردى ، ھەنىم بولسا ياخشى تىلەك تىلەيدىغانلار كۆپ ساندىكەن ،،،
شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن يېزىپ چىقىتىم،،،،،،
ھەقىقەتەن بۇ ئەسەردە زىناخورلۇق مەۋجۇت ، ئەمما مەن ئۇلارنى قەستەن چىقارغىنىم يوق ،،،،،
قازاقلارنى ئۈنچىلىكمۇ چۈشۈرۋەتمىدىم ،،،،، ھېلقى ئاق كۆڭۈل مومايمۇ قازاق ئەمەسمىدى .....
بەزى يامان ئىشلار مەۋجۇت بولمىسا ئەسەر بىر ئۆلۈك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن ،،، شۇڭا رىئاللىق بىلەن تەسەۋۇرنى بىرلەشتۇرۇش ئاساسىدا بۇ ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇردۇم ،،،،
سەۋىيەم چەكلىك ، ئوي خىيالىم سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان بولسا كەچۈرگەيسىلەر،،،،،،،،
بۇندىن كىيىن سىلەر گە ياققۇدەك ئەسەر يېزىشقا تىرشىمەن ، داۋاملىق بۇنداق بولىۋەرمەس ....
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللايىغىشسەۋەبى
تۇرسۇنجان + 5 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

294

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6768 سەر
تىللا
1729 دانە
تۆھپە
10813 سەر
شۆھرەت
5787 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 14:22:56يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-20 17:02  

راستىنى ئېيتسام بۇ ئەسەرنى دەسلەپ ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئانچە قىزىقمىغان ئىدىم . كېيىن ئاستا - ئاستا ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم . مانا ھازىرمۇ بۇ !بۆلىكىنى  ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايلا قالدىم .  رىئاللىق نىمانداق رەھىمسىز .
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5850 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 17:05:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار ياخشىمۇ سىز  بۇ تىمنىڭ ئىنكاسى قوش بۇلۇپ قەپتۇ  بىرسىنى ئۇچۈرۋەتتىم توغىرا چۈشەنگەيسىز  
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 11:09:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقوپ چىقاي دىگەن ئەمما 7،8،9دىن باشقىسىنى تاپالمىدىم.ئوقوپ چىقىپ يىغلاپ سالدىم ،بۇ تۇرمۇش نىمە دىگەن رەھىمسىز دوستلار ؟ تىگىن ئەپەندىم سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت !!!!
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...

8

تېما

7

دوست

563

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
113 سەر
تىللا
94 دانە
تۆھپە
104 سەر
شۆھرەت
114 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 12:27:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تەسىرلىك ئەسەركەن،رەھمەت سىزگە
ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 08:46:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش نىمە دىگەن رەھىمسىز دوستلار ؟ ياخشى يېزىلغان تەسىرلىك ئەسەركەن،رەھمەت سىزگە
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

3

تېما

12

دوست

268

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
57 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
56 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 09:11:30يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 11:09
مەن بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقوپ چىقاي دىگەن ئەمما 7،8،9دىن  ...

ھەممە  قىسمى  مىنىڭ  ساقلىغچۇمدا با
شۇيەردىن  ئۇقۋىلىڭ مەنمۇ بەك ياختىرىپ
قالغان  شۇڭا ساقلىۋالغان  ئاخىردا
ئاپتۇرغا رەخمەت  داۋامىنى چىقماسمىكى
دەپ بو  توربەتكىمۇ كىرمىگەنتىم
لىكىن  بۇگۇن چىققۇم كلىپ چىقسام
داۋامىمۇ يوللۇنۇپتۇ مانا
ئاخرى ئوقۇپ تۇگتىپلا خەت يىزشىم
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن بۇندىن كىيىن
تىخمۇ ياخشى ئەسەر لىرڭىزنى چىقرشڭىزنى
ئۇمۇت قىلمەن

23

تېما

15

دوست

2687

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
537 سەر
تىللا
361 دانە
تۆھپە
504 سەر
شۆھرەت
571 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 15:54:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز باشتىن -ئاخىر شۇنداق ياخىشى چىقىپتۇ.بۇگۇن ئاخىرىنى ئۇقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.ۋەقەلىك شۇنداق ياخىشى راۋاجلانغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرى ئىكەن.بولۇپمۇ تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى،ئاياللارنىڭ قەلبى،چىن مۇھەببەت مىلودىيەسى ۋە ئاياللارنىڭ بارلىقىنى باللىرىغا بېغىشلاشتەك  روھىنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز.تەسەۋۇرىڭىز ئۆزگىچە،شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.قەلەم دۇلدۇلىڭىز ھارمىغاي.سىزنىڭ يەنىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

102

تېما

40

دوست

8656

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1802 سەر
تىللا
523 دانە
تۆھپە
1713 سەر
شۆھرەت
1698 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن رەھمەت سىزگە! بۇندىەن كېيىنمۇ يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 14:40, Processed in 1.030506 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش