مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 9 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 2

توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىرنىڭ داۋامى8

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

198

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
41 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
24 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 16:07:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موماي قىزنى خۇددى ئۆز قىزىدەك پەپىلەپ پەرۋىش قىلاتتى ،، شۇ تەرىقىدە تاكى قىرىقى توشقىچە ھالىدىن خەۋەر ئالدى ... بۇ جەرياندا موماي قىزنىڭ كۆزىگە خىلى ئىسسىق كۆرىنىپ قالدى ، ئىككەيلەنمۇ خىلى چىقىشىپ كەتكەن ئىدى ........
قىزنىڭ نەزەرىدىكى بۇ << ياۋايىلار>> ئەمدى بولغاندا ، شۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئارقىلىق بۇرۇنقىدەك كۆزىگە سەت كۆرىنمەيدىغان بولدى ،،،،،
ئىشقىلىپ ئاندا ساندا گەپلىشىپ ، سۆز ھەركەتلىرىنى چۈشىنىشەتتى ..........
ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە ياخشىلاندى .. بىر كۈنى قىز ئۆتكەن - كەچكەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى مومايغا سۆزلەپ بەردى ،،، موماينىڭ سەل ئىچى ئاغىردىمۇ ئىشقىلىپ قىزغا بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى قارايدىغان بولدى. نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككىلىسى ئايال كىشى ئەمەسمۇ بىر بىرىنىڭ ھىسىياتىنى چۈشۈنىدۇ ،،،،
قىز ھەممە ئەھۋالنى مومايغا ئۇقتۇرغاندىن كىيىن قەغەز قەلەم ئەكىلىپ بىرىشىنى ، يۇرىتتىكى ئاتا - ئانىسىغا ئۆزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى بارلىقىنى ئۆتۈندى ...
موماي قوشۇلۇپ ، ئەتىسى نەلەردىندۇ قەغەز قەلەم ئەكىلىپ بەردى ، قىز مومايغا مىڭ رەھمەت ئوقىغاندىن كىيىن مۇنداق خەتلەرنى يېزىشقا باشلىدى :

- <<  ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانا ، سىلەر ياخشىمۇ؟
سىلەرنى بەك سېغىندىم ، باراي دىسەم ئامال بولمىدى ، بىلىمەن مەندىن كۆپ رەنجىدىڭلار ، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى تۆكۈپ قويدۇم ، سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن ، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى نىمە قىلۋەتسەممۇ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن ، لىكىن مىنىڭ مىھرىمگە تەشنا ئۈچ پەرزەنتىم بار بولدى ، تويۇم بولغان ئاشۇ كۈندىلا ئۆزۈمنىڭ كىمگە تەۋە  بوپ كەتكىنىمنى  ھىس قىلىپ ئۆزۈم خالايدىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن قېچىپ كەتتىم ، كىم بىلسۇن ھەممە ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل چاغلاپتىمەن ، شۇنىڭدىن كىيىن ئارقا - ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تا بۈگۈنگە كەلگەندە ، سىلەرگە خەۋىرىمنى بىرەلىدىم،،،،،،،،،
- يادىڭىزدىمۇ ئانا ، مەن سىزگە بىر قانچە قېتىم دىگەنتىم ،،،،ساقلاۋاتقان ئادىمىم بار دەپ ، ئەمما سىز ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدىڭىز ، ئەكسىنچە شۇ دادامنىڭ يول - يورىقى بويىچىلا ئىش قىلدىڭىز ،،،،،
ھەر قانچە بولسىمۇ مىنىڭ رازىلىقمنى ئېلىشىڭىز كىرەك ئىدى ، مەن قانداقمۇ سىزنىڭ بولۇپمۇ دادامنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقالاي ... شۇڭا سۈكۈتتىلا تۇرۇپ كەلدىم ، ،،،، چۈنكى مىنى دەپ دادام بىلەن جىدەللىشىپ قېلېشىڭىزدىن ئەنسىرايىتتىم ...توي كىچىسى ، ماڭا باشقا بىر قول تەگكەندىلا مەن ئۆزۈمگە بولغان تەڭسىزلىكنى ھىس قىلدىم ،،،،شۇڭا ئۆز قارارىم بويىچە قېچىپ چىققان ئىدىم،،،،،
ئانا سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ، دادامنىمۇ سېغىندىم ، سىلەر سالامەتمۇ ؟ ...
ئۇكىلىرىم چۇ ؟----
ئەسلى سىلەرنى يوقلاپ باراي دىگەن ئەمما ھازىر سەل بىئەپ بوپ قالدى ، ھاۋىمۇ سۇۋۇپ قالدى ، قىش ئۆتۈپ كەتسە بارارمەن ، سىلەرگە تۇرۇشلۇق ئورنىمنى ئېنىق دەپ بىرەلمەيمەن ، چۈنكى بىز پەسىل ئالمىشىپ كۆچۈپ تۇرىمىز ،،،،،،،،،،،،
ئانا - دادا ، سىلەر مەيلى قانچىلىك ئۆچ بوپ كىتىڭلار ، ئەمما مەن يەنىلا سىلەرنى ئىزدەيمەن ،
خۇدايىم تىنىچ - ئامان قىلسا بىز ھامان كۆرىشىمىز ، ،،،،

خۇداغا ئامانەت ! ئامان بولۇڭلار ، سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن ،

                                                                    قىزىڭلار : قەلبىنۇردىن >>...............

قەغەزدىن يەنە بىر كىچىك خالتا ياسالغان بولۇپ ئۇنىڭ تېشىغا :
- << يەكەن ناھىيە  يەكەن بازار سەيچىلىك كەنتى 2 - مەھەللىدىن : قادىر سەيپىدىنگە تىگىدۇ>>... .

دەپ يېزىلغان ئىدى ........
قىز مانا مۇشۇ قۇرلارنى يېزىپ بولۇپ ، خەتنى مومايغا تاپشۇردى ، گەرچە موماي ئۇ خەتلەرگە قاراپ ھىچ چۈشۈنەلمىسىمۇ ئەمما چوقۇم قىزنىڭ سېغىنىشلىق خەت يېزىۋاتقانلىقنى بىلەتتى ........
موماي خەتنى قانداق سالدىكىن ئىشقىلىپ بىر كىملەرگە ھاۋالە قىلىپ ئەتىسى چۈشتە قىزغا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى ،،،،،
ئاشۇ پەيىتلەردە قىزنىڭ ئالمجانغا يازىدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بولسىمۇ ئەمما نىمىشقىدۇر ، يازمىدى ، ...
بۇرۇنقى شىرىن مۇھاببەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .........
               
قىزنىڭ يۇرىتتىكى ئىشلارنى شۇنداق بىلگۈسى كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئامال يوقدە ،،،،،
يۇرىتتىكى ئۇ ئىشلار ئاللىقاچان بېسىقىپ كەتكەن ، قىزنىڭ ئىرىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي توي قىلىپ بالىلىق بولدى ، ئالىمجان ئوقۇشتىن كىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى ، قانچە ئىزدەپمۇ قىزنىڭ دىرىكىنى ئالالمىدى ..........
ئۇ ھېلى ھەم بويتاق.............
قارىماققا بۇ ئىشلار ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ساپلا زىت بىلىنسىمۇ ئەمما تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ مەيلى بويىچە بولمايدىكەن ، قىزنىڭ يەنە ئالىمجاننى ياخشى كۆرۈش ھوقوقى بارمۇ ؟ ئالىمجاننىڭ قىز بىلەن توي قىلغۇسى كىلەمدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە كۆڭلى كۆتىرەمدۇ ....؟...
ئەلۋەتتە ئۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس ، بىراق ھەقىقى مۇھاببەتنى ئۇنتۇش ھەر ئىككەيلەنگە بولۇپمۇ ئالمجانغا تولىمۇ تەس كەلگەن ئىدى ، قىز ئۆلۈپلا تۈگەشكەن بولسا بەلكىم بىر مەزگىل ئىچ ئاغرىقى بولۇپ ئەكسىگە كىلەتتى .... ئەمما تىرىك ئايرىلىشنىڭ يەنە كىلىپ جىمجىتلا غايىپ بوپ كىتىش ئىچ كۆيىكى بولۇپ تا ھازىرغىچە باشقا قىزغا قارىغۇسى كەلمەيىتتى ............
ئۆز نىگارىدىن ئايرىلىپ قالغان ئالىمجان يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن شۇ كونا مۇھاببەت يالدامىلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە !!!!!!!!!!
ھېلقىدەك جىدەل بولغاندىن كىيىن قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پىتنە - پاساتقا چىداپ بولالماي باشقا بىر مەھەللىگە كۆچۈپ كەتتى ...
قىزنىڭ بىگۇناھ ئانىسى تاپا - تەنە ، ئاچچىق سۆزلەرنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ جىگەر قېتىشىش كىسەللىىكى بىلەن تۈگەپ كەتتى ........
ئۆگەي دادىسى بولسا قايتا ئۆيلەنگىلى بىرە يىلچە بولدى ........
ھاياتلىق يولى دىگەن ئەنە شۇ ،،،،،،،، بىرىمىز ئازاپتا ، بىرىمىز شاتلىقتا ،،،،،،،
بىرسىمىز كەتسەك بىرسىمىز تۇغۇلىدىغان ئىشكەن ...........
قىزنىڭ ئالىمجانغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ئاخىرغا كىلىپ چوڭ بىر خاتالىققا يەنى ئورنىغا كەلگۈسىز پۇشايمانغا ئايلاندى !!!!!

كۈن ئايغا ئۇلىشىپ كۈنلەر ئۆتۈۋەردى .............
مانا -  قىز ، قېچىپ چىققان 3 - يازنى كۈتۈۋالدى ،، ئوماق بالىلىرى ئەتراپىدا ئوينىسا ، ئۆز ۋاختىدىكى قىزنى نەزەربەنىت قىلغان باققۇچى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا..........
تەقدىرگە بويسۇنماي نە ئامال دەيسىز ...گەرچە قىزنىڭ قازاق ئىرى چىن مۇھاببەت بىرەلمىسىمۇ ئەمما قىز باللىرىنى دەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتمىسە بولمايىتتى ..........
بۈگۈنكى كۈندە قىز ئۇلار بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايدىغان بولدى ...ئائىلىسىمۇ بىر قارىسا بەخىتلىك ئائىلىگە ئوخشايىتتى .........
قىز يۇرتىغا بېرىپ ئاتا - ئانىسى يوقلاپ كىلىش توغۇرلۇق كۆپ قېتىم يول يورۇق سوراپ ئاخىرى قازاق ئىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن مال مۈلۈكلىرىنى بىر تۇققىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ كەلمەكچى بولدى ،
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆمەي ئۇلار يولغا چىقتى ..........
قىز ئاز تولا خۇشالىققا ئىرىشكەندەك ئىدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرىتنىڭ مىھرى باشقىچە ئەمەسمۇ ....؟؟؟؟؟؟
قىز ئەينى ۋاقىتتىكى يولنىڭ ئەكسچە زور ئۈمۇد بىلەن ماڭماقتا ئىدى ....
بىراق مۇشۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن يەنە بىر ئىشنى يەنى ، ئاتا - ئانىسىغا يازغان خەتنىڭ چاۋابسىز قالغانلىقىنى ئۇنتىدىمۇ ياكى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ جاۋاپ قايتۇرمىدى ، دەپ ئويلىدىمۇ ،،،
ئىشقىلىپ يۇرتۇمغا بارالايدىغان بولدۇم ، دىگەن خوشلۇق ئۇنى باشقىچە قىلىۋەتكەن ئىدى ...
يول بويى شۇ خىيالدا بولغاچقا باشقا يەرلەردە ھايال بولماي ئۇدۇللا ، يۇرتىنىڭ ماشىنا بىكىتىگە چۈشكەن قىز ، كۆزئالدىدا تۇرغان يۇرتىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردى ، دەل شۇ چاغدىلا < بەلكىم ، ئۆيدىكىلەر ، ئانام ، ئۇكىلىرىممۇ ئۆزگىرىپ كەتكەندۇ >،،،، دەپ ئويلىدى بولغاي  قەدەملىرىنى ئاستا - ئاستا ئېلىپ بىكەتتىن چىقىپ كەلدى ....
- << نەگە بارىسىز >> ؟ .. دەپ تۇرىدىغان تاكسىچىلار ، كىرا موتولىرى .... توپ توپ بولۇپ ئايلىىنىپ يۇرىيدىغان بۇ جايدا قىز باللىرىنى ، نەرسە كىرەكلىرىنى  ئېلىپ قازاق ئىرى بىلەن تاكسىغا چىقتى .....
ئاندىن بىرخىل نۇمۇسچىلىق ، تۆۋەن كەيپىيات بىلەن ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى ........
- مانا  ، يۇرىتنىڭ كوچىلىرى باشقىچە ......... ھەش - پەش دىگۈچە قىز ئۆيىگە كەپ قالدى ....
ئەمما بۇ مەھەللىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى، يوللارنى كېڭەيتكەن ، قورۇ تاملىرى يىڭىدىن سېلىنغان قاتار ئۆيلەر ئىچىدىن قىز ئۆز ئۆيىنى ئاران تەستە تونىدى .........
ئىشىكلىرىدىن تارتىپ قايتا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى ......
قىز ئىشىكنى پەم بىلەن چەكتى :
ھىچ ئۈن يوق ، يەنە بىر قېتىم چەكتى ......
ئىشىك جالاققىدە ئېچىلدى ، ئىشىكتىن چىققىنى قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولماستىن ، ناتونۇش بىر ئايال ئىدى .
قىز ھاڭ -تاڭ بوپ تۇرۇپلا قالدى ، ھېىلقى ئايال :
- << كىمنى ئىزدەيسىز ئۇكام >>......؟
دەپ سورىغان ۋاقىتتا قىز ئىسىنى يىغقاندەك بولۇپ ،
- << مۇيەسسەر خاننىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ ؟ .. ئۇلار قېنى ..؟؟؟>>..........
دىگەن سۇئالنى دۇدۇقلاپ ئاران سورىيالىدى ......
- << ئۇلار كۆچۈپ كەتكەن ، بىزمۇ ئۇقمايمىز نەگە كەتكىنى ..>>........
- << ھە ،،>>،،،،،،،
قىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە كەينىگە ياندى ......
ياندىكى قوشنىلار بىلەن كۆرىشىپ بارلىق ئەھۋاللارنى ئۇقتى ............ ئەمما بەكلا كىچىككەن ئىدى ....
قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىنى قايتا ئىزدۈگىسى كەلمىدى ، ئىز دەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .....
ئالىمجاننى ئىزدىگۈسى باريۇ ئەمما يەنىلا يۈزى چىدىمىدى .......
ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئانىسىنىڭ قەۋرە بېشىنى تاپتى .........
بىچارە ئانىنىڭ قەۋرىسىگە بىر قانچە تال دەرەخ شېخى سانچىلغان ... توپا ئۈستىگە بىر قانچە تال خام قىش تاشلانغان ئىدى ، باشقا ھەيۋەتلىك قىلىپ مەر - مەر تاشلاردىن قەبرىنامە يېزىلغان ، ئىگىز - ئىگىز گۈمبەزلىىك قەبرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خۇددى بىر نامرات ، ئىگى چاقىسىز ئادەمنىڭ قەبرىسىدەك كۆرۈنىدىغان ئانىنىڭ قەبرىسى خېلىلا پەرىقلىنىپ تۇراتتى .....
شاخلىرىمۇ يىڭىلانمىغان ( جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە ، روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت كۈنلىرىدە قەبرىنىڭ ئىگى چاقىسى ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ كۆك شېخىدىن كىسىپ ئەكىلىپ قەبرە بېشىغا سانچىپ قويۇدۇ ) ھىچبىر سۈپۈرۈپ ، سۇچىچلمىغاندەك قىلمايىتتى ..............
قىز بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ قەبرە بېشىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغىنىچە ئاھۇ - فەرياد ئۇرۇشقا باشلىدى :
- << ئانا ، بىچارە ئانا ، ئىگىڭىز چىقمىدىمۇ يوقلىغىلى ، مەن سىزگە ئازار بەردىم ...سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ..
مىنىڭ ئىشىمدىن قانچە رەت ئازار يىدىڭىز ؟...قانچە رەت تەڭقىسلىقتا قالدىڭىز ؟........
سىز نى يوقلاپ كەلدىم ،،، جېنىم ئانا ......>>..............
قىزنىڭ يىغا ئاۋازى بارغانچە كۈچىيىپ كەتمەكتە،،،،،،،،،،،
قىز ھىچبىر خۇدىنى بىلمەيتىتتى ......كۈن پاتتى ... قىز تېخچە قەبرە بېشىدا ھۆڭرەپ يىغلىماقتا .....
تۈن يېرىم ---قىز يەنىلا يىغىدىن توختىغىنى يوق ....
سەھەر ---قىز يەنىلا قەبرە بېشىدا .............
بامداتتىن يېنىپ مازارلىققا كەلگەن  قىزنىڭ ئۇ ھالىتىنى كۆرگەن جامائەت ياقىلىرىنى چىشلىشىپ :
- <<  توۋا خۇدايىم ،،>>.......
دىيىشكىنىچە  يېنىپ كىتىپ باراتتى .....
( جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە قىز ، ئاياللارنىڭ مازارلىققا كىرىشى  شەرىھەتتىن چەكلەنگەچكە ئەل جامائەت ھەيران قالغان بولسا كىرەك )
كۈن ئىللىق نۇرىنى بۇ زىمىنغا يورىتتى .......
قىز كىچىچە يىغلاپ ، ئاھ ئۇرۇپ ئەمدى بولغاندا ھىچبىر ھالى قالمىغان ئىدى .....
گەرچە بۇ كۆرىنىشنى كۆرگەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلسىمۇ ، قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىپ قويغان شۇ بىر خاتا ئىشىنى بىلسە ئەلۋەتتە قىزغا نالات ئوقۇيدۇ .......ئەمدى بولغاندا بۇنداق قىلغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟
يا ئانا تىرىلىپ قالارمۇ ؟ يا ئىشلار كەينىگە يانارمۇ ؟.........قايسى بىر كىشى مۇنداق دىگەن << دۇنيا گۈزەل تۇرمۇش رەھىمسىز >>........ بۇ گەپنىڭ دەلىلى مانا بۇ تۇرمۇش ، يەنى قىزنىڭ تۇرمۇشى بوپ قالدى ....
ئاخىرى ماڭغۇدەك ھالى قالمىغان قىز بىر چاغلاردا قازاق ئىرىنىڭ ئېپ كەتكىننىلا تۇيدى.......
چوڭ سېغىنىش ۋە ئۈمۈد بىلەن كەلگەن قىز ئەمدى كىمنىمۇ ئىزدىسۇن،،،يەنە كىم ئۇنىڭ تىرىك قايتىپ كەلگىنىگە خۇشال بولسۇن!!!!!!!!!!!!
مانا مۇشۇ چاغ قىز ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان ئىشىنىڭ ناھايىتى خاتا بولغانلىقىنى ، ھىچ بولمىغاندا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى يەنە كىلىپ ئانىسى جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ يېنىدا بولالمىغانلىقغا ئىچى سىيرىلماقتا،،،،!!!!!!!!!
ئەمدى قىزنىڭ بۇ يۇرىتتا داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى ، چۈنكى ، ئەگەر قىز قېپ قالسا بىر مەھەل سۆز - چۆچەك قىلىنغان باشقىلارنىڭ ئاشۇ نەشتەردەك سۆزلىرى يەنە پەيدا بولاتتى ..ھەتتا باللىرىنىمۇ : << ئاناڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن ، سەن ھارامدىن بولغان >> دىيىشمەي قويمايىتتى ،،،
ئەجىبا قىز داۋاملىق قېپ قالسۇنمۇ ؟؟؟؟؟؟؟.........
يۈرەك باغرى تىلىم - تىلىم بوپ كەتكەن قىز يەنىلا ئاشۇ تاغلىققا كىتىشنى لايىق كۆردى ، بۇ يەردە قېپ قالسا داۋاملىق يۈرەك يارىسى بوپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى ....
شۇڭا ئاشۇ زەھەرخەندى سۆز - چۆچەكلەر قايتا بولىنىشىدىن ئاۋال چوقۇم كىتىشنى قارار قىلدى ،،،،
ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئالىمجانغا بەرمەكچى بولغان خېتىنى پوچتىخانىغا تاپشۇرۇپ ، بىكەت تەرەپكە يول ئالدى . ( ئۇ خەتنىڭ بىر قىسمىنى ئاشۇ تاغلىقتا ، بىر قىسمىنى يۇرىتقا قايىتقۇچە يازغان ئىدى ) .
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن جانانىنى قانداقمۇ ئۈنچە ئاسان ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن~~~~~~...
قىزنىڭ باشقا مەخسىتى يوق ، پەقەتلا ئالىمجانغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرۈپ قويماقچى ، يەنە كىلىپ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىماقچى ،،،،،،
ئەلۋەتتە يۈزتۇرانە پاراڭلاشسىمۇ بولاتتى ،،، بىراق نىمىشقىدۇر قىز ئۆزىنى قاچۇرۇش تۇيغىسىدا خەت ئارقىلىق خوشلىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى ،،،،
بۇ ، قىزنىڭ ئالىمجاننى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولسا كىرەك ، خەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى قىزنىڭ مۇھاببەتكە شۇنچىلىك سادىقلىقىنى ھىس قىلماي قالمايىتتى ،،،،،،
بىراق تەقدىر دىگەن شۇ ، مۇھاببەت ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ ئەمما تەقدىر نى ئۆز گەرتەلمەيدۇ ، ئەكىسچە تەقدىر ئاشۇنداق ئۇلۇغۋار مۇھاببەتنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ .........
چوڭ سېغىنىش ۋە ئۈمۈد بىلەن كەلگەن قىز ئەمدى كىمنىمۇ ئىزدىسۇن،،،يەنە كىم ئۇنىڭ تىرىك قايتىپ كەلگىنىگە خۇشال بولسۇن!!!!!!!!!!!!
مانا مۇشۇ چاغ قىز ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان ئىشىنىڭ ناھايىتى خاتا بولغانلىقىنى ، ھىچ بولمىغاندا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى يەنە كىلىپ ئانىسى جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ يېنىدا بولالمىغانلىقغا ئىچى سىيرىلماقتا،،،،!!!!!!!!!
ئەمدى قىزنىڭ بۇ يۇرىتتا داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى ، چۈنكى ، ئەگەر قىز قېپ قالسا بىر مەھەل سۆز - چۆچەك قىلىنغان باشقىلارنىڭ ئاشۇ نەشتەردەك سۆزلىرى يەنە پەيدا بولاتتى ..ھەتتا باللىرىنىمۇ : << ئاناڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن ، سەن ھارامدىن بولغان >> دىيىشمەي قويمايىتتى ،،،
ئەجىبا قىز داۋاملىق قېپ قالسۇنمۇ ؟؟؟؟؟؟؟.........
يۈرەك باغرى تىلىم - تىلىم بوپ كەتكەن قىز يەنىلا ئاشۇ تاغلىققا كىتىشنى لايىق كۆردى ، بۇ يەردە قېپ قالسا داۋاملىق يۈرەك يارىسى بوپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى ....
شۇڭا ئاشۇ زەھەرخەندى سۆز - چۆچەكلەر قايتا بولىنىشىدىن ئاۋال چوقۇم كىتىشنى قارار قىلدى ،،،،
ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئالىمجانغا بەرمەكچى بولغان خېتىنى پوچتىخانىغا تاپشۇرۇپ ، بىكەت تەرەپكە يول ئالدى . ( ئۇ خەتنىڭ بىر قىسمىنى ئاشۇ تاغلىقتا ، بىر قىسمىنى يۇرىتقا قايىتقۇچە يازغان ئىدى ) .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 17:07:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىگىن ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز ؟ يولىغان تىمىڭز ناھايتى ياخشىكەن  بولسا مەنبەسىنى تەپسىلىرەك يوللاپ قۇيۇڭ
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 08:50:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش نىمە دىگەن رەھىمسىز دوستلار ؟ ياخشى يېزىلغان تەسىرلىك ئەسەركەن،رەھمەت سىزگە
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:59, Processed in 0.619439 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش