مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 4

توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىرنىڭ داۋامى5

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

198

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
41 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
24 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 23:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىگىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-27 01:15  

ماشنىىنىڭ ئىچى غۇۋا سوۋۇشقا باشلىدى ،،،،، شوپۇر بىلەن قىز ھىچبىر گەپلەشمەيىتتى.......... سائەت سائەتلەپ يۈرگەندىن كىيىن ئاخىرى غۇلجىنىڭ سىماسى پەيدا بولدى ..........
- << مانا ، غۇلجىغىمۇ كەلدۇق ، مەن يەنە تارباغاتايغا بارىمەن بىللە بارماقچىما ،،،؟>>،،،،،،،،،،،، شوپۇرنىڭ ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزدى ..
قىز جاۋابەن
- << بارىمەن ، ئىش تۈگىگەندە بىللە قايتىمەن ...>> .......... .
- << بوپتۇ ئەمسە ، بېرىڭ ..>>....
بەزىدە ئاياللارنىڭ چېچې ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىسە ئىشەنمەيمىز ئەمما بۇ قىزنىڭ باشتىن ئاخىر تاللاش يولى خاتا بولۇپلا كەلدى ، ئەسلى بۇ چاغ بولغاندا قېپ قالسىمۇ بولاتتى ،،، ۋە ياكى ماشىننىڭ رەت نۇمۇرىنى يېزىۋىلىپ شوپۇرنى ئىنكاس قىلسىمۇ بولاتتى ھالبۇكى جاھىللىق ، زىيادە ۋىجدانلىق بولغانلىق تۈپەيلى مۇشۇ سائەتتىن باشلاپ تەقدىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرشىكە باشلىدى .....
شوپۇر ئەسلى غۇلجىدىكى مەلۇم بىر سۈت زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خوتەنگە توشۇيدىغان مەخسۇس شوپۇر بولۇپ ، ئەسلى بۇ بەش كىشلىك كىپىنكىدە يەنە بىر ھەمراھى بار ئىدى ، ئۇنىڭ دادىسى قازا قىپ كەتكەچكە ھازىرقى شوپۇر نەچچە كۈن يالغۇز ھەيدەشكە قېپ قالغان ........
شۇ چاغ شوپۇرنىڭ خىيالى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى ، ........
- < بۇنى زادى تاشلىۋەتمىسەم ماڭا بىر باش ئاغرىقى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئۆزى قىلدى ، مەندىن ئاغرىنما ،، كاجلىقىڭ ئۆزەڭگە ياندى...> ،،،،،،، دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە ....
بىر ھازادىن كىيىن يەنە سۆز ئاچتى :
- << ئەمسە سىز دىگەندەك بولسۇن ، ئۇ يەدىن ئەكىلدىغان مال بار ، ماشىنىغا بېسۋىلىپ ئاندىن بىرگە قايتايلى ، يۇرتىڭىزغا بارغاندا مەن سىز دىگەندەك قىلاي ،،>> ..
قىز ئۈندىمەيىتتى ... بەلكىم  ئۆز كۆڭلىدە < ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى توغرا ، شۇنداق قىلسام ئەڭ مۇۋاپىق ، ھىچ بولمىسا ئۆيدىكىلەرنى سۆز - چۆچەكتىن خالاس قىلامەن > دىگەندەك خىياللارنى سۈرۋاتسا كىرەك ، شۇڭىمۇ بىرخىل جاسارەت بىلەن تەمكىن ئولتۇراتتى ........
ماشىنا غوڭشىغان ئاۋازدا مېڭىۋەرمەكتە .........
يول بويى تولىمۇ گۈزەل ، چەكسىز كەتكەن يايلاقلار ،،،، توپ توپ بولۇپ ئوتلاۋاتقان چارۋىلار خۇددى قىز دەرىسلەردە ئوقىغاندەك ، تىلۋۇزۇردا كۆرگەندەك ،،، كۆز ئالدىدا نامايەن بولىشقا باشلىدى ..........
ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە ..........ماشىنا ئۇيان بۇيان مېڭىپ ئاخىرى شوپۇر دىگەن ماكانغا يەنى تارباغاتاي تەۋەسىگە يىتىپ كەلدى ....
ئۇ يەر بۇ يەردە تىكلەنگەن كىگىز ئۆيلەر تولىمۇ پەيزى كۆرۈنەتتى ..........
ماشىنىنىڭ ئالدىغا قانداقتۇر ،بىرقانچە  قازاقلار يىتىپ كەلدى ، دە شوپۇر بىلەن بىر نىمىلەرنى دىيىشەتتى ... قىز بولسا ئۇلارغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچبىرسىنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيىتتى .........
( بەلكىم ئاۋۇ شوپۇر تولاراق شىمالى شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن قازاقلارنىڭ تىلىنى چۈشەنسە كىرەك ) بىر ھازادىن كىيىن ئۇلار بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ ھېلقى شوپۇر قىزنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە قىزغا قاراپ :
- <<  ماشىنىغا باسىدىغان چارۋا بار ، بىز ئاۋۇ تەرەپتە مال باسىمىز ، سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ ، خاتىرجەم بولۇڭ ھەرگىزمۇ سىزنى بۇ تاغلىقتا تاشلاپ قويمايمەن ، چارۋىلارنى بېسىپ بولۇپ ، سىزنى چاقىرىمەن >>..........
قىز سەل تەئەججۈپلىنىپ قالدىيۇ ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇق قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا شوپۇرغا قاراپ :
- << ھېم ، مىنى پەملىمەكچىما ؟ ئاڭلاپ تۇر شوپۇر ئەپەندى ، مەن سەندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايمەن ، نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بارىمەن >>..... دىدى .
شۇ كەمدە شوپۇر قىزنىڭ راستىنلا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ، دىگىنىدىن يانمايدىغانلىقىنى  ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يالغاندىن چارۋا باسقانلىق بولۇپ قويلارنى ماشىنا تۈۋىگە ئېپ كىلىشتى ... قىزمۇ  ئۇلار نەگە بارسا شۇ يەرگە باراتتى .....
شوپۇر بولسا ئۇنى - بۇنى دەپ تىكۋىتىشنىڭ كويىدا ئىدى ، شۇڭا مەخسىتى ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۈرمەكچى .......
ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى .....
قەيەرلەردىندۇ ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايال يەنى مۇشۇ رايۇندا ئولتۇراقلىشىپ قالغىنغا نەچچە ئون يىل بولغان خۇددى قازاق ئاياللىرىدەك ياسىنۋالغان پەتەك ئايال پەيدا بوپ قالدى ، ۋە ئۇلارنىڭ قېشىغا كىلىپ بىر قۇر سالام ساھەت قىلىشقاندىن كىيىن كالاچتەك يوغان ئېغىزلىرى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى :
- << ۋاي ، ئەزىز مىھمانلار ئۆيگە باشلاي سىلەرنى ، چاي قۇياي ، ،،، ھېرىپ چارچاپ كەتكەنسىلەر ھەقچان ، يول ئازابى يامان ، قوسىڭىڭلارمۇ ئاچقاندۇ ..>>.......
شوپۇر ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى :
- << كۆڭەللىرگە رەھمەت ! تىزراق قايىتمىساق بولمايدۇ ..>>....
- << ۋاي شۇنداقتىمۇ ، ئۆيۈمگە كىرىپ سوغاق سۇمۇ بولسا ئىچىىڭلار!!!!!!!! ئوخشۇتۇپ ھاردۇق ئىشى ئىتىپ قويغان .>>.......
- << يا بولمىسا ما چارۋىلارنى بېسىپ بولۇپ ئاندىن كىرەمىز >>.........
- << ۋىييەي ، ما ئاپئاق خېنىم ھەجەپ چىرايلىقكەن ، نەدىن بولىسىز خان ؟ ئەمسە سىزمۇ بولسا چاي ئىچكەچ تۇرۇڭ ! >>.......
قىز ھىچ ئۈندىمەيىتتى ، پەقەتلا سۈكۈتتە تۇراتتى .........
ھېلىقى ئايال قىزنىڭ قېشىغا كەلدى دە بىلىكىدىن چىڭ تۇتقان ھالدا يەنە چالۋاقاشقا باشلىدى :
- << سىڭلىم ، قارىغاندا سىز بۇ يەرگە تۇنجى كىلىشىڭىز ئوخشايدۇ ، شۇنداق بولغاندىن كىيىن بىرە پىيالە چېيىمنىمۇ بولسا ئىچىپ كىتىڭ بولمىسا رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ ؟؟؟؟؟؟.. يۈرۈڭ ئەنە ئاۋۇ ، بىزنىڭ ئۆي ،، بەك يىراق ئەمەس >>..........
قىز نىمە دىيىشىنى بىلمەستىن ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي ھىلىقى ئايالنىڭ زورلىشى بىلەن نىرىراق يەردە تۇرغان كىگىز ئۆيگە قاراپ ماڭدى ،
ھېلقى ئايال يەنە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى :
- << ئاۋۇ شوپۇر ئۇستام ، ئايدا نەچچە قېتىم كىلىدۇ بۇ يەرگە ، بۇرۇن ھىچ سىزنى كۆرمەپتىكەنمەن ، بۇندىن كىيىن كەپ تۇراسىز ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك ياخشى ....>>............
قىز يەنىلا ئۈندىمەيىتتى ، بىلىكى بولسا ئاۋۇ ئايالنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇلغان ، كۆڭلىدە نىمىلەرنىدۇ ئويلىدى ئىشقىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ، پۈتۈنلەي خاتالاشقانلىقىغا ، يەنە كىلىپ ئاشۇ كىچە قېچىپ چىققانلىقىغا پۇشايمان قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىغان بولسا كىرەك .
ئاۋۇ ئايالنىڭ توختىماي سۆزلەشلىرى قىزنىڭ قۇلىقىغا خۇددى مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلانماقتا.....ئەمما قىز بۇ قېتىممۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى يەنە كىلىپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر تەقدىرنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى ، ئۇ پەقەت ماۋۇ ئايالنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئازراق ئىشىنىپ قالدىمۇ ئەگىشىپ ماڭدى . دىمىسىمۇ ماشىنا بىلەن ئۇ كىگىز ئۆينىڭ ئارلىقى خىلىلا يىقىن ئىدى.....
ئايال ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ئاخىرى قزنى كىگىز ئۆينىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى ، ساپلا قازاقچە پاسۇندا بىزەلگەن بۇ ئۆي قىزغا تازا ياقمىغاندەك قىلاتتى ...ئىچىمۇ بىرخىل غەيرى پۇرايىتتى .....
ھېلقى ئايال يەنە كوتۇلداشقا باشلىدى :
- << كىلىڭ مانى يەپ بېقىڭ ، سۈت بىلەن پۇشۇرغان قاتلىما ،،،،،،، بىرەدەم چاي ئىچىڭ .... قوسقىڭىز ئېچىپ كەتدۇ ھەقەچان ..>>.....
قىز يەنىلا باشقا گەپ سۆز قىلمىدى ، پەقەت ئويلىغىنى يۇرىتقا بېرىپ ئاتا - ئانىسىدىن ۋە ئالداپ قويغان يولدىشىدىن ئەپۇ سوراپ گۇناھىنى ئۆز بوينىغا ئېلىش ئىدى . .......
كىم بىلسۇن ئۇ مەككار ئايالنىڭ قىزنى پەملەپ ، شوپۇرنى قاچۇرۋىتىشىنى ............
قىزغا ياغلىما گەپ قىلىپ تۇرغان شۇ پەيىتتە شوپۇر ئاللىرامان قويدىن بىر قانچىنى ئېلىپلا  ماشىننى قوزغاپ  يېنىپ كەتتى .....
ئۇ قويلار بەلكىم قىزنىڭ مىھرى ھەققىگە شوپۇرغا سوۋغا قىلىنغان بولسا كىرەك .....بىر قانچە قوي دىگەن نىمىتى ئۇ تاغدىكى چارۋىچىلار ئۈچۈن ؟.....
ئۇلار پەقەت قىزنى بىر مالاي ئورنىدا ئىشقا سېلىش ئۈچۈنلا ئېپ قېلىشقا شوپۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەپ قېلىشقان ئىدى ... ئەمىليەتتە بۇ شوپۇر بۇ يەرگە بىر قانچە قېتىم كەلگەن ، ئالدىغا چىققان چارۋىچىلار بىلەنمۇ ئوبدان تونىشلىقى بار ئىدى ، ،،،،،،،
قىز ماشىننىڭ گۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان چاغدا ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى،،،،
- << ۋاي ، توختا ......... >>......
قىز ماشىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قولىدىكى نەرسىلەرنى چۆرىۋىتىپ سىرىتقا ئېتىلدى ،،،
ھەر قانچە بولسىمۇ ماشىننىڭ كەينىدىن يىتەلىسىنمۇ ؟........ قىز ئون نەچچە قەدەم يۈگرەپ بولغىچە ماشىنا خېلىلا ئۇزاپ كەتتى...........ئۇنىڭغىچە ھېلقى پەتەك خوتۇن قىزنى تۇتىۋىلىپ ، ھېلقى كىگىز ئۆيگە ئېلىپ ئەكىردى..
- << قويۋەت !!!!!!! نېرى تۇر ........ سەنلەنى كۆزەم كۆرمىسۇن ،،،،،،،، يۇقال دەللە قېرى  >>.............
قىز بار ئاۋازى بىلەن توۋلىماقتا ........توۋلىدى ، قارشىلىق قىلدى ،،،،،،ئەمما قىزنىڭ نالە ، پەريادىنى بۇ يەردىكى گۈزەل چىملىقلار ، قوي چارۋىلار لا ئاڭلايىتتى ،، ،،،،
ئۇ ئايال قىزنى كىگىز ئۆيگە ئەكىرىپ تاشلىدى ، قىزنىڭ شۇ تۇرقى ئەڭ بىچارە بولۇپ ، ئۆمرىدە ئۇچراپ باقمىغان خورلۇقنى ھىس قىلماقتا!!!!!!!!
ئورنىدىن چاچراپ تۇردىيۇ ، ئەمما ئۇ ئايال يولىنى توسۇپ سىرىتقا چىقارمىدى ........
- << ۋاي ، دەللە قېرى  سەنمۇ ئادەممۇ ؟... ئىمانىڭنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ؟..... سەن نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟.........>>..........
قىز دەرىت ئازاپنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ھېلقى پەتەك ئايالغا قاراپ جان جەھلى بىلەن توۋلىماقتا........
- << ھۇي ، بۇنداق گۈزەل يۇرىتقا كەلگىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ ئەمەسمۇ ؟... ما بۇزۇقنىڭ دەۋاتقان گېپىنى كۆرۈڭ ... كىمىڭگە دەۋاتىسەن ئۇ گەپنى ...... ئەمدى سىنىڭ كەتكىنىڭنى كۆرەي بۇيەدىن  >>...............
بىكار غا كەلمىدىڭ سەن ، 15 قوينىڭ نەرقىگە سېتىۋالدۇق ........
قىز بولسا نىمىلا قىلمىسۇن ئۇ ئايالنىڭ مۇئاسىرسىدە قالدې........
قىز يىغلاپ باقتى ، تىللاپ باقتى لىكىن ھىچ كارغا كەلمىدى ،
ناماز شام ۋاختى گۇگۇم پەيتىدە چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىغان ئاۋزى ، پاقىلارنىڭ كۇركىرىغان ئاۋازى بۇ كەڭرى يايلاقنى سۈرلۈك تۈسكە ئىگە قىلغان ئىدى ....
قىزنى بېقىپ تۇرغان ئاۋۇ خوتۇن قىزغا ئىچ ئاغرىتىش نە تۇرسۇن ،،،،،،،،،ئىسىت سەنمۇ ئايال بولدۇڭمۇ ؟؟؟؟؟
مانا تۈن قوينى كەڭرى كەتكەن يايلاق ،،،،،، ئورمانلار .......تاغلار..........گەرچە شۈنچە گۈزەل بولسىمۇ ئەمما قىزنىڭ كۆزىگە بەئەينى دوۋزاقنىڭ ئۆزىى بولۇپ كۆرۈنمەكتە..............
بىر چاغدا ياشقا چوڭراق بىرەيلەن كىردى ، ئۇ ئاشۇ ئايالنىڭ يولدىشى ئىدى ،،،
ئۇ ئىككى ئەر خوتۇن  شىرداقنى ئېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا كەلمەسمۇ ، قىز شۇئان قورققىنىدىن يەنە قىلماقچى بولغىننى تۇيغاندەك ، ۋارقىراشقا باشلىدى ،
- << نېرى تۇرۇش ، يوقال،،>>............
بۇنداق سۆزلەر ئۇلارغا ھىچ كار قىلمايىتتى  ، دىگىننى قىلماي قويمايىتتى .....
ئۇلار قىزنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا پەرۋاسىز ، شىرداق بىلەن قىزنى ئوراپ ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ مىڭشتى .......
ئۇلار قىزنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ ؟....
بۇنى قىز ئۆزىمۇ ئۇقمايىتتى ........
ئۇلار قىزنى كۆتۈرگىنىچە بىر غونىجىن قوشۇلغان ھارۋىغا سالدى ، قىز بولسا تىپچەكلەپ ، سۇدىن ئايرىلغان بېلىقتەك قېنىنىڭ بارىچە مىدىرىماقتا ،، شىرداقنىڭ تېشىدىن بىر قانچە يېرىدىن باغلاپ قويۇلغان ، قانداقلا قىلسۇن بىكار ئىدى .......
ئۇلار  ھارۋىنى ئىگىز پەس يوللار بىلەن ھەيدەپ قەيەرلەرگىدۇ ئېلىپ ماڭدى ، قىز بولسا داۋاملىق توۋلىماقتا :
- << قويۋەت ،، يوقىلىش كۆزۈمدىن،،،،،، ھۇ تىگى پەسلەر ،،،،،قويۋەت ،...>>..........
ئۇلار قىزنىڭ ۋاقىراپ - جارقىرىشىغا چىدىمىدىمۇ قانداق قىزنىڭ ئاغزىنىمۇ تېڭىپ قويۇشتى ......
- <<  ھېم .......ھى.....>>.......
قىز ئەمدى شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلدىكى ئاسماندا چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇرلارغا ، يېرىم يۇمۇلاق ئايغا قاراپ ئاۋازى چىقمىغان ھالدا كۆزياش قىلىپ ، ھارۋىدا يېتىشتىن باشقىنى قىلالمىدى ،،،،،،،،
ھارۋا مېڭىۋەردى ، قىزنىڭ كۆز ئالدىدىكى يۇلتۇزلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرماقتا ، گويا ئۆز يۇرتى ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارنى ئىزدەۋاتقان تۇرغان قىز بېشىنى پات - پات ھارۋىغا ئۇرۇپ قويۇپ ، شىرداق بىلەن تىركەشكىنىچە ھارۋىدا ياتماقتا................
قانداقتۇر بىر چاغلاردا بىر ئاۋازلارنىڭ چىقىشى بىلەن ھارۋا توختىدى ....
ئۇلار قىزنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھارۋىدىن ئېلىشتى ، قىزنىڭ جېنى ئونمۇ قارشىلىق قىلىۋىرىپ ھېرېپ ھالىدىن كەتكەندەك ، پات - پات قىتىنجىپ قويۇپ يەنىلا شۇ كۆز يېشى قىلىپ شىرداق ئىچىدە ............
قىزنى يەنە بىر كىگىز ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ تاشلاشتى ......
ئاندىن ھېلقى ھارۋىدىكىلەر كىتىپ قالدى ،،، ئەسلى ئۇلار قىزنى بېقىۋالغان ئوغلىغا ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى ،،،،
( ئۇلار بالىلىق بولالمىغاچقا قازاق مىللىتىدىن بالا بېقىۋالغان ئىدى )
مانا بۇ كىچە قىزنىڭ توي كۈنىنىڭ ئۈچىنجى كىچىسى ...............
ھېلقى ئايال شىرداقنى يەشمەكچى بولدى ....
قىز تېخىمۇ تىپچەكلەشكە باشلىدى ، ،،،،
ئۇلار بولسا بىپەرۋا ،،،، كەلگىنىچە كىلىپ شىرداقنى يىيشكە باشلىدى دە قىزنىڭ پۇت قولىنى بوشىتىپ قويدى ، قىز ئېغىزىغا چىگىپ قويۇلغان لاتىنى ئېلىۋىتىپ يەنىلا ئۇلارنى تىللاشقا باشلىدى .....
- << ھۇ مۇناپىقلار ،،،، قويۋەت مىنى ،،،،،،>>،،،،،،،،،
بېشىنى بۇيەردىن كۆرۇڭ؛/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=12846
بېشىنى بۇيەردىن كۆرۇڭ؛/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=12987
بېشىنى بۇيەردىن كۆرۇڭ؛/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=13062
بېشىنى بۇيەردىن كۆرۇڭ؛/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=13135
داۋامىنى بۇيەردىن كۆرۇڭ:/bbs/forum. ... id=13340&extra=
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 00:43:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن يارايسىز
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

125

تېما

22

دوست

3511

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1101 سەر
تىللا
249 دانە
تۆھپە
454 سەر
شۆھرەت
456 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 00:47:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن.

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:03:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى  قانداق  ئاياقلشار؟  ئادەم  ئەجەپ تەققاززا  بولدىغۇ!  
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

22

تېما

3

دوست

787

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
149 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
148 سەر
شۆھرەت
195 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 11:34:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى بەك كېچىكتۈرۈۋەتمىگەيسىز، بەك تەققەزا بولىدىكەنمىز.

0

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
4 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
4 سەر
شۆھرەت
3 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 20:28:03يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخېرې قاچانلادا چېقا ئەمدې قېرېندېشېم
来自: Android客户端
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:43, Processed in 0.441921 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش