قىسقا سىناق: بەدىنىڭىز ساغلاممۇ؟
بىزنىڭ بەدىنىمىز ئادەتتە ئالدىمىزغا كەلگەننى رەت قىلمايدۇ، يىگىمىز كەلگەننى كۆڭلىمىز تاتسىلا يەيمىز، مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك، بەدەن ئېھتىياجلىقى كىرمەي ، ئېھتىياجلىق ئەمەسلەر كىرىپ ئىچكى ئەزالارنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ، ھەمدە بىزنى كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قۇيىدۇ، بۇلۇپمۇ قىزلاردا بۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ ئۇچىرايدۇ. بەدەن زىيانداشلىرى ئاساسلىق: زەھەر، ماي، قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بۇلۇش، سۇ مىقدارى ئاز بۇلۇش قاتارلىق «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز»بۇلۇش جەھەتلەردە گەۋدىلىك كورۈلىدۇ. سىزدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار بار بولسا «ھەئە» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ، ئەگەر يوق بولسا «ياق» دەپ ئىنكار قىلىڭ(جاۋاپ بەرگەندە ئەستايىدىل بولۇڭ): 1.تېرىڭىز يىرىك، دائىم تېرىنىڭ ئاۋارچىلىقى بېشىڭىزنى ئاغرىتىدۇ. 2.رەڭگى رويىڭىز ياخشى ئەمەس. 3. قارىماققا ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۈرۈنىسىز. 4. دائىم قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىسىز. 5.ئاسان ھېرىپ چارچايسىز. 6.ئادەت ئاغرىتىپ كىلىدۇ، بىلىڭىز، مۆرىڭىز ئاغرىيدۇ. 7. بەشىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغىچە ھاسىراپ-ھۈمۈدەپ كېتىسىز. 8.سوغۇقتىن قورقىسىز. 9.سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە، سوغۇق تاماقلارنى يىيىشكە ئامراق. 10.تاتلىق يىمەكلىكلەرگە ئامراق. 11.مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات بىلەن ئانچە خوشىڭىز يوق. 12.كۈندىلىك تامىقىڭىزدا بېلىق ياكى گۆش چۇقۇم بار. 13.دائىم ھاراق ئىچىسىز. 14.تاللا بازىرىغا كىرسىڭىز تەييار چۆپ ۋە كۆپتۈرۈلگەن يىمەكلىكلەرنى تاللايسىز. 15.ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىسىز. 16.ئۇخلاش ۋاقتىڭىز 6 سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ. 17.دائىم بېسىم ھېس قىلىسىز.
يۇقارقى تەرەپلەر ئىچىدە ئۆزىڭىز «ھەئە» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن جاۋاپنىڭ سانىنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز سىناق نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ |